«ئانا يۇرت»رۇمانىنىڭ خاتىمە قىسىمى.
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ » «ئانا يۇرت»رۇمانىنىڭ خاتىمە قىسىمى.

بۇ بەتتىكى تېما: «ئانا يۇرت»رۇمانىنىڭ خاتىمە قىسىمى. پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 465 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

«ئانا يۇرت»رۇمانىنىڭ خاتىمە قىسىمى.

خاتىمە

1949-يىل 22-ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى سەھەر تۇرۇپ ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ ، كوچىغا سۇ چاچتى ۋە قايتىپ كىرىپ يۇيۇندى - دە ، كۈلرەڭ كاستۇم-بۇرۇلكا ، گۈللۈك مانچىستىر دوپپىسىنى كىيدى . قىبلىگە قارىغان دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا يېپيىڭى سوۋىت ماشىنىسى توختىدى .
_ ئاخمات ، تەييارمۇ سەن ؟ _ دېدى ئىسھاقبېك ماشىنىدىن كۈلۈپ چۈشۈپ . ئابباسۇفمۇ بىللە چۈشتى . ئۇ بىر ئاز خاپا ئىدى . سەۋەبى ، ئۇنىڭ مىڭ بىر جاپادا قۇرۇپ چىققان «خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى»تارقىتىۋىتىلگەن ، 1948-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭدا تىنچلىق ، خەلىقچىللىقنى ھېمايە قىلىش ئىتىپاقى»قۇرۇلغاندا ، ئۇ رەھبەرلىك ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەنىدى . بۇ ئىشلارغا ئۇنىڭ نارازىلىقى بار ئىدى .
ئىتتىپاق بىر يىل ئىچىدە راۋاجلاندى . ئۇ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى . ھازىر ئۇنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئىككى يۈز سەكسەن ئالتە شۆبىسى ، ئەللىك مىڭدىن كۆپرەك ئەزاسى بار . ئۇيغۇر ، قازاق ، مۇڭغۇل ، قىرغىز ، شىبە ، ئۆزبېك ، تاتار ، رۇس ، خۇيزۇ ، تاجىك ، داغۇر مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى ، مۇئاۋىن رەئىسى مۇشۇ ئىسھاقبېك ئىدى . ئابباسۇف مۇسكىۋا ئارقىلىق غۇلجىغا كەلگەن پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈەنگە بۇ ئىشلارنى تولۇق ئېيتتى . دېڭ لىچۈەن :
_ 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلەھەت كېڭىشىگە ۋەكىل بۇلۇپ كىتىۋاتىسىز . ھەممە ئىش ھەل بۇلىدۇ ، ھەممىمىز ئالغا قارايلى ، يولداش ئابباسۇف ! _ دەپ جاۋاب بەردى .
ئەخمەتجان قاسىمى قىزى ئادالەتنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى . ئۇ قەپەستە بېقىلىۋاتقان ئېيىقنى چىقاردى -دە ، قىزىنى مىندۈرۈپ ئويناتتى ، ماھىنۇر خانىم _ چاچلىرىنى ئىككى تال ئۆرۈپ ، كۈلرەڭ كاستۇم ، قارا يوپكا كىيگەن چىرايلىق ئايال ئۇماق ئوغلى ئادىلجاننى كۆتۈرۈپ ، قىزى بىلەن دادىسىنىڭ خۇشاللىقىدىن لەززەتلەنمەكتە ئىدى .
ھايات توقۇنۇشلىرى بىلەن لەززەتلىك . تېخى بۈگۈنلا بۇ كىشىنىڭ زوقى كىلىدىغان ئائىلە تارىخىدا كىچىككىنە قارا بۇلۇت پەيدا بولغانىدى .
_ بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ؟ _ دىگەنىدى ئەخمەتجان قاسىمى ئايالىنىڭ يىپەك رەخىتتىن بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە كۆڭلەك تىكتۈرىۋالغىنىغا خاپا بۇلۇپ ، _ ئۆزىڭىزنى خانىش ھىسابلامسىز يە ؟ خەلق نىمە كويدا ، سىز نىمە كويدا . بىز ئاشۇ تېخىچە قەد كۈتۈرەلمەيۋاتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىرى . ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇنى ئۇنتۇماڭ !
_ باشقىلارمۇ كىيىدىكەنغۇ ! ماھىنۇر كۆزىگە ياش ئالدى .
_ باشقىلار دىگىنىڭىز كىم ؟ بىچارە دېھقان ئايالىمۇ ، نامرات ئىشچى ئايالمۇ ؟ ياق . سىز دىگەن باشقىلار شەھەر بايلىرىنىڭ خېنىملىرى . ئۇلار بىلەن تەڭ بولماقچىمۇ سىز ؟
ماھىنۇرنىڭ كۆزلىرىدە غىلىلدىغان ياش ئەخمەتجاننىڭ قەلبىنى يۇمشاتتى .
_ ئەپۇ قىلىڭ ، ماھىنۇر ، قاتتىق كەتتىم ! _ دىدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن ئانىنىڭ قۇلىدىن ئوغلىنى ئېلىپ سۈيۈپ تۇرۇپ ، _ بالىنى قورقۇتۇپ قويدۇم .
كىچىككىنە تۇرۇپ خەت يېزىش ، ھېسابات چىقىرىشقا كىرىشكەن قىزى ئادالەت دادىسىنىڭ پۇتلىرىغا يۈلىنىپ ئەركىلىدى :
_ دادا ، ئەمدى ئۇيۇنچۇق دەپ يىغلىمايمەن  !
«ئويۇنچۇق» ۋەقەسىمۇ بۇ ئائىلە تارىخىدىكى قىزىق بىر خاتىرە . ئەخماتجان ئەپەندىم قىزىغا تۆت دانە ئويۇنچۇق ئەكىلىپ بەردى . ماھىنۇر ئويۇنچۇقنىڭ ئىككىسىنى ئېلىپ قۇيۇپ ، ئىككىسىنى قىزىغا بىرىۋىدى ، قىزى ھەممىنى ئوينايمەن دەپ قەغىشلىك قىلىپ يىغلىدى . ئەخمەتجان ئەپەندىم :
_ بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ؟ _ دەپ ۋارقىرىدى خاپا بۇلۇپ ، _ بالىنى يىغلىتىش ئۈچۈن ئەكەلمىگەنىدىم بۇ ئويۇنچۇقلارنى _ ھە ؟ھەممىنى بەرسىڭىز بولمامدۇ ؟
مانا ھازىر قىزى قاقاقلاپ كۈلمەكتە ، ئېيىق ئاستا ماڭماقتا ، ئادىلجان قوللىرىنى سۇزۇپ مېڭىشقا تەمشەلمەكتە . ئائىلە خۇشاللىقى ئانا ئۈچۈن چەكسىز بەخىت  _ ماھىنۇر ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بۇلۇپ قاقاقلاپ كۈلمەكتە !
بايىلا رەپىقىسى لۈ سۇشىن ۋە كىچىككىنە ئوغۇللىرى بىلەن مۇشۇنداق كۈلۈپ تۇرۇپ خۇشلاشقان ئابدۇكېرىم ئابباسۇف بۇ كۈرۈنۈشتىن زوقلىنىپ :
_ سۈرەتكە تارتىۋالايلى ! _ دېدى .
_ خۇشاللىقلار تېخى ئالدىمىزدا ! _ دېدى ئىسھاقبېك كۈلۈپ .
ئىلى ، ئالتاي ، تارباغاتاينىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز جان كۆيدۈرۈپ ، ئۆز خەلقىگە بەخىت يارىتىش ، ئانا يۇرتىنى باي ، ئاۋات ، مەڭگۈلۈك بەخىت بۈشۈكى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ ، خەلقى ئارىسىدا ئاجايىپ قىزىقار؛ىق ھېكايىلەرنى پەيدا قىلغان بۇ ئەل رەھبەرلىرى ئائىلە خۇشاللىقىنىڭ ھاياتتىكى ئورنىنى ياخشى چۈشىنەتتى .
ئەخمەتجان بالىلىرى بىلەن سۈيۈشۈپ خۇشلاشقاندا ئىسھاقبېك چاقچاق قىلدى :
_ ماھىنۇر قالدى ، ئاخمات ، ئۇنىمۇ سۈيۈپ قوي !
_ ھا - ھا -ھا ! ...
ئۇلار ماشىنىغا چىقىشتى . پاكىز سۈپۈرۈلۈپ ، سۇ چىچىلغان ئۈچدەرۋازا ، نوۋىگورد كوچىلىرى ئۇلارغا پايانداز بولدى .
_ مىللەتنىڭ تەقدىرىمۇ بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىگە ئوخشايدىكەن ، _ دېدى ئەخمەتجان قاسىمى بىللە ماڭغان ھەمرالىرىغا ، _ ئازادلىق ئۈچۈن نەچچە يىل قانلىق كۈرەش قىلدۇق . ئازادلىق ، باراۋەرلىك ، ئەركىنلىك دەپ نەچچە يۈز مىڭ قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ قانلىرى تۈكۈلدى . بىزنىڭ دۈشمىنىمىز باشقا بىر مىللەت ئەمەس ، ھەممىمىزنى ئىزىۋاتقان ، خورلاۋاتقان ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت . بۇ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت جۇڭگۇ زىمىنىدا يۇقۇلۇشقا ئازلا قالدى . بېيجىڭدا يېڭى بىر ھاكىمىيەت _ خەلقچىل ھاكىمىيەت ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلىۋاتىدۇ . بىز ئاشۇ ئۇلۇغ ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلىشىغا قاتنىشىمىز . خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئازادلىق ، باراۋەرلىك ، ئەركىنلىك ئارزۇلىرى ئەمدى ھەل بۇلىدىغان بولدى ...
راست ، جۇڭگۇ زىمىنىدا تاڭ يۇرۇماقتا ، يەنئەن غالىبلار سۈپىتىدە بېيجىڭغا يۆتكەلدى . جاڭ جىشى تەيۋەنگە قېچىش ئالدىدا ، شەرىقتىكى بۇ بۈيۈك تۇپراقتا ئالامشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى . جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئورنىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئىگىلىمەكچى ! بۇ زور خۇشاللىق تەنتەنىسىگە ماڭغۇچىلارنى قائىدە بۇيىچە غۇلجىدىكى بارلىق ھۆكىمەت ، ئارمىيە رەھبەرلىرى ، خەلق ۋەكىللىرى ، ئۇقۇغۇچىلار داغدۇغا بىلەن ئۇزۇتىشى كىرەك ئىدى ، لىكىن ئۇلار ئالتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى يولغا چىقتى . ماشىنىلار غۇلجىدىن ئالمۇتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى ...
1949-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسىدىن سەيپىدىن ئەزىزىنى جىددى چاقىرىتتى ۋە ھال-ئەھۋال سورىمايلا مۇسكىۋادىن كەلگەن جىددى تىلگىراممىنى ئوقۇپ بەردى : «ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۈمىكى ئولتۇرغان ئايروپىلان ئىركۇتسىكى شەھىرىدىن ئۈتۈپ ، بايقال تاغ تىزمىلىرىغا يېقىنلاشقاندا ، ھاۋا كىلىماتى ناچارلىشىپ ، بەختكە قارشى تاغقا سوقۇلۇپ كەتتى ، ئايروپىلاندىكى ئون يەتتە ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا تاپتى !»
_ يالغان ! _ دەپ ۋارقىرىۋەتتى سەيپىدىن ئەزىزى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ۋە تىلىگىراممىنى مىجىقلاپ تۇتقىنىچە ماشىنا بىلەن جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتىنىڭ مۇشۇ ۋەكىللەر ئىشى بىلەن غۇلجىغا كەلگەن مەخسۇس ۋەكىل دېڭ لىچۈەننىڭ ياتىقىغا باردى .
_ شۇم خەۋەر ! _ دىدى دىڭ لىچۈەن چۆچۈپ ،_ مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىغا دوكلات قىلىمەن !
غۇلجا ئاسمىنى ئەخمەتجان ، ئىسھاقبېك ، ئابدۇكىرىم ئابباسۇف ، دەلىلقان سۇگۇر بايۇف ، لوجىدەك چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلىرىدىن ئايرىلدى . غۇلجا ماتەم قايغۇسىدا ھۆڭگىرەپ يىغلىدى ، ئىلى دەرياسى قەھرى بىلەن ئۆركەشلىدى .
_ ئەخمەتجان سۇلتىنىم ! ئەخمەتجان سۇلتىنىم ! ... _ دەپ ۋارقىرىدى غېنى باتۇر كوچىمۇ كوچا ئات چاپتۇرۇپ ، ئۇ مائۇزىرنى سۇغۇرىۋالدى ۋە ئاسمانغا قارىتىپ شىددەت بىلەن ئوق ئۈزدى . غەزەپلىك ئوق ئاۋازى كۆكنى يېرىپ يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى ...
گويا تۈكۈلگەن قانلار پاجىئەنى مەقسەت قىلغاندەك ، ئەزىز قۇربانلار تىرىكلەرنى يانلىرىغا چىللاۋاتقاندەك ، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇدۇنيا بىلەن خوشلاشقۇسى كەلگەنىدى . لىكىن قۇيۇق ئورمانلار كەينىدىن _ كۈنچىقىشتىن ئاستا باش كۈتۈرىۋاتقان قۇياش ئىنسانلارنى ھاياتقا ، ياشاشقا _ بەخىتكە چىللىماقتا ئىدى !

مەنبە:ئانايۇرت رۇمانى

[ بۇ يازما islam~1400 تەرپىدىن 2008-03-20 11:43 دە ق ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+10(saba7911) ئۆزىگە خاس م
• Atlan
تېما تەستىقلىغۇچى : islam~1400
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-20, 03:40
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 11:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا بار sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1983
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3016
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1832
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1832دانە
شۆھرەت: 1690 نۇمۇر
پۇل: 5784 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

بۇنى يوللاپ ياخشى قىپسىز.

Atlan
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 12:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tilak0998

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 142
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 157
UID نۇمۇرى : 23376
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
شۆھرەت: 173 نۇمۇر
پۇل: 605 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ئاساسلىق يەرلىرىنى يوللاپ تۇرۇڭ،رەخمەت.

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 13:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق xakilat~kiz

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 15
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 84
UID نۇمۇرى : 26960
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 143 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

رەخمەت،مەن ئانا يۇرت رومانىنى  تولۇق ئوقۇپ چىققان،پۇرسەت بولسا يەنە بىر ئوقوپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.بۇ كىتاپنى ئوقۇمىغانلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 14:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار zahira

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 29
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 21435
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 269 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

رەھمەت. ياخشى يوللاپسىز.

Atlan
دوستسىز ئۆتمەك ئالەمدە،مسلى مۇرات كېپەندە.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 16:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار karahani

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 220
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 79
UID نۇمۇرى : 22010
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 214
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە214دانە
شۆھرەت: 214 نۇمۇر
پۇل: 770 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

توغرا بۇ كىتاپنى ئوقۇمىغانلار ئەخمەق

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 17:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار Orxan9

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 155
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 144
UID نۇمۇرى : 10152
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 155
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە155دانە
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 321 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ئىسىت تۆكۈلگەن قانلار.......................
ھەي ئەخمەتجان قاسىمىي قاتارلىق داھىلىرمىز قازاقىستانغا بارغاندا ئۇلارغا تەرجمانلىق قىلغان بىر كىنشىڭ ئەينى چاغدا سوۋىت ك گ ب نىڭ باشلىقى بىلەن داھىلىرمىز ئوتتۇرسىدا بۇلۇپ ئۆتكەن دىئالگۇلار نى ۋە كىينىكى ئۇلارنىڭ دۇچار بولغان ئاقىۋەتلەرنى ئۆز ئەسلىمىس بۇيچە يىزىپ قالدۇرغان بۇ تەرجىمان ئۆلگەندىن كىيىن بۇ كىتاپ قازاقىستاندا نەشىر قىلنىپ چىقتى.................

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 17:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-20 18:05
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation