نۇرشات راخمان
نۇرشات راخمان ئاپىسى بىلەن بىللە
نۇرشات راخمان بىلەن قان تەغدىم قىلغۇچى ئاسىيە ۋە ماھىرە
نۇرشات ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قان تەغدىم قىلغۇچى ئايىسە ۋە ماھىرە بىللە
نۇرشات بىلەن ئاسىيە بىللە
نۇرشات ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى ماھىرە بىلەن بىللە
نۇرشاتنىڭ ئوپراتسىيەدىن چىققان ۋاقتى
نۇرشات ۋە ئاتا - ئانىسى
ئوڭ تەرەپتىن ماھىرە ، ئىرپان ، ئاسىيە بىللە
ماھىرە بىلەن ئاسىيە بىللە
بۇ ئوماق نارىسىدىنى كۆردىڭىزمۇ ؟
نۇرشات راخمان (ئاقسۇ ۋىلايەتى توقسۇ ناھىيە ئۈگەي يېزا غول ئېرىق ئىككىنچى كەنىتتىن بولۇپ 2007 - يىلى 12- ئاينىڭ 26 كۇنى ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 2- خەلق دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قالىدۇ . ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن نۇرشات راخمان دوختۇرخانىدا ياتقىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ئوپراتسىيە قىلىشقا قان كېرەك بولغاچقا مۇۋاپىق قان تېپىلماي تېخىچە دوختۇرخانىدا يېتىۋاتاتتى . نۇرشاتنىڭ قان تىپى كەم كۆرۈنىدىغان O قان تىپى ئىچىدىكى RH يوشۇرۇن قان تىپى بولغاچقا ماس كېلىدىغان قاننى تاپماق بىر قەدەر تەس ئىدى . 2008- 3 - ئايدا بۇ كىچىك نارىسىدە ئۈچۈن قان ئىزدەش مۇراجەتنامىسى دىيارىم تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ . 3 -ئاينىڭ 2- كۈنى بۇ مۇراجەتنامىنى كۇرگەن ئاسىيە ئىدرىس ، ( خوتەن شەھىرىدىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى خەنزۇ تىلى 2005 -يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ) بىلەن ماھىرە تۇرغۇن ( خوتەن گۇما ناھىيىسىدىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى جوڭگو پەنلىرى فاكولتىتى خەنزۇ تىلى 2006- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ) بۇ مۇراجەتنامىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىپ نۇرشاتنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ ھەقسىز قان تەغدىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . ئىككى ئايدىن بېرى قان ئىزدەپ تاپالماي تىت - تىت بولۇۋاتقان ئاتا - ئانا بۇ ئىككى قىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ . بۇ قىزلارنىڭ خالىسانە قان تەغدىم قىلىش ئارقىسىدا 3-ئاينىڭ 24-كۈنى نۇرشاتنىڭ ئوپراتسىيەسى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ بۇ نارىسىدە ئاخىرى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ .
جەمىيىتىمىزدە ياخشى كىشىلەر يەنىلا كۆپ ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلساق ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللا بەرگۈسى !!!
دۇنيا مېھىر - مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر
[ بۇ يازما chogluk تەرپىدىن 2008-03-24 20:16 دە قايت ]