كىتاب ئىسمى: لېيىغان بۇلاق 5- قىسىمaxirqi doqal leyighan bulaq jalalidin behram
باشقا ئىسمى: ئاخىرقى دوقال
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 16M
بەت سانى: 610
مەزكۇر كىتاب ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق» رومانىنىڭ 5-قىسىمى، يەنى «ئاخىرقى دوقال» ناملىق كىتابىدۇر… ‹‹ماڭغان پۇتقا ھامان توپا يۇقىدۇ، ئىزدەنگۈچى ئادەمنىڭ ھەممىلا يەردە ئىزى قالىدۇ!……سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى توغرا دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا بۇ يولدا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىڭىز، خورلۇق-ئەلەملىرىڭىزدىنمۇ پەخىرلىنىشىڭىز كېرەك! شۇندىلا، ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭىز چوڭقۇر مەنا ۋە ئۇلۇغلۇققا نائىل بولىدۇ….››
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: لېيىغان بۇلاق 6- قىسىمyugensiz otmigen yillar, leyighan bulaq 6 jalalidin behram
باشقا ئىسمى: يۈگەنسىز ئۆتمىگەن يىللار
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 13M
بەت سانى: 480
مەزكۇر كىتاب ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق» رومانىنىڭ 6-قىسىمى، يەنى «يۈگەنسىز ئۆتمىگەن يىللار» ناملىق كىتابىدۇر… ‹‹ماڭغان پۇتقا ھامان توپا يۇقىدۇ، ئىزدەنگۈچى ئادەمنىڭ ھەممىلا يەردە ئىزى قالىدۇ!……سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى توغرا دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا بۇ يولدا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىڭىز، خورلۇق-ئەلەملىرىڭىزدىنمۇ پەخىرلىنىشىڭىز كېرەك! شۇندىلا، ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭىز چوڭقۇر مەنا ۋە ئۇلۇغلۇققا نائىل بولىدۇ….››
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: لېيىغان بۇلاق 7 – قىسىمleyighan bulaq wisal deqiqiliri jalalidin behram
باشقا ئىسمى: ۋىسال دەقىقىلىرى
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 60M
بەت سانى: 530
مەزكۇر كىتاب ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق» رومانىنىڭ 7-قىسىمى، يەنى «ۋىسال دەقىقىلىرى» ناملىق كىتابىدۇر… ‹‹ماڭغان پۇتقا ھامان توپا يۇقىدۇ، ئىزدەنگۈچى ئادەمنىڭ ھەممىلا يەردە ئىزى قالىدۇ!……سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى توغرا دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا بۇ يولدا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىڭىز، خورلۇق-ئەلەملىرىڭىزدىنمۇ پەخىرلىنىشىڭىز كېرەك! شۇندىلا، ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭىز چوڭقۇر مەنا ۋە ئۇلۇغلۇققا نائىل بولىدۇ….››
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ماغدۇر كەتكەندەmaghdur ketkende, zunun qadiri
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: زۇنۇن قادىرى
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 1M
بەت سانى: 21
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ھېكايىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ئىلى دېھقانلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ھېكايىدە ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەنگەن: «مانا قەبرىستانلىققا يېتىپ كەلدۇق،بۇيەردە بەخىتسىز ھاياتتىن خوشلاشقان مىڭلىغان ئادەملەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان كونا تۇپراقلار دۈمچەك-دۈمچەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ،ھەممە قەبرىلەر بىر خىل كۆرۈنۈشتە ئەمەس ئىدى،ھىمايىچىلىرىدىن ئايرىلغانلىرى ئويۇلغان ياكى ئىزنىسى تۈگەپ كىچىككىنە دۈمچەك بولۇپ قالغان،بەزىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاش،ياغاچ،قوشقار مۈڭگۈزى قويۇلغان،ئاندا-ساندا سالاسۇن بىلەن ئورالغان ۋە گۈمبەز قىلىپ قاتۇرۇلغان مۆتىۋەر قەبرىلەر ئۈستىگە يوپۇرماقلىق شاخلار قادالغان ياكى ئۈستىگە گۈللەر تېرىلىپ ،سۇ قۇيۇلۇپ قويۇلغانىدى،مانا شۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى توپا دۆۋىلەنگەن باقىنىڭ ئاددى قەبرىسى ئورۇن ئالدى،كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قەبرىلەرگە يەنە بىر قەبرە قوشۇلدى….»
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئەسەر نامى: چاڭموزا يۈسۈفخانchangmoza yusupxan molla bilal binni molla yusuf nazimi
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى)
نەشىر ۋاقتى: 1909-يىلى
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: تاتارىستان (رۇسىيە)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: دوكتور نىجات سوپى
بۇ ئەسەر 19-ئەسىردە ئىلى رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق رىئالىزىمچى ئەدىب موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى) نىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى پانتۇسوف تەرىپىدىن 1909-يىلى رۇسىيە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئۇيغۇر بېيتلىرىradlof radlov toplighan uyghur beytliri
توپلىغۇچى: رادلوف
نەشىر ۋاقتى: 1886
نەشىر ئورنى: پېتىربۇرگ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى (دوكتور)
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: مىراس ژۇرنىلى 2011-يىللىق 4-سان
بۇ بېيىتلار رۇس ئالىمى رادلۇف تەرىپىدىن 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلەنگەن ھەمدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىندى. بۇ بېيىتلار ئىچىدە سادىر پالۋان، نۇزۇكۇم قوشاقلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىمۇ بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »

يەتتە سۇ ئۇيغۇر تېپىشماقلىرىnijat sopi yette su uyghur tepishmaqliri pantusov nikolai
تۈرى: تېپىشماق
ئاپتورى: خەلق
توپلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
نەشىر ۋاقتى: 1909
نەشىر قىلغان ئورۇن: قازان دارىلئۇلۇم نەشرىياتى (تاتارىستان)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى (دوكتور)
بۇ تېپىشماقلار 1909-يىلى پانتۇسوف تەرىپىدىن قازان شەھرىدە چاغاتاي يېزىقىدا بېسىلغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان ھەمدە شۇ دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىنغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسى قومۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان.
چۈشۈرۈش ئورنى »

پرېستان ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن بىرھوننىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىۋالدۇق. ئەمدى بۇرۇنقى ئۇسلۇبنى باشقىلارغا بەرسەممۇ بولىدۇ. ئۆتكەندە بىرقانچەيلەن سورىغانىدى، ئەپسۇس، كىيگەن شەپكىمىز ئوخشاش بولۇپ قالمىسۇن دەپ بەرمەي قويغانىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەمدى ئوخشاش شەپكە كىيىۋالىدىغان بىلوگلار چىقمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈم بىر قوللۇق ئۆزلەشتۈرگەن كونا ئۇسلۇبىمىز Spectrum غا ئەمدى بىرھوندا ئورۇن قالمىدى. «چۈشۈرۈش ئورنى» نى چېكىپ، ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ، چۈشۈرۈڭ ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈڭ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى