ئامېرىكا سادام ھۈسەيىنگە ئۇۋال قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 19- مارت تېلېگراممىسى : بۈگۈن ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغانغا بەش يىل بولدى ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۈڭى سادام ھۈسەيىننىڭ « بازا» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقى دەلىللىدى . ماھىيەتتە بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سادام ھۈسەيىنگە ئۇۋال قىلغانلىقىنى ېتىراپ قىلغانلىقى بىلەن باراۋەر . كوسوۋو بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېلگراد . 19- مارت تېلېگراممىسى : كوسوۋو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى يېقىندا جۇڭگونىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەندە
مۇنداق دېدى : كوسوۋو جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ . تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ، دەپ قارايدۇ ھەمدە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ . كوسوۋو ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر ئۆلكىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ . شۇنداقلا تەيۋەننىڭ « ئېتىراپ قىلىش » ىغا قىزىقمايدۇ . كوسوۋو تەيۋەن بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسى ياكى بېرىش - كېلىش قىلىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدى . ھېلارى : ئىراق ئۇرۇشى 100 يىل داۋام قىلىشى مۇمكىن ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 19- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۈڭ نامزاتى ھېلارى تۈنۈگۈن ئىراق ئۇرۇشى ھەققىدە يەنە توختىلىپ مۇنداق دېدى : بۇ ئۇرۇش 100 يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن !
ھېلارى يەنە مۇنداق دېدى : شۇنىڭغا ئىشىڭلاركى ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئۇرۇشىغا مەغلەپ بولغانلىق ئەمەس ، بەلكى قوشۇننى ئىراقتا 100 يىل تۇرغۇزۇش مەغلۇپ بولغانلىق . بۇ خىل مەغلۇبىيەت ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قاتماللاشتۇرۇپ ئىناۋىتىمىزنى تۆكىدۇ ، بايلىقىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ . شۇڭا مەن زۇڭتۈڭ بولۇپ قالسام ، ئىراقتىكى ئەسكەرلەرنى 60 كۈنگە قالماي چېكىندۈرمەن . بۇش : سادام ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئەڭ تورا تاللاش ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون 19- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بۇش بۈگۈن مۇنداق دېدى : ئىراق ئۇرۇشىدا ئامېرىكا نۇرغۇن ئادىمىدىن ئايلىدى ، نۇرغۇن بايلىقىنى خاراپ قىلدى ، بىراق ھازىر ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرسەك ، « بازا » تەشكىلاتى ئامېرىكىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشقا لازىملىق قىرغىنچىلىقى زور قوراللارغا ئىگە بولۇۋالىدۇ .
بۇش يەنە مۇنداق دېدى : ئىراق ئۇرۇشى 5- يىلغا قەدەم قويدى ، كىشىلەر بۇ ئۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇن بەس - مۇنازىرىلەردە بولدى . مېنىڭچە ، سادام ھاكىمىيىتىنى ھەمدە يېڭىشى كېرەك بولغان ئۇرۇش . كاسترو : ئامېكرىكا قېرىنداشلارنى ئۆز ئارا « قىرغىن » قىلىشقا كۈشكۈرتىۋاتىدۇ ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ھاۋانا ، 19 - مارت تېلېگراممىسى : كۇبانىڭ سابىق رەھبىرى كاستور تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رايسنى : لاتىن ئامېرىكىسىدىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئارا « قىرغىن » قىلىشقا كۈشكۈرتىۋاتىدۇ ، دەپ ئەيىبلىدى .
ئۇ مۇنداق دېدى : ئىراقتا 1 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم ئۆلدى ، ئامېرىكا ئەمدى دېموكراتىيىسى بىلەن ئىمپېرىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، 500 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىسى بار لاتېن ئامېرىكىسىدا قىرغىنچىلىق قىلماقچى .كانادا كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ئوتتاۋا ، 19 - مارت تېلېگراممىسى : كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىنېيې تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : كانادانىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرى ، غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى ، شۇڭا كانادا بۈگۈندىن باشلاپ كوسوۋونى « يېڭى بىر دۆلەت » دەپ بىلىدۇ
سىربىيىنىڭ كانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باتاكوۋىچ شۇ كۈنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : سىربىيە ھۆكۈمىتى كانادا ھۆكۈمىتىگە رەسمىي نارازىلىق بىلدۈردى ، شۇنداقلا مېنى ۋاقتىنچە بېلگرادقا قايتىشقا بۇيرىدى .ئامېرىكا « ئەل شاباب» نى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 19- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن سۇمالىدىكى رادىكال تەشكىلات __ « ئەل شاباب» نى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى .
جاكارنامىدە مۇنداق دېيىلدى : « ئەل شاباب» زوراۋان قەبىھ رادىكال تەشكىلات ، ئۇنىڭ ئەزالىرى « 11- سېنتەبىر ۋەقەسى » نى پەيدا قىلغان « بازا » تەشكىلاتىغا خىزمەت قىلغان . بۇ تەشكىلات سۇمالىدا ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان .
ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ، تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مال - مۈلكى تڭلىتىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى سودا پائالىيەتلىرى چەكلىنىدۇ .لىندى : ئاخبارات ۋاستىلىر چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 19- مارت تېلېگراممىسى : ئىراقتىكى ئەبۇ غېرىب تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن مەھبۇسلارنى خورلاش ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق پىرسۇناژى ، ئامېرىكىنىڭ ئايال ئەسكىرى لىندى ئىنگلاند تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : مەھبۇسلارنىڭ خولانغانلىقىنى ئەكىس ئەتكەن سۈرەتلەردە بارلىقىمدىن ھېلىمۇ پۇشايمان قىلىمەن . بىراق بۇ سۈرەت ئىراقتىكى ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەرنىڭ خورىكىنى يوغىنىتىۋەتتى .
ئۇ مۇنداق دېدى : ئاشۇ سۈتەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قارشى ھۇجۇم قىلىدىغان بولۇۋالدى . ئەگەر ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ سۈرەتلەنرى كۈچەپ تەشۋىق قىلمىغان بولسا ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلمەيتتى . مەنبە : ئۈرۈمچى 20 - مارت گېزىتى