چوقان؛خۇدا گۇۋاﻫ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-14 07:05:25 كۆرۈلۈش سانى : 79
خۇدا گۇۋاﻫ
بۇ بىر سەزگۈ مەسىلە.كۈلپەت ۋە بەخىتنىڭ بىرلىشىش نۇقتىسى.ئۇنىڭدا ئىشەنچە ۋە جاسارەتنىڭ ﻫامىيسى بار.ئۇ ﻫەقىقەت ۋە مەغلۇبىيەت مەۋجۇتلۇقنىڭ ئانا سۈپەت ﻫوكۇمىرانلىقىدا بەخىتنىڭ ﻫوكۇمىران بۇلۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ.يارتىش قىممەت نۇقتىسىدىن مەناغا ئىگە بۇلۇشنى ئىزدەيدۇ.ئەمما ،ئۇ مەناغا ئىگە بولالمايدۇ.چۈنكى،يارتىش بىلەن يارلىش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىرخىل مەغلۇبىيەت نۇقتىسىغا يېغىنچاقلانغان.ئەبەدى ﻫەقىقەت پەقەت بىرلا.ئۇ بولسىمۇ ﻫەقىقى مەنانى مەناغا ئىگە قىلماق.يەنى يارلىش قىسىسىنى ئاداققى ئىرادە نۇقتىسىغا يېغىنچاقلىماق.ئۇنىڭدا بۇيۇكلۇك بار، قىممەت بار،ﻫەم سۈپەت شەكلىنىڭ بىر پۈتۈن يېغىنچاقلانغان ﻫاسىلات بار.ئەمما،چۈشۈنۈش نۇقتىسىدا نادانلىق ۋە بىخۇتلۇقنىڭ ئەسەبى چوقانلىرى ﻫوكۇمىران ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ چۈشەنمەيدۇ.بىلمەيدۇ.ئەگەر چۈشۈنۈش بولسا ئىدى،ئىنسان ياكى ئادىمى مەۋجۇتلۇق كۈلپەت بىلەن ئەمەس بەلكى مەنالىق ئارقىلىق ئادىمى يارلىش قىسىسىنى روياپقا چىقارغان بۇلاتتى.ئەپسۇس،ئۇ بىلمەيدۇ،چۈشەنمەيدۇ.بارلىق ﻫاسىلاتنى تەجىربىچىلىكنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى دەپ بىلىدۇ.مۇشۇ ئارقىلىق دۇنيانى ،ﻫاياتلىقنى ۋە قىممەت قارشىنى بەلگىلەيدۇ.نەتىجىدە ئىنسان ﻫاياتلىق مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىلاﻫى بىشارىتىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە مەغلۇبىيەتكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. زامان دىگەن نىمە؟.ئۇ بىر شەيئى نۇقتىسدىن مەۋجۇتلۇق،ئەمما ،پەيلاسوپقا نىسبەتەن ئۇ بىر يوقلۇقنىڭ بىشارىتى.چۈنكى؛تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتكەن ﻫاسىلاتقا تەۋە،بۈگۈن ئەتىنىڭ كىسىشىش نۇقتىسى ،ئەتە نامەلۇم ﻫاسىلات،دىمەك بۈگۈن، ئەتە ۋە تۈنۈگۈن نۇقتىسىنىڭ بىردىن بىر كىسىشىش ئىپادىسى،ئەمما ئۇ نامەلۇم،ئۇنى بىلگىلى بولماسلىق ياكى پەرەز قىلغىلى بولماسلىق نۇقتىسىدن ئۇ بىزنىڭ چۈشۈنۈش دائېرمىزنىڭ سىرتىدا.دىمەك ئۇ مەجۇت ئەمەس.مۇشۇ نۇقتىغا ئاساسلانغاندا زامان مەۋجۇت بولمىغان ئىكەن،زامان ﻫاسىلاتلىرىنى مەۋجۇت دىيىشكە بولامدۇ بولمامدۇ،بىز ئەسلى زاماننىڭ جۈزئى ﻫاسىلاتىدىن زامان سوبىستانسىيەسى مەۋجۇت بولمىغان نامەلۇم شەيئى دەپ قارىغان ئىكەنمىز ؛دىمەك ،ئۇنىڭ ﻫاسىلاتى بولغان (سوبىستانسىيە) مەۋجۇت ئەمەس دەپ قاراشقا تامامەم ﻫەقلىقمىز.بۇ نۇقتىدا بىردىن بىر ئىسپات زامان چۈشەنچىسى.بۇ بىزدىن ئەقىل ۋە تەپەككۇر تەلەپ قىلىدۇ. يوقلۇق، مەيلى غەرىپ تەپەككۇرىدا بولسۇن ياكى شەرىق تەپەككۇرىدا بولسۇن ،ئۇ بىردىن بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىپادىسى،ئىنسان تەپەككۇرىنى جۇشقۇنلۇققا ئىگە قىلىدىغان بىردىن بىر شەيئى زامان ۋە كىملىك چۈشەنچىسى،ئۇنىڭدا يارلىشنىڭ بىلىشكە بولغان زامان تەقەززاسىمۇ ،ئەبەدى مەۋجۇتلۇقنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا بولغان بىلىشنىڭ ئارزۇ ئىستىگىمۇ بار .ئەمما،ئىنسان تەپەككۇرى بىلىشنىڭ بىردىن بىر ۋاستىسى ئەمەس،ئۇ بىر جەيران.بىردىن بىر بىلىشنىڭ ۋاسىتىسى ئىلاﻫى بىشارەت ۋە ئەقىل .ئۇ بىزنىڭ ئەقلىمىزگە جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلسا سەزگۈمىزدىكى تەبىئى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشنى قەيسەرلىككە ئىگە قىلىدۇ.دىمەك ،بىلىش ﻫەرگىزمۇ ئىنسانى ﻫاسىلات ئەمەس بەلكى ئەبەدى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەقىلدىكى تەبىئى ئىنكاسى ۋە بىشارەتنىڭ ئىنسانى ئىنتىلىشنىڭ ﻫاسىلاتى.مۇشۇ نۇقتىدىن بىز ئو(ئىنسان) ئەمەس،ئۇ بىر جەيران.بىردىن بىر بىلىشنىڭ ۋاسىتىسى ئىلاﻫى بىشارەت ۋە ئەقىل .ئۇ بىزنىڭ ئەقلىمىزگە جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلسا سەزگۈمىزدىكى تەبىئى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشنى قەيسەرلىككە ئىگە قىلىدۇ.دىمەك ،بىلىش ﻫەرگىزمۇ ئىنسانى ﻫاسىلات ئەمەس بەلكى ئەبەدى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەقىلدىكى تەبىئى ئىنكاسى ۋە بىشارەتنىڭ ئىنسانى ئىنتىلىشنىڭ ﻫاسىلاتى.مۇشۇ نۇقتىدىن بىز (ئىنسان)قۇدۇرەتلىكمۇ،غەرىپ ﻫازىرقى زامان پەيلاسوپى نىتچى "گىگانىت ئىنسان(خاسىيەتلىك ئىنسان )"تەلىماتىنى زادى نىمىگە ئاساسەن ئوتتۇرغا قويدى،بەلكىم ئۇ بۇنى بىردەملىك ﻫىسسى ﻫاياجانغا ياكى ئۇزۇن زامان ﻫاياتلىق ﻫاسىلاتىنىڭ مۇقەددەس بىشارەتلىرىگە تايانىپ ئوتتۇرغا قويشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ بىزگە ئىنساننىڭ "گىگانىت"سۈپۈتىدىن ئىنسان ﻫامان "گىگانىتلىق نۇقتىسغا يىتىشكە قادىر "دىگەن يەكۈنگە باشلايدۇ. غەرىپنىڭ ئەقىل پاراسىتى گىرىك ئەقىل پاراسىتىنى ئاساس قىلغان.ئىنسان ئەقلىنىڭ تاكامۇللىقىنى تەپەككۇر ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى بىلىشنىڭ بىشارىتى قىلغان.ئەمما،تولۇپ تاشقان ئىلاﻫى بىشارەتلەرگە تۇيۇنغان شەرىق ،جۇملىدىن ئىسلام ئىدولوگيسى مىتا فىزىكا (ئىلاﻫيەتشۇناسلىق)ئاساسىغا قۇرۇلغان.بۇنىڭدىكى پەرىق بىرى ماتىرالىزىم ئاساسىدىكى ئەقىلنى ئاساس قىلسا يەنە بىرى ئىلاﻫىيەتنى(بىشارەت ۋە ۋەﻫىينى)ئاساس قىلغان. ئىككى نۇقتا ئوتتۇرسىدىكى كۇرەش شۇ بولدىكى ،بىر مەنبەچىلىك ئاساسىدىكى ئىلاﻫىيەتنىڭ ﻫەقلىق تەرپىدىكى كۈچ قۇدۇرتى نىڭ ئەقىل ۋە ۋەﻫى ئاساسىدىكى كەسكىن توقۇنىشى بولدى.بۇ يەردىكى ئاسالىق ۋاستە ئەقىل پاراسەت بولدى.بۇ ﻫەر ئىككى تەرەپكە ئايان. غەرىپنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئىنسان تاكامۇللىقىنى بىشارەتلىگەن بولسا ،شەرىقنىڭ (ئىسلام)ئەقىل پاراسىتى تەۋﻫىتكە (بىر ئىلاﻫنى )بىلىشكە بىشارەتلىدى.بۇنىڭدىكى كەسكىن توقۇنۇش ئاز كەم 15 ئەسىر داۋام ئەتتى.بۇ جەيراندا نۇرغۇن زامان ۋە ماكان ئوزگۈرشى بولدى.گادايلا باي بولدى.پادىشاﻫلا گاداي بولدى.ماددىۋى ئېﻬتىياج ﻫەممىنى بېسىپ چۈشتى،بۇنىڭ ﻫەممىسى بىرخىل زوراۋانلىق ۋاستىسىنى ئاساس قىلغان ﻫالدىكى ياۋايىلىق بىلەن ئپادىلەندى.ئىلاﻫى قۇلچىلىق يوقالدى.ئەقىل پاراسەت مەﻫكۇملۇققا يۈزلەندى،ئادىمى جاسارەت ﻫوكۇمىرانلىققا ئوتتى،چول شەﻫەر بولدى،شەﻫەر چول بولدى.ئىنسان ﻫاياتلىقنىڭ جەيرانى مانا شۇنداق دەۋېرسىمان گۇللىنىش ۋە خاراپلىشىشنى بېشىدىن ئوتكۈزگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلام ئىنسانى ياۋايى تەبىيتىنى ئوزگەرىتمىدى. زامان ئىنسان ئەقىل پاراسىتىنى مەسخىرى قىلدى.ماكان قاقاﻫلاپ كۈلدى.ئەمما ئىنسان ياۋايىلىقى ئۆزگەرمىدى.ياۋايىلىق ۋە جاﻫىللىق ﻫەمما يەرنى قاپلىدى.قۇياش ئوز نۇرى ئارقىلىق كۈندە يىڭى بىر كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىدىن دىرەك بەرسىمۇ ئەمما ئىنسان ياۋايىلىقى بىلىشنى ئەمەس بەلكى بەرباتچىلىقنى تەلەپ قىلدى.ياشاشنى ئەمەس بەلكى ﻫالاكەتنى تاللىۋالدى.بۇنىڭغا قارتا تۇپراق كۈنسىرى ئېشىپ بېرۋاتقان نارازىلىغىنى بېسىشقا نائىلاج قالدى.زىمىن گاڭگىردى.سۇ غەزەپلەندى،ئوت ئەسەبىيلەشتى.يارالمىشتىكى تەڭپۇڭلۇق نەلەدە قالدى.بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.ئەمما ،ﻫەر كۈندە بىر بەرباتچىلىقنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.بۇ ئىنساننىڭ ئاتالمىش تەڭداشسىز ئەقىل پاراستىنىڭ يەنە قانداق خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىگى ﻫەققىدە بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
[ بۇ يازما abduraxit تەرىپىدىن 2008-4-19 22:27:09 تۈزۈتۈپ تەﻫرىرلەندى . ] |
|