خىش ئاتقان
ئاتا بۆرە:تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا تاماشىبنلار سوۋغا قىلغان گۈللەر بىر گۈل دۇكىنى ئېچىشىمىغا يەتكۈدەك بولغان .
تۇتىم:مەن تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا ئۆيلۈك بۇلۇپ قالغىلى تاس قالغان....
ئاتا بۆرە:پو ئاتمىغانسەن؟
تۇتىم:راسىت دەۋاتىمەن،تاماشىبىنلار بىر پارچىدىن خىش ئاتقان......
قەدىمىي چالغۇ
ئوقۇتقۇچى:قەدىمىي چالغۇدىن قايسىنى بىلىسىز؟
خارى پوتىر:ئاككاردىيوننى.
ئوقۇتقۇچى:نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟
خارى پوتىر:ئۇنىڭ قرىپ قورۇلۇپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرمىگەنمىدىڭىز؟....
سۇئال
ئوقۇتقۇچى :ئەخمەقنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئەقىللىق ئادەمنىڭ جاۋاپ بەرمىكى تەس.
تەنروھ:شۇڭا ھەر قېتىملىق ئېمتىھانىڭىزدىن ئۆتەلمەيدىكەنمەندە.....
تەرەققىيات
سېھىرلىك ئالما ئاشخانا ئاچىدىكەن ،بىر كۈنى بىر مىھمان تاماق يەۋېتىپ سېھىرلىك ئالمىنى چاقىرىپ:
-مەن بۇيرۇتقان كالا گۆشى قورۇمىسىدىن بالۇننىڭ پارچىسى چىقىۋاتىدۇ،بۇ نىمە ئىش؟-دەپ سوراپتۇ.
سىھىرلىك ئالما قىلىچە ھۇدۇقماستىن:
-ئەپەندىم،بۇ دەۋىر تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ،ئات-كالىنىڭ ئورنىنى ماشىنىلار ئىگىلىدى ئەمەسمۇ؟-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
يەنىلا ئۈچ
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى گۆدەكتىن سۇئال سوراپتۇ:
-ئۈچكە بىرنى قوشساق قانچە بولىدۇ؟
-بىلمەيمەن؟
-مەسىلەن ،ئۆيۈڭلارغا چوڭ ئاپىڭىز كەلسە شۇ كۈنى سىلەرنىڭ ئۆيدە قانچە ئادەم بولىدۇ؟
گۆدەك:
-يەنىلا ئۈچ،چۈنكى ئاپام ھەرگىز چوڭ ئاپامىنى قوندۇرۇپ قالمايدۇ.
يۇشۇرۇپ قويدۇم
بىر كۈنى ئەردەۋىل كىتابخاندىن كىتاب سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئەكەپتۇ.
ئەردەۋىل:بايا ئەكەلگەن كىتاب قېنى؟
ئايالى:نىمە كىتاب ئۇ؟
ئەردەۋىل:«ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى».
ئايالى:ھە،ئۇنى يۇشۇرۇپ قويدۇم.
ئەردەۋىل :نىمىشقا؟
ئايالى:ئاپىڭىزنى كۆرۈپ قالمسىۇن دەپ!
مىنىڭ دادام
مۇئەللىم:داداڭىز ئەمىدىلا ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىرىپتۇ،قانداقسىگە ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقا بولىدۇ؟
ئايچېچەك:ئۇ دېگەن بوۋام.
مۇئەللىم:مەن «مېنىڭ دادام»دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىشىنى تاپشۇرۇق بەرگەن تۇرسام.
ئايچېچەك:ماقالىنى دادام يازغان تۇرسا!
مىليونىر
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا «ئەگەر مەن مىليونىر بولسام »دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىشقا بۇيرۇپتۇ.ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە ماقالە يېزىشقا كىرىشپتۇ،پەقەت ئەجىرىم قەلەم تەۋرەتمەي ئولتۇرغۇدەك.
مۇئەللىم ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭىدىن:
-سىز نىمىشقا يازماي ئولتۇرسىز ؟دەپ سوراپتۇ.
-مىليونىرلار ماقالە يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمايدۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەجىرىم.
بىمار
شەيىخ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا چىش تارتقۇزغىلى كەپتۇ.نۆۋەت ئۇنىڭىغا كەلگەندە دوختۇرغا جىددىيشلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتىپتۇ،دوختۇر ئۇنىڭىغا بىر رومكا ھاراق قۇيۇپ بېرىپتۇ،شەيىخ ئۇنى بىراقلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋىتىپ:
-يەنە بىرنى،-دەپتۇ.
-بولدى،ئەمدىغۇ قورقمايدىغانسىز؟دەپتۇ دوختۇر ئۇنڭىغا.
-قورقمايمەن،كىمكەن ئۇ چىشىمغا چېقىلدىغان ؟-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ شەيىخ.
مەنبە-ماتىرياللاردىن كەرىمە تەييارلىغان.