قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 600 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: يۈرۈشلۈك يازمىلار-6: كىشىلەر بۇرۇنقىدىن كېسەلمەنمۇ؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

HelloLife
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 492 نۇمۇر
پۇل: 1351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27

 يۈرۈشلۈك يازمىلار-6: كىشىلەر بۇرۇنقىدىن كېسەلمەنمۇ؟

0
ئالدىنقى يازما:
./read.php?tid=10127



ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ئاپتورى: مەمەتئىمىن تۇدىمەت
تەھرىرلەپ يوللىغۇچى: يۈسۈپئېلى ياسىن

ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻫﻪﻛﯩﻢ ﺋﯩﺒﻨﯩﺴﯩﻨﺎ "ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ"ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ،  ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ، ﺑﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ 4.5 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺳﯘ (ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ) ﯞﻩ 103 ﺗﺎﻝ ﺗﺎﺵ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺵ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﻼ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﯩﭽﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 3 ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ: ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ: ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻕ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ: ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻳﻪﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﺍ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ، ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ 高血压))، ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ( 冠心病)، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ 糖尿病) ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ؛ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺧﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﺯﻯ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ:
1. ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﮔﯚﺵ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻣﯧﻴﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ، ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯧﺮﯨﻘﻰ، ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﺸﯩﯖﯩﺰ 40 ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
2. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯔ. ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯔ.
3. ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
4. ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﭽﻤﻪﯓ. ﭼﺎﻱ، ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭺ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭺ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﻳﺪﯗ.
5. ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ. ﺗﯘﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﺎﺩﺩﺍ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻧﻮﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
6. ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﯓ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﯓ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻗﻮﻝ ﺗﯩﺘﺮﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
7. ﺧﺎﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ. ﺧﺎﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺧﺎﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
8. ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎ- ﻗﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﯓ. ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎ-ﻗﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎ-ﻗﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ.
9. ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ (ﭘﻼﺳﺘﯩﻚ) ﺧﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻤﺎﯓ. ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ﺧﺎﻟﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺭﻩﯕﺴﯩﺰ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ﺧﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﭼﯩﻼﯓ.
10. ﭘﯘﻝ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﻣﻪﯓ. ﭘﯘﻝ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﭘﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﭘﯘﻟﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
11. ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯓ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯧﻐﯩﺮﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯓ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺭﺍﻛﯩﻨﯩﻼ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
12. ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯓ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺧﺮﻭﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺧﺮﻭﻳﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﻪﻛﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ.
13. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﯔ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻱ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.
14. ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﻪﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﯖﺸﯩﻐﯘﭺ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯔ.
15. ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺯ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ.
16. ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯧﺮﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
17. ﻫﻮﺭﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻫﻮﺭﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻫﻮﺭﻣﯘﻥ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
18. ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯓ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺵ 40 ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻜﻪ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
19. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﯓ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.
20. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻫﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﻮﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.
21. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯔ. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
22. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﯞﺍﺳﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯩﺮﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻫﺎﯞﺍﺳﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-01-31 13:12 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
HelloLife
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 492 نۇمۇر
پۇل: 1351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27

 

ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﻪﻧﻤﯘ؟


ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ؟

ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻳﻪﻝ-ﻳﯧﻤﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻛﺎﻻ، ﻗﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﺍ، ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ "ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ" ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﺎﻗﺘﺎ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 5 ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
1- ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ: ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﯞﯨﺮﯗﺱ، ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺍﺯﯨﺖ ﻗﯘﺭﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2- ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ: ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺲ-ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ، ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3- ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﻻﺭﻧﻰ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ، ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﻨﻰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺯﻩﺧﻤﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
4- ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ: ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﭗ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻱ، ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻏﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
5- ﺋﯩﺮﺳﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ: ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺧﺮﻭﻣﻮﺳﻮﻣﺎ 异形染色体))، ﮔﯧﻨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ 突变基因) ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯜﭺ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻛﯜﭺ ﺳﯩﻨﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻛﯜﭺ ﺳﯩﻨﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ: ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﯘ، ﻳﺎﻛﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻤﯘ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ: ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﺍﺑﺎﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ، 1981-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ، HIV ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﻳﯩﺮ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﻨﺸﺎﺳﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 50-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻨﻤﯘ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1981-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ: ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻳﻮﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ؛ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ؛ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ؛ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ؛ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﯞﻩ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ؛ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻥ، ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﯗﺭﻧﺎﻝ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ؛ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ "ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﮕﻪﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻻ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﺩﻯ-ﻛﻪﻟﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ، ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﺩﻯ- ﻛﻪﻟﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ 1000 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ 10 ﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ 10000 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ 100 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 10 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ 100 ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.

ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺩﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺭﻏﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ، ﻗﺎﺭ ﻛﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻨﯩﺶ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺩﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺭﻏﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﺑﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ(霍乱ﺧﻮﻟﯩﺮﺍ) ، ﭼﯧﭽﻪﻙ 天花))، ﺳﯘ ﭼﯧﭽﻪﻙ ، 水痘))، ﺑﻪﺯﮔﻪﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ疟疾))، ﻛﯧﺰﯨﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ، 伤寒症))، ﻣﺎﺧﺎﯞ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ 麻疯病))، ﺗﯘﺑﯧﺮﻛﯘﻟﻴﻮﺯ ، 结核病))، ﺗﺎﺯ، ﭘﻮﻗﺎﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗﻛﻰ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ، ﻣﯘﻫﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﺕ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺩﻭﺭﺍ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ، ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯘﻧﺌﯩﻲ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ؛ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﭘﺎﻫﯩﺸﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻘﺘﻪﻙ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺯﯨﺖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﻮﻧﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﭼﻪ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺗﯚﯞﻩﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-31 13:14 |
aymehre
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23427
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
پۇل: 287 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 

ھازىرقى كىشىلەر نىڭ بەزىلىرى بورۇنقىدىن كېسەلمەن، بەزىلىرى بۇرۇنقۇدىن تېتىكلىشىپ كەتتى.
ھازىر بورۇن ساقايمايدۇ دەپ قارالغان كېسەللەر ساقيىپ كىتىۋاتىدۇ ، بىراق يىڭى يىڭى ساقايماس كېسەللەر كەپ چىقىۋاتىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-31 14:46 |
barna0908
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 18135
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 639
شۆھرەت: 115 نۇمۇر
پۇل: 907 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-04

 

رەھمەت سىزگە ، ھەممىمىزنىڭ ئەزىز تىنىمىز سالامەت بولغاي ~!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-31 15:21 |
chinar1224
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22737
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 231 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-13

 

ساغلاملىق ھەركەتتە~~~~~~~ پۇرسەت بولسىلا چىنىقىپ بىرىڭ!!!
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-31 17:34 |
HelloLife
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 492 نۇمۇر
پۇل: 1351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27

 

كېيىنكى يازما:
./read.php?tid=13449&page=e&#a
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-12 17:17 |
opqr413
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29305
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 4

还得多学习一下。
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 06:58 |
sally7989
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29195
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 163 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:51 |
hrzbj
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29673
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 145 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 01:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:13
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号