بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئوبلاستلىرىمىز >> شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك بەشىنچى شىسى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك بەشىنچى شىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-19 12:49:04    كۆرۈلۈش سانى : 81  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يېزا ئىگىلىك 5 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1 - دالا ئارمىيىسى 1 - بىڭتۇەنى 6 - جۈنىنىڭ 16 - شىسى ئىدى. بۇ قىسىم 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇمۇلغا كىرىپ، قۇمۇل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنى ئېچىشتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاتلانغان. 1953 - يىلى 3 - ئايدا، بۇيرۇققا بىنائەن تەرتىپكە سېلىنىپ، كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن يېزا ئىگىلىك 5 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. قۇمۇل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىدىن 8ى ۋە بىر تۈركۈم سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىلىرىنى قۇرۇپ چىققان، 1960 - يىلى غەربكە يۈرۈش قىلىپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بورتالا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنى ئاچقان. شى شىتابى بورتالا شەھىرىدە. يېزا ئىگىلىك 5 - شىسى قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 30 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 12 سى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 18 ى سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسىپىي ئورۇندىن 75 ى بار. ھازىر 46 مىڭ 100 گېكتار )691 مىڭ 500 مو( تېرىلغۇ يەر، 156 مىڭ گېكتار )2 مىليون 340 مىڭ مو( قاقاس يەر، 400 گېكتار )6000 مو( مېۋىلىك باغ بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 97 مىڭ، ئەمگەكچى 43 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 42 مىڭ 200 نەپەر. يېزا ئىگىلىك 5 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 3 ى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 160 مىليون كۇب مېتىر( ۋە 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتا سۇ باشلاش، يەتكۈزۈش ئۆستىڭى )سۇ باشلاش ئىقتىدارى 593 مىليون كۇب مېتىر( ياسىدى؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 209 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كوممىقوناق، پاختا، مايلىقدان، ئالقات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ قۇرۇقلۇقتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پاختا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەم ئېلىمىزدىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان 10 چوڭ بازىنىڭ بىرى، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان پاختا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم >يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك پاختا< دېگەن نامغا ئېرىشكەن. چارۋىچىلىقتا قوي بېقىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خېلى زور كۆلەمگە ئىگە. يېزا ئىگىلىك 5 - شىسىنىڭ سۇ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، كىچىك تىپتىكى پەلەمپەيسىمان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن 27 سى بار بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتور سىغىمچانلىقى 12 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتا 10 مىڭ ۋولىتتىن يۇقىرى توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى بار. 1991 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەزكۇر شى مەملىكەت بويىچە 2 - تۈركۈمدە ئېلېكترلەشتۈرۈلىدىغان قۇرۇلۇش - بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. سۇ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شى بويىچە ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قەغەز ياساش، خىمىيە سانائىتى، ئاشلىق، ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تۈرلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن يۈرۈشلەشكەن مەھسۇلاتلار كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن >قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن ئەلا سۈپەتلىك ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلات< دېگەن نامغا ۋە قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن ئەدىيال ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان مەھسۇلات دېگەن نامغا ئېرىشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى كۆلىمى 630 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئىبىنۇر كۆلى، بىر تەرەپتىن مول تۇز بايلىق مەنبەسى بىلەن تۇز خىمىيە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك خام ئەشيا بازىسى ھېسابلانسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتراپىدىكى مول قۇمۇش بايلىقى بىلەن قەغەزچىلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى خام ئەشيا بازىسى ھېسابلىنىدۇ. «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  نىلقا ناھىيىسى
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىر...
●  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپ...
●  بايىنغۇلىن موڭغۇل ...
●  بورتالا موڭغۇل ئاپ...
●  ئىلى قازاق ئاپتونو...
●  سانجى خۇيزۇ ئاپتون...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - ق...
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...
●  نىلقا ناھىيىسى
●  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى