زەھەر توغرىسىدا چۈشەنچە
زەھەر بولسا : ج خ ئورگانلىرنىڭ چەكلەپ باشقۇرۇش دائېرسىگە كىردىغان زەھەرلىك بۇيۇملار - دۆلەت قانۇن بويىچە باشقۇردىغان، ئادەمدە خۇمار پەيدا قىلدىغان خىمىيلىك دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇملارنى تۈرگە ئايرىشنىڭ دائېمىي ئۇسۇلى مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ.
1. خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلدىغان ئادەتتىكى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرلىدىغان مەست قىلىش دورىللىرى ۋە روھلاندۇرۇش دورىللىردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.ئالدىنقىسى ئاساسلىقى: ھىدىستان كەندىرى، كوكائاف، كوكايىن، ئەپيۇن، مورفىي، خرۇئىنلاردىن ئىبارەت. كىيىنكىسى ئاساسلىقى: ئېرگوتىن2، ئاتسىتات كىسلاتاسى، فىنوئامىن، باربىتال،تىچلاندۇرۇش دورىللىردىن ئىبارەت.
2. زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ كىلىش مەنبەسىگە ئاساسەن ئايرىغاندا،تەبىئي ئۆسۈملىكلەردىن چىققانلىرنى بىر تۈرگە ئايرىپ تەبىئي زەھەرلەك بۇيۇملار دىيىشكە بولىدۇ.
مەسلەن: ئەپيۇن، نەشە، كوكائاف، قاتارلىقلار. سۇنئي بىرىكتۈرگەنلىرنى بىر تۈرگە ئايرىپ ئارلاشما زەھەرلىك بۇيۇم دىيىشكە بولىدۇ قاتارلىقلار.DMTمەسلەن: مېشاتون، ئامفىيتامىن
3. دورىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە پەيدا قىلدىغان تەسىرىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا ئاساسەن، ئۇلارنى تىچلاندۇرغۇچى دورىلار، مەسلەن:خرۇئىن، باربىتال كىسلاتاسى قاتارلىقلارغا؛ زوقلاندۇرغۇچى دورىلار مەسلەن: كوكائىن،فىنمىترا زىن،قاتارلىقىلارغا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلدىغان دورىلاردىن مىسكالېن،ئېرگوتىن2،ئاتىسىتات كىسلاتاسى قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ.
زەھەرنىڭ زىيىنى.
ھازىر دۆلەتنى ئەخلاق ۋە قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلىۋاتىدۇ،جەمىيەت كۈندىن كۈنىگە قاراپ تەرەققى قىلماقتا، شۇنىڭغا ماس ھالدا پۇخرالارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىتىياجىمۇ ئىشىپ بارماقتا،دەۋىرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۇمنىڭ تىخمۇ ئەۋزەللىشىشى، تۈرلۈك قانۇن تۈزۇمنىڭ تەشۋىق قىلنىشى ۋە قانۇن بويىچە ئىجرا بولىشى، ھازىرقى تەكىتلىنىۋاتقان ئىناق ئىتىپاق جەمىيەت بەرپا قىلىشتا تۇرتكۇلۇك رول ئوينىماقتا.
دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگىشپ جەمىيەت ئامانلىقى زور دەرجىدە ياخشىلنىپ پۇخرالارنىڭ ھاياتى، مال مۇلكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقى ،ۋە كىشلىك ھوقوقى، دۆلەت قانۇن تەرپىدىن قوغدالماقتا،مۇشۇنداق ياخشى شارائىت بولسىمۇ ئاز ساندىكى بەزى بىر كىشلەر دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قانۇننى كۆزگە ئىلماي ئاخىرى جىنايى جازاغا تارتىلىپ ئۆمۇرلۇك پۇشايماننى يەپ تۈرمىلەردە ،ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىردا جازا مۇددىتى توشقىچە ۋاقىت كۈتمەكتە.........
جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ئىچىدە زەھەر ئەتكەسچىلگى بىلەن شۇغىللنىپ ،زەھەر توشوپ،زەھەر چىكىپ،زەھەر يۇشۇرۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزىدان ئاھۋاللار داۋاملىق كۆرلۇپ تۇرۇدۇ،زەھەر چەككۈچى، زەھەرنى داۋاملىق چىكىپ تۇرغاندا ئادەمدە زەھەر خۇمار بولۇپ قىلىپ زەھەر چەكمىسە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ،زەھەر چەككۇچىلەر زەھەرنى داۋاملىق چەككەندە ئادەمنىڭ فۇنكىتسىيلىك ئورگانلىرغا ئىغىر تەسىر قىلىپ، شۇ كىشىنىڭ بەدەن ئورگانىزىملىرى نىرۋا سىسىتىمسى ۋە يۇرەك ئاشقازان قان تومۇر قاتارلىق ئورۇنلىردا ئۆتكۇر باكتىريە پەيدا قىلىپ ئاخرى شۇ كىشىنى ماڭالماس، نىرۋىسى ئىشلىمەس خامۇش قىلىپ،شۇ كىشىنىڭ بەدەنلىردە ئۆتكۇر كىچىك تۆشۇكچە ھاسىل قىلىپ، شۇ كىشىنى بالدۇر ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدۇرۇدۇ،قىسقىسى زەھەر چەككۈچىلار بولسا زەھەرنى چەكمەسلسىگى، ئەگەر زەھەرنى تاشلىيامىسا ئۆزى تۇرۇشلۇق ج خ ئورگىنى بىلەن ئالاقىلشىپ ئۇلارنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا زەھەر تاشلىسا، ۋە باشقۇرغۇچى ساقچىلارغا ماسلىشىپ ياخشى تەبىيە ئالسىلا زەھەرنى چۇقۇم تاشلىغىلى بولىدۇ.
زەھەرنىڭ زىيىننى ھەممە ئادەم بىلىشى، زەھەر چەككۇچىلارنى جەمىيەت نازارەت قىلىشى، ج خ ئورگانلىرى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، شۇنداقلا زەھەرنى تۈپتىن يوقۇتۇپ، كىيىنكى ئەۋاتلارنىڭ بۇ كىسەلگە گىرىپدار بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-20 00:43 دە قا ]