ئورنىڭىز : خەۋەر >> تەنتەربىيە >> داۋانچىڭدىكى دېھقان–چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى
داۋانچىڭدىكى دېھقان–چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-15 21:11:27 كۆرۈلۈش سانى : 166
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
|
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسى 11 – سېنتەبىر 15 – نۆۋەتلىك دېھقان، چارۋىچىلار مىللىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ‹‹يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش›› ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، 3800دىن ئارتۇق كىشى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يېزىغا قاراشلىق كەنتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ماھىر قاتناشقان، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاساسلىقى قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۈرلىرىدىن ئات بەيگىسى، تەنگە ئېلىش، قىز قوۋار، ئوغلاق تارتىشىش، تۆگە بەيگىسى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرنى ئاساس قىلغان. چارۋىچىلار ئەڭ ياخشى ئاتلىرىنى مىنىپ، بىپايان باياۋاندا قامچىلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇچقاندەك چاپتى. مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، مۇسابىقە ئارىلىقىدا يەنە بۈركۈت ئۇسسۇلى، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق شەكىلدىكى سەنئەت ئويۇنلىرى كۆرسىتىلدى.
بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپلا قالماي، يەنە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئىتتىپاقلىق كۈچەيتىلدى. | |
|