قۇياشقا سىڭىپ كەتكەن نان
|
|
UID نۇمۇرى : 21765
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
- -ۋايجان ! ۋاي پۇتۇم....! ئات قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغانىدى.پۇتۇڭ ئادەمنىڭ بېلىدەك چوڭلۇقتىكى يېرىمى قۇم ئاستىدا قالغان قاخشال توغراققا قاتتىق تىگىپ كەتكەنلىكتىن بىر پۇتۇڭنىڭ لىپەك سۆڭىكى سۇنغان بولۇپ بېلىڭمۇ زىڭىلداپ ئاغرىپ تۇراتتى.يارىلانغان يەردىن قىپقىزىل قان سىرغىپ چىقىۋاتاتتى.كۆزۈڭگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى،پۈتۈن ئالەم زۇلمەت ئىچىدە پىقىراۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.سەن پۇتۇڭنى تۇتقىنىڭچە يۇمۇلىنىشقا باشلىدىڭ. -ۋاي بېلىم،مىنىڭ پۇتۇم... ئىسسىق،ئاچارچىلىق،ئۇسسۇزلۇققا چىداپ كىتىۋاتقاندا ئادىمىزاتسىز بۇ چۆلدە پۇتۇڭنىڭ سۇنۇشى ھەم بېلىڭنى كۆتۈرەلمەسلىگىڭ سىنى تىخىمۇ قىيناپ ئاغرىق ئازاۋى كۈچىيىشكە باشلىدى. سەن بىر ئامال قىلىپ سايە چۈشكىدەك ئەپلىك جاي ئىزدەپ ئەتراپقا قارىدىڭ. يىقىن ئەتراپتا ساڭا پاناھلانغۇدەك يەر يوق ئىدى.بىردىنلا بايامقى توغراق ئېسىڭگە كىلىپ ئۇ تەرەوكە قارىدىڭ.بىر قولىدا بايراق تۇتقان گىگانت ئادەم شۇ پېتى سەندىن 50قەدەمچە نېرىدىكى قۇم دۆڭى ئۈستىدە جىمجىتلا تۇراتتى.«ئاشۇ توغراق تۈۋىگە بېرىۋالساملا..»سەن شۇلارنى ئويلاپ ئىككى قولۇڭغا تاينىپ پۇتۇڭنى سۆرەپ ئۆمىلىدىڭ _ۋاي...ئاران بىر مىتىرمۇ ئۆمىلىمەيلا پۇتۇڭنى بىرسى باغلىۋالغاندەك قېمىر قىلالمىدىڭ. ئاغرىق مىڭەڭگە چىقىپ كەتتى.تامغاقلىرىڭ قۇرۇپ نەم دىدارى قالمىغان،قورسىغىڭ ئېچىپ كوكىراپ كەتكەن بولۇپ ،پۈتۈن بەدىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتى.لىكىن يىمەك-ئېچمىگىڭ ئاتنىڭ ئىگىرىگە تېڭىقلىق بولغاچقا كۆڭلۈك بۇزۇلدى. -بۇ ئادىمىزاتسىز دەشتى چۆلدە مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ؟دادام،نازاكەت ۋە جىمىكى نەرسىلەرنى قايتا كۆرەلمەي مۇشۇ جەزىرە قوينىغا سىڭىپ كىتەرمەنمۇ؟ ھىچ بولمىغاندايىنىمدا ئات بولسىمۇ بولغان بولسا... -ئۆلۈم،چۆل جەزىرە قوينىدىكى دەھشەتلىك ئۆلۈم،ئۇستىخانلىرىمنى تالىشىپ يەۋاتقان قاغا ،قۇزغۇن،چىل بۆرىلەر توپى...ئىسكىلتقا ئايلانغان تەن،قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغان قاخشال توغراق،،ئۇستىخانلارنى بىر بىرىدىن قىزغىنىپ تالىشىۋاتقان قاغا غۇزغۇنلار،قىزىرىپ پىشقان گىردە،سامسا،يۇمشاق ھور نان،مۇزدەك سۇ،سۈتلۈك چاي،توخۇ قورۇمىسى... خىياللىرىڭ چىگىشلىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئويلىغانسىرىڭ سېنى قورقۇنچ بېسىشقا باشلىدى.سەن ئوڭدا يىتىپ ئوتتەك ھارارەت تارقىتىۋاتقان قۇياشقا قاراىدىڭ. كۈنمۇ سىنى تىخىمۇ قىينىماقچى،سىنىماقچى بولغاندەك دەل بېشىڭنىڭ ئۈستىدىلا ئېسىلىپ تۇراتتى.سەن قولۇڭنى سايىۋەن قىلىپ قارىدىڭ،كىيىن بوشلۇققا قاراپ قولۇڭنى ئۇزاتتىڭ لىكىن ماغدۇرسىز قوللىرىڭ بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى. -ئاھ نان،نىمىشقا مەندىن قاچىسەن،يىقىنراق كەلسەڭچۇ؟ بايا تىخى بىشىمدىلا تۇراتتى...پەقەت بىرلا چىشلىۋالساممۇ مەيلىدى... ئەپسۇسكى باياملا تىخى بىشىڭغا تىگەيلا دەپ تۇرغان بوشلۇقتا ئىسىلىپ تۇرغان ئوتقاشتەك قىزىرىپ پىشقان نان ئەمدىلىكتە ئىگىزلەپ قۇياش بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كىتىۋاتاتتى،سىنى تىخىمۇ كۆيدۈرىۋاتاتتى.. كۆز ئالدىڭغا تۇيۇقسىزلا مەكتەپ ھاياتى كىلىۋالدى.ئۇ چاغلار ھەقىقەتەن سىنىڭ غەمسىز چاغلىرىڭ ئىدى. ئەتتىگەندە دەرسكە چىقىشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاشخانىسىدىن بىر قاچا سۈتلۈك چاي بىلەن پاختىدەك يۇمشاق پىشقان ئىككى دانە ھور نان ئەكىلەتتىڭ،سۈتلۈك چاي بىلەن ھور ناننى زورلاپ تۇرۇپ يەيتتىڭ،لىكىن سۈتلۈك چاي تۈگىشى بىلەنلا ئېشىپ قالغان ھور ناننى دەرىزىدىن پىقىرتىپ پەسكە تاشلىۋىتەتتىڭ.چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىدا توخۇ سۈتىدىن باشقا نىمە تاماق ئىزدىسە تىپىلاتتى.سەن خالىغىنىڭنى ئىلىپ يەيتتىڭ،لىكىن ھامان ئاشۇرۇپ قوياتتىڭ،يەنە تۆكەتتىڭ.بىنانىڭ كەينى تەرىپىگە تاشلىۋىتىلگەن ھور نان ۋە تاماقلارنى ھەر كۈنى بىر ئەپكەشكە ئىككى چىلەكنى ئىلدۇرۇپ كىلىدىغان كۆزەينەكلىك موماي بىر –بىرلەپ تېرىپ ئىلىپ چىلىكنى تولدۇرۇپ كىتەتتى. نازاكەت باشقا مەكتەپتە ئوقۇيتتى. بىر شەنبە كۈنى سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ بولدى،سەن نازاكەتكە تۇغۇلغان كۈنۈڭنىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىگىنى تىخى ئېيتىپ بەرمىگەنىدىڭ.شۇ كۈنى سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭنى كاتتا ئۆتكۈزۈشنى ئالدىن پىلانلاپ قويغىنىڭ بويىچە دۆڭككۋرۈك ئەتراپىدىكى «ئىسىلزادىلەر رىستورانى»غا بېرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ قويدۇڭ ھەم ساۋاقداشلىرىڭدىن بىرنەچچىسىگە چۈشتىن كىيىن رېستورانغا بېرىشنى تاپىلاپ قويۇپ نازاكەتنىڭ مەكتىۋىگە باردىڭ. ئۇ بىرنەرسە يىزىۋاتقانىكەن،سىلەر قىزغىن كۆرۈشتۈڭلار،سەن ئۇنى تاماققا تاكلىپ قىلىپ كەلگىنىڭنى ئېيتقىنىڭدا نازاكەت قىيمىغان ھالدا يىزىۋاتقان نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ سەن بىلەن ماڭدى.سىلەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى،ماگىزىنلارنى بىر قۇر ئايلانغاندىن كىيىن سەن نازاكەتنى رىستورانغا تەكلىپ قىلدىڭ.ئۇ سېنى تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك ئەجەپلىنىپ قاراپ قويغاندىن كىيىن ساڭا ئەگىشىپ رىستورانغا كىردى.سىلەر ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەن تەكلىپ قىلىپ قويغان ساۋاقداشلىرىڭ رېستورانغا كىرىپ كېلىشتى.سەن ئارىدا رېستوراننىڭ مۇلازىمەت پۇكىيىگە بېرىپ ئورنۇڭغا قايتىپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا پۈتۈن چىراقلار ئۆچۈرۈلۈپ ياڭراتقۇدىن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭە تەقدىم قىلنغان ناخشا ئىلان قىلىنىشى بىلەن بىرنەچچە تال يورۇتۇلغان شام سانچىلغان تورت سىلەر ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلتۈرۈلدى.ناخشا ئاخىرلىشىپ دوستلىرىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن كىتاپ،ئەلبۇم،ئاتكىرتكا دىگەندەك ھەر خىل سوۋغاتلارنى ساڭا بېرىپ «تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن»دىيىشكەندە نازاكەت تىخىمۇ ھەيران قالدى.شۇ چاغدىلا سەن بۈگۈنكى«تاماق»نىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭغا ئېيتتىڭ،سىلەر رېستوراندا خىلى ئۇزاق ئولتۇردۇڭلار،لىكىن يىنىپ چىقىپ باشقا ساۋاقداشلىرىڭغا بىر-بىرلەپ خوش دەپ ئۇزىتىپ بولغاندا نازاكەت ساڭا بىرمۇنچە قايناپ كەتتى،سىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭگە پەرۋامۇ قىلماي چېچېلىپ بۈگۈنكى ئىسراپخورلۇقۇڭ ئۈچۈن سەن بىلەن قايتا كۆرۈشمەيدىغانلىغىنى ئېيتىپ خوشمۇ دىمەي كىتىپ قالدى.شۇ كۈنى سەن بۇيرۇتقان سەي ۋە تاماقلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېشىپ قالغانىدى. * * * |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-18 17:19 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 21765
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
يىقىنلا يەردىن ئاڭلانغان بىر شەپىدىن ئەسلىڭگە كەلدىڭ.سەن ئغىزىڭغا يىغىلىپ قالغان سېرىق سۇنى غورتتىدە يۇتىۋىتىپ شەپە چىققان تەرەپكە قارىدىڭ.ھىلقى توغراق بار دۆڭ تەرەپتە سەندىن نەچچە قەدەملا يىراقلىقتا رەھمەتلىك ئاناڭ ساڭا قورقۇمسىرىغاندەك قاراپ تۇراتتى سەن ئەجەپلىنىپ كۆزۈڭنى يۇمۇپ يەنە قايتا ئاچتىڭ، ئەمدىلىكتە بايىقى يەردە تۇرغىنى ئاناڭ ئەمەس بەلكى بىر كىيىك ئىدى..«ئانا ..سۇ..نان..مەن..»دىدىڭ سەن ئۆچەي دەپ قالغان ھايات شامىڭ قايتا يانغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا جانلىنىپ.لىكىن كىيىك بولسا «مەندە نان نىمە قىلسۇن؟»دەۋاتقاندەك چىرايلىق بېشىنى مىدىرلىتىپ قويۇپ ساڭا ئەنسىز قاراپ قاراپ تۇراتتى.سەن مەغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتىڭ،پۈتۈن بەدىنىڭدىكى سىزىملەر يوقىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بارا-بار بەل ۋە پۇتۇڭنىڭ ئاغرىقى ،قورسىغىڭنىڭ ئاچلىغى ،ئۇسسۇزلۇق،پىژغىرىم ئىسسىق ئۇنتۇلۇشقا،تاتلىق ئۇيقۇڭ كىلىشكە باشلىغانلىغىنى سىزىپ تىخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىڭ.سەن بۇنى ئۆلۈمنىڭ يىقىنلاپ كىلىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتى دەپ ھىس قىلدىڭ. * * * داۋامى بار |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-18 17:21 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 21765
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
سەن ئادەمسىز بىر يەردە يالغۇز كىتىۋاتاتتىڭ.تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن خارتىلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.بۇ ئاۋاز بىردە قاغىنىڭ ،بىردە چوشقىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى.سەن تولۇق بۇرۇلۇپ كەينىڭگە ئۆرۈلدۈڭ.تۇلۇمدەك سەمىرىپ كەتكەن بىر توپ ياۋا چوشقا ساڭا خىرىس قىلىپ كىلىۋاتاتتى.«توۋا خۇدايىم، چوشقىمۇ ئادەمگە خىرىس قىلىدىكەن»سەن شۇلارنى ئويلاۋىتىپ جىنىڭنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاچماقچى بولدۇڭ،قانچە يۈگۈرسەڭمۇ يەنىلا تۇرغان ئورنۇڭدىن مىدىرلىيالمايۋاتاتتىڭ. ئۇنى پاك-پاكىزە يەپ تۈگىتىۋىتەيلى،بىر تامچە قېنىنىمۇ يەرگە ئاققۇزۇپ ئىسراپ قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ. سەن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگىنىڭچە ئۇلارغا يىلىنىپ جىنىڭنى ساقلاپ قالماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئۇلار ساڭا يىقىنلاپ كەلدى. -بولدى قىلايلى بۇرادەرلەر،-دېدى ياۋا چوشقىلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممىدىن سىمىزرەك بىرسى. –بىز بۇنىڭ تۇزىنى كۆپ يىگەن،ئېسىڭلاردىمۇ ئىگىمىز بىزگە ئەكىلىپ بېرىدىغان ھور نان ۋە ئاشقان تاماق،سەيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇشۇ تاشلىۋەتكەن.نەچچە قىتىملىق ئىسىل سەيلىرىمىزنى تەمىنلىگۈچىمۇ دەل مۇشۇ، ناننىڭ قەدرىىنى بۇ ھاماقەت بىلمىگەن بىلەن بىز ئۇنتۇپ قالساق،تۇزكورلۇق قىلساق بولمايدۇ. چوشقىلار شۇنداق دىگىنىچە يەنە نىمىلەرنىدۇ دەپ كىتىپ قالدى.سەن يولۇڭنى داۋاملاشتۇرېۋىتىپ ئالدىڭدا بىر ئادەمنىڭ بىر قولىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىر قولىدا چوڭ بىر بايراقنى تۇتۇپ تۇرغىنىغا كۆزۈڭ چۈشتى.سەن مېڭىۋەردىڭ،ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىنلاپ بېرىپ قارىغانىدىڭ ئۇ ئادەم ئەمەس بەلكى بىر تۈپ توغراق ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ بايامقى قورقۇنچلۇق مەنزىرىدىن كىيىن تىخىچە توختىماي قۇيۇلىۋاتقان تەرلىرىڭنى سۈرتكىنىڭچە توغراقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتىڭ. _توختاپ تۇر ئوغلۇم ! گۈلدۈرمامىدەك بۇ ئاۋازدىن سەن ئەندىككىنىڭچە جايىڭدا چىپپىدە توختاپ كەينىڭگە بۇرۇلدۇڭ،لىكىن ئەتراپىڭدا ھىلقى توغراقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى.سېنى سۈر بېسىشقا باشلىدى. -قورقما ئوغلۇم،بۇ مەن،مىنى تونۇدۇڭمۇ؟ سەن ئەجەپلىنىپ قالدىڭ،توغراق سەل مېدىرلىغاندەك قىلىۋاتاتتى. -قورسىغىڭ ئاچتىمۇ؟ _بەكلا ئاچتى ھەم ئۇسساپ كىتىۋاتىمەن. -سەن ناننى بەك خارلىدىڭ،ھەتتا ھىلقى توڭغۇزلارچىلىكمۇ بولالمىدىڭ،مانا ئەمدى ئاچ قېلىۋاتىسەن،مەندىمۇ ساڭا بەرگىدەك ھېچنىمە يوق،بىلەمسەن؟سەن ئىسراپ قىلغان شۇ تاماقلار دېھقاننىڭ نەچچە تونۇر ھەم نەچچە قات مۇزنىڭ تىگىدە يۈرۈپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق كىلىدۇ.مىنىڭ يىشىم نەچچە يۈزگە يەتتى،بېشىمدىن تالاي ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتتى.ئېسىڭدە بولسۇنكى ئەجدادىڭنى ئۇنۇتما،سەن ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتقنىكى ھەرگىز بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلما،ئەسلىڭ كىم ؟قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئوبدانراق ئويلاپ باق،بولدى،يولۇڭغا ماڭ. -چوشقىمۇ ئادەمنى يەمدۇ؟ -ئۇنىڭ يىمەيدىغان نەرسىسى يوق،تۇپراقتىن ئۈنگەن ھەم جىنى،گۆشى بارلىكى نەرسىلەر ئۇنىڭ ئوزۇقى.بولدى،تېز كىتىۋال. سەن ياۋا چوشقىلارنىڭ يەنە كىلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈگۈرمەكچى بولدۇڭ لىكىن بىرنەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈڭ. * * * سەن كۆزۈڭنى ئاچتىڭ.ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ئاسماندا سانسىز يۇلتۇزلار كۆز قىسىپ چاراقلايتتى،ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇق ئىدى.پۈتۈن بەدىنىڭ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن بولۇپ كىيىملىرىڭ لايغا مىلىگەندەك بولۇپ كەتكەنىدى.پۇتۇڭ زىڭىلداپ ئاغرىيتتى،ئىغىزىڭ قۇرۇپ كەتكەنىدى.سەن ئۆزۈڭنىڭ ھايات ئىكەنلىگىڭنى بىلىپ خۇداغا مىڭلارچە ھەمدۇسانا ئېيتتىڭ.يا چۈشكە ياكى خىيالغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئىسىڭگە ئىلىپ ئىچىڭدە قانداقتۇ بىر يەرلىرىڭ ئېچىشىۋاتقاندەك بىلىندى.سەن ئەندىكىش ئىچىدە ئەتراپقا قارىدىڭ.قۇم دۆڭى ئۈستىدىكى توغراق جىمجىت تۇراتتى.سەن ئۇنىڭغا دىقەت قىلىپ قاراپ كەتتىڭ،چۈشۈڭدىمۇ مۇشۇ توغراقنى كۆرگىنىڭگە،توغراقنىڭ ساڭا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلغىنىغا ئەجەپلەندىڭ،لىكىن سەن ئۇخلاپ قالغاندا،ھۇشۇڭنى يوقاتقاندا بىر توپ قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ ئۈستۈڭدە ئايلىنىپ يۈرۈپ قاقىلداشقانلىغىنى،ئۇلار ساڭا يىقىنلاپ كەلگەندە سەن ئۇخلاپ قېلىشتىن بۇرۇن كۆرگەن كىيىكنىڭ ئەتراپىڭدا توختىماي چۆگىلەپ قاغا-قۇزغۇنلارنى ئۈركۈتۈپ تۇرغانلىغىنى،كىيىكنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسسىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىپ تۇمشۇقى ئەتراپىدىكى تۈكلەر ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەنلىگىنى سەن بىلمەيتتىڭ.سەن ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىڭ.يىقىنلا يەردە سەن ھۇشۇڭدىن كىتىشتىن بۇرۇن كۆرگەن كىيىك ساڭا شۈبھىلەنگەندەك قاراپ تۇراتتى.سەن ئۇنىڭ مەزمۇت بەستىگە ،ئاي شولىسىدا پاقىراپ كەتكەن تۈكلىرىگە ،چىرايلىق پۇتلىرىغا،بولۇپمۇ ئايدىڭدا ۋېل-ۋېىل قىلىپ نۇر تارقىتىۋاتقاندەك چىرايلىك كۆلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتىڭ.ئۇنىڭ پات-پات لىكىداپ تۇرغان قۇلاقلىرى،ئارىلاپ يەرنى گۈس-گۈس دەسسەپ قويىۋاتقان پۇتلىرى،ئەمدىلا رەسىدە بولىۋاتقان قىز كۆسىدەك چىرايلىق تۇمشۇقى ساڭا باشقىچە تۇيۇلۇپ كەتتى،پۈتۈن بەدىنىڭدىكى ئاغرىقمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك بولۇپ سەندە ئاجايىپ گۈزەل بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى،ئۇنىڭ بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزىگە سىنچىلاپ قاراپ نازاكەت ئېسىڭگە كەلدى. بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىڭگە يىغا ئولاشتى.سەن بۇ ئادىمىزاتسىز چۆلدە ئۆلۈپ كىتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھەم مۇنداقلا ئۈن-تىنسىز ئۆلۈپ كىتىشكە ئەسلا ئىشەنمەيتتىڭ.كىملەردۇ كىلىپ سېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغاندەك ھىس قىلاتتىڭ،لىكىن سېنى كىممۇ بۇ دەشتى باياۋاندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقار؟دولقۇنمۇ؟ ئۇ سېنى ئىزدەپ كەلگەن تەقدىردىمۇ تاپالمايدۇ،بۇ يەردە ياتقىنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت بولغىنىنى سەنمۇ بىلمەيدىغان تۇرساڭ.نازاكەت بولسا سېنىڭ چەكسىز كەتكەن جەزىرە قوينىدا ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق بوسۇغىسىدا جان تالىشىۋاتقىنىڭنى ئەسلا بىلمەيدۇ. سەن قۇمنى تاتىلاپ يۈرۈپ بولسىمۇ ھىلقى دۆڭگە چىقىۋىلىش ئۈچۈن تىرماشتىڭ لىكىن جاندىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاغرىق ئازاۋى ھەم مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكى تاش ئاستىغا باستۇرۇپ قويغاندەك بىلىنىۋاتقان پۇتۇڭ سېنى مېدىر-سىدىر قىلغۇزمايۋاتاتتى.سەن ئاۋازىڭنى قويىۋىتىپ يىغلاشقا باشلىدىڭ ھەم نالە قىلدىڭ: -ئاھ خۇدا،مەن نىمە قىلغان بەندە؟مەن ئەمدى بولغۇسى ھەمراھىم نازاكەتنى،جاھاندىكى جىمى نەرسىلەرنى كۆرەلمەي مۇشۇ باياۋان قوينىدا ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ؟ ئاۋازىڭ شۇنچىلىك پەس،شۇنچىلىك زەئىپ چىققان بولسىمۇ ساڭا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغان كىيىك ئاللىقاچان ھېلقى قۇم دۆڭىگە چىقىۋالغاندى.سەن جىمىپ قالغاندىن كىيىن ئۇ يەنە ساڭا يىقىنلاپ كىلىپ توختاپ قالدى. كۆزۈڭنى ئېچىشقا قانچە تىرىشساڭمۇ ئۇيقۇڭ يەنە غالىپ كەلدى. * * * نۇرزىبا،ئوغلىمىزنى ئويغىتىۋەتمەي ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ لەغمەن ئىتىپ بەر.مەن بىر ئوۋچى ئاغىينەمگە ئوغلىمىز ئۈچۈن بىر كىيىك ئوۋلاپ بېرىشنى دەپ قويغان،شۇنى بىر سۈيلەپ كىلەي. -قاق سەھەردە بارمىسىلىمۇ بولمامدۇ ئۇ يەرگە؟ -سەن نىمىنى بىلەتتىڭ؟كىيىك دىگەن ئېغىلىڭدىكى قوي ئەمەس خالىغىنىڭچە سويۇپ يەيدىغان.ئۇنى تۇتقىنىمىزنى ئورمانچىلىقنىڭ ئادەملىرى بىلىپ قالسا ئوغلىمىزنىڭ ئامراق گۆشى تۇرماق ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيسەن. -ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن بالىغا بۇنچە قىلىپ يامان ئۈگىتىپ قىيىۋاتىدىلا جۇمۇ بۇ بالىنى. -بارى يوقى شۇ بىرلا بالا ئەمەسمۇ خوتۇن. داداڭ بىلەن ئاناڭنىڭ سەن توغۇرلۇق قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ياتساڭمۇ كۆزۈڭنى ئاچمىدىڭ.داداڭ سىرتقا،ئاناڭ ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى.خېلىدىن كىيىن لەغمەننىڭ مىزىلىك قورۇلغان سەي پۇرىقى بىلەن ئاناڭ يىنىڭغا كىلىپ مەڭزىڭگە ئاۋايلاپ سۆيكەندىلا سەن ئېرنچەكلىك بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تاماق يىيىشكە تۇتۇش قىلدىڭ. -ئوغلۇم ،قارىغىنە ساڭا نىمە ئىلىپ كەلدىم؟بۇ سەن ئەڭ ئامراق كىيىك گۆشى. –ھەي نۇرزىبا، بۇنىڭدىن ئوغلىمىزغا ھازىرلا ئازراق قورۇپ ئەپچىقىپ بەرگىنە. نىمىشقىدۇر ئاناڭ ساڭىمۇ،داداڭغىمۇ قاراپ قويماستىن بىر كۆتۈرۈلۈپلا ئاسمانغا ئۇچۇپ كىتىۋاتاتتى. -ئانا !!!... * * * داۋامى بار |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-18 17:38 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 21765
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
سەن چۆچۈپ ئويغاندىڭ. بۇ چاغدا كۈن خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى.ئېغىزىڭغا تاش سېلىۋالغاندەك تىلىڭ قۇرۇپ كەتكەنىدى.پۈتۈن بەدىنىڭدە سىزىم قالمىغان بولۇپ مۇشۇ باياۋان قوينىدا ئۆلۈپ كىتىشىڭگە ،ھازىر ئاستا-ئاستا جىنىڭ چىقىپ كىتىۋاتقانلىغىغا ئىشىنىشكە باشلىدىڭ. -جاننى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىرەر ئامالى يوقمىدۇ؟مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟ ئوغۇل بالا تۇرۇپ جىنىمنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىرەر چارىسىنى تاپالمىسام- ھە؟ سەن مۇشۇلارنى ئويلاۋىتىپ ئەتراپقا ئۈمىت بىلەن قارىدىڭ. تۆت ئەتراپىڭدىكى ئىككى مىتىر كەلگىدەك كىچىك دائىرە كىيىك ئىزى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.بۇنىڭدىن سەن ھىچقانداق بىرەر غەيرىلىكنىمۇ سەزمىدىڭ.خۇددى بۇ شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەكلا.كۆرگىنىڭ يەنىلا تۈنىگۈنكىدىن خېلى يىقنلا يەردە تۇرغان كىيىك بولدى.ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىنىڭ سېنىڭكىدىنمۇ بەتتەر ئولتۇرۇشۇپ كەتكىنىنىى،سەل ھارغىن،جۈدەڭگۈ كۆرىنىۋاتقانلىغىنى،سەن ھۇشۇڭدىن كەتكەندە كۈن نۇرىنى توسۇپ ساڭا سايىۋەن بولۇپ بەرگىنىنى سەن بىلمەيتتىڭ.سېنىڭ كاللاڭدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقىنى پەقەتلا چۈشكە يىقنلاپ قالغان كۈننىڭ تىخىمۇ ھارارەت پۈركۈپ پۈتۈن بەدىنىڭنى چۇچۇلىدەك كۆيدۈرۈشىدىن، ئۆلۈمدىن ئامان –ئىسەن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەشلا ئىدى.سەن كۆزۈڭنى بوش ئېچىپ ئاسمانغا قارىدىڭ. نان ! قىزىرىپ پىشقان زاغرا !!! ناننى ئېلىش ئۈچۈن ئاسمانغا ئۇزاتقان قولۇڭ بوشلۇقتا لايلەپ قالدى،تىخى باياتىنلا يۈزۈڭگە چاپلىشىپ قالايلا دەپ قالغان قىززىق نان سەندىن يىراقلاپ قۇياشنىڭ باغرىغا سىڭىپ كىتىۋاتاتتى.سەزگۈڭ سېنى ئالدىغانىدى.سەن بېشىڭنىڭ ئۈستىدىلا ئېسىلىپ تۇرغان قۇياشنى قىززىق نان دەپ ئويلاپ قالغانىدىڭ.بۇ بىر كۈن ساڭا مىڭ يىلدەك بىلىنىپ ،ئۇسسۇزلۇق،ئاچلىق،ئاغرىق ئازاۋىنىمۇ سەزمەىس ھالغا كىلىپ نەچچە قىتىم ھۇشۇڭنى يوقىتىپ يەنە ئەسلىڭگە كەلدىڭ.ھەر قىتىم ھۇشۇڭنى يوقاتقاندا كىچىك چېغىڭدا تۈگەپ كەتكەن ئاناڭ «بالام قايتىپ كەتكىن،مىنىڭ يىنىمغا ھەرگىزمۇ كەلمە » دەپ نىدا قىلىۋاتقان بىر ھالەت غۇۋا ئىسىڭگە كىلەتتى. سەن ئۆزەڭنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ ئاستا پىچىرلىدىڭ: -ئەلۋىدا دادا،ئەلۋىدا نازاكەت ! ئەلۋىدا كىيىك ئانا ! ھەي كىيىك،سەن مىنىڭ گىپىمنى چۈشەنسەڭچۇ كاشكى،مىنىڭ بۇ يەردىكى تارتقان ئازاپلىرىمنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن،ھېچ بولمىغاندا مىنىڭ بۇ يەردە جان قايغۇسىدا تۇرغىنىمنى بىرەر ئادىمىزاتقا يەتكۈزگەن بولاتتىڭ.سىنىڭ بالىلىرىڭ يوقمۇ؟نىمىشقا كەتمەيسەن؟سەن مىنىڭ تاماشايىمنى كۆرىۋاتامسەن ياكى ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتامسەن؟! بولدى ،كەت سەن قانداقلا قىلمىغىن مىنىڭ جىنىمنى ساقلاپ قالامايسەن.ماڭا ياردەم قىلىش سىنىڭ قولۇڭدىن كەلمەيدۇ . كەت !! سەن ئەمەلىيەتتە سۆزلەۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولساڭمۇ ئىغىزىڭغا قۇلىقىنى يىقىپ يۇرغان ئادەممۇ سېنىڭ نىمە دەۋاتقىنىڭنى ئاڭلىيالمايتتى. قاراڭغۇ چۈشۈپ ئاسماندا سانسىز يۇلتۇزلار چاقناپ تۈن نىسبىگە يىقنلاشقاندا يەرنىڭ تېگىدە بىرسىنىڭ سېنى چاقىرغانلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىڭ.بۇمۇ چۈشۈم بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ بېشىڭنى يەردىن كۆتەرمەي تۇرۇپلا ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىدىڭ.كۈندۈزدەك ئايدىڭ كېچە قوينىدا قۇم دۆڭى ئۈستىدىكى يىگانە توغراق تىخىمۇ ھەيۋەت،گىگانت ئادەمدەك جىمجىت تۇراتتى.ساڭا يىقىنلا يەردىكى كىيىك بىر دائىرىدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ پات-پات ئالدى پۇتلىرىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ پۇشقۇرۇپ قوياتتى.ئۇ ئەسلىدىكى جىمجىتلىقىنى يوقاتقان بولۇپ قۇلاقلىرىنى دېڭ تۇتۇپ نىمىگىدۇر سەگەكلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.«ئەجەپ ئەقىللىق جانۋاركەن، جان ئۈزۈش ئالدىدا خۇدا مېنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ ھەمراھ بولۇشقا ئەۋەتكەندەكلا...» - ئىليار !! خىياللىرىڭنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز سېنىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى.سەن كىيىككە قارىدىڭ،ئۇ تۇنجى قىتىم سوزۇپ بىر مەرىگەندىن كىيىن بىر نەرسىدىن ئۈركۈگەندەك قۇم دۆڭىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى،توغراق بولسا جىمجىت تۇراتتى. -ئىليارجان بالام!! -ئىليار !! سېنى چاقىرغان ئاۋاز يەنە قايتا ئاڭلاندى. بۇ قىتىم ئاڭلانغىنى بىر ئەر ھەم بىر ئايالنىڭ تونۇش ئاۋازىدەك قىلاتتى.سەن بۇ ئاۋازنىمۇ توغراق بىلەن كىيىكنىڭ غايىۋانە ئاۋازى ئوخشايدۇ،يا بولمىسا ئانامنىڭ ئاۋازى بولسا كىرەك،ئانام مىنى يىنىغا چاقىرىۋاتامدىغاندۇ؟دىگەنلەرنى ئويلاپ دەپ قۇم دۆڭىگە قارىدىڭ.ئۇ يەردە يىگانە توغراقتىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى.كىيىك غايىپ بولغانىدى. -ئىليار ! يىقىنلا يەردىن ئاڭلانغان ئىنچىكە،زىل ئاۋاز سېنى تىخىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى.سەن بۇ ئاۋاز ئىگىسىنى تونۇدۇڭ ، بۇ نازاكەتنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاتنىڭ كىشنىشىگە ئۇلاپلا داداڭنىڭ چاقىرتغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يەنە يىغلاپ تاشلىدىڭ.سەن ھايات قالغىنڭغا ئىشەنگەن ئىدىڭ.ساڭا تونۇش ئاۋاز ھەم ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى يىقنلا يەردىن ئاڭلىنىشقا باشلىغاندا سەن بارلىق كۈچۈڭنى ئىشقا سېلىپ توۋلىدىڭ: _مەن بۇ يەردە !! شۇنچە كۈچەپ توۋلىغان بولساڭمۇ ئاۋازىڭنى ھەتتا ئۆزەڭمۇ ئاڭلىيالمىدىڭ.دەل شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا يىنىڭغا پەيدا بولۇپ قالغان كىيىك سوزۇپقىنە يەنە بىر قىتىم مەرىدى-دە ئۇچقاندەك يۈگۈرگەنچە قۇم دۆڭى ئۈستىگە چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.سەن ئاسماندىكى يۇلتۇز،ئاي ۋە جىمكى مەۋجۇداتلارغا قەلبىڭدە چەكسىز سۆيۈنۈش ئىچىدە قارىدىڭ. -ھاياتمۇ سەن بالام، نىمە بولدۇڭ ؟ -ئىليار ! داداڭ بىر ئاتقا مىنگەن،نازاكەت يەنە بىر ئات قېتلغان ھارۋىنى ھەيدىگەن ھالدا يىنىڭدىلا پەيدا بولدى. -دادا،مەن تىخى ھايات ! مەن ھايات ! –سەن يىغلاپ تاشلىدىڭ. -نىمە بولدى جىنىم بالام ! نىمە كۈنلەرنى كۆرگەنسەن ھە ؟! داداڭ كىچىك بالىدەك تىلىقىپ-تىلىقىپ يىغلاپ كەتتى.سەن جاۋاپ بېرەلمىدىڭ،جاۋاپ بەرگۈدەكمۇ مەغدۇرۇڭ قالمىغانىدى. -چاي ئىچىۋېلىڭ. نازاكەت ھارۋىدىن بىر سۇدان ھەم سومكا كۆتۈرۈپ كىلىپ ئالدىڭدىلا يۈكۈنۈپ قالدى.داداڭ سېنى يۆلەپ قۇچىغىغا ئىلىپ يارىلانغان پۇتۇڭنى ئىھتىيات بىلەن سىلاۋاتاتتى. سەن نازاكەت ئىغىزىڭغا تەڭلىگەن سۇداندىكى سۇنى توختىماي ئىچىشكە باشلىدىڭ.شۇ تاپتا بىر سۇدان ئەمەس بىر دەريا سۇ بولسىمۇ ئىچىپ تۈگىتىۋىتىدىغاندەك قىلاتتىڭ. -بولدى سۇنى ئازراق ئىچ،بىرنەرسە يەۋالغىن بالام. -نان...نان... داداڭ نازاكەت سومكىدىن ئىلىپ ساڭا ئۇزىتىۋاتقان ناننى ئۇشتۇغاچ قوشۇپ قويدى: -دولقۇن سېنى كەچكىچە ساقلاپ قايتىپ كىلىپ سىنىڭ دىرىكىڭنى قىلمىغان بولسا بىزمۇ يولڭغا قاراپ ئولتۇراركەنمىز.يەنە كىلىپ ئات ئىگىسى ئۆيىمىزگە كىلىپ ئاتنىڭ قايتىپكەلگەنلىگىنى لىكىن سىنىڭ يوقلۇغىڭنى خەۋەر قىلدى،مەن بىر شۇملۇقنى سىزىپلا يولغا چىققانىدىم،نازاكەت قىزىم بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆيىگە سۆھبەتكە مىڭپتىكەن ئۇنىمۇ بىللە ئىلىۋالدىم. مەن بۇ ئاتنى مىڭىشىغا قويىۋىتىپ سىنى ئاخىرى تاپتىم بالام. سەن داداڭغا قارىدىڭ،ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرى ئاي شولىسىدا مەرۋايىتتەك پاقىرايتتى.
تۈگىدى. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-18 17:45 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 15864
دەرىجە:
يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 627
ئۇنۋان:
8 دەرىجە
شۆھرەت: 638 نۇمۇر
پۇل: 1921 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن...بۇ ھاياتتا ھەر قانداق نەرسىنىڭ سورىقى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ...ئاپتۇرغا ئاپىرىن... |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-18 18:20 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 21765
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
؟؟؟ |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-18 23:56 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 23132
دەرىجە:
يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 566
ئۇنۋان:
7 دەرىجە
شۆھرەت: 591 نۇمۇر
پۇل: 1910 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن. |
|
|
|
|
|
شەرمى-ھايا پەقەت ياخشىلىقلا ئىلىپ كىلىدۇ .
| |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 00:00 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 16853
دەرىجە:
سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 2967
ئۇنۋان:
15 دەرىجە
شۆھرەت: 3173 نۇمۇر
پۇل: 84 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 43 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
ياخشى يېزىپسىز! |
|
|
|
|
|
نامەردنىڭ ئاشنىسى بولغۇچە، مەردنىڭ پاشنىسى بول! | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 00:03 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 25755
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 12
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
راسىتلا بەك ياخشى يېزىپسىز |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 00:05 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە:
سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
1
يازما سانى: 1832
ئۇنۋان:
13 دەرىجە
شۆھرەت: 1690 نۇمۇر
پۇل: 5784 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. |
|
|
|
|
|
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ! | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 10:48 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 15668
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 66
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
پۇل: 212 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
راستىنلا بەك ياخشى يېزىپسىز! قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن! |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 14:36 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 21765
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-19 20:19 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 21765
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 25
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-20
|
|
|
|
ھۋچ بولمىغاندا تۈزىتىش پىكرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويساڭلارمۇ قوبۇل قىلىمەن. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-20 10:19 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
|
يېڭى يازمىلىق سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ
ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ
ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ
ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .
ھازىرقى ۋاقىت : 03-20 17:56
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation