بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : خانىم - قىزلار >> خانىم - قىزلار ساغلاملىقى >> بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ

بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-10 12:16:30    كۆرۈلۈش سانى : 3294  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئاياللار ئادەتتە تېرە ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئايال تېرە گۈزەللكىنىڭ بالىياتقۇ ساغلامىلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئاياللار بالىياتقۇسىنى ئىسىق ۋە ساغلام تۇتۇشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسنىڭ مۇدىر ۋىراچى دىڭ گيفيڭ مۇنداق دېدى:ئادەتتە بالىياتقۇدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، مەسىلەن، ھامىلە چۈشۈپ كېتىش، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش قاتارلقىلار بالىياتقۇنى ئېغىر زەخمىلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى ئاجراتمىسى نورمالسىزلىشىشتىن  بالىياتقۇدىكى پاتولوگيلىك ئۆزگىرىش، ھەيىز نورمالىسز بولۇش، بالىياتقۇدىن قان كېلىش، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، بالىياتقۇراكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، تۇخۇمدان ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاياللار ياش ۋاقتىدىن باشلاپ قېرىغىچە بالىياتقۇسىنى ئاسىرشى كېرەك. تۇنجى قېتىم ھەيز كەلگەنلىك بالىياتقۇنىڭ ئاساسي جەھەتتىن يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا قىزلار ياشلىق مەزگىلىدە بەدەن چېنقتۇرۇشى، مۇۋاپىق غىزالىنشى، قارىغۇلارچە ئۆزىنى تاماقتىن قىسماسلىقى، تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولۇشى، تازىلىققا راىئايە قىلىشى كېرەك. توي قىلغان ئاياللار ئۆزىنى پاكىز تۇتۇشى، تەكرار ھامىلە چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بولمىسا بالىياتقۇ يۇقۇملانغان ۋە زەخملەنگەندىن باشقا، كەلگۈسىدىكى ھامىلگە زىيان يېتىدۇ. بالىلىق بولغان ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ يۈكىمۇ ئېغىرلايدۇ.شۇڭا تۇغۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. بەزى ئاياللار خىزمەتكە بەكلا بېرىلىپ كېتىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى دەم ئېلىشقا دىققەت قىلمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن قورساق بېسىمغا ئۇچراپ، بالىياتقۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ بالىياتقۇ ئۈچۈن ئېغىر زەخىم ھېسابلىندۇ. ھەيىز توختىغاندا، بالىياتقۇ ئالاھىدە بۇرچىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىدۇ.لېكىن چوڭ ياشتىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى كۆپىيۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياشانغان ئاياللار مۇۋاپىق چېنىقىپ تۇرۇشى، سىرتلاردا كۆپىرەك پائالىيەت قىلىشى، مۇۋاپىق غىزالىنشى، سەمىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  خانىم-قىزلار دىققە...
●  بالىياتقۇ ساغلام ب...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  خانىم-قىزلار دىققەت قىل...
●  بالىياتقۇ ساغلام بولسا ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى