ئورنىڭىز : قانۇن >> قانۇندىن مەسلىھەت >> شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق ئادەمگە ماشىنا بىرىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە كىم ئىگە بولىدۇ؟
شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق ئادەمگە ماشىنا بىرىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە كىم ئىگە بولىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-22 11:08:29 كۆرۈلۈش سانى : 13
شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق ئادەمگە ماشىنا بىرىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە كىم ئىگە بولىدۇ؟ « يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى »نىڭ 25- ماددا 2- ۋە 3- تارماقتا ، شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئارىيەتكە بېرىشكە ، ئۆزگەرتىشكە ، ياكى يالغاندىن ياسىۋېلىشقا بولمايدۇ ، قاتناش ۋاستىلىرىنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوق كىشىلەرنىڭ ھەيدىشىگە بېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .يوقۇرىدىكى نىزامنىڭ 74- ماددا 2- تارماقتا يەنە ، قاتناش ۋاستىلىرىنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوق كىشىلەرنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەنلەرگە ، " ئامانلىق ساقلاش باشقۇرۇش نېزامى" دىكى بەلگىلمىلەر بويىچە جازا بەرگەندىن سىرىت يەنە ، شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى 6ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قىلىش جازاسى بېرىشكە بولىدىغانلىقى ، قىلمىشى ئېغېر بولغانلارغا شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى 6ئايدىن يوقۇرى 12ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قېلىش جازاسى بېرىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن . ئادەتتە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ۋەقەسىنىڭ تۇغۇلۇش سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ،بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بىلەن قاتناش ۋەقەسى ئوتتۇرسىدىكى سەۋەپ -نەتىجە مۇناسىۋېتىگە ھەم قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى رولىغا قاراپ ، بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى جاۋاپكارلىقىنى بېكىتىدۇ .بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بولۇپ ، شۇ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ قاتناش ۋەقەسى بىلەن سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋېتى بولسا ،، شۇ كىشى قاتناش ۋەقەسىدىكى جاۋاپكار بولىدۇ .بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بولمىسا ياكى قائىدىەە خىلاپ قىلمىشى بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قاتناش ۋەقەسى بىلەن سەۋەپ -نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمىسا ، ئۇ كىشى قاتناش ۋەقەسىدە جاۋاپكار بولمايدۇ . قاتناش ۋەقەسىدىكى جاۋاپكارلىق ئادەتتە تولۇق جاۋاپكارلىق ، ئاساسىي جاۋاپكارلىق ، تەڭ جاۋاپكارلىق ۋە غەيرىي ئاساسىي جاۋاپكارلىق دەپ تۆت خېلغا ئايرىلىدۇ . توختام قانۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسلانغاندا ، توشۇغۇچى بىلەن يولۇچى ئوتتۇرسىدا توختام مۇناسىۋېتى بولغان بولىدۇ . شۇڭا توشۇغۇچىنىڭ قانۇندا ۋە توختامدا بەلگىلەنگەن يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى بولىدۇ .ناۋادا توشۇش جەريانىدا توشۇغۇچىدا قائىدىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلگەنلىكتىن ، يولۇچىلارنىڭ ئۆلىش ياكى يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلسە ، توشۇغۇچى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ئەمدى يوقۇردىكى ئەھۋالغا كەلسەك ،ئىسكەندەرنىڭ دوسلۇق مۇناسىۋېتىگە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، شوپۇرلۇق پروۋىسى بولمىغا دوستى سەمىيگە ماشىنىسىنى ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىشى ، ئۇنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسكەندەرنىڭ ماشىنىنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوق كىشىلەرنىڭ ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىدىن ئىبارەت قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بىلەن ، ئۇ توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان يولۇچىلارنىڭ ئۆلىشىدىن ئىبارەت زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولىشى ئوتتۇرسىدا بىۋاستە سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋېتى بولغاچقا ھەمدە ئۇنىڭ يولۇچىلار بىلەن پۇتۇشكەن بىخەتەر توشۇشتىن ئىبارەت ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىاغانلىقى ئۈچۈن ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي زىينىنى ئالدى بىلەن ئىسكەندەر تۆلەپ بېرىشى كېرەك .ناۋادا ئىسكەندەر ، ۋەقەنىڭ سادىر بولىشىدا ۋە زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا دوستىسەمىنىڭمۇ سەۋەنلىكى بار دەپ قارىسا ، ئالدى بىلەن ئۇ زىيانلانغۇچىنىڭ زىينىنى تۆلەپ بېرىپ بولۇپ ،ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ زىينىنى دوستى سەمىدىن تۆلەپ بېرىشىنى ئايرىم تەلەپ قىلسا بولىدۇ . بۇ يازما پۇخرا تورىدىن ئېلىندى . |
|