(ئۆزھال) سەھەرنىڭ تىنى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ » (ئۆزھال) سەھەرنىڭ تىنى

بۇ بەتتىكى تېما: (ئۆزھال) سەھەرنىڭ تىنى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 193 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

(ئۆزھال) سەھەرنىڭ تىنى

سەھەرنىڭ تىنى

مەن قۇش بار بۇلبۇل يوق . پەسىلى بار باھارى . يازى بار بوستانى يوق بىر شەھەردە ئالتە يىل ياشىغىنىم ئېسمدە . لىكىن ئۇ يەردە قوياش بار ئىدى . ھەر سەھەردە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلارغا تولغان قوياش ساما دەرياسنىڭ دولقۇنلۇق باغرىدا ئەركىن پەرۋاز قىلغانچە كۇلۇپ چىقىپ كەچتە يىغلاپ پاتاتتى . قەلبىمدىكى بارلىق ئىزگۇ تىلەك ۋە بۇيۇكلۇك پەللىسىگە كۇتۇرۇلۇشكە قادىر بۇلالمىغان ئارزۇ ئارمانلار ئاشۇ يەردە كۆكلىدى . ماڭا باھارنى تونۇتتى . مەن ناۋاسىز ئاشۇ سەھەردىكى قاتتىق كارۋاتتىن سىلكىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىين بىر ئىستاكان مۇزلىغان قايناقسۇغا ساپ ھەسەلنى ئارلاشتۇرۇپ ناشتا قىلىشنى ئۇگىنىۋالدىم . مۇھەببەتسز ھايات ماڭا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىگىنى تونۇتتى . ناۋاسىز ھاياتتا ناۋاغا بولغان ئىشتياق ھىسياتى ئويغاندى . ئىنسان يىنىدا تۇرغان نەرسنىڭ قەدىرىگە يەتكەن ئەمەس . ھەر قانداق نەرسە كۆز ئالدىمىزدىن يوقۇلۇپ مەڭگۇلۇك غايىپ بولغاندا ئاندىن ھەقىقى قىممەتلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ . سۇغۇق شامال تىنىمىنىڭ تىخى ياشاش ئىمكانىيىتى بارلىغىنى ھىس قىلدۇردى . روھىمدىكى بارلىق يالىڭاچ ھەم سەرگەردان تۇيغۇلار شۇ ھامان ئۆزىنى پەردە ئارقىسغا يوشۇردى . ئادەمنىڭ ناۋاسى شاتلىغى پەقەت ئۇنىڭ قەلبىدە بۇلىدۇ . مەن ناۋاسىز كۇنلەرنى قانداق قىلىپ نازۇك بىر بارماق بىلەن چىكىلىۋاتقان سازنىڭ تارىسدەك تۈزۈشنى ئۇگەندىم . مەن دۇنياغا . ھاياتقا . ياشاشقا بولغان مۇھەببەتنى يىتىلدۇردۇم . ئەنە شۇ چاغدا قەلبىمدە ئىرادە غەيرەت جۇش ئۇرۇپ تىرىگلىكتىكى تىلەكلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەمدە بۇلىدىغان ناھايىتى كۆپ ئىمكانيەتلەرنى ھىس قىلدۇردى . مەن ئۆمىتسز چۇشلەرنىڭ قوينىدىن سىلكىنىپ تۇرۇپ قاپقارا بىر پارچە تۈمۇردەك سۇغۇق ھەم مۇدىھېش رىئاللىققا قاراپ يۇزلەنگەن چىغىمدا مىنى تالايلىغان مۇھەببەت قورغانلىرىنىڭ ئوراپ تۇرغانلغىنى ھىس قىلدىم . شۇنداق ، ھايات پەقەت ھىس قىلىش جەرياندىن ئىبارەت . شۇڭا ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى كاللىنى سۇزۇك ھالەتتە تۇتۇپ ئۆزىنىڭ يۇرەك تىۋىشنى تىڭشاش كىرەك . سەھەر . باھارسىز ئاشۇ سەھەرلەر بىزگە ھاياتنىڭ مەڭگۇ جەۋلان قىلىپ تۇردىغان ئۆمىت بايرىغىنى قولىمىزغا تۇتقۇزىدۇ . مەن مەشئەلدەك يورۇپ تۇرغان ئاشۇ سەھەردە ئۆزۇمنىڭ نىمىلەرنى قىلىش كىرەكلىگى ھەققىدە خىيالغا پاتتىم . شۇنداق مەن قوياش چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر قارارغا كىلشىم كىرەك . چۇنكى سەھەرنىڭ مەنزىلى ناھايىتى قىسقا . بىر كۇنى ئۇ گۆلدۇرمامىلىق ئالقشلار بىلەن بىلەن كەلسە بىر كۇنى ئىس تۇمانلىق پەردىلىرىنى ئىنسانيەتكە يىپنچا قىلىپ كىلىدۇ . بىز گاڭگراش ئارلىشىپ كەتكەن ئاشۇ دەملەردە قارا چۇشلەرنىڭ ئارسىدىن قايتا تىرىلگەن ئادەمدەك ئورنىمىزدىن تۇرۇپ تاتلىق ئۇيقۇدىكى نازىننىڭ مەڭزىگە سۆيگەندەك ھاياتنى سويۇپ قويغانچە قوياشنىڭ ئوت بۇلۇپ يىنىپ تۇرغان باغرىغا جىمجىت سىڭىپ كىتىمىز . ساناقسىز ئاشۇ سەھەرنىڭ بىرىدە بەخىت بىزگە كۇلگەنچە قوچىغىنى ئاچىدۇ . بۇ غەنىمەت كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىز ئۆزىمىز ئۇچۇن ھازا ئاچىمىز . چۇنكى ھاياتنىڭ نەغمە ناۋاسى ۋە تۇگىمەس ناخشىلىرى ئاشۇ قۇتلۇق سەھەردىن باشلىنىپ يەنە ئاشۇ سەھەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . بىز دۇنياغا ئۆمىت ئارمان بىلەن تولغان كۇزلىرىمىزنى تىكىپ تۇرۇپ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە قىيالمىغانچە ئاستا ئاستا كۆز يۇممىز . بىز كۆز يۇمغىچە ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇۋاقلارنىڭ يىغىسنى ئاڭلاپ قالىمىز دە بىر سەھەردە بىر جاننىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىپ يەنە بىر تىرىك جاننىڭ سەھىرى باشلىنىپ كىتىدۇ

مەنبە : قەلەم

[ بۇ يازما chogluk تەرپىدىن 2008-03-24 10:45 دە قايت ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+5(manggutax) ياخشى ماقالە
• Atlan
تېما تەستىقلىغۇچى : chogluk
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-24, 02:45
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 10:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق gulbinebxe

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 39
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 60
UID نۇمۇرى : 26331
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-24

ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ بۇ قىممەتلىك يازمىسىنىڭ تۇنجى كۆرۈرمەنى بولغانلىقىدىن تولىمۇ بەختلىكمەن، ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان دۇردانىلىرىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن، تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇقلۇق، كۈنلىرىڭىزگە خوشاللىق يار بولسۇن! ھارمىغايسىز.

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 10:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق katri

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 7
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 92
UID نۇمۇرى : 27387
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئۇيغۇر پىروزىچىلىغى سىزدەكلەرگە مۇھتاج خۇمۇ ~~~~

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 11:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق haxhax

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 94
UID نۇمۇرى : 26987
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-24

ئوزھال ئەپەندىنىڭ يازغۇچلىقتا تالانتى ،بارجۇمۇ ،
باركاللا كوز تەگمىسۇن ،كوز تەگمىسۇن
بىز تونشمىز جۇمۇ!!!!

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 12:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2057
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2942
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1899
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1899دانە
شۆھرەت: 1807 نۇمۇر
پۇل: 6034 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

يازمىللىرىڭىز بارغانچە ئىسىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ھارمىغايسىز.

Atlan
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 12:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

مەن ھەممىزنى تونۇشىمىز دەپ قارايمەن . ھىچ بولمىسا قەلبىمىز تونۇش

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ahirkibora

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 43
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 56
UID نۇمۇرى : 22949
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 35
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 254 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

قەلەم تۇلپىرىڭىز ھارمىغاي !
ھەر سەھەردە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ « اللا » نىڭ يەنە بىر گۈزەل سەھەر ھەدىيە قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن . ئەمما ئىپتىدائى جان بېقىش قايغۇسىغا چۈمكىلىپ قالغان روھىيىتىم ئىختىيارسىز شۇ گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ! پەقەت ھاياتقا بولغان مۇھەببەتلا روھىيىتىمنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ، سەھەرنى كۈتۈۋىلىشنىلا بىلمەي يەنە ئەتىدىكى گۈزەل سەھەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشۈمنى ئەسكەرتىدۇ ! بارلىق مۇھەببەتلەر ئىچىدە ھاياتلىقنى تەھسىل قىلايلى !

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

توغرا دەيسىز .

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق judun-0908

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 49
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 51
UID نۇمۇرى : 27393
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 268 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

بەك ياخشى يېزىپسز؟..تالانتىڭىزنى تېخىمۇ نامايەن قىلىڭ؟........

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

بىزدىكى خىزمەت ئىڭى ۋە مائاش غىمى (2)

بىزدە بىر جەميەتكە تەلپۇنىدىغان ۋە مەلۇم بىر جەميەتنىڭ ئەزالىق سالاھىتىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان ئىزگۇ بىر نىيەت بار . بۇ خىل نىيەت ئادەمخۇمارلىقتىن تارتىپ قۇل مىجەزلىك قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى يامان مىجەزلەرنىڭ يۇغۇرۇلمسى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن . شۇڭا بىزدىكى ئەڭ ئاددى تىلەكنىڭ بىرى ئالى مەكتەپنى ئوقۇغاندىن كىين چوقۇم خىزمەتكە چىقىش كىرەك . خىزمەت ئەبەدىي چىقىلمايدىغان تۈمۇر قازان . تۇمۇر قازان مەۋجۇتلا بۇلىدىكەن بىزنىڭ ھاياتمىزنىڭ ئىنچىكە جەريانلىرى . سالامەتلىگمىز ھەممە نەرسىمىز مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە بۇلىدۇ . ئاندىن خاتىرجەم پىنسيىگە چىقىۋالساق ھاياتنى ئارمانسز ياشىغاندەك خىيالغا كىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىدىن رازىمەنلىك ئىچىدە خاتىرجەم كۆز يۇممىز . مانا بىزنىڭ غايىمىز ھەم نۆۋەتتىكى رىئاللىغىمىز . بۇ قىتىم مەركەزدىن ئەيدىز ئەھۋالىنى تەكشۇرۇشكە بىيجڭدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردىن ئىنسانشۇناسلىق دوكتۇرلار قوشۇنىدىن تەشكىللەنگەن بىر پائالىيەت ئۆمىگى شىنجاڭغا يىتىپ بىرىپ تەكشۇرۇش ئىلىپ باردى . ئاخىردا تەكشۇرۇش تۇگىگەندىن كىين ئۇرۇمچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان نۇرغۇن يازغۇچى . ژۇنالسىت . دوكتۇر ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ مەنبىيى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۇزۇش ھەققىدە يىغىنى ئچىلىپ نۇرغۇنلىغان يازغۇچى . ئەدىپ سەنئەتكارلار قاتناشتى . ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ۋەكىل بۇلۇپ ئازات سۇلتان مۇئەللىم سۆزلىدى ۋە سۆزىدە ئەيدىز تارقىلىشنىڭ ئەڭ تۈپكى مەنىيى ئىشسزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىدى . ئىشسىزلىق يالغۇزلار ئادەملەرنىڭ ئىدارا ئورگەنلاردا تولۇقلىغىدىن ئەمەس قابىليەتسىزلكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى كىرەك دىگەن مەسىللەر كىين تالاش تارتىش قىلىندى . مەن بۇ مەسىلنى خىلى ئۇزاق ئويلاندىم . بىزنىڭ ئىدارىدا ئىشلەيدىغان ئىككى يىگىت ئاق چىكىۋالدى . ئۇلار ئەمدىلا ئوتتۇزدىن ھالقىغان بەختلىك ئائىلسى بار ياش باللار ئىدى . ئۇلار بىر نەچچە يىل يوشۇرۇن چىكىپ كىين ئاشكارا بولغاندىن كىين ئىدارىدىكى قولغا چىققىدەك نەرسىلەرنى ئىلىپ چىقىپ سىتىۋەرگەندىن كىين ئىدارا رەھبەرلىرى ئامالسىز ئۇلارنى ئىشتىن بوشاتتى . بۇ يىگىتلەر ئىشسزلىقنى ئۆزى ئىجاد قىلدى ۋە مۇشۇلارغا ئوخشاش تالاي ياش باللار تۇرلۇك شەكىلدە ئىجاد قىلىۋاتىدۇ . يەنە نۇرغۇن ئىشسزلار بىر ئامال قىلىپ ئاققا پۇل تىپىپ چىكەلەيدۇ . مەن ئۇلارغا ھەۋەس قىلىمەن . خىزمىتى . مائاشى يەنە باشقا پۇل تىپىش يولى يوق تۇرۇپ گىرامى ئالتۇندىن قىممەت شۇ نەرسىنى چىكەلىگەندىن كىين ئەلۋەتتە ھەيران قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارايدىغاندىمەن . مىنڭچە ئىشسىزلار ئىش تاپالمىغانلىغى ئۇچۇن روھى زەربىگە ئۇچراپ چەكسە بىچارىنىڭ كۇڭلى يىرىم دەپ نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ھىسداشلىغغا ۋە ئەمەلى ياردىمىگە ئىرىششى مۇمكىن ئىدى . بىراق ئۇلار ئىشى بار تۇرۇپ ئىشسىزلىقنى خالسا ئۇنىڭغا كىمنىڭ ئامالى بولسۇن ؟
بىزدە ئالى مەكتەپلەرنى ئوقۇۋاتقان باللار ناھايىتى كۆپ . يىلدا نەچچە مىڭ بالا خىزمەتكە چىقىپ جەميەتنىڭ ھەقىقى نوپۇسلۇق ئەزاسغا ئايلىنىدۇ .بەزىلەر تۆت يىل ئالى مەكتەپنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندىن باشقا بىرەر نەرسە ئۇگەنگىنىدىن ئەسەر يوق . پەقەتلا ئۇلۇپ قالماي ھايات قالغىنى ئۇنىڭ غەلبىسى بۇلۇپ بىرەر ئىدارا يۇز تۇرانە ئىمتىھان ئىلىشقا توغرا كەلسە ئوقۇغان كەسپىدىن ئۆتەلمەي كىين جەميەتتىن قاخشاپ ئىش تاپالمدىم . جەميەت بۇزۇلدى دەپ ھەممە گۇناھىنى جەميەتكە ئارتىدۇ . لىكىن ئشتانغا چىققان كۇڭۇلگە تايىن دەپ ئوقۇشى تايىنلىق بولغاندىن كىين كۇن ئالماق تەس بۇلۇپ جەميەتنىڭ ئەڭ ناقابىل لۇكچەكلىرىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ . يامان ئەمەس ئوقۇغانلىرى بولسا ئارزۇ ئارمانلار بىلەن ئىنتىلگەن خىزمەتكە چىققاندىن كىين ئۇلاردىكى ئىزدىنىش روھى تامامەن ئۇلۇپ قارا كاستىيۇمنىڭ ئىچگە ئاق كۆينەك كىيىپ گىلاستۇك تاقاپ تويغا بارغىدەك بولغىنى ئۇنىڭ ئىشىنىڭ يۇرۇشۇپ كىتىۋاتقانلىغىدىن بىشارەت بىرىدىغان بەلگە بۇلۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن نە ئىزدىنىش روھى ۋە يەنە قانداقتۇ بىر يوللارغا ھەۋەس قىلىدىغان قىززىقىدىغان ياكى بىرەر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۇگىنىدىغان روھنى . ياشلارغا خاس شاش ھىسياتنى تاپقىلى بولمايدۇ . ئەگەر ئۇلار ئىزدىنىش نىيتىنى كۇڭىلگە پۇكسە مىنىڭچە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشكلىرى خىلى چوڭ ئىچىلىپ قالدى . مەن بىلىدىغان بىر نەچچە بۇرادەرلەر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىغى ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇدى . بەزىلىرى تۇرمۇشىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۇزگەندىن سىرىت مىللىتىمىز ئۇچۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ . لىكىن بىر نەچچە ئادەم بىلەن جەميەتكە باھا بەرگىلى بولمايدۇ . ھەر يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەن مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار نەگە كىتىدۇ ؟ يىلدىن يىلغا سەۋىيىسى ئۆسىۋاتقان جەميەتتە تەربىيگە ئىگە بۇلىۋاتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانداق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئادىمىلىگى بىلەن جەميەتكە ۋە ئەتىراپدىكى ئادەملەرگە ياخشى تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ بىزگە زادى ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ پەرقى چوڭ ئىكەن دىگەن تۇيغۇنى ھىس قىلدۇرالىدى ؟ يىلدا ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن نۇرغۇن باللار ئوقۇش پۇتتۇرۇپ جەميەتكە كۈچ بۇلۇپ قوشۇلىۋاتىدۇ لىكىن جەميەت ئىزچىل جىمجىتلىق باسقان ئىغىر سۇكۇت ئىچىدە يەنە كونا رىلىستا ماڭماقتا
بۇنىڭدىن ھىس قىلىشقا بۇلىدۇكى ياشلاردا ياشلارغا خاس كاللا . ئىزدىنىش روھى . يەنىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان جۇرئەت جاسارەت ۋە ئىرادە كەمچىل .
ئۇلتاش تىل تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرغان ياسنجاننى مىسال ئالساق مەن ئۇنىڭ بىلەن بىيجڭدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ياخشى ئۆتكەن . كىين ئۇ تىلى ئۇگۇنۇپ يۇرۇپ مانا ھازىرغا كەلگەندە ئۇلتاشنى بىر مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى . ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىين ئۇرۇمچىدە ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتقانلىغى ۋە قانداق ھىسسى جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۇزۇپ ئاندىن بۇ نىيەتكە كەلگەنلگى ماڭا قاراڭغۇ . بىراق مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئالاھىدە بىر كارامەتنى ھىس قىلغان ئەمەسمەن . ئۇنىڭ پەقەت بىر دىھقاننىڭ بالىسى ئىكەنلىگىنى بىلەتتىم
ئۇ خىيالىنى ئويلاپ پىكىر پىشقاندىن كىين ھەركەت قىلغان . ئەگەر يەنە شۇ خىيالى بىلەن تۇرىۋەرگەن بولسا مەكتەپ ئىچىش ئەمەس يەنە شۇ نەچچە يۇز سوم مائاش ئالىدىغان شەھەر گادىيى بۇلۇپ ياشاۋەرگەن بۇلاتتى . ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ بار ئىدى . لىكىن تىرىشچانلىغى بىلەن يەنە مەكتەپ ئىچىپ تۇرمۇشىنى ياخشلىدى يەنە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭغا باراۋەر ئىش قىلغان ئادەملەر بەك جىق ئەمەس لىكىن ئۇ مسال بۇلالايدۇ . ئەگەر ئۆمىتسزلىكتىن باش كۆتۇرۇپ چىققان بىر ئادەم ئالەم جاھاننى كۆزەتسە يول چوقۇم چىقىدۇ
بىزدىكى ئەڭ مۇقەددس ئارزۇ چوقۇم مائاش ئالىدىغان بىر يەرگە ئىرىشىش . ئىرىشتۇقمۇ بولدى ئوقۇغان ئادەملەر بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ پەرقى يوق دىيەرلىك . يەنە بەش يىلدىن كىين بىز تامامەن ئوقۇپ باقىمغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز چۇنكى بىلىم دىگەن ئىزچىل ئۇگۇنۇش ئاساسىدا پىششقلىنىپ ماڭمىسا يەنە يوقاپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سەۋىيە ئارقىغا يانىدۇ . ئاندىن يەنە بەش يىل ئۆتسە ئىككى بالا بىلەن بىر ئۆينىڭ غىمى يەلكىمىزدىن بىسپ بىزنى ئاقماس . ئەھمىيتى بولمىغان بىر تالاي ئىشلار بىلەن ئالدىراش قىلىۋىتىدۇ . مەن ئۇرۇمچىدە شەنبە يەكشەنبە كۇنى ئالدىراش بىر يەرگە ماڭغان ئاغىنلەرنى ئۇچۇرتۇپ قالىمەن . مەن ئۇلار بىلەن كۆرۇشۇپلا يولۇمغا ماڭىمەن . ئۇلارنىڭ نەگە ماڭىدىغانلىغى ماڭا ئايان . مەن ئۇلاردىن سورىسام ئىنىقكى ئۇلار ئالدىراش دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . سورىسام ئۇلارنىڭ بىرىدىغان جاۋابى شۇكى ئاغىنلەر كەپتىكەن ئۇلار بىلەن ئىچىپ ئالدىراش دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . مىنىڭ نەزىرىمىدە ئولتۇرۇش بىر توپ ئەقىل ئىگىلىرى بىلەن سىردىشش . ئوخشمايدىغان ئىدىيەدىكى ئىنسانلار بىلەن سۆھبەت قۇرۇش يامان ئىش ئەمەس . ئەگەر بىز ئاشۇ سورۇنلادىكى ئەستايدىل ھىسياتنى . باشقىلار بىلەن ئىغىزىمىزدىن كۆپۇك چاچىرىتىپ تۇرۇپ قىلىدىغان مۇنازىرىگە بەرگەن سەممىلىك ھىسياتنى بىرەر ئىش قىلىشقا . بىرەر تىل ئۇگۇنۇشكە بىغشلساق ئىش قانداق بۇلۇپ كىتەر ئىدى ؟ ھەممىزنىڭ ھاياتتىكى كەچۇرمۇشلىرىمىز شۇنچىلىك سۇيۇملۇك ئىدى . شۇڭلاشقا مەن سورۇننى قەدىرلەيتتىم لىكىن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىين يەنە كۆرۇشۇپ تۇرۇش . يەنە ئىچىشىپ تۇرۇش . ئالاقە قىلىپ تۇرۇش ھەققىدىكى گەپلەر بىلەن تۇگەپ كىتىدىغان سورۇنلاردا ئۆتكەن ۋاقىتنى جەملەپ باققام كىم بار ؟ بىزنىڭ دوستلۇققا بولغان ھۆرمەت ئىتىبارىمىز . ئىخلاسىمىز ئەقىدىمىز ئەلۋەتتە ھەر قانداق مىللەتنى بىسپ چۇشىدۇ ؟ لىكىن شۇ سورۇنلاردا بۇلىدىغان پاراڭنىڭ سەۋىيسى قايسى مىللەتتىن بولغان كىمنى بىسىپ چۇشە ؟ تالاي سورۇنلاردا بىرەر ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان . ئادەمنىڭ پىكىرنى ئويغىتىدىغان ئەمەليەتچانلىغى كۇچلۇك يىڭى ئوي پىكىر بىلەن تويۇنغان گەپلەر بەك ئاز . دىمسمۇ تۇمۇر دەپتەرگە ئۆتۇش ئارزۇيى بىلەن تىرىشىپ خىزمەت لەيلى ئۇزى مەجنۇن بولغان ئادەملەرنىڭ يەنە نىمە يىڭى ئارزۇسى ۋە ئادەمنىڭ دىققىتنى تارتقىدەك نىمە يىڭى گىپى بولسۇن ؟
مەن خىزمىتى يوق بىچارىلىق ئىچىدە قالغان نۇرغۇن ئادەملەرگە ئۇچۇرىسام كۇڭلۇم يىرىم بۇلۇپ بەزى مەسلىھەتلەرنى بىرىمەن . بەزىلىرىگە يۇگۇرۇپ يۇرۇپ خىزمەت ئۇقىشىمەن . بىر نەچچە رىستۇراننىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۇڭلۇم يىقىن شۇڭا قولىدىن پەقەت ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەرگە شۇ يەرنى تونۇشتۇرۇپ ئالاقلىشىپ بىرىمەن . يەنە بەزىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگگە قاراپ بىر يەرلەرنى ئويلايمەن
لىكىن ئۇرۇمچىدەك بىر شەھەردە ئايدا ئالتە يەتتە يۇز سوم بىلەن جاھاندارچىلىق قىلماق تەس . ئىشلىمگەنلەر ئىشقا زار بولغان بىلەن ئىشلەۋاتقانلار مائاشنىڭ ئازلىغىدىن قاخشايدۇ . قاخشاشنىڭ ھىچ ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىغى ئۇزىمىزگە ئايان . لىكىن تىرىشىپ يەنە قوشۇمچە بىر ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنىڭ ئازلىغى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ . بۇنداق پىكىرلەر ھەم قاخشاشلارنىڭ سەلبى رولى ناھايىتى كۇچلۇك . چۇنكى نۇرغۇن تۇرمۇشى ناچار ئادەملەر بۇنداق گەپنى ئاڭلىسا ھەممىزنىڭ دەردى ئوخشاشكەن خۇداغا شۇكىرى دىسە يىنىدا ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاۋاتقانلار خۇداغا شۇكىرى مىنىڭ دەردىم ئۇنىڭكىدەك كۆپ ئەمەسكەن دەپ خاتىرجەم بۇلىدۇ . بىر زامانلاردا مەن ئەمدى 21 ياشقا كىرگەن چىغىمدا ھەم ئەسەر يىزىپ يازغۇچى بۇلۇپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان بىر زامانلاردا ئەسقەر داۋۇت ئۆيلىنەيمۇ ؟ ئۆي ئالايمۇ ؟ ئۆلىۋالايمۇ ؟ نامىلىق ماقالسنى شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتىدە ئىلان قىلغاندا بۇ ئاداش كارامەت راس گەپ قىپتۇ دەپ زىلىزىلە كۆتۇرلۇپ يەنە نۇرغۇن شائىرلار بۇ ماقالىدە زادى نىمە دەۋاتقانلىغىنى چۇشەنمەي ھە پۇرسەت كەلدى دەپلا بىر مۇنچە قاپىيەنى تۇكۇپ ئۆلمە دىگەن ماۋۇزدا ئەسەرلەرنى يىزىپ ئۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشتى . مەن شۇ چاغدا نىمانداق بىنۇرمال جەميەت بولدى بۇ . بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قايغۇسى ۋە تەشۋىشىنى دەۋاتسا ۋە جان قايغۇسى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى دەۋاتسا ئۇنىڭغا ئەمەلى بەزى بىر پىكىرلەرنى بىرىدىغان كۆز قاراش ۋە تۇرمۇشنىڭ ئىغىرچىلىغىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيتى بولغان راس گەپنى قىلماي شېئىر يىزىپ يۇرگىنى نىمسى دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئەمەليەتكە ھاياجان بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش ئىنتايىن كۇلكىلىك ئىش . لىكىن بۇ كۇلكىلىك ئىش ئاخىرىدا ئەقىلغا ئۇيغۇن بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى
ئۇ ماقالە نىمىشقا شۇنچىلىك تەسىر قوزغايدۇ . بۇ يەردىكى گەپ ئەسقەر ئۆزىنىڭ بىىشغا كەلگەن بىر قىسمەتنى . ئوي پىكىرنى ، قىيىنلچىقنى ۋە تالاي ياشلارنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان قينچىلىقلار . ئۇلارنىڭ ھىسياتىنى يازغان ئىدى . ھە دىسە رىئاللىقنى ئەيىپلەپ يىزىلغان ماقاللار ژۇناللارنىڭ باش بىتىدە يۇرۇش مودا بۇلۋاتقان دۇنيادا بىر ياش ئۆزىنىڭ سەممى تۇيغۇسىنى يازغانلىغى ئۇچۇن شۇڭا تەسىر قوزغىغاندى . لىكىن بىز ئامالسىز ئەمەس ئىدۇق . بىزنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۆز قىينچىلىغمىز ئۆستىدىن غالىپ كىلەلەيدىغان ئىرادە ۋە غەيرەت جاسارەت بولسا ئىدى بىز ھەممىنى يىڭەلەيتتۇق . بىزدە بىرئىشقا دەسمى سالغىدەك نەرسىدىن بەكرەك ئىرادە كەمچىل بولغانلىغى ئۇچۇن ئەنە شۇنداق ھەممە نەرسىدىن قۇرۇق قالدۇق . ئاخىرىدا ھەممىز بىردىن ھەسرەت خالتسغا ئايلىنىپ قەلىممىزدىن تامغان ھەر بىر سىياھ تامچسى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئىرشەلمەيۋاتقان نەرسىلىرىمىزگە چىدىماسلىق ۋە پۇشايمانلىق ھىسيات بىلەن تولدى
لىكىن بۇ خىل قاخشاش ۋە نارازىلىق نىمىنى ھەل قىلدى ؟ بىزنى ئاز تولا ئىناۋەتكە ئىگە قىلدى . شۇنىڭ ئۇچۇن بىز باردىدىغان سورۇن بىلەن ئىچىدىغان ھاراق كۆپەيدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئىرىشكەن نەرسمىز تايىنلىق
ئاخىردا خىزمەتكە چىقمىغان ۋە ئوقۇۋاتقان باللارغا دەيدىغان گىپىم شۇكى ئويۇن تاماششادىن ۋاقىت چىقىرالساڭلار ئاز تولا ئۇگۇنۇپ قويۇڭلار . جان باققىلى بۇلىدىغان ئىشلاردىن بىر نەچچىنى ئۇگۇنۇپ قويساڭلار خىزمەتكە چىققاندىن كىينمۇ يەنە كارغا كىلىدۇ . قوشۇمچە ئىش قىلىشنى ئويلىماي خىزمەت بولسلا بولدى دەيدىغان قاراشنىڭ ۋاختى ئۆتمىگەن بىلەن خىزمەت دىگەن گۇينىڭ بىزگە بىردىغان نىسىۋىسى چەكلىك . خىزمەت ھەم بىر ئادەمنىڭ بارلىغىنى ھەل قىلىدىغان دەۋىر ئۇتۇپ كەتكىلى خىلى بولدى شۇڭا بىر ئامال قىلىپ چوڭ شەھەرلەردە قىلىپ ئاز تولا ئىش قىلىڭلار . چۇنكى داستا ئاكۇلا چوڭ قىلغىلى بولمىغاندەك كىچىك شەھەرلەردە ھەم چوڭ ئىش قىلىغىلى بولمايدۇ . كىچىك يەردە پۇرسەت ھەم شارائىتمۇ ئاز بۇلىدۇ . مانا مەن خىزمەتكە چىققىلى ئون يىل بۇلاي دەپ قالدى . لىكىن بۇ ئۆلگۇر زەنجىر مىنى چىرماپ كىلىۋاتىدۇ . بۇ زەنجىرگە باغلنىش تەس ئەمەس لىكىن قۇتۇلماق تەس

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 14:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ھەمكارلىق ئىڭى ۋە ئىجادىيەت ئىڭى

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزلۇك ئىڭىنى ئۇلۇغلايدۇ . " مەن " دىگەن تۇيغۇ ھەممىزنى بىردىن غالىپلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىققان . بۇ مىجەز ئەسلى ئېسىل بىر خۇلۇق ئىدى . بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە " مەن " بۇلالماي يا يات بۇلالماي ئارلىقتا قىلىش بىزگە تۇرلۇك ئاپەت خارەكتىرلىك خۇلۇقنى ئاتا قىلىپ قويىۋاتىدۇ
ھازىر دۇنيانىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ئىقتىزادى ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققى قىلىۋاتىدۇ . لىكىن بىزدە ھەمكارلىق دىگەن ئاڭ تىخى يىتىلگىنى يوق . بىزدە جىنازىدىن باشقا نەرسنى شىرىك كۆتەرگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر ئىش بار . بۇ يەردە گەپ باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس دەپ ئويلايدىغان غالىپ ھەم زەئىپ بىر خىل روھى ھالەت بار . ئەگەردە سىزدە 50 مىڭ سوم بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىش قىلغىلى بولماسلىغى مۇمكىن . مەندە 50 سوم بولسا ئىككىمىز بىرلەشسەك ھىچ بولمىسا تىز تاماقخانىدىن بىرنى بولسمۇ ئاچالىشمىز مۇمكىن . لىكىن بىزدە بىرلىشش ئىڭى يوق . داۋاملىق ئۆزىمىزنى قالتىس چاغلاپ باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى بىزنىڭ جەميىتمىزنى ئەنە شۇنداق ئورتاق قاخشايدىغان لىكىن تەرەققى قىلىشتا ھىچ نەرسنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرەلمەيدىغان بىر توپ ئادەملىرى بار جەميەت قىلىپ قويدى . مىسال قىلساق ھازىر ئارمان بىلەن ئىخلاس شىركىتى تەڭ ئورۇندا كىتىۋاتىدۇ . تەڭ ئىلىرلەۋاتىدۇ . لىكىن ئارماندىن ئىخلاسنىڭ . ئىخلاستىن ئارماننىڭ تالقان ياكى كەمپۇتلىرنى تاپماق تەس . ئۇلار بىر بىرگە خىرىس قىلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۇزۇپ ئاندىن باشقا يەرگە بازارنى تارتقۇزۇپ قويىدۇ . سودا دۇنياسىنى مەن بەك چۇشەنمەيمەن . مىنىڭچە كەڭ قورساغلىق ۋە راستچىللىق بىلەن كۆپرەك يولنى ئىچىش مۇمكىن دەپ قارايمەن .لىكىن بىزدە ئاز ساندىكى سودىگەرلەر يالغانچىلىق بىلەن پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ . شۇنىڭ بىلەن قازاقلار سودىگەر مىللەت دەپ شۇڭا سارىت دەيدىغان بىز ئۇيغۇرنىڭ بۇگۇنكى ئىقتىزادى ئەھۋالى تاغدا ياشايدىغان ئادەملەرگىمۇ يەتمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچار بۇلىۋاتىدۇ
ئارمان بىلەن ئىخلاسمۇ ئەسلى ھەمكارلىق بىلەن تەرەققى قىلغاندى . مەسىلەن ئۇلار ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ ئاندىن نامىنى چىقارغاندى . ئىلانلاردىكى زاۋۇتلار ئىچكىرىنىڭ زاۋۇتلىرى ئىدى . ئەمدىلىكتە ئۇلارمۇ قۇرغان بولدى لىكىن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تاپقان پۇلنى ئىچىكىرىگە بىرىشكە ماقۇل بۇلۇپ ئەمدىلا نامى چىقىۋاتقان ئىككى شىركەتتىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرلىشەلمەسلىگى سۇزۇمنىڭ دەلىلى .مىنىڭچە ئىككى شىركەت بىرلەشمگەن ھالەتىتىمۇ ئۆز ئارا ماللىرىنى دۇكانلارغا تەڭ سىلىپ ئاناڭ بازا ئاتاڭ بازاردا تەڭ ساتسا نەرى يامان ئەمدى ؟ بىر كاللىدىن ئىككى كاللا ياخشى ئىككى تەرەپ ھەممىسى تەڭ ئۆز مەنپەتىنى ئويلىغان ئىكەن بۇنىڭغا ئەلۋەتتە جان جەھلى بىلەن كىرىشىدۇ . بۇ يەردە يەنە بىر زىددىيەت مەۋجۇت . بىر بىرىمىزنى ياراتماي بىز يەيدىغان ناننى خەققە تارتقۇزۇپ قويۇش بىزگە ئادەت بۇلۇپ قالدى . ئابلىكىم كەلكۇن بەزى ئىتوتلىرىدا بۇ نوقتىنى ناھايىتى ياخشى تەسۋىرىلىدى . ئەگەردە ھەممە ئىشتا ئاكاڭ قارغاي مەن شۇ دەپ تۇرىۋالماي باشقىلارنىڭ پىكىرىنى . ئادىملىگىنى ئىتىراپ قىلىپ بىرلەشكەنگە ، ھەمكارلاشقانغا ئۇلۇپ كىتىدىغان ئىش بولسا ياۋرۇپالىق ئاللاقاچان ئۆلگەن بۇلاتتى . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى باي . ئىنسانى مۇناسىۋەتتىكى سەممىلىكمۇ كۆپ ئۇستۇن . بىزدىكى ھەمكارلىق ئىڭىنىڭ ئاجىزلىغىمۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەۋاتقان بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە ھە دىسە سىياسەت يامان . كىتاپ كۆرگىلى قويمايدۇ . سىياسەت يامان ئىش قىلغىلى قويمايدۇ دەپ ھەممە ئىشنى بىر ئىشقا ئارتىپ قويۇپ بوتۇلكنىڭ چۇرىسىگە يىغىلىپ غەيۋەت قىلىش مەسىلنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس . شۇڭا دىننى . جاننى ، جەميەتنى مىللەتنى .ئۇلۇغلاش ئۇچۇن ھەممىنى سۇيۇش كىرەك . دوسىتلار ئۆز ئارا باشنى بىر يەرگە ئەكىلىپ بىر ئىشلار ئۆستىدە پىلان قىلىش كىرەك . پۇل بولسا پۇلنى بىلىم بولسا بىلىمنى تەڭ چىقىرىپ باشنى بىر يەرگە ئەكىلىش كىرەك
ئەگەر ھىچقانداق ئىش قىلىش پىلان بولمسا ئەۋەلقى مەغرۇرۇلۇق بىلەن داۋاملىق كەمبەغەللىك ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەشمۇ ياخشى يول
ئالدى بىلەن ھەر بىر ئادەمدە ئىجادىيەت ئىڭى بۇلىدۇ . بىزدە بۇ خىل ئاڭ تىخىمۇ كۇچلۇك ئىدى . بىزنىڭ موھىتىمىز بىزگە ئەنە شۇنداق تۇپراقنى ھازىرلىغان ئىدى . باللار كىچىك چىغىدا تۇرلۇك ئويۇنلارنى ياساپ ئوينايدۇ . سەھرا باللىرى شۇنداق ئەتىراپىدىكى پارچە پۇرات تۇمۇر ۋە ياغاچتىن ياسالغان نەرسىلەردىن بىر نەرسىلەرنى ياساپ ئويناش ئارقىلىق مەلۇم خىلدىكى ئىجادىيەت ئىڭىنى يىتىلدۇرەتتى . ئۇلۇك مائارىپنىڭ قۇرۇق دەپتەر بىلەن يادا ئالىدىغان قۇرۇق گەپكە بىسىشى بىلەن باللار چوڭ بولغانچە بارغانسىرى كارغا كەلمەس ئۇلۇك بىر ئادەمگە ئايلنىپ قالىدۇ . مەكتەپكە بويسۇنماي بەڭۋاشلىق قىلالايدىغان بەڭۋاشلارنىڭ جەميەتتە خىزمەت جەھەتتىكى ئىستىقبالىنى تىپىشى تەس بولسمۇ لىكىن ئوقۇشنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئەقىللىق باللارنىڭ نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالغانلىغىنى كۇرمىگەنلەر ئاز بولسا كىرەك . شەخسەن مىنىڭ ئەتىراپىمدا ئۇنداق باللار كۆپ . ئالدىنقى يىلى ئۇرۇمچىدىكى تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بىر بالا فىزىكىنى ناھايىتى ياخشى ئۇگەنگەن ئىكەن . ئۇ سىناق قىلىمەن دەپ خىميىۋىلىك ئىلمىنىتلارنى بىرلەشتۇرۇپ پارتىلايدىغان نەرسە ياساپ مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسدا سىناق قىلغىنغا ساقچىلار شۇ ھامانلا كىچىك تىرۇرچى دىگەن قالپاقنى كىيدۇردىمۇ ئىش قىلىپ تۇتۇپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق
بۇنداق ئەھۋاللار بىزدە كۆپ ئۇچرايدۇ . مەن قىزلىرىمىزنىڭ ئالى مەكتەپتىلا كوچىغا چىقىپ كىتىشنى ۋە مىھمانخانلاردا پاھىشە بۇلۇپ كىتىش مەسىلسىنى تولا ئويلايمەن . دىققەت قىلدىمكى پۇل مالغا كۆزى توق ئائىللەرنىڭ قىزلىرى ھەرگىزمۇ بۇ كوچىدا يوقكەن ياكى بولسمۇ بەكلا ئاز بىر قىسمى باركەن . يوقسۇز ئائىللەرنىڭ قىزىلىرى ئاشۇ پۇللۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان قىزلار بىلەن بىر سىنىپتا . بىر ياتاقتا ياشىسا ئىنىقكى ئۇنىڭ ئىدىيسدە ئۆزىنى كەمستىش . ئۆزىدىن كىيم كىچەكلىرىدىن . ياشاش يوللىرىدىن خىجىل بۇلىدىغان نۇمۇس قىلىدىغان كەيپىيات پەيدا بۇلىدۇ . داۋاملىق خىجىل بۇلۇپ نۇمۇس قىلماسلىق ئۇچۇن ئادەم ئەسلى نۇمۇس قىلسا بۇلىدىغان ئىشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان ئاشۇ يولنى تاللايدۇ . ۋادەرىخ . بىر ئوقۇغۇچى قىزنىڭ پاھىشە بۇلۇپ قىلىشى بىزنىڭ دەرھال ئويلىساق ئاچچىغىمىزنى كەلتۇرگەن بىلەن ئۇنىڭ يۇرەكتىكى سەزگۇسنى بىز ھىس قىلىپ باقتۇقمۇ ؟ باراۋەر بولغان ھاياتنى تاپالمىغان بىر قىز يەپ ئىچىشتىن ئىبارەت ئىھتىياجنىمۇ قاندۇرالمىسا يەنە ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ ؟ بۇ يەردىن دەل ئاشۇ ئىپلاس يولغا ماڭىدىغان بىر يول چىقىدۇ . مەن ئۇلاردىن ئەمەس شۇ بىچارە ئاتا ئانىسىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ . چۇنكى ئۇلار قىزىلىرىنىڭ شۇنداق بىر يولغا مىڭىپ قالىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ
ئالدىنقى يىلى يەكەنگە بىرىپ قالدىم . بىر قىز يەكەن سىفەندە ئوقۇيدىكەن . بىز ئولتۇرغان سورۇنغا كىرىپ شېئرىدىن بىرنى ئوقۇپلا بىر دەستە گۇلنى تۇتۇپ تۇرغاندى شەنجاڭنىڭ مەسلىگى كىلىپ ئۇنىڭ ھەممە گۆلىنى سىتىۋالدى لىكىن ھىلىقى قىزنىڭ سۇزۇك جاراڭلىق ئاۋازى . بىر توپ ئەرلەر ئولتۇرغان يەردە چاڭىلداپ سۆزلەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرىشى ۋە غەيرىتى مىنى ئويلساممۇ ھاڭ تاڭ قويىدۇ . مەن ئويلايمەن مانا بۇمۇ ئىجادىيەت ئىڭى پەيدا قىلغان ئىش . بولمىسا ئۇ قىزمۇ ئۇدۇل بىر يەرگە بىرىپ باشقا ئىش قىلماي نىمە دەپ كەچلىرى رىستۇراندا گىل ساتىدۇ ؟ .
ئوپىرا ئۆمەكنىڭ ئالدىدا بىر مايلامچى بالا بار . يەتتە يىل بولدى كۇندە ئىككى يۇز سوم پۇل تاپىدۇ . ھۇنەرگە ئەڭ ئۇستسى شۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى پەقەت ئۆز ئىشنى ئەستايىدىل قىلىپ خىرىدارنى رازى قىلغانلىغىدا . مەن ھەر قىتىم سىرىتقا ماڭسام ئاشۇ بالىنىڭ ئالدىدا پويىز ئىستانسسىدا بىلەت ئالغاندەك تالاي ئادەملەرنىڭ رەتلىك تىزىلىپ تۇرغانلىغىنى كۇرىمەن . بۇنداق ئىشلارمۇ جەميەتتە كۇپ ، لىكىن ئىش قىلىپ ھەممىلا ئادەمنىڭ تىجارەت قىلىپ پۇل تىپشى ۋە ھەممە ئىشتا پۇلنى ئۆلچەم قىلىپ ياششىمۇ ئەقىلغا مۇۋاپىق بولمسا كىرەك . بىراق ھەر كۇنى شۇ سان سىفىرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىز ئۇنىڭ بىلەن ئانچە مۇنچە ھەپلىشىپ تىرىكچىلىكىتكى مۇھتاجلىقنىڭ غىمىنى قىلمساق ھايات بىزنى چوقۇم مۇشۇ سىېسىق قەغەزنى تاپالمىغان ئىقتىدارسىزلىغىمىز ئۇچۇن ھەسرەتتە قويىدۇ

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 14:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق gulbinebxe

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 39
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 60
UID نۇمۇرى : 26331
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-24

توغرا دەيسىز. سەمىمىيلىك ھەممىدىن مۇھىم. رەھمەت سىزگە!!!

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 16:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karatuprak

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 335
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 264
UID نۇمۇرى : 25976
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 311
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە311دانە
شۆھرەت: 311 نۇمۇر
پۇل: 853 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئوھھو!!!!ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ تۇنجى ئەسىرىنى ئوقاۋىتامدىم ياكى بۇرۇنقى ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولغىيمىدىم~رەخمەت يوللانمىڭىزغا

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 17:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

بۇ يەرگە سىز يىڭى كىرگەنسىزمۇ مەنمۇ ؟

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 23:45 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:15
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation