(يۇلدۇزئاي) بېيجىڭدا نورۇز شاتلىقى .
Ihlas Ilani

دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ » (يۇلدۇزئاي) بېيجىڭدا نورۇز شاتلىقى .

« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: (يۇلدۇزئاي) بېيجىڭدا نورۇز شاتلىقى . پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 3584 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 931
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 68
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 902
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە902دانە
شۆھرەت: 761 نۇمۇر
پۇل: 1644 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

(يۇلدۇزئاي) بېيجىڭدا نورۇز شاتلىقى .

بۇ يازمىنى Ataman ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰدىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-03-23)

دىيارىم تورى خەۋىرى :

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىدا 22-قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتكە مەكتەپ رەھبەرلىرى ، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ، ئوقۇۋاتقان ، تىجارەت قىلىۋاقان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بولۇپ  1000 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى . بۇ قېتىمقى نورۇز ئالدىنقى قېتىملاردىكىگە قارىغاندا مەزمۇنىنىڭ موللىقى بىلەن كەڭ قاتناشقۇچىلارنى ھاياجانغا چومدۈردى . پائالىيەت كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلانغان بولۇپ ئاۋال مەكتەپ مەيدانىدا ساما ئۇسۇلى ، تەپكۈچ تېپىش ، ئارغامچا سەكرەش ، ئارقان تارتىش . . .  پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . كەچ سائەت 6:00 دە مەكتەپنىڭ مۇزىكا زالىدا نورۇزلۇق كەچلىك ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىلىگى ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەت ئوتتۇرسىدا  «نورۇز بوۋاي» ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي  :  «باھار شامىلى بىلەن نورۇز بوۋاينىڭ سۆھبىتى» : ___ «كاشىغەرىي يىلى بۇ ، پەخىرلەن ئۇيغۇر ! » ناملىق تەلقىنلىق نەسىرىنى ئوقۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى  .

كاشىغەرىي يىلى بۇ ، پەخىرلەن ئۇيغۇر !
(باھار شامىلى بىلەن نورۇز بوۋاينىڭ سۆھبىتى)
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

بۇ يىل مىلادىيە 2008-يىلى ، دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى قارار ماقۇللاپ ، مەھمۇد كاشىغەرىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرلەشكە چاقىردى . مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ يىل «مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى» . بۇ _ نەقەدەر شاراپەت دېسەك ئەرزىيدۇكى ، پەخىرلەن بۇنىڭدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەۋلادى !
مەھمۇد كاشىغەرىي كىمدۇ ؟ دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەتلەر تەشكىلاتى ئۇ زاتنى قانداق بىلىدىغاندۇ ؟ بۇ 2008-يىلنىڭ «مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى» بولۇشىنى كىم ئىلتىماس قىلغاندۇ ؟ بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىپ سۆيۈنۈشكە ، چىن دىلدىن شادلىنىشقا ۋە تېرىسىگە پاتمىغىدەك بولۇپ ھاياجانلىنىشقا كىملەر ئەڭ ھەقلىقتۇ ؟ . . .
مانا ، نەۋرۇز كەلدى __ بۇ يېڭى بىر يىل بېشى ؛ ۋۇجۇدلارغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ ، مەيىن باھار شامىلى يېقىملىق ئەستى . شۇ ئاندا ، باھار شامىلى بىلەن نەۋرۇز بوۋاي ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆھبەت -مۇڭدىشىش بولۇپ كەچتى :
باھار شامىلى سورايدۇكى : مەھمۇد كاشىغەرىي كىمدۇر ؟
نەۋرۇز بوۋاي جاۋاب بېرىدۇ : «مەھمۇد كاشىغەرىي ئېلىمىزنىڭ 11- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى ، تىلشۇناس ، <تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ ئاپتورى . مىڭ يىل ئىلگىرى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىدا ، مەھمۇد كاشىغەرىيدەك ئۇلۇغ ئەدىب ، ئالىم تۇغۇلۇپ ، مەشھۇر <تۈركىي تىللار دىۋانى> دۇنياغا كەلگەن . ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى ، جۇغراپىيىسى ، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان قامۇس - - <تۈركىي تىللار دىۋانى> ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگنلىكى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى ، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى جۇلالىق مەرۋايىتتۇر !»
سوئال : مەھمۇد كاشىغەرىي قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇغان ؟
جاۋاب : مەھمۇد كاشىغەرىي باشلانغۇچ مەرىپەتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپالدىكى مەدرىسىلەردە ئالغان . ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپنى ، بولسا ، كاشىغەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىي مەكتەپلىرىدىن بولغان «مەدرەسەئى ھەمىدىيە» ۋە «مەدرەسەئى ساچىيە» لەردە كۆرگەن . ئۇ مەزكۇر ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدا ، زامانىسىنىڭ ئەللامىلىرىدىن سانىلىدىغان ھۈسەين ئىبنى خەلەف كاشىغەرىيدەك كاتتا ئالىملارنىڭ ھوزۇرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۆز ئانا تىل-ئەدەبىياتىدىن باشقا ، ئەرەب ، پارس تىل-ئەدەبىياتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن . ئاندىن يەنە ، ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىي ئىنسانلىرىدىن بولۇشقا كېرەكلىك بولغان ئىسلام تارىخى ، ئىسلام پەلسەپىسى ، تىلشۇناسلىق ، مەنتىق ئىلمى ، جۇغراپىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچىمۇ ئوقۇپ ، يېتىك بىلىمگە ئىگە بولغان . (قاراڭ : يۇقىرى ھوججەت ، 2-3-بەتلەر)
سوئال : «كاشىغەرىي» دېگەن سۆز نېمە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ ؟
جاۋاب : «كاشىغەرىي» دېگەن سۆز تار مەنىدە ، «كاشىغەرلىك» ، يەنى بۈگۈنكى «قەشقەرلىك» دېگەن بولىدۇ . كەڭ مەنىدە بولسا ، «كاشىغەرىيەلىك» ، يەنى تارىختا «كاشىغارىيە __ قەشقەرىيە» دەپمۇ ئاتالغان . بۈگۈنكى «جۇڭگو شىنجاڭلىق» دېگەن بولىدۇ . بىز جەزمەن ئىملالىق «كاشىغەرىي» دەپ ئتاپ ، ئۇنى كەڭ مەنىدە قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز . دېمېكچىكى ، مەھمۇد كاشىغەرىي ئۆز نۆۋىتىدە پۈتكۈل شىنجاڭلىق ۋە جۇڭگۇلۇقنىڭ شەرىپى .
سوئال : «مەھمۇد كاشىغەرىي» پۈتكۈل ئۆمرىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن بىرلا ئەسەر يازغانمۇ ؟
جاۋاب : ياق . ئۇنىڭ يەنە «كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى) دېگەن ژېرىك ئەسىرىمۇ بولغان . بۇ ھەقتە ئالىم بوۋىمىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا : ` بۇ يەردە سۆزلەرنىڭ بىرلىك ، كۆپلۈك ، سېلىشتۇرۇش ، كىچىكلىتىش ،  ئاشۇرۇش ۋە تۈرلىنىش ئۇقۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلەنمىدى . چۈنكى بۇلار ئۈچۈن ئايرىم بىر كىتاب يېزىپ ، ئۇنىڭغا <كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغاتىت تۈرك> دەپ ئات قويدۇم `دەپ مەلۇمات بەرگەن .
سوئال : «كاشىغەرىيشۇناسلىق» دېگەن نېمە ؟
جاۋاب : كاشىغەرىيسۇناسلىق دېگىنىمىز ، خۇددىي «نەۋائىيشۇناسلىق» دېگەنگە ئوخشاش ئىلىم نامى بولۇپ ، ئۇ بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ شەخسىيىتى ، ئۆرنەك روھى ۋە ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆپ قىرلىق خاس تەتقىقات ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ .
سوئال : «كاشىغەرىيشۇناسلىق» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» شۇناسلىقنىڭ پەرقى نېمە ؟
جاۋاپ : بەزى ئىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن «دىۋانىشۇناسلىق» دەپمۇ ئاتىلىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» شۇناسلىق پەقەت قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۈستىدىلا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى كۆرسىتىدۇ . ئەمدى ، كاشىغەرىيشۇناسلىق بولسا ، بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئىنسانلىق شەخسىيىتى ، ئالىملارغا خاس روھى ، ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئەمگەكلەردە ئىپادىلەنگەن ئالىمنىڭ كىشلىك قارىشى ، دۇنيا قارىشى ، تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى ، ھەتتا ئالىمنىڭ يار-بۇرادەرلىرى ، ئۇرۇق-تۇغقان خىش-ئەقرەبالىرىغا تالىق تەتقىقاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئاندىن ، دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ، مۇھاكىمىگە قويۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرمۇ كاشىغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى دائىرىسىگە كىرىدۇكى ، كاشىغەرىيشۇناسلىق كۈنىمىزدىكى تۈركىلوگىيە ئىلمىي دۇنياسىدا ، ئەڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئىلىملارنىڭ بىرسىدۇر .
سوئال : 2008-يىلنىڭ «مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى» بولىشىنى قايسى دۆلەت ئىلتىماس قىلغان ؟ ۋە بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟
جاۋاب : 2008-يىلنىڭ «مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى» بولىشىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىلتىماس قىلغان . بۇ ھال ئىلىمىز ئالىملىرىنىڭ :` 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قوشقان قىممەتلىك تۆھپىسى بولغان <تۈركىي تىللار دىۋانى> بىزنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىمىزدىن بىرىدۇر . بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ مۇناسىپ بۇرچىمىزدۇر . لېكىن ئۇلۇغ ئالىم ئالىن مەھمۇدنى <كاشىغەرلىك __ بۈگۈنكى قەشقەرلىك ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نادىر مەدەنىي مىراسى> دېيىش بىلەن بىللە ، يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى ، مەھمۇد كاشىغەرىي ئۆز ئەسىرىنى <خاقانىيە تىلى> دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا ، پۈتكۈل تۈركىي قەبىلىلەر تىللىرىدىن ماتېرىيال ئېلىپ تۈزۈپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا <دىۋانى لوغاتىت تۈرك> دەپ نام بەرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ، <تۈركىي تىللار دىۋانى> نى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان ھەممە خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق بايلىق دەپ قارايمىز .` (قاراڭ : «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ، <كىرىش> 48-بەت . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981-يىل نەشىرى) دېگەن ئىلمىي قارىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ . دېمەك ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ 2008-يىلنىڭ «مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى» بولۇشىنى ئىلتىماس قىلىشى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنىنىڭ تەستىقلاپ قارار ئېلان قىلىشى ۋە پۈتكۈل تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇپ ، تۇشمۇ تۇشتىن ئىەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ ، شادىيانە تەنتەنە قىلىشى __ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارالىق بۈيۈك ئالىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .
شۇنداق ، ئى ، نەۋرۇز ئەھلى !
بۇ يىل تولىمۇ خاسىيەتلىك يىل ، خاسىيەتتىن ، خىسلەتتىن سۆيۈنمەكتە ھەممە يۈرەك ، ھەممە دىل ؛ شۇڭا ، بۇ يىلقى نەۋرۇز باشقىچە __ كۆڭۈللەر ئويغاق ، يۈرەكلەر ئويناق ، دىللار سۆيۈنچ بىلەن لىق تولۇپ تاشقىچە ؛
بۇ يىلقى نەۋرۇزدا قاينار پەۋەس ھاياجان ، بۇ يىلدا شادىمان خۇشال ھەر ئىنسان . چۈنكى ، بۇ يىل 2008-يىلىدۇر . «كاشىغەرىي يىلى» ، پەخىرلەن بۇنىڭدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ ئېلى !
2008-يىل ، 22-مارت ، بېيجىڭ .

نورۇز بوۋاي : ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

نورۇز بوۋاي باھار قىزلىرى بىلەن بىرگە .

نورۇز بوۋاي ، مەھمۇد سۇلايمان ،  ئۇزھال .

نورۇز بايرىمىلىق خاتىرە

رىياسەتچى قىز-يىگىتلەر

ئەل سۆيگەن ناخشىچى ۋە كومپازىتور مەھمۇد سۇلايمان سەھنىدە

مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلار سەھنىدە

ساما مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار

ناۋا مۇقامىدىن ئارىيە

ئارقان تارتىشىش

ئارغامچا سەكرەش ، تەپكۈچ تېپىش

[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن 2008-03-25 13:04 دە قاي ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+10(Ar-ohoz)
• شۆھرەت:+10(kuxbeg526)       &n
• شۆھرەت:+10(manggutax) كاتتا خەۋەر
• ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 16:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق nodar

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1650
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3349
UID نۇمۇرى : 10208
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1641
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1641دانە
شۆھرەت: 276 نۇمۇر
پۇل: 2381 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

ھەجەپ خوش بولدۇم. بەكلام،

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 16:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tutem32

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 10
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 90
UID نۇمۇرى : 24752
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 179 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-23

يۇلدۇزئاي خانقىز قايسىسى سىز ؟

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 16:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kuduratulla
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1071
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3928
UID نۇمۇرى : 8611
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 885
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە885دانە
شۆھرەت: 755 نۇمۇر
پۇل: 1130 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

يۇلدۇزئاي سىز قىنى سىز كۆرۇنمەيسىزغۇ؟

6xahar
ئادەم = بىلىم + ئەخلاق
http://www.56.com/p_63724671.swf

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 16:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق seher-ay

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 246
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 53
UID نۇمۇرى : 22707
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 201
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 852 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

مەنمۇ خوش بولدۇم........................................................

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 17:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1872
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3127
UID نۇمۇرى : 14310
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1620
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1620دانە
شۆھرەت: 1427 نۇمۇر
پۇل: 8210 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ھەدە بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز    تازا قىززىپتۇ ھە!  خۇددى مەنمۇ ئوينىغاندەكلا بولدۇم ... ھەممىمىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن  !

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
ئىللەت تۈزەلمىگىچە
مىللەت تۈزەلمەس .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 17:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق manggutax
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5650
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4349
مەزھەپ:ئىنكاس شاھى ئىنكاس شاھى
UID نۇمۇرى : 9
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 5390
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5390دانە
شۆھرەت: 2633 نۇمۇر
پۇل: 10913 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

يۇقارىقى رەسىملەرنىڭ ئارسىدا يۇلتۇزئاينى ھېچ تاپالمىدىم يا، قايسىسى بولغىيتتى-ھە؟
كىم بىلىدۇ، دەپ بىرىڭلار.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 17:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق nimjan418

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 176
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 123
UID نۇمۇرى : 12542
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 169
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە169دانە
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 193 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ناھايىتى ھاياجانلاندىم مەن، رەھمەت سىزگە يۇلدۇز ئاي

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 17:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yarimas

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 304
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 295
UID نۇمۇرى : 21858
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 236
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە236دانە
شۆھرەت: 236 نۇمۇر
پۇل: 815 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

مەنمۇ بەك ھاياجان لاندىم  رەھمەت

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 17:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق nodar

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1650
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3349
UID نۇمۇرى : 10208
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1641
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1641دانە
شۆھرەت: 276 نۇمۇر
پۇل: 2381 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

يۇلدۇزاي ھەدەڭلەنى مەن بىلىمەن. لىكىن بڭر كوي بەسەڭلار تونۇپ بېرىمەن. ھەممىڭلارنىڭ كۆرگۈسى بوسا قېنى.............داۋاي

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 18:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق manggutax
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5650
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4349
مەزھەپ:ئىنكاس شاھى ئىنكاس شاھى
UID نۇمۇرى : 9
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 5390
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5390دانە
شۆھرەت: 2633 نۇمۇر
پۇل: 10913 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

Quote:
بۇ مەزمون 9 - قەۋەتتىكى nodar نىڭ 2008-03-23 18:02 دە يوللىغان يازمىسى“”:
يۇلدۇزاي ھەدەڭلەنى مەن بىلىمەن. لىكىن بڭر كوي بەسەڭلار تونۇپ بېرىمەن. ھەممىڭلارنىڭ كۆرگۈسى بوسا قېنى.............داۋاي

ئەگەر سىز بىلسىڭىز دەپ بىرىڭ، مەن سىزگە 100 تەڭگە ئىنئام قىلىمەن.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 18:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Hararat
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 228
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 71
UID نۇمۇرى : 15668
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 227
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە227دانە
شۆھرەت: 253 نۇمۇر
پۇل: 716 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پائالىيەت بوپتۇ. ھەممە ئامان بولغاي.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 18:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق pa^re

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 100
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 199
UID نۇمۇرى : 26364
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 96
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە96دانە
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 385 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ھەجەپ قىزىپتۇ جۇمۇ بۇ بايرام كوز تەگمىسۇن .

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﯩﺘﻰ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 18:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ohuz0991

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 20
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 79
UID نۇمۇرى : 27348
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 202 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-24

بۇنى كۆرۈپ ھەممىمىز خوشال بولدۇق

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 18:58 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق orkixi

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 619
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 380
UID نۇمۇرى : 10424
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 577
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە577دانە
شۆھرەت: 245 نۇمۇر
پۇل: 1304 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

مىللىي بايرىمىزنى پايىتەخىتتە  جۇلالاندۇرۋىتپتۇ-دە . ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇرۇدىكەن .
رەھمەت سىزگە يۇلتۇزئاي ،مەندەك خىلۋەت ماكاندىكى ئادەممۇ بۇ خەۋەردىن خەۋەردار بولدۇم مانا .

Atlan
ئاللاھ  ھەممە  بەندىللىرىگە  ئىنساپ ئاتا قىلغاي
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 19:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق UYGURIYA23

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 370
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 229
UID نۇمۇرى : 19347
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 319
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە319دانە
شۆھرەت: 301 نۇمۇر
پۇل: 934 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

قالتىسى كاتتا ئىش بوپتۇغۇ  بۇ !

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 20:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق baturjangqi
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3014
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1985
UID نۇمۇرى : 11262
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2971
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2971دانە
شۆھرەت: 1141 نۇمۇر
پۇل: 97 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

مۇبارەك بولسۇن !

Atlan
يىلتىزىمىز دىيارىمدا
ئۈمىدىمىز دىيارىمدا
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 20:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kuxbeg526
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3471
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1528
UID نۇمۇرى : 8680
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 3398
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3398دانە
شۆھرەت: 1113 نۇمۇر
پۇل: 5362 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 5 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

قارىماققىمۇ شۇنداق مەنىلىك ئۆتكەندەك قىلىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنچىلىك جەم بۇلۇشۇپ نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغىنىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى

http://www.ilghar.net/u/kuxbeg526/index.html
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 20:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق nasimy

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 107
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 192
UID نۇمۇرى : 6328
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 72
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 413 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ يوللىغىنىدىن سەل خىجىل بوپقالدىم . مەن پەقەت بىر كۆرۈرمەن سۈپىتىدىلا تارتقان ئىدىم ، سۈرەتلەرنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى ئەمەس . بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ تۈنۈگۈنكى ھىسىياتقا قايتا كىلىۋاتىمەن جۇما . مېنىڭچە سىز بۇنداق تولۇق خەۋەر قىلغاندىكىن يا ئوقۇتقۇچى ، ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى قاكۇلتىتىنىڭ ئوقوغۇچىسى . مۇمكىن بولسا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق .

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
ئاينۇرى ئىنگىلىزتىلى بلوگى--http://aynuri.blogbus.com
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 20:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق patriot

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 235
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 64
UID نۇمۇرى : 21184
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 176
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە176دانە
شۆھرەت: 176 نۇمۇر
پۇل: 642 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

«ئوبدان» ئىش بوپتۇ، باشقىلار باشقا ئويۇنلىرى بىلەن پايتەختنى ھاياجانلاندۇرۋاتسا بىز ناخشا-ئۇسۇلىمىز بىلەن ھاياجانلاندۇردۇق !!!
بارىكاللا !!!

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 20:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق turkinaz

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1154
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3845
UID نۇمۇرى : 20648
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1006
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1006دانە
شۆھرەت: 1020 نۇمۇر
پۇل: 3152 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

قىز- يىگىتلەرنىڭ خوپ ياراشقان چىرايلىق كىيىملىرى، چىھرىدىكى باھاردەك ئىللىق تەبەسسۇمىنى كۈرۈپ يۈرەكلىرىم ھاياجاندىن سېلىپ كەتتى،. خۇددى مەنمۇ شۇ نەق مەيداندا باردەك، ھە قېنى نودارجان مەڭگۈتاش بىر كوي ئەمەس 100 تەڭگە بىرىدىغان بولدى. قېنى دىمەمسىز؟ يۇلتۇزئاي ھەدىمىز قايسىكەن؟

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 20:54 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق awralohli

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 223
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 76
UID نۇمۇرى : 18968
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 133
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە133دانە
شۆھرەت: 101 نۇمۇر
پۇل: 315 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

پاھھۇي ..........ئالامەت كاتتا سورون بوپتۇ، كوزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى ، مىللىتىمىز ئۇچۇن بارلىقىنى ئاتىغان ،مىننەتسىز ئالىمىمىز،دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىنى كورشكە ئىنتىزار بولغان ئىدىم ،مانا دىيارىم ئارقىلىق رەسىمىنى بولسىمۇ كوردوم.مەن بۇ پۇرسەتتە دوكتور ئابدورەئوپ تەكلىماكانىغا ئۇلۇغ ئاللادىن تىنىگە سالامەتلىك ،تۇرمۇشىغا بەخىت،خىزمەتلىرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.يۇلدۇزئايغا كوپ رەھمەت! تورداش دوسلار ،سورون ئەھلى ئارىسىدىن يۇلدۇزئاينى ئىزلەپ ئاۋارە بولماڭلار، چۇنكى شۇ سوروندىكى ئوز مىللىي ئالاھىدىلىكىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ،توز،شۇڭقارلاردەك ياسانغان ھەر بىر يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ ھەر بىرسى بىردىن، قاراڭغو تۇندە نۇر چىچىۋاتقان يوروق يۇلدوزئايلىرىمىزدۇر.

Atlan

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 20:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق bad

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 852
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 147
UID نۇمۇرى : 20813
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 812
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە812دانە
شۆھرەت: 812 نۇمۇر
پۇل: 2612 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى

6xahar
maarip  armiyadin muhim
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 21:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق taxnalik

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 47
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 52
UID نۇمۇرى : 26386
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە47دانە
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 255 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

怎么这么快上网上了,昨天我也参加这个活动.还跟MAHMUT.SULAYMAN一起照相还.
昨天真的很热闹.我真高兴.

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 21:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [23 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yuraklik

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 63
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 36
UID نۇمۇرى : 24801
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 44
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 372 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ناھايىتى ھاياجانلاندىم مەن، رەھمەت سىزگە يۇلدۇز ئاي.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 22:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [24 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق imranali

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 4
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 95
UID نۇمۇرى : 27210
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
«نورۇز بوۋاي» دىيىش تازا دۇرۇس بولمىدىغۇ دەيمەن. بۇ توغرۇلۇق «مەدەنىيەت بوستانى»نىڭ نورۇزغا بېغىشلانغان سانىدىمۇ گەپ بولۇندى .

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 22:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [25 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yurtumm

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 50
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 49
UID نۇمۇرى : 23130
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 37
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 211 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنچىلىك جەم بۇلۇشۇپ نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغىنىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم. اپىرىن

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 00:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [26 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق hitab

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1444
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3555
UID نۇمۇرى : 1344
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1333
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1333دانە
شۆھرەت: 564 نۇمۇر
پۇل: 3 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

Quote:
بۇ مەزمون 10 - قەۋەتتىكى manggutax نىڭ 2008-03-23 18:04 دە يوللىغان يازمىسى“”:

ئەگەر سىز بىلسىڭىز دەپ بىرىڭ، مەن سىزگە 100 تەڭگە ئىنئام قىلىمەن.

دىيارىمنىڭ تەڭگىسنى قالايمىقان ئىنئام قىلماي نوچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تەڭگىسنى ئىنئام قىلمامسىز .قارىغاندان ئىسلزادىلەرنىڭ بەزى خۇيلىرې سىزگە يۇقۇپتۇدە !
سىزگە دىسەم ئۇلارنىڭ ئارىسدا يۇلتۇزئاي يوق!پەقەت ھۈسىن تۈزەس ئوپراتىسيسى قىلدۇرۋالمىغان بولسىلا !شۇڭا 100تەڭگىنى ماڭا  بېرىڭ

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 00:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [27 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3235
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1764
UID نۇمۇرى : 16853
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3092
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3092دانە
شۆھرەت: 3339 نۇمۇر
پۇل: 170 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 43 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

قاتىس گەپ قىپسىزغۇ خىىتاب!
گەپلىىرڭىز بەكمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ!
بەك كۆڭۈللۈك بولغاندەك تۇرىدۇ،ھەي بىزمۇ قاچان؟؟؟؟؟؟؟

Atlan
قىزبالىنىڭ  بايلىقى-ئۇنىڭ نۇمۇسىدۇر!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 00:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [28 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق malika707

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1152
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3847
UID نۇمۇرى : 18048
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1014
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1014دانە
شۆھرەت: 966 نۇمۇر
پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

بۇنداق ئەھىميەتىلىك بايىرام ئۆتكۈزمەكىمۇ تەس جۇمۇ .  بۇلار ئۈچۈن مەن شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كەتتىم .

Atlan
يۈرۈكۈمدە بىر ئوت بار ،ئۇ ئوت سەن ئۈچۈن كۈيىدۇ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 01:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [29 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:13
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation