ئامېرىكا بىن لادېننى ئىزدەۋاتقانغا 10 يىل بولدى
شىنخۇا ئاەېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 23- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكىدىكى « ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى » تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : بىن لادېن 1999 - يىلى 23- فېۋرال مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا زەربە بېرىش چاقىرقى چىقارغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا ئۇنى يەر شارى خاراكتېرلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى ، بىراق ئامېرىكا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا بىن لادىننىڭ سايىسىنىمۇ تاپالمىدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئامېرىكا باشتىلا بىن لادېننى تۇتۇش ياكى زەربە بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ، چۈنكى « بازا » تەشكىلاتىنى سەل چاغلاپ قالدى . ئۇلارنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى « پۇل » قورالى « بازا » تەشكىلاتىغا كار قىلمىدى ، چۈنكى بۇ دىنغا سەۋدايىلارچە بېرىلگەن رادىكال كۈچلەرنىڭ تەشكىلاتى ئىدى .ئۇدەي لوندونغا « چارابىنى ئۆلتۈرۈش گۈرۈپپىسى ئەۋەتمەكچى بولغانىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 23- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۈگۈن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : سادامنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇدەي ئىلگىرى ئەنگلىيىە « مەخوىي ئۆلتۈرۈ گۇرۇپپىسى » ئەۋەتىپ ، ئىراق خەلق كېڭىشىنىڭ لوندوندا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن رەھبىرى چارابىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىكەن .
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : پىلان مەغلۇپ بولسا ياكى ئاشكارىلىنىپ قالسا ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى دورا يەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان . ئۇدەي بۇ پىلاننى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن « ئەرەب پارتىزانلار ئەترىتى » تىن 50 ئادەمنى تاللاپ ، جاسۇسلارنى تەربىيلەش مەكتىپىگە ئۋەتكەنىكەن . قوشنا ئەللەر كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئامالسىز ئېتىراپ قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 23- مارت تېلېگراممىسى : سېربىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يېرىمچ ئالدىنقى كۈنى مۇنداق دېدى : بەزى ئەللەر بالقان رايونى بىلەن ئىسلام ئەللىرىگە بېسىم چۈشۈرگەچكە ، ئۇلار كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئامالسىز ئېىتراپ قىلدى . بۇلغارىيە ، ۋېنگرىيە ۋە كرودىيە قاتارلىق سېربىيىگە قوشنا ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ماڭا : بېسىمغا تاقابىل تۇرالمىدۇق ، دېدى ئەنگلىيىدىكى روسىيىلىك سەرگەندان زاردارلار قېچىپ كەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون، 23- مارت تېلېگراممىسى : ئەنگلىيىدىكى روسىيىلىك سەرگەردان زەردارلارنىڭ غايىب بولغانىغا بىر نەچچە ھەپتە بولدى ، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيىدىكى ھەشەمەتلىك داچىلىرى ئېگىسىز قالدى .
ئەنگلىيىنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىغان بىر ساقچى ئەمەلدارى بۈگۈن مۇنداق دېدى : بۇ سەرگەندان زەردارلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يوقاپ كەتتى ، قارىغاندا ئۇلار سۇيىقەستكە ئۇچراشتىن قورقوپ ، ئەنگلىيىنىڭ خىلۋەت جايلىرىغا يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن ؛ ياكى جاسۇسلارنىڭ ياردىمىدە باشقا دۆلەتلەرگە يوشۇرۇنچە كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن . روسىيىدە باش تەپتىش مۇخبىرلارنى قەستلەش دېلوسىنى ئۆزى تەكشۈرىدىغان بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا 23- مارت تېلېگراممىسى : روسىيىدە تۈنۈگۈن بىر كۈندىلا ئىككى مۇخبىر قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى . روسىيىنىڭ باش تەپتىشى چايكا موسكوۋادا يۈز بەرگەن مۇخبىرنى قەستلەش دېلوسىنى شەخسەن ئۆزى مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
تۈنۈگۈن روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ماخاچىكالا شەھىرىدىمۇ داغىستان دۆلەت رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسىنىڭ باشلىقى ئاباشلوۋنى نامەلۇم بىر مەرگەن ئېتىۋەتتى . باش تەپتىش بۇ دېلوغىمۇ ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە : بۇ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ، دېدى « ئالتۇن چاچلىق گۈزەللەر پارتىيىسى » 5000 ئەزا قوبۇل قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 23- مارت تېلېگراممىسى : ئۈچ ھەپتە بۇرۇن روسىيىدىكى بىر قىسىم ئالتۇن چاچلىق ئاياللار « ئالتۇن چاچلىق گۈزەللەر پارتىيىسى » نى قۇرغانىدى ، بۇ ئۈچ ھەپتىدە ئۇلار قوبۇل قىلغان ئەزا 5000 غا يەتتى . بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بۈگۈن مۇنداق دېدى : پارتىيىمىزنىڭ نىشانى روسىيىنىڭ 2012 _ يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ ، ھازىرقى زۇڭتۈڭ مېدۋېدېۋدىن زۇڭتۈڭلۇق ئورنىنى تاتىۋېلىش . روسىيە ئابغازىيە جەنۇبىي ئوستېيىنىڭ مۇستەقىللىىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئويلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 23- مارت تېلېگراممىسى : روسىيە دۆلەت دوماسى تۈنۈگۈن بايانات ماقۇللاپ، روسىيىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئابغازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوستېي جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنى بەردى .
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : كوسوۋو ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن ، روسىيە ئابغازىيە ۋە جەنۇبىي ئۈستېي رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ رايىغا ئاساسەن ، بۇ ئىككى رايونغا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشىشى زۆرۈر . ھۆكۈمەت ئۇ جايلاردىكى روسىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دىققەت قىلىشى ، توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايونلارغا تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىشى ئويلىشىشى ھەمدە رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك .ئاففانىستانلىقلار روسىيىگە نامايىش قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 23- مارت تېلېگراممىسى : پولشادىكى « ئاخبارات گېزىتى » تۈنۈگۈن « روسىيە ش ئا ئە ت نىڭ گرۇزىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،ئاففانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييارلاندى » دېگەن پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، ئاففانىستانلىقلار دەرھال قوزغىلىپ روسىيىگە قارشى نامايىش قىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، روسىينىڭ زۇڭتۈڭى پۇتىن گېرمانىيىنىڭ زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ، روسىيىنىڭ ئاففانىستاندا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ش ئا ئە ت قىسملىرىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن . پۇتىن لېنىن ۋە ستالىنلارنىڭ يېنىدا ياتقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 23- مارت تېلېگراممىسى : روسىيە ھازىر موسكۋانىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىغا دۆلەت قەبرىستانلىقىنى بىنا قىلىۋاتىدۇ . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىن ، ستالىن قاتارلىق رەھبەرلىرىنىڭ جەستى مۇشۇ قەبرىستانلىققا يۆتكەپ كېلىنىدىكەن .
بۇ قەبرىستانلىقنىڭ باشقۇرغۇچىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : زۇڭتۈڭ پۇتىن كەلگۈسىدە مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىشنى ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىن ، ستالىن ، قاتارلىق رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ياتقۇسى بارلىقىنى ئېنىق ئېيتتى .
بۇ قەبرىستانلىققا يەنە ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا قۇربان بولغان ھەربي ، ساقچى ، ۋە ئوت مۇداپىئە خادىملىرى ، ئالەمدىن ئۆتكەن زۇڭتۇڭ ، زۇڭلى ۋە ئىكك پالاتانىڭ باشلىقلىرى دەپنە قىلىنىدۇ . ئىران مۆھسىن فاھىدزادقا « يادرو قورالى ئاتىسى » دەپ نام بېرىپتۇ .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى . پارىژ ، 23 - مارت تېلېگراممىسى : باش شتابى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان « ئىران قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى مەملىكەتلىك كومىتىتى » تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : ئىران ئەمەلىي تەھدىت كۈچىگە ئىگە يادروپ قورالىغا ئىگە بولۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ 47 ياشلىق ئەمەلدرى ، يادرو پىلانىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى مەسئۇلى مۆھسىن فاھىدزادقا « يادرو قورالى ئاتىسى » دەپ نام بەردى . فاھىدزاد تېھراندىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ، فىزىكا پروفېسسورى بولسمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئىراننىڭ يادرو پىلانى باش مۇتەخسسىسى ،ئۇنىڭ ئارمىيىدىكى ئورنىمۇ تۆۋەن ئەمەس .
مۇشەررەف : پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ئىسلامئاباد ، 23- مارت تېلېگراممىسى : پاكىستاننىڭ زۇڭتۈڭى مۇشەررەف بۈگۈن پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . پاكىستان خەلق پارتىيىسى تۈنۈگۈن ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ، پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبىرى __ پاكىستان پارلامېنتىنىڭ سابىق باشلىقى جىلانىنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنىدى .مەنبە : ئۈرۈمچى 24-مارت تېلېگراممىسى
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-24 16:45 دە قايتا ]