يالقۇن روزى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدۇق .مانا بۇگۈن بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى كۆردۇق ھەمدە ئاڭلىدۇق .بۇنىڭ ئۈچۈن مەن بەكمۇ خۇشال بولدۇم .
سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنىغا قارىتا ئۆزىمىزنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكىمىزنىڭ تۇرۇتكىسىدە ئۆزىمنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم .
يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ سۆھبەتتە ئوتتۇرغا قويغان بەزى قايىدىگە ئۇيغۇن بولغان پاكىتلىق سۆزلىرى كىشىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ .ئۇ ئىلمى بولغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەرھات تۇرسۇنغا بولغان قارىشىنىڭ قانداقتۇر شەخسى مۇناسىۋەتتن بولماستىن بەلكى ئىلىم -پەن دىمىگۇراتىيىسىنى نوختىسىدىن چۇشۇنۇشكە بولىدىغانلىقى شەرھىلىگەن .
جەميەتنىڭ تەرەقىياتى زىددىيەتسىز بولمايدۇ .زىددىيەت بولغاندىلا جەميەت ئۇزلىكسىز تەرەقققى قىلىپ ماڭىدۇ .بۇ يەردە زىددىيەتنىڭ ماھىيىتىنىڭ قانداق بولىشىدا .بۇ زىددىيەتنى ئۆزشەخسىيىتىگە باغلاپ قاراشنىڭ ئۆزىمۇ شۇ كىشىنىڭ روھى كەمتۇكلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ .
پاكىتلىق ،داۋلىلىق مىساللار بىزنىڭ ئىدىيەيىمىزدىكى تالانىتلىق ئوبزورچىمىز يالقۇن روزىنىڭ شەخسىيەتسىز ئوبرازىنى يەنىمۇ يۇقۇر ئورۇنغا كۆتۇردى .
تور ساھەسىدە <<پەرھات تۇرسۇن بىلەن يالقۇن روزى>> توغرىدىكى تالاش -تارتىشىمىز بولغان .ھەتتا ئىككى قۇتۇپلىق ۋەزىيەت شەكىلىنىپ ئۇرۇش -تالاش قىلىش ئارقىلىق بەزى تىمىلارنى تاقىتىۋەتكەن ئىدۇق .مانا بۇگۈن <<يالقۇن روزىنىڭ >>تەمكىنلىك بىلەن مەسىلىلەرگە تۇتقان ئىلمى پوزىتسىيىسىدىن بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى داڭلىقلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى شەخسى زىددىيەت بولماستىن، بەلكى ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئىلىم -پەن دىمىگۇراتىيىسىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۇشۇنۇپ يەتتۇق .
ئوبزۇرچىلىقىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۇچۇن، مەۋجقۇت بولۇپ تۇرۋاتقان ئۇشاق پىتنى_ پاساتتىن قورقۇپ چوڭ مەنپەتتىن ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ دىگەن سۆز بەكمۇ توغرا .
ئوبزورچىللىرىمىزنىڭ ئىلمى قاراشلىرىنى قوللاپ ،ئۇلارنىڭ ئوبزۇرچىلىق سايىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرلىشىگە مەدەت بىرەيلى !
ئۇلارنى جامائەتچىلىك ئوتتۇرسىدا تىل سېلىپ ئىززەت -ئابرۇيىغا دەخلى قىلمايلى دەپ ئويلايمەن .
ئىقتىدار __ئۇ<< ئىبلىستىمۇ>> بولغان دىگەن بۇ سۆزگە قايىل مەن .
بۇ ئىقتىدارنى ئۆز خەلىقى، ئۆز مىللىتى ئۇچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش_ روھى ئويغاق ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىش دەپ قارايمەن .
ئىقتىدار __بۇ بىر قورال .بۇ قورال ئوخشىمىغان كىشىلەر قولىدا ئوخشىمىغان رول ئوينايدۇ .مەلۇم جەھەتتىكى ئىقتىدارنىڭ بولىشى شۇ كىشىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ يۇقۇر ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ دىگەن سوز كىشىنى راسلا قايىل قىلارلىق .
دىمەك باشقا گەپلەرنى <<يالقۇن روزى >>ئەپەندى دەلىلەپ ئوتتۇرغا قويدى ،بۇنى يەنە قايتىلىمايلى ،مەن شەخسەن بۇ ئوبزۇرچىنىڭ بۇگۈنكى سۆھبەتتە ئوتتۇرغا قويغان دەلىل پاكىتلىق سۆزلىرىگە قايىل بولدۇم .
ئۇ يەنە بىر سۆزىدە ___بىر ئادەمنى سەن ئۇچ كۈن كۆرمىسەڭ ئۇنىڭغا ئىنچىكە نەزىرىڭ بىلەن قارا دىگەن__ جۇگۇلىياڭنىڭ سۆزىنى ئوتتۇرغا قويۇپ دەلىلىدى .مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشچان پىسخىكىسىنى داۋاملىق كۈزۈتۈپ، ئۇلارنىڭ ئىدىسىدىكى ئۆزگۈرۈشنى بايقاپ تۇرۇش كىرەك دىگەن قاراشقا قوشۇلىمەن .ئەتە نىمە ئىشلار يۇز بىرىدۇ بۇنى ھىچكىم ئادىن پەرەز قىلالمايدۇ .شۇ ئاساستا ھەر-بىر ئادەمگە ئىلمى بولغان باھا بىرىپ مېڭىش كىرەك دىگەن قاراشقىمۇ قايىلمەن .
بولسا <<پەرھات تۇرسۇن >>ئەپەندىمۇ <<يالقۇن روزى >>ئەپەندىگە ئوخشاش جامائەتچىلىككە ئۆزىنىڭ ئىلمى بولغان قاراشلىرىنى قويۇپ ئۇلارنىغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ قايتۇرغان بولسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن .
ھەر ئىككى داڭلىقلىرىمىزنىڭ مۇنبەر يۇزىدە ئوچۇق ئاشكارە مۇنازىرە قىلىشى ،بەزى كوچا پاراڭلىرىغا قارغاندا مىڭ ھەسسە ياخشى دەپ قارايمەن .
قېنى <<پەرھات تۇرسۇن >>ئەپەندىم نىمە دەركىن ؟ قاراشلىرىمدا خاتالىق بولسا توغرا چۇشۈنۈپ كىتەرسىزلەر .ئاخىرىدا بۇ سۆھبەتنى ئورۇنلاشتۇرغا دىيارىم تورىدىكى رەھپەرلەرگە كۆپ تەشەككۇر .
[ بۇ يازما kuduratulla تەرپىدىن 2008-03-11 23:05 دە ]