ئەسسالام قېرىنداشلار ؟
3-ئاينىڭ 27-كۈنى (قان راكى كىسلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئۈچ ياشلىق ئابدۇ نەزەر زاھىرنىڭ نىداسى) نامىدىكى تىما دىيارىم تور بىتىگە ئېلان قىلىنغان ئىدى . بۇ تىما ئېلان قېلىنىپ كۆپ ئۆتمەي مەملىكەتنىڭ ھەر-قايسى جايلىردىن (گۇۋاڭجۇ ، شىنجىن ، چېىندۇ ، ئۈرۈمچى ، غۇلجا ، كورلا ، قەشقەر ، خوتەن قاراماي، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردىن. لوپنۇر ، بۈگۈر ، باي ، باگاڭ ، قاتارلىق ناھىيەلەردىن . شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرسىتىتى ، تارىم داشۆ قاتارلىق مەكتەپلەردىن ھۇررا كوماندىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بولۇپ نامسىز مىھىرىبان كىشىلەر بۇ نارىسىدىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن جەمئى 25 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى . ئابدۇ نەزەر زاھىرنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە دىيارىمدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر بۇ مىھىرىبان كىشىلىرىمىزگە چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرىدۇ .
مانا بۇ جايلاردىكى پەرىشتە سۈپەت نامسىز كىشىلىرمىزنىڭ خالىسانە ياردىمى ئارقىسىىدا ئابدۇ نەزەر زاھىرنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق خېمىيلىك داۋالىنېشى مۇۋاپىقيەتلىك بولىۋاتىدۇ .
مانا ئەمدى بۇ نارىسىدىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئۆتكىلى بولغان ئوپىراتسىيەسى ھەممىمىزنى تەشۋىشكە سېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بالىنىڭ دەردىدە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۋاتقان ئاتا – ئانىنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى .
ئەگەر ۋاختىدا ئوپراتسىيە قىلىنمىسا بۇنىڭدىن بورۇنقى داۋالىنىشلارنىڭ ھەممىسى بىكارغا كىتەتتى . قانداق قىلىش كېرەك ؟
بالىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان ئاتا – ئانىنىڭ يەنە قانداقمۇ بۇ ئوپراتسىيە ھەققىگە ماغدۇرى يەتسۇن !
بالا ... سىزنىڭمۇ ۋە بىزنىڭمۇ بالىمىز بار ۋە بولغۇسى ، شۇ تاپتا ئابدۇ نەزەر زاھىرنىڭ ئاتا – ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ خۇداغا نالە قىلماقتا ، شۇنداق بىر مۆجىزە بولۇپ بالىسىنىڭ كىسلى تەل – تۆكۈس ساقىيىپ كەتكەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە ... بەلكىم بونداق ھىسياتنى بۇلارغا ئوخشاش ئاتا – ئانا بولغۇچى تېخىمۇ ياخشى چۈشنەلىشى مۆمكىن .
يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى بولمىسا كېيىنكى داۋالىنىشلاردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .
قېنى مىھرىبانلىرم ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ نارىسىدە ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشچە تىرشىپ باقساق ! دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان بۇ سەبى بوۋاق مۇشۇنداقلا بۇ دۇنيادىن خوشلاشمىسۇن !
بىزنىڭ شۇ بىھۇدە خەجلىگەن نەچچە ئون كويچەن پۇلىمىز بۇ نارىسىدىنىڭ جىنىنى قۇتقۇزۋالالىسا ئەجەپ ئەمەس !!!بۇ نارىسىدە ھەممىمىزگە ئۆمۈت بىلەن قارىماقتا