(ئۆزھال) قەبرە گۈللىرى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ » (ئۆزھال) قەبرە گۈللىرى



بۇ بەتتىكى تېما: (ئۆزھال) قەبرە گۈللىرى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 87 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

(ئۆزھال) قەبرە گۈللىرى


قەبرە گۈللىرى


مەيىن شامالدا يەلپۇنۇپ تۇرغان ئوت چۇپلەرنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن بىر قەبىرىنىڭ يىنىدىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ قەبىرىگە سانچىلغان بىر پارچە شالغا يىزىغلىق ئىسىمغا كۆزۇم چۇشۇپ قالدى.
قەلب كۆزۇمنىڭ كورلىغىدىن ئۆكۇندىم . باياتىن بىرى ھەيۋەتلىك تۇمۇرلەر بىلەن ياسىلىپ جەسەتنىڭ نەپەس ئىلىشى ئۇچۇن ياسالغاندەك تۇردىغان مەغرۇر كۇنگىرلەرگە قاراپمۇ قويماستىن ھاياتلىقتىكى نام ئابرۇي تالششىلار يەتمىگەندەك يەنە ئۆلگەندىمۇ ئابرۇي ۋە بايلىقنىڭ چەمبىرىگىدىن چىقالمايۋاتقان مىيتلارغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتىپ مەندەك ئابرۇيسز ھەم بايلىغى يوق بىر ئادەم دۇئا قىلىشقا ئەرزىمدىم يوقمۇ ؟ دىگەنچە گاڭگىراش ئىچىدە چوڭ - چوڭ قەدەم ئىلىپ كىتىۋاتقان ئىدىم. دەر ھەقىقەت قەبىرىدىن بىر مۇسۇلمانغا خاس ھىس تۇيغۇنى . مۇمىنلىكنى تاپالمساڭ نىمە قىلسەن دۇئا قىلىپ ؟ ئۇلار ھەيۋەت ياسالغان قەبىرىلەر ئىچىدە ئۆزىگە ئۆزى دۇئا قىلىپ يىتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ . شۇڭا ھاياتىلىغىدا ئەمەس ئۆلگەن چىغىدىمۇ ئۇلاردىن ئەيمنسەن.ئۇلاردى قاچىسەن. قەبىرسدىن دەسەپ چەيلەپ ئۆتسەن . بىشىغا قويۇپ قويۇلغان گۇللىرى خۇددى خۇشامەت ئالقانلىرىنىڭ مەھكەم كىرىششلىرىگە ئوخشاش سىنى سەسكەندۇرىدۇ . يىرگەندۇرىدۇ . سىنى كەمستىۋاتقاندەك تۇيىلىدۇ . قارا يەرنىڭ ئاستى تەڭ بولسمۇ لىكىن يەرنىڭ ئۇستى يەنىلا بايلىق بىلەن ئەمەل بىلەن ئۆلچىنىدۇ . ئۇلارنىڭ بىشىغا كىلىپ قونىدىغان قۇش يوق . قۇشلار ئۆزىگە يىقىن بولغان شاخلارغا قونىدۇ . ئۇلار ئاپتاپتا پاقىراپ قىزىزىپ كەتكەن يىقىمسز تۇمۇرلەرگە قونۇپ كۆنمىگەن . شۇڭا ئۇ يەنىلا ئادىللىق ئىچىدە ئارام تىپىپ ھاياتنىڭ ھەممە مەنسىنى ئارمانلىرىغا قوشۇپ ئىلىپ كەتكەن ئاشۇ ئاددى بەندىلەرنىڭ بىشىدىكى ئوت چۇپكە قونىدۇ.
قاسم باي. ئەبلىز باي . ئىمىن قارى ھاجىم . تۇرسۇنتاي ھاجىم . كامال باي ھاجىم . ئامانتاي ھاجىم . بىر يىنىدا بشىدىكى ياغاچ تاختىغا بىر كۇپلىت شېئىر يىزىلغان بىر شائىرنىڭ قەبىرىسى . گوياكى جۇلدۇر چاپان كىيگەن بىر دەرۋىشنىڭ سەرگەردانلىققا تۇگەللەنگەن مەنىلىك ھاياتىغا شاھىد بۇلۇپ يەرنى قۇچاقلاپ يىتىپتۇ . بىرسى ئىغىر تۇمۇر بىلەن باستۇرلۇپ يەنە تىرىلىپ ئىنسانيەتنى ئاۋارە قىلىپ بىشىغىا خاپىلىق تىپىپ بىرىشتىن ساقلنىش ئۇچۇن كۆمىۋەتكەندەك ئىغىر بىر قەبىرە . يەنە بىرى شۇنچىلىك يەڭگىل ھالەتتە ياشاشتىن تويۇپ كەلمەسكە ئارام تاپقاندەك يەرنى قۇچاغلاپ يىتىپتۇ.كىشلەرنىڭ قەلبىگە ئۆندۇرەلمىگەن خاشۇ گۇللەر قەبىرگە تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ . لىكىن شائىرنىڭ قەبىرىسدە ئوت چۇپ كۆكاتلار ياشناپ تۇرۇپتۇ . شائىر ئۆلسىمۇ يۇرىگىنىڭ سۇيى بىلەن قەبىرىسنى سۇغۇرىدىغان چىغى دىگەن تۇيغۇغا كەلدىم . ھاياتتا قوياشنىڭ نۇرى ھەممە يەرگە چۇشىدۇ. ھاۋا ھەرگىزمۇ ئادەمنى ياتلىمايدۇ . قۇشلار سەھەردە تۇرۇپ مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن چاڭىلداپ سايرايدۇ . سۇلار تاغدىن بىكارغىلا چۇشىۋىردۇ . شامال سىنى سۇيىدۇ . ۋۇجۇدۇڭنى شاھ گاداي باي كەمبەغەل دىمەي سۇيىدۇ . سىنى بىكارغا راھەتكە ئىگە قىلىدۇ . مانا ھاياتنىڭ رىتمىدا . ھاۋاسىدا. ساپاسىدا . سانىدا باراۋەرلىك بار . ئۇنىڭ ئەمەل بىلەن پۇل بىلەن نوپۇز بىلەن بايلىق بىلەن ئىناۋەت بىلەن مۇناسۋىتى يوق . ئىنسانيەت ۋە باشقا بارلىق مەۋجۇتلۇق بىلەن تەڭلششنى باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۇرەلمەي ئۇلاردىن پەرىق قىلىش ئۇچۇن تىرىشقاننىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇنداق يەردە پەرىق قىلسا كىرەك . ھەي ئىنسان ساڭا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى ئەگەر جان تۇيۇقسىز چىقىپ كەتمسە باللىرىڭغا . ئەۋلاتلىرىڭغا شۇنى ۋەسيەت قىلغىنكى قەۋرەڭنى بە ھەيۋەت تۇمۇرلەر بىلەن قورشاپ ياساپ ساختا گۇللەر بىلەن قەبىرەڭگە ھاقارەت قىلمىسۇن . سەن تۇپراقتىن يارالدىڭ تۇپراققا كىتسەن . شۇڭا سەن يەرنى ياتلىما . ئانىنى ياتىلما. ۋەتەننى ياتىلىما ئۇزۇڭنى ئەلدىن ھەرگىز ئايرىما . ئەگەر شۇنداق گەپنىمۇ قىلالمساڭ جاھاندىكى گۇللەرنىڭ ھەممسى سىنىڭ بولسۇن . يۆگىمەچ بىلەن قىياق كەمبەغەل يوقسۇلنىڭ بولسۇن .
ھەي رەزىل يىرگىنشلىكنىڭ سىمولى بۇلۇپ مىنى بىزار قىلغان قەبىرە گۇللىرى . سىلەر ئىلاجىسز . ئەگەر قايتا كۇكلەپ ئىچىلىش پۇرسىتىڭلار بولسا ئىدى سىلەرمۇ مەندەك سەممىلىك بىلەن ئاشۇ تۇپراق بىلەن چەمبەرچەس بۇلۇپ كەتكەن قەبىرىنىڭ بىشىدا ئىچىلاتتىڭلار . ئۇ قەبىرىنى قۇچاغلاپ بۇك باراخسان ھالەتتە كۇكلەيىتتڭلار .
كىملەرنىڭ بىشىغا


مەنبە  :  قەلەم


[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-24 10:49 دە قايتا ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:+5(manggutax) ياخشى ماقالە
  • يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
    تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
    تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-24, 02:47
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 10:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:15
    Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation