(ئۆزھال) دوس
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ » (ئۆزھال) دوس

بۇ بەتتىكى تېما: (ئۆزھال) دوس پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 117 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

(ئۆزھال) دوس

دوست

خەنزۇلاردا ئائىلدە ئاتا ئانىغا سىرىتتا دوستىقا تايىنىمىز دەيدىغان بىر گەپ بار. يەنە بىر دوستۇڭ كۆپەيسە بىر يولۇڭ ئىچىلىدۇ دىگەن گەپمۇ بار. ھازىر چوڭ شەھەرلەردە ھەر قانداق ئىشنى كۆپىنچە پۇلغا ئەمەس يۇزگە تايىنىپ . مۇناسىۋەتكە تايىنىپ قىلدىغان ئەھۋال بىر قەدەر ئومۇملاشتى. بىزدىكى دوس ئۇقۇمى بىزدە خاتا ئۇقۇمنى كەلتۇرۇپ چىقارغانمىكىن دەيمەن . كۇپىنچە ئەھۋالدا ئادەملەرنىڭ ئۆز دوسىتلىرىدىن خاپا بۇلۇپ يۇرگەنلىگىنى كۇرىمەن ھەم ئاڭلايمەن . ياخشى دوسىت ئادەمگە يۆلەك بۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئورننى ئايالمۇ ئاتا ئانىمۇ ئالالمايدۇ . تىرىكچىلىكتە دوسىت بىز ئۇچۇن راستىنلا موھىم . ھەتتاكى ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ موھىم. چۇنكى بىر پەقەت دوس بىلەنلا ئەڭ ئەركىن بۇلالايمىز. كۆز قاراشلىرىمىزنى چاخچاقلىرىمىزنى ئەڭ ئەركىن ھىسيات بىلەن ئىپادىلەپ كۆڭلىمىزگە خۇشاللىق تاپالايمىز . زىيالىلاردا ئۆزىگە پىكىرداش ئىزدەيدىغانلار ناھايىتى كۆپ . جەميەتتە بىرەر ئىقتىزادى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ئادەملەر كۆپىنچە باي ئادەملەر بىلەن دوس بۇلۇشقا خۇشتار كىلىدۇ . مەن بولسام چوقۇم بىرەر ئىلىم ئىگىسى بىلەن دوس بۇلۇشنى خالايمەن . ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەنئەت ۋە ئەدەبىيات بىلەن ھەپىلەشمەيدىغان ئادەملەردىن بۇلۇشىنى ئۆمىت قىلىمەن . چۇنكى سەنئەتكارنىڭ ئىچىدىن غايىچى چىقىدۇ رىئالىزىمچى بەك ئاز چىقىدۇ . مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم تۇرمۇشقا ۋە ھاياتقا تۇتقان پوزىتسيىدىكى رىئالىزىمچى ۋە غايىچىلەر . بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ . مەن ئادەتتە سەپەرگە كۆپ چىقىمەن . شۇڭلاشقىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇشقا پۇرسەت بۇلىدۇ . مەن ئەمەلى ئىش قىلالمايدىغان ھەم ئەمەلى ئىش قىلىش پىلانى بولمىغان كاتتا زىيالى ياكى سەنئەتكاردىن سودا ئىڭى بار بىر ئامال قىلىپ ھەركەت قىلدىغان باققال بولسمۇ ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقۇم كىلىدۇ . چۇنكى مەن سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىد نۇرغۇن كىتاپلارنى كۇردۇم . نۇرغۇن سەنئەتكالار بىلەن ئاڭسىز ھالدا سەنئەت ھەققىدە پاراڭلىشىپ كىلىۋاتىمەن . لىكىن بىر قىلىپتىن چىقىپ يىڭلىقنى قوغلىشىدىغان ياكى ئۆزى ياراتمسىمۇ قۇبۇل قىلىدىغان ئاڭغا ئىگە ئادەملەرنى بەك ئاز ئۇچىراتتىم . بۇنىڭ ئۆزى ئادەمدە ئىلگىرلەش پەيدا قىلالمايلا قالماستىن پەقەت بىر قېلىپ ئىچىدە كۇپ نەرسىلەرگە قىزىقمايدىغان بىر ئادەم بۇلۇپ قالىمەن دەپ ئويلايمەن . شۇڭا باشقا ساھەنىڭ نەتىجە قازانغان ئادەملىرى مىنىڭ دىققتىمنى بەكرەك تارتىدۇ چۇنكى ئۇلار ئەمەليەتچى غايچى ئەمەس .مانا بۇ بىرىنچى سەۋەپ . يەنە بىرى ئەدەبىياتچىلار . ①« شىنجاڭ مەدەنىيتى » دە ئاجايىپ ئېسل ماقاللىرى بىلەن تونۇلغان بىر دىھقان يازغۇچى بار. مەن ئۇنىڭ ماقالسنى كۇرۇپ باقمىدىم . لىكىن باشقىلارنىڭ دىيشىچە ئۇ مەسئۇلىيەت ۋە ھەقىقى ئەركەكنىڭ قىلىدىغانلىرى توغۇرلۇق يازارمىش . دىھقان تۇرۇپ ماقالە يىزىش راستىنلا ئاسان ئەمەس بۇلۇپمۇ شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلغا ئەرزىگىدەك ئەسەر يىزىش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە .
بىر زامانلار ئۇتۇپ ئۇنى ئۇرۇمچىگە كەپتۇ دەپ ئاڭلىدىم . توساتتىن بىر كۇنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۇپ قالدىم . ئۇ مىنى كۇرۇپلا سىزنىڭ شىنجاڭ ياشلىرىدا ئىلان قىلىنغان كۆپ ماقاللىرىڭىزنى ئوقۇغان ئىدىم دىدى . مەن ياشلار ژۇرنىلىدا بىر پارچىلا ماقالە ئىلان قىلغاندىم . شۇڭا ئۇنىڭ ماقاللىرىڭىز دىگىدەك ئىش قىلالمغانلىغىم ئۇچۇن ئەپسۇسلاندىم . ئۇنىڭ ئەسىرىڭىزنى كۇرگەنمەن دىيىش ئارقىلىق بىرەر ھاجەت بىلەن يارىماس بىر ماقالىنى ، ماقاللىرىڭىز دەپ تىلغا ئىلىشتا چوقۇم بىر مەخسدى بار ئىدى . ئۇ ماڭا سىز بىلەن پاراڭلشاي دەپ كەلگەن دىدى . مەن ئالدىراشلىغمنى كىينچە كۇرۇشۇشنى ئىيتتىم . شۇنداقتىمۇ ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ پاراڭلاشقاچ بىللە تاماق يەپ مەن ئىشمغا ماڭماقچى بولدۇم . مەن مىڭشتىن بۇرۇن ئۇ تاقەتسزلىك بىلەن ماڭا بىر بوتۇلكا ھاراق ئىلىپ بەرگەن بولسڭىز دىدى .كىين ئاڭلسام ئۇ ھەممە يازغۇچىلار بىلەن ھاراق ئىچشىپ سورۇنلاردا سوقۇشۇپ ئۇرۇمچدىكى ياشقا چوڭ يازغۇچىلارغىمۇ خىلى تىتىپتۇ . ئۇرۇمچىدە ئۇچ ئاي تۇرۇپ قالغاچقا ئايالى ئاتا ئانسدىن قەرىز ئىلىپ ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئۇنىڭ ياقسىغا ئسىلغانچە ئۇنى يۇرىتقا ئىلىپ كىتىپتۇ . تۆۋەنگە چۇشسەممۇ ئادەتتە يازغۇچى دىگەن بىرەرسى ئۇچۇرشۇپ قالسام شۇنداق سۇيۇنىمەن. چۇنكى ئۇلار خەلق بىلەن بىزگە قارىغاندا بەكرەك يىقىن . ئۇلار بىلەن پاراڭلشىشش ئادەمگە ھۇزۇر بەرگەندىن سىرىت بىز ئاڭلساق ياقا چىشلەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ۋە ناھەقچىلىقلارنى ۋە تۇرمۇشتىكى ئادەمنىڭ يۇرەك تارىنى چىكىدىغان نۇرغۇن ھىكايىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن سۆزلەپ بىرەلەيدۇ . لىكىن كۆپىنچە ئادەملەر ئىغىزدا خىلى گەپلەرنى قىلىپ خىلى ئادەملەرنى ياراتماي يۇرگەن بىلەن ئۆزى دەۋاتقان گىپىگە ۋە باشقىلارنى ئەيىپلەپ قىلغان گەپلىرىگە ئەمەل قىلدىغان ئادەملەر ئەمەس . مىنىڭ ھىچكىمگە ئادىمىلىك توغۇرلۇق تەلەپ قويىدىغان ھەققىم يوق . لىكىن مىنىڭ كۆزۇمگە چىلىققىنى ھەممسلا ئوخشاشلا نامرات . ھاراقكەش. غايىچى ئادەملەر . ئۇلار توختىماي سۆزلەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئۆمۇر سۆزلسمۇ سۆزلەپ تۇگىتەلمەيدىغان دەرىت باردەكلا تۇيۇلىدۇ . توغىرا ھەممىزىنىڭ دەردىمىز بار . لىكىن ھىچكىممۇ دەرىت بىلەنلا بۇلۇپ خوتۇن بالا چاقىلىرى بىلەن كارى بولماي تۇرغىنى يوق . ئايالىغا يۇكنى ئارتىپ قويۇپ ئۆزى ئەدەبىيات ۋە ھەقىقەت ھەققىدە سۆزلەپ ھاراقنى بولدى دىگۇچە ئىچىپ " مەس پارتىزان" بۇلىۋالىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك . ئۇلار كەمستىېۋاتقان ئەخمەق دىھقانلار يەنىلا ئۆزىنىڭ تىرىكچلىگى ئۇچۇن باش قاتۇرۇپ ھەركەت قىلىۋاتقان . ھالەتلەرنى كۇرسەم شۇ يازغۇچىلاردىن بىر دەمدە زىرىكىپ قالىمەن . باشتا ھاراقنىڭ ھىدى كىلىۋاتقان تۇرقىدىن كىينچە سەسكىنىپ كىتىمەن. ئەمەليەتتە ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يازغۇچى بولسمۇ مەھەللە كىشلىرنىڭ نەزىرىدە ھورۇن . ئىش خوشياقماس . دىگىنىگە ئەمەل قىلمايدىغان . لىكىن ئۆزىنى بەك كاتتا ھىساپلايدىغان ئەڭ ئەخمەق ئادەملەرىنىڭ لوغىتىدىن چىقىپ قالىدۇ . ئۆزىنىڭ جىننىمۇ تۇزۇك باقالمايۋاتقان بىر ئادەمنى يەنە ئادەم دىگىلى بۇلامدۇ ؟ سەن ئاۋال ئادەم بول ئاندىن ئوغىرى بولساڭمۇ بۇلىدۇ چوقۇم سەنئەتچى ياكى ئەدەبىياتچى بۇلۇشنىڭ ئورنى يوق دەپ ئۇزۇمگە سۆزلەپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ بىلەن دوس بۇلۇشتىن يالتىيپ قالىمەن . كەم بولسمۇ مەندە ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى پەرىق ئىتىدىغان پەم بار . لىكىن بىز ئۇچۇن تىخىمۇ كەڭ يول كىرەك ، شۇڭا بۇ يوللارنى سەنئەتچى بىلەن سۆھبەت قۇرۇش ياكى ئەدەبىياتچىلار بىلەن مۇدىرنىزىم ھەققىدە پاراڭ سىلىپ تالاش تارتىش قىلىش ئارقىلىق ئاچالمايمىز . دۇنيادا سەنئەت ۋە ئەدەبىياتتىن باشقا بىلىم نۇرغۇن يول نۇرغۇن تىما نۇرغۇن . بىز باشقا ساھەنىڭ ئادەملىرى بىلەن سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغاندىن سىرىت ئۆزگىچە تەپەككۇرغا ئىگە ئادەملەرنىڭ ئىدىيسى، رىئاللىغى، خياللىرى، غايىلىرى ۋە ئەمەلى تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇپ تىخىمۇ كۇپ نەرسلەرنى بىلىۋالىمىز . ئەمەليەتتە بىزگە ئەمەليەت كىرەك قۇرۇق غايە ياكى قۇرۇق خىيال ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن باشقا ساھەنىڭ ئادەملىرى بىلەن تونۇشۇشقا ئامراق . ھازىرقى ئەھۋالىمىدا ئويلايدىغىنىم ئۆزى ئەمەلى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاددى ئادەملەر بىلەن دوس بۇلۇش مەن ئۇچۇن بەك موھىم . ئەگەر ئالدىمدا ئىككى ئادەم بار بۇلۇپ بىرى سەنئەتكار بىرى بىرى ئاددى بىلىم ئىگىسى بولسا مەن سۇكۇتسز ئاشۇ بىلىم ئىگىسى تەپەككۇر ئىگىسى ئىدىيە ئىگسى بىلەن دوس بۇلىمەن . نىمىشقا دىسە بىرى مەن ياشاۋاتقان موھىتتىن بىر ئاز يىراقلشىپ كاللىنىڭ ئۆكسگىننى ئالماشتۇرسام دەيمەن يەنە بىرى ئىقتىزادى ئاڭنى ئويغۇتۇپ ئاز تولا تەجرىبە توپلسام دەيمەن . چۇنكى مەن لۈشۈنگە ئوخشاشلا بالامنى سەنئەتكار بولمىسۇن دىگەن قاراشتىمەن. ھاياتتا سەنئەتتىن ھۇزۇر ئىلىش ياخشى ئىش بولسمۇ ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللۇنۇشنىڭ ئازابى ۋە قىسمەتلىرى مىنى مۇشۇ خىيالغا كەلتۇرۇپ قويدى . ياخشى دوس ئادەمگە يۇلەك . ياخشى دوس بىلەن بىر سائەتلىك سۆھبەت قۇرساق بىر مۇنچە ئەقىلغا ئىگە بولغىلى بۇلىدۇ. مەن ئەزەلدىن دوسىتلىرىمدىن قاخشىغان ئەمەس. قاخشايدىغان ئادەم بىلەن ھازىرغىچە دوس بۇلۇپمۇ باقمدىم . چۇنكى مەن ھىچكىمگە يۇلىنىۋالمايمەن . سەممى سىلىق مۇمىلەمنى قىلىمەن. قىممەتلىك نەرسىلرىم بولسمۇ ئىچى كۇيۇپ سورىسا بىرىۋىتىمەن . نۆۋىتى كەلگەندە ئۇلارمۇ مەن ئۇچۇن بەدەل تۆلەيدۇ . لىكىن ئىقتىزادى جەھەتتە بولسۇن باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ئىش قىلىپ ئۇلارغا گىرىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمايمەن . چۇنكى سەممىلىكنى ئاللامۇ بەندىمۇ سۇيىدۇ . مەن بەزىدە نامازدىن كىين دۇئا قىلىپ ئىھ ئاللا ماڭا ياخشى بۇرادەر . توغىرا پىكىرلىك ئەقىل ئىگىسنى ئايىماي دوس قلىغىن دەپ دۇئا قىلىمەن .

مەنبە : قەلەم

[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-24 10:50 دە قايتا ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+10(manggutax) ياخشى ماقالە
• 6xahar
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-24, 02:47
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 10:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق manggutax
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5650
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4349
مەزھەپ:ئىنكاس شاھى ئىنكاس شاھى
UID نۇمۇرى : 9
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 5390
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5390دانە
شۆھرەت: 2633 نۇمۇر
پۇل: 10913 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

بەزىدە نامازدىن كىين دۇئا قىلىپ ئىھ ئاللا ماڭا ياخشى بۇرادەر ، توغىرا پىكىرلىك ئەقىل ئىگىسنى ئايىماي دوس قلىغىن دەپ دۇئا قىلىمەن.
مەنمۇ ھەم سىزگە ئوخشاشلا پىكىردە.

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 12:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق judun-0908

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 49
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 51
UID نۇمۇرى : 27393
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 268 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

مىنىڭ دوسلىرىم كۆپ ،،،لىكىن يەنىلا مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم دوست!....دۇنيادا ھەقىقى دوست مەۋجۇت ئەمەس دەپ قاراڭ؟..........

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 14:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق gulbinebxe

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 39
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 60
UID نۇمۇرى : 26331
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-24

توغرا دەيسىز، دۇنيادا سەمىمىي، ساداقەتمەن دوست تاپماقتىن ئارتۇق قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك، مېنىڭ ئەڭ زور بايلىقىم دوستلىرىم، پەقەت شۇلار بولغاچقىلا مەن تولىمۇ بەختلىكمەن.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 16:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Hararat
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 228
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 71
UID نۇمۇرى : 15668
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 227
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە227دانە
شۆھرەت: 253 نۇمۇر
پۇل: 716 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

مېنىڭ دوستلىرىم كۆپ ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە يالغۇزلۇق ھېس قىلساممۇ يەنىلا ئۆز-ئۆزۈمگە چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ خۇددى يېقىن دوستۇم بىلەن سىرداشقاندەك سەمىمىي پىچىرلاپ تۇرۇپ تەسەللىي ئېيتىمەن.

ماقالىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 17:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

دوس بار لىكىن بىزدىمۇ شۇ دوسقىمۇ يۇزلەنگىدەك ئەقىدە بىلەن ۋىجدان ۋە شەخسىيەتچىلكنى يىڭەلەيدىغان روھ بار بولغاندا دوستىنىڭ نىمە ئىكەنلەنلىگىنى بىلىپ قالىسلەر . باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك ۋە گۇمانى قاراشتا ياشايدىغان ئادەمنىڭ ئەبەدى دوستى بولمايدۇ .

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 23:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:15
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation