بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> گېزىتلەر >> شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى

شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-22 11:35:21    كۆرۈلۈش سانى : 94  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپ خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باشقۇرۇشىدىكى، شىنجاڭ مائارىپ گېزىت - ژۇرنال نەشرىياتى تەسىس قىلغان مائارىپ خىلىدىكى مەخسۇس گېزىت بولۇپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا نەشردىن چىقىدۇ. خەنزۇچە نەشرى 1989 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ نەشىردىن چىقىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرتىلى نەشرى 1990 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ نەشىردىن چىقىشقا باشلىغان. قازاقچە نەشىر 1992 - يىلى سىناق تەرىقىسىدە 1997 - يىلى رەسمىي نەشىردىن چىقىشقا باشلىغان. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشرى ھەپتىدە بىر قېتىم، قازاقچىسى ئۈن كۈندە بىر قېتىم نەشىردىن چىقىدۇ. بۇ گېزىت ئاساسلىقى ھەردەرىجىلىك مائارىپ باشقۇرغۇچى خادىملار، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، مائارىپ مەمۇرىي كادىرلىرى، ھەردەىجىلىك ھەرخىل تىپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مۇشتەرى ئوبيېكتى قىلغان. بۇ گېزىت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنڭ مائارىپ فاڭجېن سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھات ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، مائارىپ سېپىدىكى ئىلغار تىپلارنى خەۋەر قىلىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىدۇ. بۇ گېزىت مۇھىم خەۋەرلەر بېتى، ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر بېتى، ئوقۇ - ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى بېتى، ئەدەبىي پارچىلار ۋە سەنئەت قوشۇمچە بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ گېزىتنىڭ يەنە قىسقا خەۋەرلەر، ئۇل مائارىپ، كەسپىي تەلىم - تەربىيە، چوڭلار مائارىپى، ئالىي مائارىپ، ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە، ساپا مائارىپى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى، مائارىپ تەتقىقاتى، مۇشتىرىلاردىن خەت، سىياسىدىن مەسلىھەت، پىكىر - تەلەپ مۇنبىرى، نەسىر، ئوبزور، ھېكايە، شېئىر، ناخشىلار قاتارلىق سەھىپىلىرىمۇ بار. گېزىتنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئون ئىلغار ۋە مۇنەۋۋەر گېزىتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا CN65-0046, CN65-0046/W, CN65-0046/H پوچتا ۋاكالەت نومۇرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 161 - 57، 140 - 57، 139، 57، ھازىر ژۇرنال بۆلۈمىدە 31 تەھرىر خادىم بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاخبارات تۈرىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار يەتتە نەپەر، ئوتتۇر دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 10 نەپەر.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ مائارىپ گېز...
●  شىنجاڭ سودا گېزىتى
●  قەشقەر گېزىتى
●  ئىلى گېزىتى
●  ئىلى كەچلىك گېزىتى
●  ئىشچىلار ۋاقىت گېز...
●  ئۈرۈمچى كەچلىك گېز...
●  شىنجاڭ ئىقتىساد گې...
●  شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى
●  شىنجاڭ گېزىتى
●  خوتەن گېزىتى
●  ئاقسۇ گېزىتى
●  ئاسىيا كىندىكى
●  شىنجاڭ مائارىپ گېز...
●  شىنجاڭ سودا گېزىتى
●  قەشقەر گېزىتى
●  ئىلى گېزىتى
●  ئىلى كەچلىك گېزىتى
●  ئىشچىلار ۋاقىت گېز...
●  ئۈرۈمچى كەچلىك گېز...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى
●  شىنجاڭ سودا گېزىتى
●  قەشقەر گېزىتى
●  ئىلى گېزىتى
●  ئىلى كەچلىك گېزىتى
●  ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى
●  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
●  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى
●  شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى
●  شىنجاڭ گېزىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى