بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> گېزىتلەر >> ئاقسۇ گېزىتى

ئاقسۇ گېزىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-19 12:02:44    كۆرۈلۈش سانى : 380  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
<ئاقسۇ گېزىتى> - ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى. <ئاقسۇ گېزىتى> - يۇرتىمىزدا ئەڭ بۇرۇن نەشر قىلنغان گېزىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1935 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا <غەلۋىر> دېگەن نام بىلەن قوليازما ھالەتتە نەشر قىلىنغان، 1936 - يىلى گېزىت نامى <ئاقسۇ ئۇچۇرى> غا ئۆزگەرتىلىپ، شاپىگراف بىلەن بېسىلغان، 3194 - يىلى گېزىتنىڭ نامى <ئاقسۇ گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن ھەم لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق كىشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن گېزىتنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، سەھىپىسى كۆپەيگەن. ئازادلىقتىن كېيىنمۇ گېزىت داۋاملىق نەشر قىلىنغان، 1954 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلىپ، <جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن؛ 1958 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن تارتىپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى سۈپىتىدە قايتىدىن <ئاقسۇ گېزىتى>نامى بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان، 1976 - يىلى گېزىت چوڭ باسما تاۋاققا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىرغىچە ھەپتىدە ئۈچ سان نەشر قىلىندۇ. <ئاقسۇ گېزىتى> دە گېزىت نەشر قىلىنىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرلەر بېرىلگەن. 1943 - يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن يىللاردا <جەنۇب شامىلى> ناملىق مەخسۇس ئەدەبىيات بېتى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ <يىللارغا جاۋاب>، <شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ> قاتارلىق شېئىرلىرىنى، نىمشېھىتنىڭ <مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن> داستانى ھەم يەنە بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان. 1976 - يىلى گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىنىڭ  نامى <بوستان>غا ئۆزگەرتىلگەن، 1988 - يىل 10 - ئايدىن ئېتىبارەن يەنە ئەسلىدىكى <جەنۇب شامىلى> ناملىق سەھىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ بەتكە شېئىر، ھېكايە، نەسر - ئوبزورلار بېرىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ مائارىپ گېز...
●  شىنجاڭ سودا گېزىتى
●  قەشقەر گېزىتى
●  ئىلى گېزىتى
●  ئىلى كەچلىك گېزىتى
●  ئىشچىلار ۋاقىت گېز...
●  ئۈرۈمچى كەچلىك گېز...
●  شىنجاڭ ئىقتىساد گې...
●  شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى
●  شىنجاڭ گېزىتى
●  خوتەن گېزىتى
●  ئاقسۇ گېزىتى
●  ئاسىيا كىندىكى
●  شىنجاڭ مائارىپ گېز...
●  شىنجاڭ سودا گېزىتى
●  قەشقەر گېزىتى
●  ئىلى گېزىتى
●  ئىلى كەچلىك گېزىتى
●  ئىشچىلار ۋاقىت گېز...
●  ئۈرۈمچى كەچلىك گېز...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى
●  شىنجاڭ سودا گېزىتى
●  قەشقەر گېزىتى
●  ئىلى گېزىتى
●  ئىلى كەچلىك گېزىتى
●  ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى
●  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
●  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى
●  شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى
●  شىنجاڭ گېزىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى