بىر دەردمەن يىگىتنىڭ ھىكايىسى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ » بىر دەردمەن يىگىتنىڭ ھىكايىسى

بۇ بەتتىكى تېما: بىر دەردمەن يىگىتنىڭ ھىكايىسى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 343 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق ئادىلە

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 156
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 143
UID نۇمۇرى : 20696
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 88
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە88دانە
شۆھرەت: 231 نۇمۇر
پۇل: 193 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

بىر دەردمەن يىگىتنىڭ ھىكايىسى

بىر دەردمەن يىگىتنىڭ ھىكايىسى

ئابدۇقادىر جالالىدىن

1-تىلىفۇن ئۆزۈلگەندىن كىيىن

مەن ساڭا بوتكىدا بەرگەندە تىلىفۇن
قىزىل قۇياش
چىچەكلەرگە تۈكۈپ خۇن
مۆكۈندى قوڭۇررەڭ بىنا كەينىگە.

بوتكا
يىقىن ئىدى قزىل چىراققا
ئاپتۇبۇس ماتۇرى خىرىلداپ
نابۇت قىلدى ئاۋازىڭنى بوغۇزلاپ.
دىدىڭ:
_توي خېتىنى ئالدىم دۈشەنبە،
تىگىمەن مىنى كۆپ ساقلىغان ئەرگە،
دومبىقىم يېرىلار بەلكىم بەلكىم،بۇ شەنبە.

يېقىن بىر ئوتۇندۇقتا،
ئاق چاچلىق بىر بۇۋاي ئولتۇرۇپ يالغۇز،
بىر بۇردا بولكىنى تۇتۇپ قولىدا،
قارايتتى قىزىرىپ قاتقان قۇياشقا.
كەپتەرلەر قۇنۇپ بىلەكلىرىگە،
مۈرىسىگە
چوقۇلايتتى قىزغىنىپ ئاپئاق بولكىنى.
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چىرقىراپ كىلىپ
ئۇچۇرىۋەتتى كەپتەرلەرنى
يۈتىلىپ كەتتى بۇۋاي
ئاخىر يەنە يالغۇز قىلىپ.

زۇۋال يۈتۈپ بوۋاينى
قىزىل كۆزلىرىدىن ياغدۇرۇپ ئۇچقۇن
سۇنايلىنىپ ياتتى دوقمۇشتا.
تېلىفۇن ئۈزۈلدى.
ئۇردۇم قايتىدىن.
يۈرەك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ،
تېلىفۇنىڭ كەتكەندۇ بەلكىم ھوشىدىن.

_سىزگە ئاتىغان سۈزۈك كۆڭلۈمنى
مەڭگۈلۈك قىز پىتى ساقلىيالايمەن
بەلكىم،خىيالىمدا سىزگە چاي قۇيۇپ
پىنھان ئەقىدەمنى ئاقلىيالايمەن.

بۇ سۈزلىرىڭ
ئېكراندا ياش بولۇپ ئاقىدۇ ئاستا
لوغەتتە يوق سۈزنى تىپىۋالغاندەك
ئوقۇدۇم مەن ئۇنى بەكمۇ ئۇزاقتا.

نىكاھ دىگەن ئۇ
توي خىتىمىدۇ؟
قۇدىلار تۈزگەن توختاممىدۇ يا؟
ياكى بىرەرسىنىڭ پۇلىدىن كەلگەن
توساتتىن قوزغالغان ئىلھاممىدۇ يا؟

نىكاھ
ئاخۇنۇمنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ؟
نانمىكىن يا تۇز سۈيىگە چىلانغان؟
بىلىقمىكىن يا
ۋازىدىكى سۇغا سولانغان؟

نىكاھ
داپەندىنىڭ دېپىمىدۇ؟
چۈمۈچنىڭ سېپىمىدۇ؟
تىللا ئۆزۈكنىڭ قىپىمىدۇ؟
ياكى يىراقتىكى كۈنداش يىگىتنىڭ
ئۈن-تىنسىز يىغلىغان يىغىسىمىدۇ؟

دۈنيادا بار قۇدا بولغانلار،
بىلمەيدۇ نىكاھنىڭ ئەقىدىسىنى
دۈنيادا بار جورا بولغانلار
ئالالماس ھەقىقى نىسىۋىسىنى.

نىكاھ ئۇچراشمىسا موھەببەت بىلەن،
خالاتىق ئالدىدا بولىدۇ رىيا.
ئۆيلەر بىزەلسىمۇ ھەشەمەت بىلەن،
چىمىلدىق ئىچىدە بولمايدۇ زىيا.

ھايات قەبرىستانىدا كۆكەرگەن دەرەخ،
چەيلەنگەن ئىپپەتنىڭ قىساسكارىمەن.
خىلۋەت بىر جىلغىغا ئوخشار موھەببەت،
قەلبىمنى ياندۇرۇپ ئۆزۈم ماڭىمەن.

2-شۇ كۈنى مەن باغچىدا يالغۇز

لوندۇندا
تاماكا بەك قىممەت.
يارنىڭ كۆڭلىكىگە ئوراپ قەلبىمنى
شوراپ چەككەن بولسام ئالاتتىم لەززەت.
باغچىنىڭ ئالدىدا
بىر سىگان قىزىنى ئۇچراتتىم
Big Issueساتىمەن دەپ كەلدى ئالدىمغا
ئۈرۈمچىدە مەندىن تاماكا سورىغان
بىر ئۇيغۇر قىزىنى سالدى يادىمغا.

ئۇزاق بولدى
مۇشۇ يەردىمەن
ئۈستۈمدىن ئايرۇپىلانلار ئۆتۈپ كەتتى
بولۇتلار ئۆتۈپ كەتتى
بۇلۇتلار ئۆتۈپ كەتتى
پەسىللەر ئۆتۈپ كەتتى...
مەن يەنىلا مۇشۇ يەردىمەن.
قۇچاقتىكى بۇ بالام ئۈچۈن
ژورنال ساتىمەن،گېزىت ساتىمەن،
ياخشى كۈنلەرنى تىلىدىم ئاڭا
ياخشى كۈنلەر يوق !_دىدى ماڭا.
مەن زاماننىڭ سىرتىدا
بەخىتنىڭ سىرتىدا
ئۆينىڭ سىرتىدا
قاراڭ مۇنۇ ژورنالغا
بىر ئايال ماشىنا ئالدىدىن ئۆتۈپ
ئۆلۈۋاپتۇ كوچىدا
تۈكۈلۈپ ياغقان يامغۇر ئاستىدا.

ئەگەر بالىلارنىڭ
تەگمىسە يۈزۈمگە بۇدۇرۇق قوللىرى
بەرمىسە ئۇلار غەرەزسىز كۈلۈپ
موھەببەتنىڭ بارلىقىدىن قىلاتتىم گۇمان.
لوندۇندا ياشىدىم سۆرۈلۈپ يۈرۈپ
ئادەملەر ئالدىمدا يېيىلغان تۇمان.

جاھاندا چوڭ ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ،
ئۇندىن تاپالمايسەن ئىنسان قەدرىنى.
سۇغۇق بىر ھىجراننىڭ خۇرسىنىقلىرى
چاقنىتار ھاياتنىڭ سىرلىق ئەپتىنى.

تېلېفۇن ئۈزۈلۈپ قالدى
تاماق يىگۈل كەلمىدى
ھىچ يەرگە بارغۇم يوق
كومپىيۇتىرىم بېكار ياتىدۇ
ياتىقىمدا تور سىمى يوق
سىگان قىزىمۇ كۆرۈنمەيدۇ
لاغايلاپ يۈرگەن ئادەملەردە
ئادەملەرنىڭ ھىدى يوق.
قۇياش غايىپ بولدى
رېلىسلار قۇپقۇرۇق
كىملەرنىڭ كىيىمى يىيىلغان سۇلار؟
چەيلەپ ئۆتۈپ كەتتى ماشىنىلار
ياتىقىمغا قايتىپ بىرىپ
ئەينەكلەرنى چاققۇم بار.

مانا مەن
ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى چىكىدە
ئۆرتەنگەن دۈنيانىڭ كۈللىرىنى مالتىلاپ
يۇلتۇزلارنى يوللىرىغا ئۇزاتماقتىمەن.

ئېسىل شېئىرلارنى ئوقۇپ
ئۈستىلمىدە مەزمۇت ئولتۇرۇپ
چاقىرسام پەقەتلا كەلمىگەن شېئىر
كىلىپ مانا ئۆزلۈكىدىن
باشلىرىمنى يۇمشاق سىلىدى.

موھەببەت بىلەن شېئىر
ئۆزى كىلىدۇ توساتتىن
دەقىقىلەر تەنتەنە بىلەن
ئۆتەر بىر بىر پاراتتىن.

موھەببەت
يېنىك بىر ئۇچۇش پۈرسىتى
شېرىن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ ئۇزاقتىن
ئۇزىتار
ھەسەن ھۈسەننى كىيىپ
ناز-كەرەشمە قىلغان ئازاپقا
خالاس قىلىپ كونا ئازاپتىن.

مەن باغچىدا
باغچە لوندۇندا
لوندۇن
جۇنۇپ بولغان ئايالدەك
خامۇش ئولتۇرىدۇ زاۋالدا
ئىپپەت ئىزدىگەن ئەر
چاينالماقتا
ئىپپىتى يوق شەھەرنىڭ ئىزىقلىرىدا
يۇلتۇزلار قانلىرى ئاقىدۇ ساقىپ
يامالغان ئاسماننىڭ سۇنۇقلىرىدا.

ئويلىدىم
ئويلىدىم مىنى تاشلاپ كەتكۈچە
شاماللارغا قارىدىم
ياپراقلارنىڭ رەڭگى ئۆچكىچە
ئولتۇردۇم
ئورۇندۇقۇم_
يىڭى بىر ئۇقۇمغا كۆچكىچە
ئۇقۇملار سۈكۈتلەر تېگىگە چۆككۈچە
موھەببەت
ئاپئاق لالە شەكلىدە
ياكى
تىترىگەن چىچەك ھالىدە ئۆتكۈچە.

3-نىكاھ كۈنى

سەن مىنى تاشلىمىغاندەك
تاشلىۋەتكەن شۇ كۈنى
ياراتتىڭ مىنى كۆڭۈلدىلىدەك
شۇندىن باشلاپ
شۇنىڭدىن باشلاپ
ئەمەستۇر بۇ بېشىم ئۆزۈمنىڭكىدەك.

سۇ ئىچسەم
سۆزلەيسەن ھەسرەتلىك يازنىڭ تىلىدا
كىرىپ كىلىسەن ئۆيۈمگە
دولقۇنغا مىنگەشكەن ئۇپۇق شەكلىدە
كىتاپ ئوقۇسام
قاچىسەن ماھىيەتلىك سۆزلەر كەبى
ئارتىپ چاتقاللارغا ئاپئاق شارپاڭنى.

ئۇخلىسام
نەپەسلىرىڭنى قۇيۇپ خىرۇستال جامغا
تۆكىسەن تىنىمغا ئەندىكتۈرۈپ
ئويغانسام
ئايلىنىپ رامدىكى سۈزۈك ئەينەككە
ئولتۇرىسەن يۈرەككە قونۇپ.

سەن
توي قىلىمەن دېگەن شۇ كۈنى
بارچە مۇزىيلار قاپتۇ تاقىلىپ
ئوكسىفۇردنىڭ بىر كوچىسىدا
ئىشەنمەيمەن دېگەن ئاھاڭغا
چالار ئىسكىرۇپكا
بىر توپ
كورىيىلىك قىزلار.

بۇ كۈنى
چۆلدەرەپ قاپتۇمىش قەھۋەخانىلار
ئىشلىتىلمەپتۇمىش تەجرىبىخانىلار
ئاۋات بوپتۇ پەقەت
ئاپتاپتا ئولتۇرغان ئىبادەتخانىلار،
بۇ يىل
قانداق چۈشەنسەم بولار باھارنى؟
چىملار چىمىلدىتىپ چاقار يۈرەكنى،
بۇلۇتلار يۇيدى كۆز يىشى بىلەن
يارىم قان بىلەن يازغان تىلەكنى.

كېلىپ تارىم بويىدىن
HONDA غا ئولتۇرۇپ
قايتتىم ئوكسىفۇرىددىن
ئابلىكىم ياڭاقنىڭ ناخشىسى
ئاڭلىنىدۇ دوستۇمنىڭ قولىدىكى
ئېلېكتىرۇن لۇغەتتىن:

مۇڭداشقان ئىدۇق ئايدىڭ كىچىلەر
كەلگۈسى ھەم ئىقبال ئۈسىتىدە
ئايمۇ ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى
بىزنىڭ قىلغان گۈدەك سۈزلەرگە
يۈرەك سۈزلەرگە...

گۇيا شۇ دەمدە
خىيالىم باشقا
زەڭگەر ئاسمان قونىدۇ تاشقا
ئوخشاپ قالدى يوللار تىمساققا
ماشىنىلار تۈنەپ تۇرغان ئەرۋاھقا.
ۋاقىتلار
قۇنۇپ يول بويىدىكى چىراققا
غوژمەك- غوژمەك يانماقتا.

4-سەندە نىمىلەر قالدى

قانداق ياشاشنى بىلمەيمەن
لېكىن
باشلىشىم كىرەك
سەن تېلىفۇندا سۆيۈپ قويغان شۇ كۈنى
كۆڭلۈم توق بولۇپ
لوندۇننىڭ يامغۇرلۇق كوچىسىدا
بىر كۈن تەنھا ئايلاندىم
ئۆزۈم كۆتەرگەن يامغۇرلۇق كوچىسىدا
بىر كۈن تەنھا ئايلاندىم
ئۆزۈم كۆتەرگەن يامغۇرلۇق ئاستىدا.

ئاۋازىڭ
چوغلانماقتا رەزگى ھاۋادا
كۆزىگە ئايلىنىپ خامۇش پەسىلنىڭ.
قۇملۇقتىن تۇغۇلغان سۈرەتلىرىڭ
لەپىلدەپ تىترەڭگۈ ئېكراندا
قانىتار موھەببەتتىكى
ئالىيجاناپلىقنى
بىلىمەن
راستىنلا سۆيىسەن مىنى
لېكىن
توي خىتى ئالدىڭسەن باشقىلار بىلەن
ئالۋاڭ نىكاھ ئۈچۈن بەرسەڭ تېنىڭنى
ئېلىپ قوي مەن ئۈچۈن سۆيگۈڭنى تېرەن
توشۇيدۇ تىنىڭنى نىكاھ ھارۋىسى
قېشىڭدا يەڭگىلەر _
كارۋانلىرىڭ بار
يىگىتلەر توۋلىغان ياڭراق ناخشىغا
چۈشمىگەن باشقىچە ئارمانلىرىڭ بار.

ناۋادا شۇ كۈنى يالغان يىغلىساڭ
بىلەمسەن ،ئىشەنچىم بولىدۇ پارە.
يىغلىساڭ راسستىنلا ئەقىدەڭ ئۈچۈن
يىغلىماي ئۇ چاغدا بولامدۇ چارە!؟

ئاققۇدەك بويۇڭغا قاراپ بىر ئويلا
ساڭا شۇ ئاخشامدا نىمىلەر يەتتى؟
نائىلاج تىپىرلاپ تىترەشلىرىڭدە
نىمىلەر قالدى سەندە،نېمىلەر كەتتى؟

بۇ قىسمەت سىرىنى كۆرىسەن كىمدىن
ئەتىسى ئۈزۈڭگە قالىسەن ئوخشىماي؟
يۇيۇۋەت ئۆزۈڭنى كۆز ياشلىرىڭدا
قىسمەتلەر تېزىلىپ كېلىدۇ تالاي.

مانا مەن ئاشۇنداق ئويلىغانسىرى
ھەسەتلىك يۈرىكىمنى تۇتالماي كەتتىم.
ئىسىمدە يوق شۇ كۈنى
نەلەردە توختىدىم ،نەلەرگە يەتتىم.

شۇنداق ۋىسالمۇ بار تىگى -تەكتىدىن
ئۇخشاپ كىتەر قاباھەتلىك ھىجرانغا
ئوخشار تويمۇ سېپى سۇنغان شەمشەرگە
تېگەر بىر جان
ياكى
ئىككى
ئۈچ
جانغا
بولالمىدىم
تىترەپ كەتتىم
تاكسى توستۇم
شوپۇر دىدى:
_ئۈزۈڭگە قاراپ باق.
ئۆزۈمگە قارىغىم يوق
ماڭىمۇ ھىچكىم قارىمىغان
ھازىرچە نەپەس ئىلىپ تۇراي
ئىشىكنى ئاچتىم
ئۆيگە كىردىم
چىراق يورۇق
ئۆي قۇرۇق
ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم
مۇزىكا ئاڭلىدىم
رادىئۇ ئاڭلىدىم
ئۆي بۇلۇتلار بىلەن توشۇپ كەتتى.
قانداق ھال بۇ
ئۆيدىمۇ يالغۇر ياغسا؟!

مەنبە:«تەڭرىتاغ»ژورنىلى 2008-يىل1-سان

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+10(manggutax) ئەجىر
• 6xahar
تېما تەستىقلىغۇچى : manggutax
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-19, 15:47
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 22:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا بار karahani

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 220
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 79
UID نۇمۇرى : 22010
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 214
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە214دانە
شۆھرەت: 214 نۇمۇر
پۇل: 770 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم  ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ لوندوندىكى مۇساپىر ئىلھاملىرى ئىكەن دە

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 00:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3102
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1897
UID نۇمۇرى : 16853
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2967
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2967دانە
شۆھرەت: 3173 نۇمۇر
پۇل: 84 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 43 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

بەك ياخشى يېزىلغان شېئىركەن!

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
نامەردنىڭ ئاشنىسى بولغۇچە،
مەردنىڭ پاشنىسى بول!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 00:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kedirdan0996

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 162
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 137
UID نۇمۇرى : 24868
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 130
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە130دانە
شۆھرەت: 201 نۇمۇر
پۇل: 658 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 17 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

رەخمەت سېزگە.

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 00:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار tumar77

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 112
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 187
UID نۇمۇرى : 10623
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 106
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 243 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ئالامەت تىمىلانى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ  ھەدە
ھارمىغايسىز؟؟؟
مەنمۇ  قاچان تىمايوللامەن~!~!
بىر كۇنى يوللاپ قالامەن
بومسا سالام خەتنى خىلى ياخشىيازىمەن ~~!
چاخ چاخ

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 01:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ipnur

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 116
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 183
UID نۇمۇرى : 12662
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 79
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە79دانە
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 157 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

بۇ يازغۇچىمىزنىڭ  ھەممە ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياختۇرۇپ كۇرىمەن تىما ئىگىسىگە كۇپ تەشەككۇر ...............

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 01:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق memetjan7979

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 214
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 85
UID نۇمۇرى : 26736
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرەت: 206 نۇمۇر
پۇل: 802 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

بۇ يازغۇچىمىزنىڭ  ھەممە ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياختۇرۇپ كۇرىمەن تىما ئىگىسىگە كۇپ تەشەككۇر ...............

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
http://blog.fenbei.com/8869222
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 02:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق memetjan7979

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 214
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 85
UID نۇمۇرى : 26736
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرەت: 206 نۇمۇر
پۇل: 802 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

بولسا باشكا  نادىر  يازمىللىرىدىنمۇ يوللاپ بېرىڭ......................................

Atlan
http://blog.fenbei.com/8869222
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 02:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق memetjan7979

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 214
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 85
UID نۇمۇرى : 26736
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرەت: 206 نۇمۇر
پۇل: 802 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

رەخمەت  سىزگە

Atlan
http://blog.fenbei.com/8869222
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 02:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ulugh^ata

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 99
UID نۇمۇرى : 27130
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

يۇرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك مۇشۇنداق  ئەسەرلەرنى كۆرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلۇشمۇ بىر بەخىت...

6xahar
ئاياقنى تەتۇر كىيسىمۇ يولنى تۇز ماڭغىلى بۇلىدىغۇ؟
كۆكلە دىيارىم!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 03:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار kvraxkuqa

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 99
UID نۇمۇرى : 27124
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

مەنمۇ بۇ  شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن.ھەم بۇ شائىرغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 04:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق halqigul

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 524
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 75
UID نۇمۇرى : 8378
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 522
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە522دانە
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 662 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن ،رەھمەت ..... مەنمۇ قاچان شۇنداق بىلىم ئەھلى بولالارمەن ...ھە؟

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
[marquee] ???????? ?????? ??????? - : ????? ????? ??????? !! ???????? ?????????? !![/marquee]
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 11:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار xinjangguli

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 211
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 88
UID نۇمۇرى : 3644
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 193
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە193دانە
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 398 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ئاجايىپ!...

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
....ئامىلە.....
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 16:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-20 18:00
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation