ئىمان ۋە ھايا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 12:02:51 كۆرۈلۈش سانى : 521
ئادەمنى يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ھايا ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى خىسلەت ۋە كىشىلىك ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ھۇلى ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:«ئىمان دەرەختۇر، ھايا شاختۇر» دېگەنىدى. ئەگەر ھايا بولمىسا، كىشىلەر بىر - بىرىدىن ئۇيالمىسا، خەلق ئارىسىدا ياخشى قائىدە - يوسۇنلار يوقىلىپ، ھەممە ئىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئادەملەردە ئىشەنچ ۋە دىيانەت قالمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى، كىشىلەرگە ھايادىن يېتەرلىك مەنپەئەت باردۇر. ياخشى خۇي ئەخلاق مېۋىسى ھايادىن تەربىيە تاپمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىگە لەززەت بەرمەيدۇ. بىلىش كېرەككى، گۈزەللىكنىمۇ ھايا بىلەن سۆيۈش كېرەك. قىز بالىنىڭ ھەممە بايلىقى ئۇنىڭ نومۇسى، بۇ بايلىق ھەر قانداق مىراستىنمۇ قىممەتلىك. |
|