ئەرلەر تۇرۇشقا بولمايدىغان شەھەر
يوللانغان ۋاقتى : 2009-07-01 12:27:25 كۆرۈلۈش سانى : 673
ئەرلەر تۇرۇشقا بولمايدىغان شەھەر
شۋېتسىيىدە ، پەقەت ئاچا–سىڭىللارلا تۇرىدىغان ، لېكىن ئەرلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر جاي بار بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ Chako Paul شەھىرى ئىكەن . بۇ شەھەردە 25 مىڭ قىز ، ئايال ياشايدىغان بولۇپ ، ئۇلار ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىكەن . بۇ شەھەرگە ئەرلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ ، ھەر قانداق ئەر بۇ قىز ، ئاياللار شەھىرىنىڭ چېگرىسىدىن كىرسە ، ئايال ساقچىلار ئۇلارنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويىدىكەن . Chako Paul شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسلىقى ئورمانچىلىق بىلەن شوغۇللانغاچقا ، نۇرغۇن ئاياللار بېلىنى توم تاسما بىلەن باغلىۋېلىپ ، تاسمىغا ياغاچچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى ئېسىۋالىدىكەن . بەزى قىز ، ئاياللار يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىپ ، كەچتە Chako Paul شەھىرىگە قايتىپ كېلىدىكەن . Chako Paul شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، مېھمانساراي ۋە تاماقخانىلار ئورمانلىققا ياسالغان ئىكەن ، بۇ شەھەر پەقەت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىز ، ئاياللارنىلا كۈتۈۋالىدىكەن .
|
|