بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> مەشھۇر ئەسەر مەزمۇنى >> مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ۋە « تەزكىرەئى ئەزىزان "

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ۋە « تەزكىرەئى ئەزىزان "

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-04 03:40:43    كۆرۈلۈش سانى : 188  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ۋە « تەزكىرەئى ئەزىزان »

 

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى مىلادى 1725-يىلى قەشقەر شەھرىدە موللا شاھ ئەلەم ئاخۇنۇم ئىسىملىك بىر دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەينى زاماندا قەشقەر مائارىپىدا شۆھرەت قازانغان مەشھۇر مەدىرىسلەرنىڭ بىرى-«مەدرىسە ھامىدىيە»دە ئەرەب ۋە پارىس تىللىرى بويىچە تىل، ھېساب، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە دىنىي بىلىملەرنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئۆز زامانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن.كىيىن قەشقەر خانلىق مەدىرىسىنىڭ مۇدەررىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگەن ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىلمىي مۇھاكىمە، تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشكەن.

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى «تەزكىرەئى ئەزىزان»(خوجىلار تەزكىرىسىس )، «زۇبدەتۇلمەسائىل»  ( تاللانغان مەسىلىلەر )، «تەزكىرەئى ئەسھەبۇلكەھىف» ( ئەسھەبۇلكەپ تەزكىرىسى )،« تارىخىي ئىسكەندەر ۋە تاجنامەئى شاھى» ( ئىسكەندەر تارىخى ۋە شاھلىق تاجىسى )، «ئادا بۇسسالىھىن» ( ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرى )، «قىياپەتۇل بەشىر» ( ئىنسانلارنىڭ قىياپەت-تۇرقى ) ، « رىسالەئى كەسىپدار» ( ھۆنەرۋەن-كاسىپلار رىسالىسى ) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان ۋە «تەرجىمەئى تارىخىي تەبەرى»،«تەرجىمەئى تارىخىي رەشىدى» قاتارلىق كىتابلارنى پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئەينى زاماننىڭ يېتىلگەن تىلشۇناسى بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخ-ئەدەبىيات ئىلىمىگە زور تۆھپە قوشقان مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ مىلادى 1849- يىلى 124 يېشىدا قەشقەردىكى بىر سىياسىي توپىلاڭدا پاجىئەلىك ھالدا قازا تاپقان. ئۇنىڭ جەسىتى ئاق مازار ( مەشھۇر ئالىم، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ئالدىدىكى زاراتگاھلىق ) غا دەپنە قىلىنغان.

ئالىمنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق بۇ ئەسىرى ئەينى زاماندا قەشقەر ھۆكۈمرانلىرىدىن مىرزا ئوسمان بەگنىڭ ئانىسى رەھىمە ئاغچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە مىلادى 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 18-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىغىچە خوجىلارنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى،خوجا ھىدايەتۇللا ( ئاپپاق خوجا ) نىڭ جۇڭغار خانلىقى بىلەن بىرلىشىپ يۈرگۈزگەن زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى، ئاپپاق خوجا ئەۋلادلىرى بىلەن خوجا ئىسھاق ۋەلى ئەۋلادلىرى ۋە جۇڭغار خانلىقى ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن جەڭگە-جېدەل، پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقلارغا ئالاقىدار تارىخىي ۋەقەلەر ئېنىق،ئىخچام بايان قىلىنغان. ۋەقەلىكلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى خېلى كەسكىن تەنقىد قىلىنىپ، ئاپتۇر تەرىپىدىن تەقرىزلەر بېرىلگەن. تەسەۋۋۇپقا مايىل بولغان بۇ ئەسەردە، شىنجاڭنىڭ 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا كېرەكلىك قىممەتلىك ماتېرياللار بار .

 

  مەنبە : « تەزكىرەئى ئەزىزان » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.   

 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنى...
●  <چىدىساڭ ياشا> نەشردىن چىقتى...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  مۇھەممەد سادىق قەش...
●  "كۆمۈرچى بالا" رومانى توغىرسىدا...
●  ئامىرىكىنىڭ بازارلىق فانتازىيلىك كىنوسى -ياشىرىش...
●  يانا بىر فانتازىيل...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى... - مەﻫمۇد كاشىغەرىي...
●  چەكلەنگەن مېۋىگە چېقۇلغۇچى...
●  كافكا ۋە ئۇنىڭ ئاتسى...
●  <<باياۋاندىكى گۈلخان>>ھەققىدە...
●  << قۇرەيىش قىزى >> رومانى ﻫەققىدە ئىككى كەلىمە ( مۇنىرە ئالىم )...
●  << قايتا نىكاﻫ >> رومانى توغرىسىدا...
●  مۈشۈك تېرىسى تۇمىقى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنىپ ئۈت...
●  <چىدىساڭ ياشا> نەشردىن چىقتى...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ...
●  "كۆمۈرچى بالا" رومانى توغىرسىدا...
●  ئامىرىكىنىڭ بازارلىق فانتازىيلىك كىنوسى -ياشىرىش...
●  يانا بىر فانتازىيلىك فى...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى... - مەﻫمۇد كاشىغەرىي...
●  چەكلەنگەن مېۋىگە چېقۇلغۇچى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى