ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺷﯩﻜﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﯩﻜﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﻩ ﻛﺎﺭﺑﻮﻥ ﺳﯘ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﺳﯘﻣﻠﯘﻙ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﺵ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻡ؛ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻡ؛ ﻗﯘﺵ ﮔﻮﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻱ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﮔﻮﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻡ؛ ﺋﻮﺳﯘﻣﻠﯩﻚ ﻣﯩﻴﻰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﻣﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ؛ ﻣﺎﻳﺴﯩﺰ ﮔﻮﺵ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﮔﻮﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ؛ ﻣﺎﻳﺴﯩﺰ ﺳﯘﺕ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﯘﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯧﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺳﻪﻱ ﻛﻮﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﺩﻭﻓﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﻏﻼﻡ. (ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺳﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻮﺳﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ)
ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺳﻪﻱ ﻛﻮﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﺗﻮﻓﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﻳﺎﭘﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﻯ 75 ﻳﺎﺵ. ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﻯ 64.1 ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯘﻗﺮﻯ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ (58.6 ﻳﺎﺵ)، ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ (62.0 ﻳﺎﺵ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 60، 70 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺳﯘ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﺎﺩﺩﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻕ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ 2.5 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻫﺎﯞﺍ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﻮﭘﻠﻪﭖ ﺗﻪﺭ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻗﯘﺳﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻮﭖ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺳﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺯ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﺯﮔﯘﺭﻟﯩﮕﻰ ﺗﻮﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻫﻪﺭﮔﯘﺯﻣﯘ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﺳﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻛﻮﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯘﻳﺪﯗﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺑﻮﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺳﯘﺩﯗﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﯘﺩﯗﻕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﯩﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻧﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﭘﻪﺭﻗﻰ، ﻳﯩﺸﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﮕﻰ، ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺗﯘﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ 2500 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﻳﻪ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﭘﻪﺭﯨﻘﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 500 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﻳﻪ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ 3 ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺷﯩﻜﻪﺭ (ﻛﺎﺭﺑﻮ ﺳﯘ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ) ﺩﻩ 3.75 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻣﺎﻳﺪﺍ 9 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﺪﺍ 4 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻛﻮﭖ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ 7 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺘﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﻴﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻮﺯﻯ ﺗﻮﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻛﻮﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺯﻻ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻮﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﻱ ﺷﯩﻜﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻮﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺗﯘﮔﻪﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﺎ ﺑﻪﻛﻼ ﻣﯘﻫﯩﻢ.
ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺲ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﻪﻝ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ 105 ﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ 110 ﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ 15 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ 20 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ 20 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﺗﯘﭖ، ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﺳﯩﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﮕﻰ 175 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 70ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ (175-105)، ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 65ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ (175-110) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 60ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ 80ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 55ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ 75ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 85ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 80ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 55ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 50ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺩﯨﻦ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﻮﯓ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ 8 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ 12 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ "ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ" ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ 12 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻫﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﻪ ﯞﻩ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﺴﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﯞﻩ ﺭﻭﻫﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ 8 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﺭﮔﯘﺯ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻛﺴﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، 8 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻤﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺯ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﻛﻮﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﻯ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﮔﯘﻟﭽﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﮔﯘﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮔﯘﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯘﻧﯩﺸﻨﻰ ﻛﻮﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﭼﯩﮕﯩﺮﺍ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﻮﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯘﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﻮﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻫﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﺳﻪ، ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﺎ، ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﯘﺷﻰ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﯗﺷﺘﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﻟﭽﯩﻤﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺸﻰ، ﺟﯩﻨﺲ ﭘﻪﺭﻗﻰ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯘﻧﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯘﺩﺩﻩﺕ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ.
ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﻳﯘﮔﯘﺭﻩﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ 1000 ﻣﯩﺘﯩﺮﮔﻪ، ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﺳﺘﺎ- ﺋﺎﺳﺘﺎ 3000 ﻣﯩﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 5000 ﻣﯩﺘﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﯗﺵ، ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ، ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘ ﺋﯘﺯﯗﺵ، ﯞﻩﻟﯩﺴﯩﭙﯩﺖ ﻣﯩﻨﯩﺶ، ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﺶ، ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻮﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ، ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻮﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﻧﻬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺗﻪﻧﻬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﺍ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯩﺴﺴﺎﻝ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ.
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻠﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻛﻮﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻓﯩﺰﯨﻠﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻠﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺳﻪﻝ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ 18 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ 20 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺧﻼﻳﺪﯗ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ 12 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ 10 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 7 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ 9 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺭﯨﺘﯩﻤﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﻓﯩﺰﯨﻠﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻮﺭﯗﻧﯘﺷﺘﻪ ﺋﯘﻳﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﻫﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﭼﯘﺷﻜﯩﻦ ﻛﻮﺭﯨﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻮﭖ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺭﻩﺗﻜﻪ ﺳﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻫﯩﺮﯨﭗ -ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﻮﺗﯘﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ 5، 6 ﺳﺎﺋﻪﺗﻼ ﺋﯘﺧﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﯗﺷﻜﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﯗﺷﻰ، ﻳﯘﻗﺎﺭﺩﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﻮﺭﺳﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺑﯩﺮﺍﺯ ﻗﯩﻴﯩﻦ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﯗﺷﻜﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻮﺭﺗﯘﭖ ﺋﻮﺗﻤﻪﻛﭽﻰ.
1. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺶ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺶ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﭘﻜﻪ ﺭﺍﻛﯩﻨﯩﻼ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯘﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺗﯘﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2. ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﻮﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯩﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯩﺴﯩﻠﻰ، ﻗﻮﻝ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3. ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻛﻮﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻧﻮﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻻﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
4. ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻫﺎﯞﺍﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
5. ﺷﻪﺧﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺗﺎﺯﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﺵ.
6. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﻮﺯﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻱ، ﻛﯘﻥ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭﺷﯘﺵ.
7. ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺭﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻳﻪﻧﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﻮﭖ ﻳﯩﻴﯩﺶ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﭺ ﻳﯘﺭﯗﺵ.
8. ﺭﻭﻫﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﺵ، ﺋﻮﯕﺎﻱ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﻪﻙ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ.
9. ﻫﻪﺳﺴﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ، ﻛﻮﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ.
10. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﺗﯘﭘﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﻧﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺕ.