• ئىپتىدائى جەمىيەت دەۋرىدە شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار - [تارىخ]2008-10-26

    يۇنۇسجان ئىلى

     

     يېقىنقى يىللارغىچە شىنجاڭدىن كونا تاش قۇرال دەۋرىگە ئائىت خارابە ئىزلار تېپىلمىغاچقا ، شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار توغرىسىدا بىرەر ئىلمىي يەكۇن  چىقىرىلمىغاندى . ئەمما 80 – يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدە بەزى قېزىش ۋە توپلاش ئىشىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ ھەقتە بەزى يەكۈنلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ، شىنجاڭ رايۇندا خىلى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىگى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاندى . بولۇپمۇ بىر قانچە تىل ئېچىدە شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئانترولوگىيلىك تەتقىقاتلار ۋە تاش قۇراللار ئىپادە قىلغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىزنى ئىپتىدائى جەمىيەت دەۋرىدە شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى .

     

    1.       يەتتە قۇدۇق ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار

     

       يەتتە قۇدۇق – ئويمانلىقى ھازىر بىپايان بىر قۇملۇق . ئەمما بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ تەبىئى شارائىتى ھازىرقىغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى  . بۇ ئويمانلىقنىڭ شەرق تەرىپىدە  چوڭ بىر ئېقىن بولۇپ ، ئېقىننىڭ ئىككى ياقىسى قويۇق ئورمانلىق ئىدى . ئورمانلىقتا قوي ، تۇلكە ، توشقان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايتتى ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەردە بىر توپ ئىپتىدائى كۆچمەن ئاھالە بولۇپ ، ئۇلار ئۇزۇن چاچ قوياتتى ، تېرىدىن ئىشتان ، چاپان كېيەتتى ، ئوقيا – تاش (سالغا ، كالتەك قاتارلىق قۇراللار ) بىلەن ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يەيتتى . ئۆسۈملۈك مېۋىسى ۋە  ئۆسۈملۈك يىلتىزىمۇ  ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىقى ئىدى . يەتتە قۇدۇق  ئويمانلىقىدا  ياشىغان ئاھالىلەر ئۆتكۈر بىسلىق ، قىرلىق تاشلاردىن ھەر خىل قۇراللارنى ئىشلەپچىقارغاندى .« تاش قۇراللارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ كۋارتس تاشلاردىن ئۇرۇپ ياسالغان چوقۇش قۇراللىرى ، كىچىك ئۇزۇنچاق تاش ياپراقچىلار ۋە بىگىز شەكىللىك تاش مېغىزى قاتارلىقلار بار ئىدى .» ئۇنىڭدىن باشقا  ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى ، قوۋۇرغا سۆڭەكلىرى ۋە چىشلىرىدىن تۈرلۈك شەكىلدىكى زىننەت بۇيۇملىرىنىمۇ ياسىغان . ئۇلار ئوتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشنىپ ، ئوتنى ئەركىن ئىشلىتىش  ئىقتىدارىنى  يېتىلدۇرگەن « يەتتە قۇدۇق خارابىسنىڭ ئىچىدە ھازىرمۇ خېلى زور كۆلەمدىكى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن كۈل دۆۋىسى ۋە ياغاچ كۆمۈر پارچىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .»

     

            2. لوپنۇر رايونىدا   ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار

     

    بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000-4000 يىللار ئىلگىرى ھازىرقى لوپنۇر رايۇنىدا بىر توپ ئىپتىدائى ئىنسانلار  ياشىغان . قىزىۋېلىنغان باش سۆڭەكلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئانترولوگىيلىك تەتقىقاتلارغا  قارىغاندا ، « قەبرىستانلىقتىن چىققان باش سۆڭەكلەر ھازىرقى زامان ئۇزۇن باشلىق ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ شىمالىي ياۋرۇپا تىپىدىكى كىشلەرنىڭ باش سۆڭىكى بىلەن مەلۇم جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ » دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان . لېكىن مېيىت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن  باشقا يادىكارلىقلار ، 23 – نۇمۇرلۇق قەبرىدىن چىققان چاكاندا شېخى ۋە شۇ قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا ئۇچلۇق كىگىز بۆك كىيگەنلىكىدەك  ئالاھىدىلىكلەرگە  ئاساسلانغاندا ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ قەدىمقى زامان تارىخىدا بىر قەدەر  كەڭ تارقالغان ساكلار ئىرقى بىلەن ئېتنوگىرافىيە جەھەتتە مەلۇم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە . دەر ۋەقە ، لوپنۇر رايونىدا  ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلاردىكى بۇنداق ئالاھىدىلىك ئازاتلىقتىن ئىلگىرى لوپنۇر رايونىدا  قېزىۋېلىنغان باشقا قەبرىلەردىمۇ بار بولۇپ ، ئېلىمىز ئالىمى خۇاڭ ۋېنبىي ئۇ قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان  جەسەتنىڭ تۇرقى ، كېيىم كېچەك ، زىننەت بۇيۇملىرى ، بولۇپمۇ ئۆلگۈچىنىڭ ئۇچلۇق كىگىز قالپاق كېيگەنلىگىدەك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن،«كىرورانلىقلار بىلەن ساك قەۋمدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز » دەپ قارىغان . بۇ  لوپنۇر رايونىدا ياشىغان بىر تۈركۈم  كىشلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار  بىلەن مەلۇم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

     

    لوپنۇر رايونىدا   ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار  تۇرلۇك ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قول سانائىتىنى بەرپا قىلغان . مەسىلەن ، توقۇمىچىلىق ئەينى ۋاقىتتا لوپنۇر كىشىلىرىنىڭ مۇھىم ئائىلە  قول سانائەت تارمىقى ئىدى . ئۇلار يۇڭدىن يىپ ئىگىرىپ ، ھەرخىل كېيىم –كېچەكلەرنى توقۇپ كېيگەن . بولۇپمۇ قەبرىلەردىن مېيىت بىلەن بىللە  قېزىۋېلىنغان ئۇچلۇق كىگىز بۆك تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ،خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە ئىشلەنگەن . يۇڭ ماتېرىيالىرىنى بۇنداق پىشىشىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى لوپنۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا توپلىغان قىممەتلىك تەجىرىبىلىرى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن .

     

    بۇ مەزگىلدە لوپنۇر رايونىدا   ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار يەنىلا ئىپتىدائى جەمىيەت باسقۇچىدا تۇراتتى ، ئۇلارمۇ قۇمۇلنىڭ يەتتە قۇدۇق ئويمانلىقىدىكى ئاھالىلەرگە ئوخشاش توپلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن  لېكىن  لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان ئاياللارنىڭ سۇرىتى چۈشۈرۈلگەن ياغاچ قونچاقلار  ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، لوپنۇر رايوندىكى قەبرىلەردىن  تېپىلغان چاكاندا ئۆسۈملۈكى ۋە قەبرە سىرتىغا قۇياشقا تەقلىد قىلىپ چۆرىدەپ قېقىلغان ياغاچ قوزۇق قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ تەبىئەتنىڭ سىرلىق كۈچىگە بولغان ئىپتىدائى دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئېنىق گەۋدىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

     

    3. تارىم ئويمانلىقىنىڭ چەرچەن ۋە لوپ تارمىقىدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار

     

    بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000-4000- يىللار ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ چەرچەن ۋە لوپ تارمىقىدا يەنە بىر تۈركۈم قەدىمقى ئىنسانلار  ياشىغان . ئۇلارنىڭ تەن قۇرلۇشىمۇ لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆزگىچىلىككە ئىگە . دەسلەپتە بەزى كىشلەر تارىم ئويمانلىقىنىڭ لوپ تارمىقىدىكى سەنپۇلا قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان  باش سۆڭەكلەر ئۇستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ ، ئۇنى«چوڭ موڭغۇل ئىرقىنىڭ  ئاساسىي ئالاھىدىكىگە ئىگە ، لېكىن ياۋرۇپا  ئىرقىنىڭ خېلى ئېنىق خۇسۇسىيەتلىرىمۇ مەۋجۇت » دەپ ھۆكۈم قىلىشقاندى . كېيىن خەن كاڭشىن ئەپەندى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللارنى  قايتىدىن تەھلىل قىلىپ ، سەنپۇلا قەبرىستانلىقىدىن چىققان باش سۆڭەكلەردە غەرب ئىرقىنىڭ  خۇسۇسىيىتىنىڭ ناھايىتى گەۋدىلىك ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويدى . تارىم ئويمانلىقىنىڭ چەرچەن تارمىقىدىكى زاغۇنلۇقتىن قېزىۋېلىنغان باش سۆڭەكلەر تەتقىق قىلىنمىغان  بولسىمۇ ، دەسلەپكى قېزىش دوكىلاتىدا خەۋەر قىلىنغان ، 2- 85 – نۇمۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان ئەر جەسەتنىڭ « يۇزى دۆگىلەك ، بۇرنى قاڭشارلىق ، قاش ، كىرپىك، ساقال – بۇرۇتلىرى ھەتتا مەيدە تۇكلىرى ئەينەن ساقلانغان» لىقىدىن قارىغاندا ، تىپىك غەرب ئىرقى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ . دېمەك ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ بۇ تارمىقىدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلارمۇ شىنجاڭدىكى قەدىمكىي ساكلار ئىرقى بىلەن مەلۇم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە .

     

    لېكىن شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ بۇ تارمىقىدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلار يالغۇز تەن قۇرۇلۇش جەھەتتىلا بەزى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ياراتقان ماددىي مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ خېلى زور ئۆزگىچىلەككە ئىگە . مەسىلەن ، قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك بۇيۇملاردىن ، بولۇپمۇ ھەر خىل يۇڭ توقولمىلاردىن ، ياغاچ ئەسۋابلارنى پىشىشىقلاپ  ئىشلىگەنلىگى، ئۆزلىرىنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا  كەم بولسا بولمايدىغان تېرىق ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان توقاچ  ۋە كاۋاپ قاتارلىق تائاملارنى تەييارلاپ يېگەنلىگىدىن بىر خىل ئەنئەنىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

     

    شىنجاڭدىن تېپىلغان كونا تاش قۇرال دەۋرىگە ئائىت خارابە ئىزلار ۋە قەدىمكىي كەنت ئىزلىرىنىڭ سانى بىر قەدەر چەكلىك بولسىمۇ ، ئۇلاردىن شىنجاڭ رايونىدا يارىتىلغان  ئىپتىدائى جەمىيەت دەۋرىگە خاس مەدەنىيەت نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ .

     

      مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى»


    收藏到:Del.icio.us




bilimliklar blogi