غەيرى جىنىسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ » غەيرى جىنىسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى

بۇ بەتتىكى تېما: غەيرى جىنىسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 2113 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

غەيرى جىنىسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تورداشلار ! بۇ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ «ھاياتلىق ۋە نۇمۇس» دىگەن كىتابىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر بۆلەك . شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ نى ئۇقىغاندىن كىيىن قانداق ھېسىياتتا بۇلۇشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يوللاپ باقتىم . ياقتۇرۇپ ، كۆڭۈل قويۇپ ئۇقىغايسىلەر ...

غەيرى جىنىس ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى
دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار ئەركەك ۋە چىشى ئىككى جىنىستىن يارىتىلغان . ئەركەكتە ئەركەككە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت ، چىشىدا چىشىغا خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت ناھايىتى روشەن ئايرىلغان . شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارمۇ ئەر-ئايال ئىككى جىنىستىن فىزىلۇگىيىلىك ، ئاناتومىيىلىك ۋە پىسخۇلۇگىيىلىك جەھەتتە روشەن جىنسى پەرققە ئىگە قىلىنغان . ئەرلەردە ئەرلىك تەبىئەت ناھايىتى روشەن ، ئاياللاردا ئاياللىق تەبىئەت ئىنتايىن گەۋدىلىك . بۇ بىرخىل ئومۇمىيلىق . مانا مۇشۇ ئومۇمىيلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىش تەقسىماتى جەھەتتە بولسۇن ، كىيىم-كىچەك ، زىبۇزىننەت ۋە يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتە بولسۇن ، روشەن ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن .
مىللى خاسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللى خاسلقىنى ۋە ئەركەكلىك سالاپىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىلۇگىيىلىك ۋە پىسخۇلۇگىيىلىك كۆركى بار .ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ، ئاياللىق تەبىئىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئىنتايىن نازۇك خاسلىقى بار . قەدىمكى ئەسەرلەردىكى بايانلارغا سەپ سالىدىغان بولساق ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاياللىق خاراكتىرى كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى ، ھاياسى ، دىيانىتى ، قەددى-قامىتى ، ھۆسىن-جامالى ، زىبۇزىننىتى قاتارلىقلار تەرەپتىن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا ، ئەلەرنىڭ تاشقى كۆركىگە ئىتىبار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ ، كۆپىنچە ئەرلىك خاراكتىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەقىل-پاراسىتى ، غۇرۇر-ۋىجدانى ، باتۇرلۇقى ، قەيسەرلىكى ، قەھرىمانلىقى ، ئىلىم-ھۆنەر جەھەتتىكى ئىقتىدارى ، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە كۆپرەك ئورۇن بىرىلگەن . مەسىلەن : كۆلتىكىن ئەرلىك سۈپىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : «ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا بىز چاچا سانغۇن بىلەن سوقۇشتۇق . دەسلەپتە ئۇ تارقىن چورۇننىڭ ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى ، ئۇ ئات ئۇيەردە ئۆلدى . ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا ياقىرانىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى ، ئۇ ئات ئۇيەردە ئۆلدى . ئۈچىنچى قېتىم يەگىن سىلىگ بەگنىڭ ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى ، ئۇ ئات ئۇيەردە ئۆلدى . ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دوبۇلغىسى يىپىنچىسىغا يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى . لېكىن يۈز-بېشىغا بىر تال ئوقنىمۇ تەگكۈزمىدى » (1) . بۇ بىر ئەرنىڭ باتۇرلىقىنى ، قەھرىمانلىقىنى ، قورقماس جاسارىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىرخىل خاراكتىر . ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئىپوسلىرىدىن ۋە خەلق ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نادىر نامايەندىلەردىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بەدەن قۇرۇلىشى خەلقىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپەت ئېڭى ئاساسىدا ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇنغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز . «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ ئوبرازى ھەقىقىي ئەركەكلىك قىياپەت بىلەن خەلق قەلبىدە مۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولغان : «بىركۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يۇرىدى ، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى . بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز-چىرايى كۆك ، ئاغزى چوغدەك قىزىل ، كۆزى ھال ، چاچلىرى ، قاشلىرى قارا ئىدى . ئۇ ھۆر-پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى . بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر قېتىم ئىمىپلا ، ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى . خام گۆش ، ئاش ، مەي سورىدى . تىلى چىقىشقا باشلىدى . قىرىق كۈندىن كىيىن چوڭ بولدى ، ماڭدى ، ئوينىدى . ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك ، بىلى بۆرە بىلىدەك ، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭ مۈرىسىدەك ، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى .»(2) يۇقۇرقى تەسۋىردىكى ئوغۇزخان ئەگەر ھازىرقى خەلقئارا بەدەن گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇنبەرگە چىقسا ، ئالتۇن مىدال ئېلىشىدا شۈبھە يوق .
ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تاشقى ئەرلىك سۈپىتىدىكى يەنە بىر ئۆلچەم ساقال-بۇرۇت خۇسۇسىدا ئىپادىلىنەتتى . چۈنكى ئۇيغۇرلاردا ئەرلەرنىڭ مۇھىم بىر زىننىتى ساقال-بۇرۇت دەپ قارىلىدۇ . ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئۆز تەبىئىتىگە ، ئەرلىك خاراكتىرىگە يانداشقان ھالدا قۇيۇق ساقال-بۇرۇت ئاتا قىلىنغان . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركى توغرىسىدا توختىلىپ : «ئەرلەرنىڭ ساقال-چېچى ئۇز (چىرايلىق) بولسۇن ، ئاۋازى ئەرەنچە ۋە ئۇچۇق بولسۇن ، يۈرۈش-تۇرىشى مەردانە بولسۇن ، ساقال-چاچ كىشىنىڭ ھەيۋىتىنى ، ئەرلىك سالاپىتىنى ئاشۇرىدۇ ، بۇ ھەيۋەت بىلەن ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئاشىدۇ .»دىگەن . مۇنداق تەبئى ئۆلچەمنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قەدىرلىنىشى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ فىزىلۇگىيىلىك ئالاھىدىلىكى يىتىلدۈرگەن تەبئى ئۆلچەم ئاساسىدا شەكىللەنگەن . ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئاتا قىلىنغان قۇيۇق ساقال-بۇرۇت تەبىئەتنىڭ بىزگە بىر ئەرلىك سالاپىتى ئىدى .
ھازىرقى ئەمەلىي رىئاللىقتا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەرلىك سالاھىيىتى ۋە ئەرلىك خاراكتىرىنى ئۆلچەيدىغان چۈشەنچىلىرىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىۋاتىدۇ . بۇنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپلەردىن كۆرسىتىش مۇمكىن :
بىرىنچى . جىسمانىي ساپادىكى چىكىنىش ئالامەتلىرى .
ئەرلەر ئۈچۈن جىسمانىي ساپا ئىنتايىن مۇھىم . ئۇيغۇرلاردا «ئادەمنىڭ كىچىكى بولغىچە ، ئىتنىڭ كۈچۈكى بول» دىگەن گەپ بار . ھازىر ئۇيغۇرلاردا بىرتەرەپتىن پاكار ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى . يەنە بىرى مېيىپ ئادەملەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتتى . بەدەن زەئىپلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى شۇكى ، ھازىر ئوتتۇرا ياش ئەرلىرىنىڭ قورسىقى خۇددى توققۇز ئايلىق قورساق كۆتۈرگەن ئانىلارنىڭكىدەك تومپىيىپ چىققان . بەزىلەر چىرايلىق ئەرلىك سالاپىتىنى يۇقىتىپ ، خۇددى بىر پارچە پور كۆتەككە ئايلىنىپ قالغان . بۇ ئىشنىڭ بىر تەرىپى . ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى ، ئەرلەر ئۆزىدىكى مۇشۇنداق نورمالسىز فىزىلوگىيىلىك ھالەتتىن پەخىرلىنىپ ، ئۇنى باياشادلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ ، كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىدىغان بىر كۇزۇر قىلىۋالغان . بۇ خىل دىققەت قىلمايدىغان ، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ، ھۇرۇن ، بىكار تەلەپ كىشىلەر خەتەرلىك كىسەللىكلەر ئانىسى . شۇڭا ، ئۇ خىل بىنورمال بەدەن قۇرۇلىشىمىز بىزنىڭ زەئىپلىكىمىزنى ، كىسەللىكلىرىمىزنى ، پالاكەتلىكىمىزنى ، يارىماسلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ . چۈنكى نورمالسىز ، كىلەڭسىز بەدەن تۇرمۇش ، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە پەقەت بىزگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرىدۇ ، خالاس .
ئەرلەردىكى غەيرى جىنسى ياتلىشىش توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتقا تۇتقان مۇئامىلە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ گەپ قىلىش زۆرۈر . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھىېس قىلىش مۇمكىن . ھازىرقى ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال-بۇرۇتنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن خاتا چۈشىنىدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى . بىرى ، ساقال بۇرۇتنى پەقەت سەھرالىقلارغا ۋە قارىي ، ئىماملارغا خاس ئىش . ئۇ مەدەنىيەت كاتىگورىيىسىگە كىرمەيدۇ ، دەپ چۈشىنىش . يەنە بىرى ، ساقال-بۇرۇت قۇيۇشنى قېرىغانلىقنى ئاشكارىلاش دەپ قاراپ ، قېرىلىقنى يۇشۇرۇشنىڭ بىر سۈپىتىدە ساقال-بۇرۇتنى پاكىز قىرىپ يۈرۈش . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قىرانىغا يەتكەن ئەرلىرىمىزمۇ ساقال-بۇرۇتىدىن نۇمۇس قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندىمۇ - قانداق  ؟ پىشقەدەم ، يەتمىش-سەكسەن ياشلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى مۇمايلارنىڭ يۈزىدىن پەرىقلەنمەيدىغان بولدى . ئەسلىدىن ئالغاندا ساقال-بۇرۇت ئەرلەرنىڭ قېرىلىقىنى يۇشۇرۇپ ، يۈزلىرىدىكى قورۇقلارنى يېپىپ ، ھەيۋىتىنى ئاشۇراتتىغۇ ؟! تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ ئالاھىدىكىنى قانداقمۇ يۇقىتىۋەتكىلى بولسۇن . بۈگۈن قىرىۋەتسە ئەتىسى يەنە چىقىدىغان تۇرسا . مەن خېلى يىللاردىن بېرى بۇرۇت قۇيىمەن . ئۇنىڭ مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا ، دۇنيا قارىشىمغا ، گۈزەللىكىمگە ، ئەرلىك سالاپىتىمگە قىلچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن . ئەكسىچە مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن . ساقال-بۇرۇت دىگەن بىزگە نىسبەتەن بۇرنىمىزنىڭ قاڭشارلىق ، كۆزىمىزنىڭ قارا ، قاپاقلىرىمىزنىڭ قاتلاق ، چاچلىرىمىزنىڭ قوڭۇر ۋە قارا يارىتىلغانلىقىغا ئوخشاش تەبىئەتنىڭ بىر ئىلتىپاتى . ئەخمەق نادانلار شۇنى ھىس قىلىشى كىرەككى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىدىن تۇغما تەبىئىتى يەتتە ياشقا توشقاندا سۈننەت قىلىنىدۇ . ئەمدى كىلىپ ساقال بۇرۇتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قىرىپ سۈننەت قىلىش قايسى مەزھەپتە باركى ؟

(1)«كۆلتىگىن مەڭگۈ تىشى» ، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى» ، 86-بەت .
(2)«ئوغۇزنامە» ، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى ، 90-بەت .

داۋامى بار

[ بۇ يازما ajdad تەرپىدىن 2008-03-19 12:50 دە قايتا ]

6xahar
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-19, 03:34
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 11:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق mehriban

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 144
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 155
UID نۇمۇرى : 6540
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 120
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە120دانە
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 285 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ھازىر تىلىۋۇزورلاردا پىشقەدەملىرىمىزنىڭ توھپىسى ،ئىجادىيىتى ،شانلىق سەھپىسى دەپ تۇنۇشتۇرۋاتىدۇ، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدى70 ،80 ياش ،كەينى 60 نەچچە ياشلىق تۆھپىكارلىرىمىز .ئەپسۇزلىنارلىقى  تۆھپىكار ئاتىلىمىزنىڭ  بېشىدا  بادام دومپىلىرىمىز (باشقا دوپپا بولسىمۇ بولىدۇ)،توھپىكار ئانىلىرمىز نىڭ بېشىدا ئىككىلىك رومالدىن ئەسەرمۇ يوق ،رومال  دوپپىلار  ئۇلارنىڭ توھپىسىنى يېپىۋېلىپ كۆرسەتمەسلىكىدىن قورقامدىكىن  چالا ئاقىرىپ كەتكەن باشلىرىنى چۈمۈچتەك چىقىرىپ ئولتاسىمۇ سەت كۆرىنىدىكەن . يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك ،ساقال بۇرۇت قويۇش ،دوپپا كېيىش ، رومال ئارتىش بىر قىسىم ئادەملىرىمىزنىڭ ئەمەس پۇتكۇل ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسى .

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 12:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1983
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3016
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1832
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1832دانە
شۆھرەت: 1690 نۇمۇر
پۇل: 5784 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ئەھمىيەتلىك تېما،ئويلىنىشقا تېگىشلىك.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 12:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

داۋامى
ئىككىنچى ، ئەرلەرنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ ؟
ھازىر بىرقىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر خىل غەيرى جىنسىي ياتلىشىشقا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىمەنە «مەدەنىيلىشىش»خاھىشى باش كۈتۈرىۋاتىدۇ . بۇنىڭ ئىپادىلىرى شۇكى ، بىز بەزى ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ئارىسىدا بويۇنلىرىدا زەنجىر ، قوللىرىدا ئۈزۈك ، بەزىلەرنىڭ بىلىكىدە بىلەيزۈك تاقىغان غەيرىي مەدەنىي ياشلارنى ئۇچرىتىمىز . بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن  ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت . بىرى زامان تەرەققى قىلدى ، پۇل بولسا زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى تاقىغاننىڭ نىمە يامىنى ، ئۇمۇ بىرخىل مەدەنىيەت ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسى ، دەپ قاراش . يەنە بىرى «ئۇچامدا ئىشتان يوق ، ئېتىم مارجان بۈۋى» دەپ ئەرلىك خۇسۇسىيەت ، ئەرلىك قەددى-قامەت ، ئەرلىك ئالاھىدىلىكنى يۇقىتىش نىمىدىگەن قىلىقسىزلىق ، ئاياللار ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىققۇ بۇ ، دەپ تەنقىدلەش . مىنىڭچە ئىككىنچى خىل پىكىردىكى كىشىلەرنى مۇتەئەسسىپلىك قىلدى ، دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلمى ئاساسىمۇ ، مىللى ئەنئەنە ئاساسىمۇ بار . مۇقەددەس كىتابلاردا «ئەرلەردەك بۇلىۋالغان ئاياللارغا ، ئاياللاردەك بۇلىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت»دىيىلگەن . بۇ ئەر ئەر بولسۇن ، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلىسۇن ، ئايال ئايال بولسۇن ، ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلىسۇن دىگەن تەلەپ ئىدى . ئەگەر بۇنى مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزىرىدىن قارايدىغان بولسا ، تەرەققىيات ، مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن  ، ئەرلىك سالاۋىيەتتىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەمەس . ئەگەر پۇل بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنى ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن ، ئەرلىك سۈپەتتىن قول ئۈزدۈرۈپ ، ئالتۇن جابدۇقلار بىلەن ئۆزىنى بىزەشكە مەجبۇر قىلىدىغان بولسا ، بۇ زادى قانداق پىسخىك تەقەززالىقنىڭ كۈچىدۇ ؟ مەن زىبۇزىننەت بىلەن ئۆزىنى پەردازلىۋالغان «ئەركەك»لەرنىڭ پىسخىكىسى ، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئىگىلەپ باقتىم . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازراق پۇل تاپقان ، چەللىدە ئات چېپىۋاتقان نادان ، ئىلىپنىڭ سۇنىقىنى بىلمەيدىغان بايچاقلار ئىكەن . ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇلدارلىقىنى ۋىۋىسكا بىلەن ياكى پۇللىرىنى مەيدىسىگە چاپلاپ ياكى ئېسىپ نامايىش قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ، زىبۇزىننەتلىرى ئارقىلىق ، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىكەن . يەنىمۇ مۇھىم تەرەپ شۇكى ، بۇ خىل ئادەتنى مەدەنىيلىك نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئاساسىمىز يوق . چۈنكى پۇل ھىچقاچان مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ بەلگىسى بولغان ئەمەس . پۇل پەقەت مەدەنىيەتلىك بۇلۇش ئۈچۈن ۋاستە بۇلۇش رولىنى ئوينايدۇ . شۇڭا ، كىلسسىكلىرىمىز پۇل-بايلىقلا بۇلۇپ ، بىلىمى ، مەدەنىيەت ساپاسى يوق كىشىلەرنى «بىرخۇرجۇن ئالتۇن ئارتىلغان ئىشەك»دەپ سۈپەتلىگەن . زىبۇزىننەتلەرنىڭ مەنسۇبىتىدىن قارىغاندىمۇ ، ئالتۇن ، زىبۇزىننەتلەر ئاياللارنىڭ نازۇك بەدەنلىرىگە ، ئۇلارنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ، ئۇلارنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىدى . ئەرلەرنىڭ يۇڭلۇق بەدەنلىرى ، ئارىدەك قوللىرى ، تارىشىدەك بىلەكلىرى نازۇك ھالقا ، ئۈزۈك ، زەنجىر ، بىلەيزۈكلەرنى تاقاشقا قانداقمۇ مۇناسىپ كەلسۇن ؟
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى مۇساپىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەرلىك سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدىغان بىرمۇنچە ئادەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىشلەچىقىرىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بىلىگە پوتا باغلاش ، پىچاق ئېسىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەرلەرگە خاس ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن . بىز ھازىر بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلىگە پۇتا باغلىسا ، پىچاق ئاسسا بۇلاتتى دىمەكچى ئەمەسمىز ، بىراق بىلىگە پۇتا ، پىچاق ئېسىشنىڭ ئورنىنى بوينىغا زەنجىر ، قۇلىغا ئۈزۈك سېلىش ئىگىلىگەن . بىز بۇ نەرسىلەر بىلەن تۇرمۇشتىكى قايسى بىر ئىشنى ئەرلەر بىجىرىش ئۈچۈن پايدىلىنارمىز . پەقەت ھاياتىمىزنى خەتەر ئىچىگە قۇيۇشنىڭ بىر كۈلكىسى بۇلۇش رولىنى ئوينار . ئۇيغۇرلارنىڭ بەلۋىغى بىلەن پىچىقى تۇرمۇش ئېھتىياجى ، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەرقاچان زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ئىدى . ھەتتا بەلۋاغ سىمۋۇللۇق ھالدا ئەرلەرنىڭ ئىرادىسىگە ، ئىشەنچىسىگە ، جۈرئىتىگە ، باتۇرلىقىغا ئىشارە قىلىناتتى ، ئالتۇن جابدۇقلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ نىمىسىگە سىمۋۇل قىلىنار ؟
ئەي ، ئۆزىنى ئەركەك دەپ سانايدىغان ئۇيغۇر ئوغۇللىرى ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار ! بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت چەتئەل ئەمەس . بىز مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ، ئۆز خەلقىمىزنىڭ يوللۇق قائىدە-يۇسۇنلىرىغا ، تۇرمۇش مىزانىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، ئۆز ئەھۋالىمىز بىلەن ئوبدان ھېسابلىشىپ كۆرۈپ ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ئۆلچەم تارازىسىغا سېلىپ تۇرىشىمىز لازىم . قەلبىمىز قۇرۇق ، ساۋاتسىز ، مەدەنىيەتسىز تۇرۇپ ، تېرە-گۆشلىرىمىزنى يېزىۋالغانلىقىمىز بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىزنى ، مەدەنىيلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ . بۇنى ئاتا بۇۋىلىرىمىز «بۇياقلىق ھەيكەل»اەپ ئاتىغان . بۇ خىل ياتلىشىشتىن نۇمۇس قىلىش كىرەك .
بىر پەيلاسوپتىن ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرىقلەندۈرىدىغان شەكلەن پەرق توغرىسىدا سورىغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن : بىرى ، ھايۋاننىڭ يىمىكىنىڭ نامخالسى بولمايدۇ ، نىمە ئالدىغا كەلسە يەۋىرىدۇ . ئادەم بولسا ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان نەرسىلەرنى يەيدۇ . ئىككىنچى ، ھايۋانلارنىڭ مۇقىم ئوتۇراق ۋەتىنى بولمايدۇ ، قەيەردە ياشاشقا توغرا كەلسە ياشاۋىرىدۇ ، ئىنسانلارنىڭ بولسا ئۆز ۋەتىنى ، يۇرتى بۇلىدۇ ، ئۇلار ۋەتىنى ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلىدۇ . ئۈچىنچى ، ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىنى بىر قارىماققا پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ ، بىراق ئادەمنىڭ ئەر-ئاياللىق پەرقى ناھايىتى روشەن زاھىر بۇلۇپ تۇرىدۇ .
دىمەكچى ، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي پەرق جەمئىيەتتىكى مۇھىم قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى ، ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى ، گەرچە تاشقى ئىپادە جەھەتتىكى غەيرىي ئۆزگىرىش ماھىيەتلىك پەرىقنى ئۆزگەرتىۋىتەلمىسىمۇ ، لىكىن مۇئەييەن نۇقتىدا غەيرى جىنسىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . شەكلەن ئۆزگىرىش بارا-بارا مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بۇلۇپ قالىدۇ . مەلۇم مەنىدە شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش مەزمۇننىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئەمەسمۇ ؟
تۈگىدى .

6xahar
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 12:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق GULEMXIWA

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 292
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 7
UID نۇمۇرى : 15315
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 281
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە281دانە
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 523 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

Re:غەيرى جىنىس ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى

ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئويلنىشىنى قوزغايدىغان مەسىلە بۇ ، مەنمۇ خېلى  ۋاقىتتىن بىرى جەمىيەتتىكى مۇشۇ ھادىسىگە دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ، غەزىپىمنى قوزغايدىغىنى ، ، كىچىكلەرگە  ، ئاياللارغا پەخىرلىنىش  تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان ئەركەكلەرنىڭ جىسمانى سالاپىتى ۋە  پىسخىك ساپاسىنىڭ ئۇمۇمى خاراكتىرلىك چىكىنىۋاتقاننى ئاز دەپ يېڭىدىن يتىشىۋاتقان « ئەركەكسىمان »ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلەشتۇرىدۇ ، مەن بۇ ھەقتە ئازراق تەكشۇرۇش -تەھلىل ئېلىپ بىرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ، ۋاقتى كەلگەندە بۇ توغرىسىدا تېما  يوللايمەن  ، مىنىڭچە مەن ھىس قىلغان نوقتا بىلەن ajdad ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ناھايتى زىچ مۇناسىۋىتى بار .....
بىزدە جەمئىيەتتىكى ناچار قىلمىش ناچار خاھىشلارنى ، ئۆزىمىزدىكى بولمىغۇر قىلىقلارنى ئوڭشاشقا سەنئەت سېپىدىكى تىلى ئۆتكۈر شەخسلىرىمىزدىن باشقا  ئەمەلىي كۈچ چىقىرالايدىغان بىرەر ئىجتىمائي كۈچ يوق ، بارلىق تاپتىن چىققان قىلمىشلار  يا كىشىنىڭ كۆزىدىن خالى  جايلاردا شەرمەندىلەرچە  سادىر بولىدۇ ياكى جىنايەت سۈپىتىدە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ  ، ئىشنىڭ ئۇ دەرىجىدە يامانشىپ بېرىۋىرىشى جەمىيەتتە زەنجىرسىمان  تەكرارلىنىشنى ۋە ئەۋلاتلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلۈك بۇزۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  ، شۇڭا مەن دەيمەن :  كىشىنىڭ كۆزى كۆرسە ، قۇلىقى ئاڭلىسا  سەسكىنىش ، غەشلىك ، غەزەپ تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان ، جىنايەت ئۆلچىمىگە توشمىسىمۇ ، ئەخلاقسىزلىق قېلىپىدىن پىلىقشىپ  تېشىپ كىتىۋاتقان قىلمىشلارنى كىم نەدە كۆرسە شۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ، قارشىلىق كەيپىياتىنى دادىل بىلدۇرۇش كىېرەك !    جەمىيەتكە « مەنمۇ مۇشۇ جەمىئيەتنىڭ ئەزاسىغۇ » دىگەن مەيداندا تۇرۇپ مەسئۇل بۇلۇشنى بىلىش كېرەك ، بۇ نوقتىدا بىزلەردىكى 10 ئادەمنىڭ 5ى تىللايدىغان يەھۇدىلارنىڭ قارىشى ناھايتىمۇ رۆشەن ، بىرەيلەن جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالدىمۇ بولدى، يەھۇدىلار « بىز ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن بولساق ، مۇشۇ ئىش بولمايتتى » دەپ گۇناھنى ئۆزلىرىگە ئالىدىكەن  ۋە ئازاپ ھىس قىلىشىدىكەن  ،ئۇنىڭغا توغرا يول كۆرسەتكەندىن كىيىن تۆۋە قىلسا ، ئۆزگەرسە ئاندىن  ئۆز توپىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدىكەن ، ئەگەر گۇناھ  قىلغۇچى ياكى جىنايەت  ئۆتكۈگۈچى يەنىلا ھوشىنى تاپمىسا ئۇ ئادەمنى شۇ مەھەللە ، شۇ شەھەر ، شۇ دۆلەتتىن  قوغلاپ چىقىرىدىكەن ، يەھۇدىلار ئۆزلىرىنى ئاشۇنداق تازىلاپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ ئادەم بۇلۇش مىزانى 6000 يىلدىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىدا  باشقا مىللەتلەردە كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە پىشىپ مۈكەممەللەشكەن  ، ئەگەر بىزدىكى  مۇشۇ دەۋىردىكى ئەخلاقى  چىكىنىش  ،بىر-بىرىمىزگە  بولغان تاشلىشىش ، مەسئۇلىيەتسىزلىكنى ئەشۇلارنى  ئۆلچىمىگە سېلىپ تارتىپ باقىدىغان بولسا ئۇلار بىزنى « سۈپىرىۋەتسىمۇ بولىدىغان خەقكەن  »دەپ  قېلىشى مۇمكىن ، لىكىن خۇدا شۈكرى بىزنىڭ ئارىمىزدا تېخى  ئۆزىنى  ، يىلتىزىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلار ھېلىھەم بار    شۇڭا  ۋاقتىدا « سۈپىرۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىنىمىز تۈزۈك .....ئۆزىنى بىلگەن خاندىن ئەلا ......................................................

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 12:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار nodar

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1620
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3379
UID نۇمۇرى : 10208
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1611
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1611دانە
شۆھرەت: 246 نۇمۇر
پۇل: 2298 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ئۇ پىشقەدەم موماي-بوۋايلىرىمىز يالىڭاچ كەلدۇق، يالىڭاچ كېتىمىز دىگەننى بەكرەك ئويلايدىغان ئوخشايدۇ، ئۆتكەندە يەكشەنبە كۈنى باللا بىلەن كېتىۋىتىپ بىر قىزنى كۆردۇقكى ۋىيى-ۋىيى. 40تال ئۆرۈلگەن چاچ، <ساناپ باقمىدىم، ئىشقىلىپ 40تال ئۆرۈلگەن دەيدۇ> ئەتلەس كۆينەك ئىسمىنى بىلمەيمەن ئىشقىلىپ يارىشىملىق دوپپا، ھەجەپ كەپتۇ،ھەجەپ كەپتۇ، يېنىمىدىكى ئاغىنەمنىڭ سېرىق چاچلىق مابىتى سەت خىجىل بوپكەتتى كۆرۈپ، تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭلارچۇ شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى. قېنى شالۋىقى بار رەسىم، قوشۇپ قوياي دىسەم

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 13:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق hatarlik

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 189
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 110
UID نۇمۇرى : 21889
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 188
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە188دانە
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
پۇل: 685 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-19

تولا گەپكەييا بۇ

6xahar
تورداشلانىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 14:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

Quote:
بۇ مەزمون 6 - قەۋەتتىكى hatarlik نىڭ 2008-03-19 14:09 دە يوللىغان يازمىسى“”:
تولا گەپكەييا بۇ

ئۇقىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ئەمسە ...

6xahar
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 15:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق @taranqi@

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 13
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 87
UID نۇمۇرى : 26952
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 146 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-19

بەك  ئەھمىيەتلىك  تىما  ئىكەن  جاپا  تارتىپسىز  ......................

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
يەنە  بىر كۈن ئۆتۆپ كەتتى ...
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 15:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق layli0317

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 13
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 86
UID نۇمۇرى : 21800
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 165 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-19

تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!!! ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما، ئۆزلىكىمىزنى،مىللى خاسلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇ خىل تېمىلارنىڭ يوللىنىشى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن، بولسا ھەممىمىز ئېرىنمەي بىر كۆرۈپ چىقساق.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 16:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kaknus.

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 183
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 116
UID نۇمۇرى : 20307
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
پۇل: 460 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ھەقىقى پايدىلىنىش قىممىتى بار  ئەسەركەن . راس  بىز ئۇيغۇر ئەرلىرنىڭ  ساقال - بۇرۇت  ، دوپپا  كىيىم - كىچەكلىرمىز  ، ئاياللىرمىزنىڭ ئۇزۇن چاچ  دوپپا ياكى ياغلىق  مىللى كىيىم - كىچەكلىرمىز شۇنداق يارشىملىق بولۇپ ئۇ  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .  دىمەكچى بولغىنىم : ئۇيغۇرلارنىڭ بولەك مىللەتتىن پەرقلىنىپ تۇردىغان بىردىن - بىر  ئالاھىدىلىكلىرمىز  « ئۇيغۇر ئۆرپە - ئادەت ۋە كىيىم - كىچەكلىرمىز » لام قالدى . بۇنى قوغدىشىمىز ۋە ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەمىلىيىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىز كىرەك ۋە ئۆز يىقىنلىرمىزگىمۇ ئۇنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن .
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 16:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق shayaroglani

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 24
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 75
UID نۇمۇرى : 25848
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 145 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ياخشى تىما يوللاپسىز.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 19:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Ay^tolun

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 448
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 151
UID نۇمۇرى : 104
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 444
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە444دانە
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
پۇل: 719 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-19

بىز راستتىنلا جىددى ئويلىنىشقا تېگىشلىك.مىللەت دەپ ئاغزىمىزدا ئەمەس،ئەمەلىيىتىمىزدە كۈچىسەك بولىدۇ.بىزگە دىمىسىمۇ دانا بىر كۆرسەتكۈچى لازىم.
تەشەككۈر، ئاپتور ئەپەندى!!
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك،چىنلىقى كۈچلۈك تىما بوپتۇ.
يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

Atlan
دۇنيا سەن،مەن ۋە ھەممىمىز بىلەن گۈزەل....!!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 20:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3102
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1897
UID نۇمۇرى : 16853
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2967
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2967دانە
شۆھرەت: 3173 نۇمۇر
پۇل: 84 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 43 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

يىگىت قىزلىرىم چوڭقۇر ئويلانغىدەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز جۇمۇ!

Atlan
نامەردنىڭ ئاشنىسى بولغۇچە،
مەردنىڭ پاشنىسى بول!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 21:26 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

Quote:
بۇ مەزمون 13 - قەۋەتتىكى karima-0997 نىڭ 2008-03-19 21:26 دە يوللىغان يازمىسى“”:
يىگىت قىزلىرىم چوڭقۇر ئويلانغىدەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز جۇمۇ!

ئىنشا ئاللاھ !

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 21:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار aklaqin

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 223
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 76
UID نۇمۇرى : 24268
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 191
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە191دانە
شۆھرەت: 196 نۇمۇر
پۇل: 904 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ،رەخمەت سىزگە ،

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 21:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق reniya

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 331
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 268
UID نۇمۇرى : 21078
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 265
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە265دانە
شۆھرەت: 265 نۇمۇر
پۇل: 895 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!!! ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما، ئۆزلىكىمىزنى،مىللى خاسلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇ خىل تېمىلارنىڭ يوللىنىشى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن، بولسا ھەممىمىز ئېرىنمەي بىر كۆرۈپ چىقساق.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 22:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tikan0997

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 22
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 77
UID نۇمۇرى : 25104
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 205 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-19

ھازىر دولەت مەمۇرىللىرنىڭ بۇرۇت قۇيۇشىنى چەكلىدى بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچى ، ساقچى ،باج، ........  ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقدىغان ئىشلار جىق بۇلۇۋاتىدۇ.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 22:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

Quote:
بۇ مەزمون 17 - قەۋەتتىكى tikan0997 نىڭ 2008-03-19 22:37 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھازىر دولەت مەمۇرىللىرنىڭ بۇرۇت قۇيۇشىنى چەكلىدى بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچى ، ساقچى ،باج، ........   ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقدىغان ئىشلار جىق بۇلۇۋاتىدۇ.

ھەي ... ساقال-بۇرۇت نىمىگە پۇتلىشار ئەمدى ...

6xahar
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 22:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

ھەراست ، ساقال-بۇرۇتقا قىزلار ناھايىتى ئۆچ دەپ ئاڭلايمەنغۇ ... ؟

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 22:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق shahyar

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 278
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 21
UID نۇمۇرى : 5510
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 238
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە238دانە
شۆھرەت: 142 نۇمۇر
پۇل: 641 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-19

مىنىڭ بۇرتۇم بار.لىكىن مەن ئوقۇتقۇچى.بىزنىڭ ناھىيىدە قويغىلى بولىدۇ.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 22:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ajdad

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 140
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 26425
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

بۇ ماقالە توختاپ قالمىسۇن ... دىيارىمغا قەدەم باسقان ھەممە قېرىندىشىمىز ئۇقۇپ چىقسۇن ...

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
ھايات _ ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 11:26 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kurban111

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 13
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 86
UID نۇمۇرى : 23245
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 140 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20

يۇقۇرقى تىمىدادىيلگەندەك ساقال .ئەرلەرنڭ ئەرلىك سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر ئەركەك ساقال قۇيۇشقا ئادەتلىنىشى كىرەك .بۇ دىنىمىزدىمۇ ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇشقا تىگىشلىك بىر سۈننەت

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 13:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-20 17:57
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation