ئورنىڭىز : خەۋەر >> تەنتەربىيە >> شىنجاڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى1 – كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى
شىنجاڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى1 – كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-15 21:04:20 كۆرۈلۈش سانى : 158
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تۇرسۇنجان ھامۇت خەۋىرى: چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى مۇسابىقىسى 24 – سېنتەبىر چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى. داڭلىق ماھىرىمىز ۋاڭ جيې بىلەن زومەندىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئاياللار 1 – كوماندىسى 0: 2 نەتىجە بىلەن سەنشى 2 – كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ۋاڭ جيې بىلەن زومەن رەقىبلىرىنىڭ ئانچە زور توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كەتمىدى. ۋاڭ جيې بىلەن زومەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ كەسكىن سىناق 25 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولۇپ، ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، دۆلەت كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى ۋاڭ فېي بىلەن تيەن جيادىن تەشكىللەنگەن ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلاردىن شۆچىن بىلەن جاڭ شى ئويلىمىغان يەردىن شاللىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ۋاڭ جيې بىلەن زومەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىسىلا، ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا توختايدۇ. |
|