بۈگۈنكى پاراڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-16 06:05:34 كۆرۈلۈش سانى : 47
ھېچكىمگە ۋەدە بەرمەيمەن مەن يالغانچى. يالغانچىلىق بىر نەچچە خىل بولىدۇ ئوغلۇڭنىڭ قەغىشلىكىدىن زېرىكىپ ئۇنىڭغا كەچتە ساڭا ئايرۇپىلان ئېلىپ بېرەي دېسەڭمۇ (چۈنكى، ئۇنىڭغا ئايروپىلان تۈگۈل بىر "شيالى" ماركىلىق ماشنىنىمۇ ئېلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىڭ ئۆزۈڭگە ئايان)، ياكى ھېلىقى كىتاب سودىگىرىگە رومانىم مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي پۈتىدۇ، ھايال بولمايلا تاپشۇرۇپ بېرىمەن دېسەڭمۇ ئوخشاشلا يالغانچىلىق بولىدۇ. لېكىن، كۆڭلۈڭدە ئاۋۇ دوقمۇشتىكى ئىشرەتخانىغا بېرىپ نەپسىڭنى قاندۇرۇپ كېلىشنى ئويلاپ بارمىغىنىڭ بولسا يالغانچىلىق بولمايدۇ. دېرىزە ئۇچۇق، ئارامبەخەش ياز شامىلى يوق چاچلىرىمنى يەلپۈيدۇ، مەڭىزلىرىمگە سۈيىدۇ، ماڭا ھازىرنىڭ شاپائىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھازىر ئۇ بىر پىيالە مەي. سەن ئۇنى ئىچىسەن، ئىچىپ بولۇپ ئۇنى تېخى ئىچمىگەنلىكىڭدىن، ئۇنىڭ ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەتلىكىدىن ئەپسۇسلىنىسەن. مەن تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە قىزىقمايمەن. ئۇنىڭدا ساختىلىق يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمىساممۇ، لېكىن، ئەڭ ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان (ياكى شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان) ھېلىقى كۆرۈرمەننىڭ غەزەپتىن كىرىشكەن چىشلىرىنى، چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمىنى كۆرمەسلىككە ئامالىم يوق. ئۇ ۋاقىرىيالمايدۇ، شىردەك ئېتىلىپ بېرىپ ئاۋۇ كۈچتۈڭگۈر ئەبلەخنىڭ قاپىقىغا بىرنى قويالمايدۇ. پەقەت، توۋلاپ تۇرۇپ ۋەتەندېشىغا مەدەت بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ بۇ يەردىكى بىردىن بىر ھوقۇقى. بىردىن-بىر ۋەزىپىسى... ئەتتىگەن ئايالىم چاچلىرىمنى سىيلاپ، ئارقىدىن لەۋلىرىمگە سۈيۈپ ئويغاتقانىدى، چاچلىرىمنى سىيلاۋاتقاندا غەزەپتىن يېرىلغان بولسام لەۋلىرىمگە سۈيۈۋاتقاندا ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. مېنى غەزەپلەندۈرگىنى ئايالىم بولغىنىدەك ئوخشاشلا بەخت بۈشۈكىدە يېنىك تەۋرەتكىنىمۇ ئايالىم ئىدى... شۇ تاپتا بىردىنلا بويتاق ۋاقىتلىرىم ئېسىمدىن كەچتى. ياتاققا قايتىپ كېلەتتىم، خىياللىرىمدەك چېچىلىپ ياتقان كىتاب-ژۇرناللارغا سۇغۇق نەزەر سېلىۋەتكەندىن كېيىن يىغىلمىغىلى نەچچە كۈن بولغان يوتقاننىڭ ئۈستىگىلا يانپاشلايتتىم، خوشياقسا تاماكىدىن بىر تال ئېلىپ ئوت ياقاتتىم - دە، ئىرەنسىز شۇراشقا باشلايتتىم خوشياقمىسا چاقىرغۇمغا قاراپ قويۇپ ئۇ ئالتۇن چاچنى ئويلايتتىم. ئۇ ئالتۇن چاچ ئەتتىگەن مېنى ئويغاتمايلا چىقىپ كەتكەنىدى.... ماڭا ئايانكى، ئۇ ئالتۇن چاچ ئايالىم ئەمەس ئىدى. ئاياللىممۇ ئۇ ئالتۇن چاچقا ئوخشىمايتتى. ئەمما، ئۇ ئالتۇن چاچمۇ، ئايالىممۇ بەرىبىر ئايال ئىدى. ئايال دېگەن ئېزىتقۇ، ئۇ سېنى بىر ئۆمۈر ئازدۇرىدۇ، ئايال دېگەن ئەينەك، ئۇ دائىم چېقىلىدۇ. ھەر بىر سۇنۇقى ئۆزۈڭ ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئايال دېگەن بىر پارچە شېئىر، ياكى سەن ئارمان قىلغان لەززەتلىك بىر قاچا تاماق. ئۇنى يازاي دەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ ئۇنى خېلى بۇرۇندىن باشلاپ يېزىۋاتقىنىڭنى، ئۇنى يەپ بولۇپ ھۇزۇرلۇق بىر كىكىرگىنىڭنى ئېتىراب قىلمايسەن... ئوغلۇم كەچتە مەندىن يەنە رەنجىشى مۇمكىن. چۈنكى، مەن بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسى، ئاكىسى ۋە ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدۇ - ھە! ئۆيدىن چىقتىم، قۇلۇمدا قارا سومكا. پەشتاقتىن چۈشۈۋاتىمەن، خىياللىرىمدا پايانسىز دالا... سەن بۇ يەردە ئەمەس، سەن ئۇ يەردە. ئۇ يەردە مەن يوق. ئىككىمىز ئارىسىدا چۈشتىن كېيىن سۇزۇلۇپ ياتىدۇ. بۇ قەغەزگە تامغۇ قويدۇرۇش كېرەك، تامغۇ دېگەن يۇمۇلاق نەرسە. يۇمۇلاق نەرسىلەر بىر يەردە جىم تۇرمايدۇ، شۇڭا ئۇنى قوغلايمىز. بىرىنچى تامغۇ قۇيۇلغاندا ئىككىنچى تامغۇنىڭ ۋەسۋەسىسى باشلىنىدۇ. خۇددى ئەتتىگەن تاماق يىگەن بولساڭ چۈشتە يەنە قۇرسىقىڭ ئاچقاندەك. كېتىۋاتىمەن، قۇياش ئاستىدا. كېتىۋاتىمەن، يەرنىڭ ئۈستىدە. مەن ئەمدى ھېچكىمگە ۋەدە بەرمەيمەن. راست، ئەمدى ھېچكىمگە ۋەدە بەرمەيمەن...
بۈگۈنكى پاراڭ
بۈگۈن يەنە سۆزلىگۈم كەلدى. ئەمما، بۈگۈن مەن ئالدىنقى قېتىمقىدەك تامغۇ ھەققىدە سۆزلىمەسلىكىم، بويتاقلىقتىكى خەقكە چىش يېرىپ دېگىلى بولمايدىغان سىرلىرىمنى ئاشكارىلىماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن، ئايال ھەققىدە سۆزلىمەسلىككە ئامالىم يوق. نېمىشقا دېسەڭلار، مەن تېخى مۇشۇ يېشىمغىچە ئاياللارنىڭ ئەتراپىدىن يىراقلاپ كېتەلمىدىم. ھەر كۈنى ئۇلاردىن قاچىمەن، ئۇلار مېنى چاقىرىپ تۇرسىمۇ، توختىغۇم، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغۇم بولسىمۇ قاچىمەن. شۇنچىلىك ئەسەبىي يۈگرەيمەنكى، ئۆزۈمنىڭ 18 ياشلىق بالا ئەمەسلىكىمنىمۇ ئۇنتۇيمەن. 6-قەۋەتكە چىققۇچە ئۆپكەم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغان بىلەن ئاياللاردىن قېچىۋاتقاندا زادى ھارغىنلىق ھېس قىلمايمەن. ئۇلاردىن قېچىش، ئۇلاردىن يىراقلاش ئىستىكى مەن ئۈچۈن بىر قەدەھ لەززەتلىك مەي...ئۇلاردىن قاچمىسام، ئۇلار مېنى قوغلىمىسا مەۋجۇتلىقىم يۇقالغاندەك، ھاياتىمنىڭ، يەنە ياشىشىمنىڭ قىممىتى قالمىغاندەك ھېس قىلىمەن. ئەمدى بىلدىمكى، مەن ئۇلارغا يىتىش، ئۇلارنىڭ ۋەسلىگە قېنىش ئۈچۈن قېچىپتىمەن، يۈگرەپتىمەن. مەن ئەزەلدىن ئۇلار مېنى قوغلاۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەنۇ، ئۆزۈمنىڭ خاتالىشىۋاتقانلىقىمنى، قاچقىنى مەن ئەمەس بەلكى ئۇلار ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ بولسا ئۇلارنى قوغلاۋاتقانلىقىمنى نەزەردىن ساقىت قىلىپتىمەن. خاتىرىلىرىمدە سەن بار، لېكىن ئاۋازىڭ يوق، خەتلىرىڭ بار، مەنەڭ يوق. ھەر كۈنى ساڭا بېغىشلانغان بەتنى ئاچىمەن - دە، ئۇلۇغ بىرنى تىنىپ قويىمەن. قارا ۋە كۆرۈمسىز خەتلەر قولۇمدىن يېتىلەپ تۈنۈگۈنگە ئېلىپ كېتىدۇ... دەريا بويىدىكى جىگدىلىك ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇ يەردە بىز ياندىشىپ ئولتۇرغان. قۇياش نۇرى بېشىمىزغا تىك چۈشەتتى، مەن تەرلەپ چۆپ بولۇپ كەتكەنىدىم. دەل شۇ چاغدا سەن مۇزلاۋاتقانلىقىڭنى ئېيتىڭ. تېنىڭ يىنىك تىترەيتتى. كۆينىكىمنى سېلىپ بېرىشنى ئويلىدىميۇ، خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. تەلىيىمگە بۇنى سەن سەزمىدىڭ. سېنى باغرىمغا بېسىشنى ئويلاي دەپمۇ ئويلىيالمىدىم. بەلكى، ئەتراپىمدىن ئۇرۇلۇۋاتقان ئوت مېنى ھالدىن كەتكۈزگەن بولۇشىمۇ ياكى بۇ يەردە پەقەت ئىككىمىزنىڭلا بارلىقى مېنى ۋەھىمىگە سېلىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن... ئىشقىلىپ مەن سېنى باغرىمغا باسمىدىم. سەن يەر تېگىدىن ماڭا قارايتتىڭ. سۆزلىشىۋاتقاندا بولسا ئالدىڭدىكى ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن سۇلاشقان قىياقلارنى ئوينايتتىڭ. بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ ئەشۇ چاك-چاك يېرىلغان قىياققا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم... خەتلەر غايىپ بولدى. ئارقىدىنلا سىزىقچىلار غۇۋالاشتى، بارا-بارا بىر خىل ئاقلىق، غايەت زور مۇمكىنچىلىك مېنى ئورىۋالدى. بايا ساڭا بېغىشلانغان بۇ بەتنىڭ ئاق بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم. مانا ئەمدى بۇ بەتلەر ئاقاردى. بۇ بەتلەرنىڭ ئاقىرىشى شەرق تەرەپنىڭ ئاقىرىشىغا ئوخشىمىسىمۇ سەن بىلەن خوشلىشىۋاتقان ئاشۇ مىنۇتلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى. ئۇ چاغدا بىز بىر-بىرىمىزنىڭ قۇلىنى سىقىشمىغان ، بىرسىمىز ماڭغاندا بىرسىمىز كەينىدىن قاراپ قالمىغان ، ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز ئىككى تەرەپكە يول ئېلىشقانىدۇق. سەن كېتىۋاتقان تەرەپتە ياز قۇشقاچلىرى چۇرۇقلاشسا، مەن كېتىۋاتقان تەرەپتە ياپيېشىل يۇپۇرماقلار لەرزان تەۋرىنەتتى... ئەمدى بۇ بەتلەرگە نېمە يازسام بولىۋىرىدۇ. لېكىن، شۇ نەرسە ماڭا ئايانكى، ئەمدى مەن ئۆزۈم ھەققىدە ياكى سەن ھەققىدە يازمايمەن. يازمايمەن ئەمەس يازالمايمەن. يازماسلىق بىلەن يازالماسلىق ئوت بىلەن سۇغا ئوخشاش قارمۇ-قارشى نەرسە. دەل مۇشۇ قارمۇ - قارشىلىق بىزنى ئۆز تەبىئىتىمىزدىن چەكسىز يىراقلاشتۇرغان... ئايالىم كىرىپ يېنىمدا ئولتۇردى. دېرىزىدىن سالقىن شامال ئۇراتتى. ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپلا قارىدىم. ئۇ گۇيا بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك قانداق كىرگەن بولسا يەنە شۇنداق چىقىپ كەتتى. بەلكىم ئۇ قۇلۇمدىكى خاتىرىنى كۆرۈپ قالغاندۇ ياكى مېنىڭ نېمىگىدۇر جىمجىت تىكىلىپ تۇرغانلىقىمدىن تەپەككۇر قىلىۋاتقانلىقىمنى سىزىپ "دەخلى قىلماي" دېگەندۇ ۋە ياكى ئۇ ئاشۇ قاراشنى "ساڭا بۇ يەردە نېمە بار، ھۇ بەغەرەز" دېگەن مەنىدە چۈشىنىپ خاپا بولغىنىنى مەندىن ئېلىپ قاچقاندۇ. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئاخىرقى پەرەز بىر ئاز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا كېرەك. سەۋەبى، بىرىنچىدىن قۇلۇمدا خاتىرە يوق. مەن باياتىن يوق نەرسىلەر ھەققىدە ۋەز ئېيتقان بولۇشۇم مۇمكىن؛ ئىككىنچىدىن مەن تەپەككۇر قىلىۋاتقاندا ئىشىك ئۇچۇق قالمايتتى. ئىشىكنىڭ ئۇچۇق بولۇشى ۋە قۇلۇمدا كۈلى تۈكۈلەي دەپ قالغان بىر تال تاماكىنىڭ تۈتەپ كۆيۈشى مېنىڭ تەپەككۇرنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاشقا تامامەن يىتىدۇ. مەن يالغۇز لېكىن، تەنھا ئەمەس. يالغۇزلۇق مۇزدەك سۇغۇق بولىدۇ. توۋا، سەن جىگدە تۈۋىدە يالغۇز بولغىيمىدىڭ... تەنھالىق ئاۋۇ تەرەپتىكى دېرىزە بىلەن قاپقارا چاچلار ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق باغلىنىش. دېرىزە ئۇ چاچلارنى قانچە يۇشۇرماقچى بولسا شۇنچە ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئۇ چاچلار دېرىزىدىن قاچىدۇيۇ-ئەينەكلەرگە چاپلىشىپ قالىدۇ. ئەينەكلەر ھامان سۇنۇشى مۇمكىن. ئەينەك سۇنسا مەن نەزەرىمنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچىمەن. چۈنكى، ياز ئاخشىمى بۇسۇغام ئالدىغا كېلىپ قالدى. لېكىن ئاشۇ جىگدىلىك جەزمەن ئاي نۇرلىرىغا پۈركىنىدۇ... شۇنداق قىلىپ مەن يەنە قېچىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئالدىمدا يوللار، ئارقامدا چۆللەر... |
|