بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> مەشھۇر ئەسەر مەزمۇنى >> << قۇرەيىش قىزى >> رومانى ﻫەققىدە ئىككى كەلىمە ( مۇنىرە ئالىم )

<< قۇرەيىش قىزى >> رومانى ﻫەققىدە ئىككى كەلىمە ( مۇنىرە ئالىم )

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-03 02:42:30    كۆرۈلۈش سانى : 63  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

<< قۇرەيىش قىزى >> رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

 

   جورجى زەيدان (1841-1914)ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر تارىخىي ۋە ھازىرقى زامان ئەرەب تارىخ رومانچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ھەم ۋەكىلى بولۇپ، لىۋانلىق. ئۇ كۆپلىگەن تارىخىي پوۋىست ھەم رومانلارنى يازغان، << قۇرەيىش قىزى >> ناملىق رومان ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىردىكى ئەسەرلىرىدىن بىرى.

   ئاپتور << قۇرەيىش قىزى >> رومانىدا ئەرەب ئىسلام خەلىپىلىرىدىن ئۈچۈنچى خەلىپە - ئوسمان ئىبنى ئەففان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەرەب زېمىنىدا مەيدانغا كەلگەن بۆلىنىش، خەلپىلىكنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك ئۇرۇشلار ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى تارخىي چىنلىق ئاساسىدا بەدىئى ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن.

   ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى ئەسما ئاتا - ئانىسىدىن يىتىم قالغان ھەم تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان ئادەتتىكى بىر قىز. ئەقىللىق، تەدبىرلىك، جانلىق، تەڭداشسىز گۈزەل بولغاچقىمۇ ھەتتا خەلپە ئوسمان ئىبنى، ئائىشەلەرگە ئوخشاش مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. نى - نى يىگىتلەر ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن بىلەن بەسىرە، كۇفە ( بۇ ئىسىمنى خاتىرە قالدۇرغاندا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ) قاتارلىق جايلار بلەن مەككە، مەدىنە ئارلىقلىرىدا جىمجىت يۈرۈپ، بىر - بىرىگە قارمۇ - قارشى ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلىشتەك قىيىن ۋە جىددىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاخىرى ئۇ پاك مۇھەببەت يولىدا قۇربان بولىدۇ.

   بۇ رومان تۇنجى ئوقىغان رومانىم بولغاچقىمۇ ئەسمانىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى پورتىرىت تەسۋىرى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ... 



[ بۇ يازما ABDISIMISMAYIL(UMIDI) تەرىپىدىن 2008-12-2 22:35:28 تۈزۈتۈپ تەﻫرىرلەندى . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنى...
●  <چىدىساڭ ياشا> نەشردىن چىقتى...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  مۇھەممەد سادىق قەش...
●  "كۆمۈرچى بالا" رومانى توغىرسىدا...
●  ئامىرىكىنىڭ بازارلىق فانتازىيلىك كىنوسى -ياشىرىش...
●  يانا بىر فانتازىيل...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى... - مەﻫمۇد كاشىغەرىي...
●  چەكلەنگەن مېۋىگە چېقۇلغۇچى...
●  كافكا ۋە ئۇنىڭ ئاتسى...
●  <<باياۋاندىكى گۈلخان>>ھەققىدە...
●  << قۇرەيىش قىزى >> رومانى ﻫەققىدە ئىككى كەلىمە ( مۇنىرە ئالىم )...
●  << قايتا نىكاﻫ >> رومانى توغرىسىدا...
●  مۈشۈك تېرىسى تۇمىقى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنىپ ئۈت...
●  <چىدىساڭ ياشا> نەشردىن چىقتى...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن...
●  مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ...
●  "كۆمۈرچى بالا" رومانى توغىرسىدا...
●  ئامىرىكىنىڭ بازارلىق فانتازىيلىك كىنوسى -ياشىرىش...
●  يانا بىر فانتازىيلىك فى...
●  تۈركىي تىللار دىۋانى... - مەﻫمۇد كاشىغەرىي...
●  چەكلەنگەن مېۋىگە چېقۇلغۇچى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى