مۇشۇنداقمۇ بىلىمسىز يۈزسىز كىشلەرمۇ باركەن
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-12 11:08:20 كۆرۈلۈش سانى : 13
[color=#FF0000][size=7][/size][/color]مەسلىھەتىڭىزنىڭ تۇللۇق چۈشنۈشلۈك بۇلۇشى ئۈچۈن بۇ مەسلىنى تەپسىلىرەك سۆزلىشىمگە توغرا كىلىدىكەن ، زىرىكمەي تەپسىلىرەك ئۇقۇپ چىقىپ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار ، مەن ئاقسۇ شەھرگە قاراشلىق بىر يېزىسىدىن بۇلىمەن ، مىنىڭ بىر سىڭلىمنى 2007- يىلى 6- ئايدا بىرسى بىلەن تۇيىنى قىلىپ قويغانتۇق ئۇ سىڭلىمنىڭ يولدىشىنىڭ بىر ئاچىسى (تۇرپاندا ) يەنە بىر ئىنىسى ( 2007 – يىلى 9- ئايلاردا مىنىڭ ياغاچچى ئىنىمگە شاگىرتقا ئەكىلىپ بەرگەن )يەنە بىر سىڭنىسى باركەنتۇق سىڭلىمنىڭ تۇرمۇشى خېلە ياخشى ئۈتۈۋاتىتى ، بۇ يىل 5- ئايلاردا سىڭلڭمنىڭ قېيناتا-قېينانسى بىلەن كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە كەپتۇ ( ئەسلىدىمۇ مىنىڭ ئۈيۈم بازاردىلام بولغاچقا 3،2، كۈندە دىگۈدەك بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ تۇراتتى) بۇ چاغلاردا ئۇلار كۈيئوغلىمىزغا ئولتۇراق ئۆي سېلىپ بىرۋاتاتتى ، تامچىنىڭ (خوتەنلىك )بىر ئىشلەمچىسى ( ئۇمۇ خوتەنلىك )بىلەن كىچىك قىزىنىڭ ئازراق چاتىقى بارلىغىنى سىزىپ قېلىپ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئازراق نەسىھەت قىلغانلىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئېتىزدىن كەشلىك تاماق ئىتىش سەۋەبى بىلەن ئۆيگە كەتكەن ئىكەن ، ئاتا-ئانىسى كەچتە ئۆيىگە كەلسە قىزى يوقمىش ، ئۇلارنىڭ ئۈيى ئاقسۇ-ئاۋات تاش يۇلىغا يىقىن ئىدى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسە چۈشتىن كىيىن يولدا قۇلىدا بىر نەرسە تۇتقان ھالدا ماشىنا ساقلاپ تۇرغانلىغىنى كۆرگەنلىگىنى بىراق ئاقسۇغا ياكى ئاۋاتقا كەتكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئۇقۇپتۇ مەن تىجارەتچى بولغاشقا ئىجتىمائى مۇناسۋڭتڭم سەل قۇيۇقراق بىلدىغانلىرىم سەل كوپرەك بولغاشقا مەندىن ياردەم قىلىشىمنى ئۈتۈنۈپ كەپتىكەن مەنمۇ تۇققان بولغاندىكىن دەرھال قۇلۇمدىكى ئىشىمنى قۇيۇپ ئۇلارنى ماشنامغا چىقاردىم ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئاقسۇدا تۇققانلىرى بارمىش شۇ يەرگە بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى دىدى ، ئاقسۇغا بېرىپ كوپ يەرلەردىن سۈرۈشتۈرۈپمۇ ھىچيەردىن تاپالمىدۇق كىچىدە يېنىپ كىلۋېتىپ مەن مۇنداق يول كۆرسەتتىم ‹‹ سىلەر ئەتە تامچىنىڭ ئۇستىسىنى تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ شاگىرتى ئارقىلىق قىزىنى سۈرۈشتۈرۈشنى بوي بەرمىسە پەيچۇسوغا باردىغانلىغىنى ئېيتىشىنى دىدىم ›› ئەتىسى شۇنداق قىلىپ قىزى توغرلىق ئۇچۇرغا ئىگە بۇلۇپتۇ ،ئاقسۇدىن بىر مېھمانخانىدىن تېپىپ كەپتۇ ،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار كۈندە دىگۈدەك قىزىمىز يۈزىمىزنى چۈشۈردى دەپ يىغلاپ ئاۋارە بۇلۇپ كەتتى بۇ ئىشلىرىنى بىزدىن باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلمەيتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئايالىمنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلىغا (ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ساغلام بىجرقم بالا ئىدى )ئېلىپ بىرىشنى مەسلىھەتلىشىپ ئوغۇل ، قىز تەرەپكە دىدۇق قىز تەرەپ بەك خوشال بولدى ، ئوغۇل تەرەپمۇ قۇشۇلدى بىراق دىخان بولغاشقا ھازىر پۇلى يوقلىقىنى ئېيتپ توينى 10- ئايلاردا قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى بۇنى قىز تەرەپ ئۇقۇپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى ، خەلقى ئالەم ( قىزىنىڭ باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەنلىگىنى ) بىلىپ بولغىچە تۇيىنى قىلۋەتسەك بۇلاتتى دەپ ، بىزنىڭ يەنە شۇلارغا ئىچىمىز ئاغرىپ ھىسداشلىقىمىز تۇتۇپ ئۇغۇل تەرەپكە پۇلنى مەن بىرىپ تۇرۇشقا كىلىشىپ تويلۇق ئۈچۈن 11000،( ئون بىر مىڭ ) يۈئەن بەردۇق 7- ئاينىڭ باشلىرىدا تۇيىنى قىلىپ قويدۇق مۇناسۋىتى ياخشى كىتىپباراتتى ، 9- ئايلاردا تۇرپاندىكى ئاچىسى كۈچۈپلام يولدىشىنى باشلاپلام كەلدى ، ( سىڭنىسىنىڭ تۇيىغا كەلمىگەن ، سىڭلىمنى مىنىڭ يېنىمغا بىرىڭ مەن تۇرپاندا يولدىشىمنىڭ ئىنىسىغا ئەپپبىرىمەن دەپ تېلاۇن قىلغانكەنمىش ، ئاتا-ئانىسى ئۇنماپتۇدەك ، كىيىن يەنە باشقا بىر ئەر تاپقانلىغىنى ئېيتىپ خەۋەر قىلغاندىمۇ كىچىك قىزىمنى يېقىنراق يەردە ئەرگە چىقىرىمەن دەپ چوڭ قىزىنىڭ گىپىنى گەپ ئەتمىگەن ئىدى ) چوڭ قىزى كەلگەن كۈندىن باشلاپلاپ كىلىننىڭ ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇزۇتسىيەسىدە 180 گىرادۇس بۇرۇلۇش بولدى بۇرۇنقى قىزى باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەندىكى بىچارە ھالىتىدىن قىلچىلىكمۇ ئەسەر يوق كىلىنچەك 2 كۈن يىگىتنىڭ ئۈيىدە تۇرسا 4 كۈن ئانىسنىڭكىدە تۇرۋالدىغان بلۋالدى ياخشىلىقىمىزنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپتۇ ، بىز يەنە ئارتۇقچە گەپ قىلمىدۇق ،كىيىن رۇزى ھېيت كەلدى، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى دادامنىڭ ئۈيىگە شۇلارنى يىگىت تەرەپ قۇدىسىنىمۇ يەنە دادامنىڭ باشقا قۇدىلىرىمۇ بار ھەممىمىز ھېيتلىق چاقىرىشقا باردۇق باشقا گەپ- سۆز قىلىشمىدۇق تىنچ ئىدى، ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپنىڭ ئۈيىگە يەنە ھەممىمىز باردۇق مېھمان بولدۇق يەنىلام تىنچ ئىدى ، ئۈچۈنچى كۈنى شۇ قىز تەرەپنىڭ ئۈيىگە ھېيتلىق چاقىرىپتۇ باشقىلارنىڭ ئۈيىدە بالدۇرلام تاماقلارنى تەييارلاپ مېھمان قىلىپ يولغا سالغانتى ، بىراق بۇلارنىڭ قۇسىقىدا جىن بارلىقىنى بىلمەپتۇق شۇنداق كەچتە تاماق تاتتى ‹‹ چۇقاڭنى كىمۇ ياردى ، نان بەرگەن ئاكام ›› دىگەندەك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن تۇرپاندىن كەلگەن بىشەم قىزى ( ئەسلىدىمۇ بەك ھاكاۋۇر بىشەم قارا قۇساق بىر بىلىمسىزخۇتۇنكەنتۇق ، كىيىنىش ، گىرىم قىلىش ، يۈرۈش –تۇرۇشلىرىدىن تارتىپ ھەممىسى مىنىڭ كۈزۈمگە پەقەتلام سىغمىغانتى) قەستەن جىدەل چىقاردى ئادەم كوپ بولغاشقا ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشقا يول قۇيۇلمىدى ، يېنىپ كەلدۇق ، كىلىنچەك تويلۇق سالسمىغا تاتقان نەرسىلەردىن تارتىپ تويلۇققا بىز ئالغان نەرسىلەرنىمۇ قۇشۇپ ىېلە بۇرۇنلام پىلانلىق ئاتىسنىڭكگە ئاپىرۋاپتىكەن ، بۇنداق ئەھۋالدا بىز جەڭگىۋار ھالەتكە ئۆتمىسەك ئۇلار جىم يۈرۈۋېرىدىكەن ، بۇ ئىشنى باشتا مەن ئارلىشىپ قىلغان بولغاشقا ئاخىرىنى يەنە مەن بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىپ ئۇلارنى چىرايلىق سوزلىشىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلسام ئۇلار مۇغەمبەرلىك قىلىپ بىزنىڭ سىلەر بىلەن سوزلىشىشكە بىكار ۋاقتىمىز يوق دەپ يۈزسىزلىك قىلۋاتىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا مەن قانداق قىلىشىم كىرەك بېشىم بەك قاتتى ، ئاچچىقىم ئاندىن بەك كەلدى بىر ياخشىراق مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار قانۇننىڭ ئادىللىقىدىن بەھرىمەن بولسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بارتى ، ناۋادا ئەرز قىلىشىمغا توغرا كەلسە قايسى تەرتىپ بىلەن ئەرز قىلىمەن ( يېزىمىزدا تارماق سوت مەھكىمىسىمۇ يوق ) تەپسىلىرەك يول كورسەتسەڭلار ، ئەرز قىلىش تەرتىپلىرىنى نە نەگە ، قايەر قايەرنى ئىزدەيدىغىنىمنى تەپسىلىرەك دەپ بەرگەن بولساڭلار ، مەن بۇرۇن ھىچقانداق دەۋا ئىشلىرى بىلەنمۇ باشقا ئىشلار بىلەنمۇ سوتقا بېرىپ باقمىغان ، جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن ئەمسە، 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 11 - كۈنى |
|