ئانىنىڭ قەبرىسى
كىم خې (كورىيە)
قاتتىق قار يىغىۋاتقان بىر كۈنى ئېگىز ھەم خەتەرلىك تاغ جىلغىسىغا ياشانغان بىر ئامىرىكىلىق ئەر بىلەن بىر كورىيىلىك يىگىت كەلدى. ئۇلار توپتوغرا بىر كۈن يول ماڭغاندىن كىيىن، جىلغىدىكى بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كەلدى. قېلىن قار ئاستىدا قالغان بۇ قەبرە قارىماققا ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنەتتى. ئامىرىكىلىق كىشى يېنىدىكى يېگىتكە بۇ قەبرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
_ ئانىڭىزنىڭ قەبرىسى مۇشۇ شۇ،_ دېدى.
يىگىت ئېغىر ئۇھسىنغاندىن كىيىن ، قار ئۈستىگىلا تىزلاندى.
بۇ قەبرىگە ئۆزىنى بالىسىغا ئاتىغان ئاددىې، ئەمما ئۇلۇغ بىر ئانا دەپنە قىلىنغانىدى. بۇ ۋەقە 1952-يىلى يۈز بەرگەن. ئۇ ۋاقىتتا كورىيە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولۇپ،كورىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى. كورىيىنىڭ يۇرت- ماكاننى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ب د ت كورىيىگە بىر تۈركۈم ئەسكەر ئەۋەتكەن، ۋېلسۇن شۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ كەسكىن بىر مەيدان ئۇرۇش مۇشۇ تاغ جىلغىسىدا بولغان. بۇ قانلىق ئۇرۇش نەچچە كېچە-كۈندۈز داۋاملاشقانىدى.
ئۇرۇش ئاياغلىشىپ، قايتىش يولىدا ۋېلسون قىسىمدىن بارا-بارا يىراقلىشىپ ، ئۆزى يالغۇز باشقا بىر يولغا كىرىپ قالىدۇ، يولدا تۇيۇقسىز بىر بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. ۋېلسون يىغا چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. ئاۋاز قار دۆۋىسىنىڭ ئىچىدىن چىققاندەك قىلاتتى. ئۇ قېلىن قارنى ئىككى تەرەپكە ئىتتىرىپ ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قاراپ قېتىپ قالىدۇ. قېلىن قارنىڭ ئارىسىدا مۇزلاپ قېتىپ قالغان بىر يالىڭاچ ئايالنىڭ قۇچىقىدا بىر بوۋاق قىرقىراپ يىغلاۋاتاتتى.
ئەسلىدە بۇ ئانا پاناھلىق ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا، مۇشۇ تاغ جىلغىسىغا قاپسىلىپ قالغان. بۇ يەردە نە كەنت، نە ماگىزىن يوق، يەنە كېلىپ قاتتىق قار يېغىۋاتقاچقا ، بالىسىنى قۇقۇزۇش ئۈچۈن، ئانا ئۇچىسىدىكى ھەممە كىيىم بىلەن بالىسىنى ئوراپ، ئۇنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغانچە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانىدى. بۇ ئانا ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەن بولسىمۇ، قۇچىقىدىكى بالا تېخى ھايات ئىدى.
ۋېلسون بۇ ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن جان بەرگەنلىكىنى ، ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن سايمانلىرى بىلەن مىڭ تەستە بىر قەبرە كولاپ، ئۇ ئايالنى يەرلىكتە قويىدۇ ھەمدە بوۋاقنى قىسىمغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ ھەمدە ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، ئۇنى ئامىكىدا ئوقۇتىدۇ. ئەمدىلىكتە ۋېلسون ئەينى يىللاردىكى شۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ ، ئۇنى تاغ جىلغىسىغا باشلاپ كەلگەنىدى.
قەبرە ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان يىگىتنىڭ كۆز ياشلىرى مارجاندەك تۆكۈلۋاتاتتى. بىر ھازادىن كىيىن يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ، قەبرە ئۈستىدىكى قارلارنى ئىككى تەرەپكە دۆۋلىدى، ئەتراپتىكى قارلارنى تازلىغاندىن كىيىن ، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى سېلىپ ، بىر- بىرلەپ قەبرە ئۈستىگە ياپتى ھەمدە قەبرىنى قۇچاقلىغان ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كىيمىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويغان چاغدىكى ھالىتىنى قىياس قىلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان قالبىدە ساقلاپ يۈرگەن مۇنۇ سۆزلەرنى تەكرارلىدى:
__ ئانا، شۇنچە يىللاردىن بۇيان توڭلاپ كەتكەنسىز- ھە! مەن ھايات، سىزنىڭ مېنى ھايات قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىڭىزگە قانداق جاۋاب قايتۇرسام بولار؟
تۇرسۇنگۈل ئابلا تەرجىمىسى
مەنبە: ئامانلىق ژورنىلى 2008.3 سان