بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئوبلاستلىرىمىز >> شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك ئونىنچى شىسى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك ئونىنچى شىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-30 13:07:37    كۆرۈلۈش سانى : 81  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يېزا ئىگىلىك 10 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 - بىڭتۇەنى ئاتلىق ئەسكەرلەر 7 - شىسىنىڭ 9 - تۇەنى ئىدى. بۇ قىسىم 1953 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن تەرتىپكە سېلىنىپ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇستەقىل 28 - تۇەنى بولغان، 1954 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن تەرتىپكە سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مۇستەقىل 28 - تۇەنى بولغان. 1959 - يىلى يېزا ئىگىلىك 10 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى ئالتاي شەھىرىنىڭ بېيتۇەن بازىرىدا.    يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى پۈتكۈل ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسىگە تارقالغان. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 36 سى بار بولۇپ، ئۇنى 11 ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 25 ى سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 92 سى بار. ھازىر 37 مىڭ گېكتار )555 مىڭ مو( تېرىلغۇ يەر، 5000 گېكتار )495 مىڭ مو( يايلاق، 8000 گېكتار )120 مىڭ مو( ئورمانلىق، 5000 )750 مىڭ مو( سۇ كۆلىمى، 1000 گېكتار )15 مىڭ مو( ئورمانلىق، ئۇنىڭدىن باشقا 129 مىڭ گېكتار )1 مىليون 935 مىڭ مو( ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان قاقاس يەر بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 68 مىڭ، ئەمگەكچى 33 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 32 مىڭ نەپەر.    يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ياخشى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 12 نى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 118 مىليون كۇب مېتىر( ياسىدى؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 61 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 500 گە يېقىن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، مايلىقدان، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلار يېتىشتۈرۈپچىققان >ئالتاي ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى< دۆلەتنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى؛ بېقىلىۋاتقان قارا كۈرەڭ تۈلكە، شىمالىي قۇتۇپ تۈلكىسى قاتارلىق تېرىسى ئەتىۋارلىق ھايۋانلار تەخمىنەن 10 مىڭغا يېتىدۇ، تۈلكە تېرىسىنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك.    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى، ئاساسلىقى كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، سېمونت، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ئىلمە توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، قەغەز ياساش، مەتبەئەچىلىك، ساپال ۋە فار - فۇر بۇيۇملىرىنى ياساش، چىرىمتال قېزىش ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بېنتونىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تۈرلەر بار. چىرىمتال قەغىزى بىلەن چىرىمتال قەغىزى تاختىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بېنتونىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  نىلقا ناھىيىسى
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپ...
●  بايىنغۇلىن موڭغۇل ...
●  بورتالا موڭغۇل ئاپ...
●  ئىلى قازاق ئاپتونو...
●  سانجى خۇيزۇ ئاپتون...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - ق...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  نىلقا ناھىيىسى
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى