ئاياللارغا ئىبىرەت ۋە نەسىھەت
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-17 19:07:46 كۆرۈلۈش سانى : 509
ئەلى رەزى ئەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ پاتىمە ئىككىمىز رەسۇلۇللانىڭ يىنىغا كىرگەن ئىدۇق رەسۇلۇللا يىغلاپ ئولتۇرغان ئىكەن بىز ئى رەسۇلەللاھ! نىمىگە يىغلاۋاتىلا دەپ سوردۇق رەسۇلۇللاھ ئىتتى:
مەن مىراجغا چىققان كىچىسى نۇرغۇن ئاياللارنى دوۋزاقتا كۆردۈم شۇ ئاياللار تارتىۋاتقان ئازاپنى ئويلاپ يىغلاۋاتىمەن دىدى:ئەلى دىدى ، ئى رەسۇلەللاھ! سىلى كۆرگەن شۇ ئاياللار قانداق ئازاپ تارتىۋاتىدۇ؟..رەسۇلۇللاھ ئىتتى:
مەن بىر ئايالنى كۆردۈم ئۇچىچى بىلەن ئىسىلىپتۇ ئۇنىڭ مىڭىسى پۇرۇلداپ قايناۋاتىدۇ
يەنە بىر ئايال تىلى بىلەن ئىسىپ قويۇلۇپتۇ ئۇنىڭ قولى دۈمبىسىگە باغلىنىپتۇ دوۋزاقنىڭ يىرىڭ زەرداپلىرى ئۇنىڭ گىلىغا قۇيۇلىۋىتىپتۇ
يەنە بىر ئايال ئىككى كۆكسى بىلەن ئىسىلىپتۇ ئۇنىڭ گىلىغا زەققۇم دەرىخى مىۋىسى قۇيۇلىۋىتىپتۇ
يەنە بىر ئايال ئىككى قولى ئىككى پۇتى بىلەن قىسماقلىنىپ باغلىنىپتۇ يەنە بىر ئايال ئۆزىنىڭ جەسىتىنى ئۆزى يەۋاتىدۇ ئوت ئۇنىڭ ئاستى تەرپىدىن تۇتۇشۇپ كۆيىۋاتىدۇ يەنە بىر ئايالنى كۆردۈم ئۇنىڭ يۈزلىرى قاپقارا ئۆزىنىڭ ئۈچەيلىرىنى تارتىپ يەۋاتىدۇ يەنە بىر قىسىم ئاياللار گاس گاچا قارىغۇ ھالەتتە ئۇلار ئوتتىن بولغان ساندۇقنىڭ ئىچىدە
تۇرۇپتۇ ئۇلارنىڭ مىڭىلىرى قايناپ چىقىپتۇ شۇنداق سىسىق پۇراپ كىتىپتۇ يەنە بىر ئايالنى كۆردۈم ئۇنى پەرىشتىلەر
ئوتتىن بولغان قايچا بىلەن كىسىۋاتىدۇ يەنە بىر ئايالنى كۆردۈم ئۇنىڭ بىشى توڭگۇزنىڭكىدەك بەدەنلىرى ئىشەكنىڭكىدەك ئۇ ئايالغا مىڭلىغان ئازاپلار بولىۋاتىدۇ يەنە بىر ئايال ئىشىتقا ئوخشاپ قاپتۇ يىلەن چايانلار ئاغزىدىن كىرىپ كەينىدىن چىقىۋاتىدۇ ئۇ ئايالنى پەرىشتىلەر ئوتتىن بولغان توخماق بىلەن ئۇرىۋاتىدۇ پاتىمە ئىتتى ئى دادا!..
ئۇ ئاياللار نىمە ئىش قىلغان ئىكەن؟ رەسۇلۇللاھ ئىتتى: چىچى بىلەن ئىسىلغان ئايال چىچىنى يوشۇرماي كوچىدا ئچىپ
يۈرىدىكەن شۇڭا ئاللاھ ئۇ ئايالنى شۇنداق ئازاپلاپتۇ ،تىلى بىلەن ئىسىلغان ئايال ئىرىنى تىللاپ ئازار بىرىدىكەن شۇڭا ئاللاھ ئۇ ئايالنى شۇنداق ئازاپلاپتۇ ئەگەر بىر ئايال ئىرىنى تىللاپ دەشنام قىلسا قىيامەت كۇنى ئاللاھ تىلىنى يەتمىش گەز قىلىپ ئۇ ئايالنىڭ بويىنىغا يۆگەپ گەپ قىلالماس قىلىۋىتىدىكەن كۆكسى بىلەن ئسىلغان ئايال بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىنى ئىرىنىڭ روخسىتىسىز ئىمىتىپ قوياتتى ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن ئىسىغلىق ئايال
ئىرىنىڭ روخسىتىسىز سىرىتقا چىكىتىۋىرەتتى ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ كىتىۋىرەتتى ھەيىزدىن كىيىن يۇيۇنماتتى
ئۆزىنىڭ جەسەتەنە يەۋاتقان ئايال دائىم باشقا ئەرلەرگە چىرايلىق كۆشۇنۇش ئۈچۈن ياسىناتتى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى
قىلاتتى ئوتتىن بولغان قامچى بىلەن بەدەنلىرى كىسىلگەن ئايال نەپسىنى مەشھۇر قىلغان ئۆزىنى بولسا مىنى كۆرگەن
ھەممە ئەرلەر ماڭا مەپتۇن بولسا دەپ زىننەتلىنەتتى بىشى توڭگۇزنىڭكىدەك بەدەنلىرى ئىشەكنىڭكىدەك بولۇپ قالغان
ئايال دائىم سۇخەنجىلىك قىلىپ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىغا ئاداۋەت سىلىپ ئۇلارنى ئايرىۋىتەتتى ئىشىتقا ئوخشاپ قالغان ئايال ئىرىنى دائىم دەرىتكە سالاتتى پىشىتنىخور ئىدى مەن شۇ ئاياللارنى قاچانمۇ ئازاپتىن قۇتىلار دەپ يىغلاۋاتىمەن
2.ئەنەس ئىبنى مالىكرەزى ئەللاھۇ دىن رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن
ئايال كىشى بەش ۋاخ نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقىسا رامىزان روزىسىنى تۇتسا ئىرىنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلسا
ئۆزىنى پاك تۇتسا سەككىز جەننەتنىڭ ئىچىگە قايسىسىنى خالىسا كىرەلەيدۇ
ئابدۇراخمان رەزى ئەللاھۇ دىن رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن
قانداق بىر ئايال شەرمى ھايالىق بولسا باش باشتاقلىق قىلمىسا نامەھرەمدىن ئۆزىنى قاچۇرسا ئەسكى ئەردىن مىڭنى يىڭىۋىتىدۇ يەنە قانداق بىر ئايال ئىرىنى يەتتە كۇن خىجالەت قىلماي كۇتسە ئاللاھ شۇ ئايالغا 8جەننەتنىڭ ئىشىگىنى ئاچىدۇ 7دوۋزاقنىڭ ئىشىگى تاقىلىدۇ دىگەن
|
|