ئۈرۈمچى تەسىراتىم ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تورداشلار ! مەن يېقىندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ كىلىپ ، كۆڭلۈم قاتتىق ئاغىرىپ يېنىپ كەلگەنىدىم ... شۇ ئىشلار تۈپەيلى ، ئۈرۈمچىگە ئىككىنچى ئاياغ باسمايمەن دەۋەتكەن ...
قۇرۇق گەپ قىلىۋىرىشنىڭ ئورنى يوق ... گەپنىڭ پوسكاللىسى يەنى ئۈرۈمچى تەسىراتىمنى سىزلەرگە ھېكايە قىلىپ بىرەي ...
مەن ئۆزۈم بۆرتالادىن بولىمەن ... كىچىگىمدىن شەھەرلەرگە بېرىپ ئويناپ كۆنمىگەچكە ، پالانى ئۈرۈمچىگە بېرىپتۇ ، پۇستانى قارامايغا بېرىپتۇ دىسە « ھە ....» دەپ ئاغزىغا قاراپ كىتەتتىمكەن ...
شۇ ۋەجىدىن ئۈرۈمچىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بەك كۈچلۈك ئىدى، ئەيتاۋۇر 2007-يىلى تەلىيىممۇ ياكى نەس باسقىنىمۇ 6- ئايلاردا كىسەل يوقلاش سەۋەبلىك شۇ يەرگە بېرىش توغرا كېلىپ قالدى . بىر تۇرۇپ خۇش بولدۇم ، بىر تۇرۇپ ئەنسىرىدىم ... ئۇ ئەنسىرىشىمنىڭمۇ تايىنى يوق دەڭلا ، شۇ قاتناشتىن مەسىلە چىقىپ قالارمۇ دەپ ...
ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالغان ۋاقتىمىزدا ئاللاھدىن ساق سالامەت بىرىپ-كىلىشىمىزنى تىلىدىم ... تەخمىنەن 5~6 سائەت يول مېڭىپ ئاخىرى بۇ ماكانغىمۇ يەتتۇق ... تۇنجى نىشانىمىز تىببى ئونۋىرسىتىت ،يەنى بىز يوقلىماقچى بولغان كىسەلنىڭ ئورنى بولدى .
ئۈرۈمچى بىزنىڭ يەرگە قارىغاندا چوڭ ، تەرەققى قىلغان بولغاشقىمۇ ، يولدا كۆرگەن كىشىلەرگە قاراپ-قاراپ كىتتەتىم ... گاھىلىرى پەرۋاسىزلا كىتىۋىرەتتى ... گاھىلىرى خۇددى يەۋەتكۈدەك ھۇمۇيۇپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كىتەتتى ...
بىمار تۇققىنىمىزنىڭ (ئۇمۇ ئۈرۈمچىلىك ئىكەن) يېنىغا كىرگەندىن كىيىن مانداق بىر مۇسۇلماننىڭ سالىمىدىن ئەسەر يوق ، ئاددىلا «ياخشىمۇسىز؟!» دىگەن سۆز بىلەنلا بىزنىڭ بىزنىڭ ھال ئېيتىپ كۆرۈشىشىمىز ، يىراق تۇققانلىرىنى كۆرگەندىن كىيىنكى ھاياجانلىق پەيىتلەر تۈگىدى ...
شۇنداق قىلىپ ، تۇققىنىمىزنىڭ ھالىنى سوراپ ، گاھى كۆزىمىزگە ياش ئېلىپ ، گاھى كۈلۈمسىرەپ بىمار تۇققىنىمىزغا بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە تىرىشاتتۇق ... بىراق ئەپسۇس ، بىزنى بۇ تۇققان قوغۇنلۇقنىڭ يۇلىدىن كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالغان چېغى ... كۆپىنچە سۆزلىرىمىزنىڭ جاۋابى باش لىڭشىتىش ، «ھە ... ياق» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قانائەتلەندى .
بىمار بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا ، ئۈچ كۈنگىچە ئۈرۈمچىدە بۇلىدىغانلىقىمىزنى ، شۇ ئۈچكۈندە شۇ كۈيۈمچان تۇققىنىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىشىپ كىسەلخانىدىن چىقتۇق ...
زالدا دادامغا :
_ مەن قايتىپ كىتەيمىكىن دەيمەن ...
_ ھە ؟! نىمە گەپ بۇ بالام ، ئابتۇبۇستىن ھازىر چۈشتۇققۇ تېخى ؟
_مەن زادىلا بۇ يەرگە كۈنەلمىدىم ، سەل بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمەن ...
_بولدى .. بولدى ، ناھايىتى ئۈچ كۈن دىدۇققۇ ... كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەيدۇ بالام ، چىداپ تۇر ...
_ ...
تۇنجى تەلىۋىم شۇنداق قىلىپ مەغلۇب بولدى ، چۈش بولغانغا يېقىن بىر ئاشخانىنى تېپىپ تاماق يەۋالغاندىن كىيىن ياتاق ئىزدىدۇق ... 2سائەت ئىزدەپ ئاران قوش كىشىلىك بىر ياتاقنى تاپتۇق .
ياتاققا كىرگەندىن كىيىن بىز ئۈچىمىز پاراڭلاشتۇق ... مەن يەنىلا بۆرتالاغا قايتىش تەلىۋىمدە چىڭ تۇردۇم . ئاخىرى ئۇنى دەپ ، بۇنى دەپ ئاتا-ئانامنى قائىل قىلىپ ، ئەتىسى ئەتىگەندە يولغا چىقىدىغان بولدۇم ...
ئەتىسى ئەتىگەندە ئانام بىمارنىڭ يېنىغا ، دادام ئىككىمىز بىكەتكە قاراپ ماڭدۇق ...
يولدا يىگەنگە بىرنەرس ئېلىش ئۈچۈن بىر تاللا ماگزىنىغا كىردىم ، ئۇ تاللا ماگزىنى خېلى چوڭ ئىكەن ... تىلىكامىرالار ئورنىتىلغان ئىكەن تېخى ...
ئالىدىغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ بۇلۇپ پىركازچىكنىڭ ئالدىغا كەلدىم . ھېچ قايسى خېرىداردىن سورىمىغان ئېغىر بىر سۇئال شۇنىڭ بىلەن مەندىن سورالدى :
_ بىر نەرسە ئوغرىلىدىڭمۇ ؟(خەنزۇ)
_ ...
شۇ يەردە چىرايىم ئاجايىپ ئۆزگۈرۈپ كەتتىكى ، دادامنىڭ بالىسىغا ئوخشىمايلا قالدىم ...
يېنىمدىكى دادامغا بىر قارىۋىتىپ ، پىركازچىكقا بىر گەپ قىلاي دىدىميۇ ، بىراق دادام ئىشارەت قىلىپ قويدى ، جىمىپ قالدىم ...
ئاخىرىدا چۈشەندۈرۈشلەر ، ھېساباتلار تۈگەيدىغان چاغدا دادام ، تۇلىمۇ تەمكىن ھالدا : «بايامقى سۆزۈڭ سەل ئېغىر كەلدى ... بۇ ئۆزۈڭنىڭ سودىسىغا پايدىسىز» دەپلا قويۇپ چىقىپ كەتتۇق ...
ھەي ...
ئۈرۈمچى نىمىدىگەن سوغۇقلۇققا تولغان ...
قىسقارتىپ ، تېخى بەزى سۆزلەرنى ، دىلىمنىڭ ئازار يىگەن چاغلىرىنى يازغۇم كەلمىدى ...
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-20 00:23 دە قا ]