مەن كىم ؟
ھاياتنىڭ مەنسىز دەقىقىلىرى ئۇزىراپ ياشاشتىكى شەرتسىز بويسۇنۇشلار كۇپەيگەنسىرى ھاياتنىڭ ھەممە نەرسسى ئىچى سىقىلشتىن باشقا ھىچ نەرسە يوق قۇرۇقلا بىر نەرسىگە ئايلنىپ قىلۋاتقان چىغىمدا ئۇزۇمنى ۋاكۇمدا تۇرۇپ كۇزتىمەن .
181 سانتىلىق بويغا ئىگە 80 كىلو گۇشنى يۇك قىلىپ ھاياتنىڭ ئەرزىمەس دەققىلىرىدىكى ئەرزىمەس قەدەملەرنى بىسىشتىن باشقا ھاياتتا ھىچ قانداق تاللاش يولى يوق بىر ۋۇجۇد تەرلىگەنچە يازنىڭ ئىسسىغىدن زىرىكىپ ، تەرلەپ سىسىپ كەتكەن ۋۇجۇدلارنىڭ ئىچىدىن چىقىپ يەنە ساناقسىز مەخسەت نىشاندىن خەۋەرسىز پەقەت ئۆزنىڭلا نەپسى ئۇچۇن باشقىلارنى قۇربان قىلىش نىيىتى بىلەن قىرىپ كىتىۋاتقان ئادەملەردىن پەرىقسىز ھالىتى ئۇچۇن ئۆزىدىن يىرگىنىدۇ. چۇنكى ئامالسىزلىق كشەنلىرى بىلەن قۇلۇپلانغان رىئاللىق ئۇنىڭ ھەممە يولىنى ئىتىۋەتكەن . كىشىلىك ھاياتتىكى ئەرزىمەس ئىشلار ئۇنىڭ ھاياتىغا ئەرزىمەس مەنسىزلىكنى يۇكلەپ ئۇنى ياشاشقا مەجبۇر قىلماقتا.
مەن كىم ؟ بۇ سۇئال ئۇنىڭ كالللىسىدا داۋاملىق غەليان كۇتۇرىدۇ . ئۆزىنىڭ پايمال بۇلىۋاتقان غايىلىرى ئۇچۇن قىنىپ بىر يىغلىماقچى بۇلىدۇ . لىكىن كۆز يىشى ئاسان يەردىن چىقىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاجىزلارنىڭ مەغلۇپ بۇلۇپ سالپايغاندىكى ئەڭ ئىنىق ئىپادسىي . ئۇ يىغلاش ئارقىلىق ھاياتتىكى دىلخەستىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ .
مەن كىم ؟ ئۇ بۇ سۇئال ئىككنچى قىتىم شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىدىن ئىككنچى رەت سورالغان چىغىدا تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭن كىملىگى ئۆستىدە ئويلاماسقىققا قەسەم ئىچىدۇ . لىكىن بىشىنى ئەگىپ يۇرگەن ئۇلۇم كۇلەڭگىسى ئۇنى يەنە سوراققا تارتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ .
مىنىڭ ئىسمىم .... ئۇ ئۆزىگە جاۋاپ بەرمەكچى بۇلىدۇ . لىكىن بۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى . ئىسمى پەقەت بىر ماركا ئۇ ساۋۇت. داۋۇت . ئاۋۇت بۇلۇپ ياشىسىمۇ بەربىر . ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئازاپ يەنە بىراۋنىڭ روھىغا كۇچۇپ كەتمەيدۇ . ئۇ يەنىلا بىر ئوتتا كۆيىدۇ . بىر دەرتتە قىينلىدۇ . بىر مۇھتاقلىقنىڭ تۇگمىندىكى ئۇگۇت بۇلۇپ دەپسەندە بولغان ئارمانلىرىنىڭ مىراسخۇرى بۇلۇپ يەنە ياشايدۇ . ياشاتىكى مەخسەت نىمە ؟ بۇ سۇئال ئۇنى يەنە قىينايدۇ . لىكىن تىنىمىسىز سۇئال سوراقلىق ھاياتنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرى ئۇنىڭغا ھايات ھەققىدە يەنە تالاي سۇئاللارنى قالدۇرۇپ كىتىدۇ
توغىرا . ئۇ بىر پارچە گۇش . ۋاجىتنىڭ كۇرۇنمەس پىچىغىدا قىيىلىپ كونىرايدىغان سۇپىتى ئۆزگىىرپ ئۇلۇمنى كۇتىۋاتقان بىر پارچە گۆش. ئۇنى روھتىن ئايرىۋەتكەندە ئۇنىڭدىن يەنە ئۆمىت كۇتكىلى بولمايدۇ . تەننىڭ مەۋجۇتلىغى . بارلىغى ئۇنىڭغا تالاي سۇئاللارنى قويىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ تىنىدىن زىرىكىپ روھىنى ئۇلۇغلايدۇ . لىكىن مەغلۇپ بولغان تەن ئىچىدىكى روھىنىڭ قەدىر قىممىتى زادى قانچىلىك سۇئال ئىچىدە سۇئال . غەليان ئىچىدە غەليان پىكىر ئىچىدە پىكىر . ئۇ يەنە شۇ گادىرماش خىياللار ئىلكىدە چىراقنى ئۆچۇرۇپ ئۇخلايدۇ . كۆنلەر ئەنە شۇنداق تەكرارلىق ئچىدە داۋام ئىتىدۇ . ئۇ ئەنە شۇنداق ساناقسىز كۇنلەر ئچىدىن ئۆزنى ئىزدەيدۇ مەن كىم ؟
مەنبە : قەلەم
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-24 10:48 دە قايتا ]