-
قەدىمقى يېزىقلار - [تارىخ]2008-10-26
شىنجاڭدا ھازىرغىچە بايقالغان ۋە قوللىنىلغان قەدىمقى يېزىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئاساسلىقى تۆت چوڭ تىل سېستىمىسىغا تەۋە.يەنى :ھېندى-ياۋرۇپا تىل سېستىمىسى، ئالتاي تىلسېستىمىسى ، خەن-زاڭ تىل سېستىمىسى ۋە سام-ھام تىل سېستىمىسىدىكى 18 خىل تىل قوللىنىلغان.
1. كىنگىت-كۈسەن تىلى : بۇرۇنقى ئاتىلىشى توخار تىلىدۇر. 2-9-ئەسىرلەردە قاراشەھەر ،ئىدىقۇت ، كۈسەن رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر قوللانغان . ھېندى-ياۋرۇپا تىل سېستىمىسى ،ھېندى تىللىرىنىڭ centum تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان قەدىمقى تىلدۇر،ئۇنىڭ ئىككى خىل شىۋسى بار .
2. كارۇشتى يېزىقى : 2-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە ئۇدۇن ئېلى ،پىشامشان ،كۆسەن رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئىشلەتكەن بوغۇملۇق يېزىق ،ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەرەپ يېزىقىدۇر.شىنجاڭدا بايقالغان كارۇشتى يېزىقى ئاساسلىقى قەندىھار ۋە ئۇدۇن تىلىدا خاتىرلەنگەن ،ئوڭدىن سولغا تۈز يېزىلاتتى ، ھەرىپلىرى 43تىن 57گىچە .
3. سوغدى يېزىقى : سوغدىلار مىلادى 2-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە قوللانغان ئۈزۈك تاۋۇشلۇق يېزىق ،ئۇ سۈرىيە يېزىقىدىن كەلگەن خەت نۇسخىلىرىدىن قەدىمقى سوغدىچە نۇسخا ،بۇددا بوم نۇسخىسى ،قەدىمقى سۈرىيە نۇسخىسى ۋە مانى دىنى نۇسخىسى قاتارلىقلار بار. ھەرپلەرنىڭ سانى دەۋىرلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرىقلىق ئەڭ كۆپ بولغاندا 29قايېتىدۇ. ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ.
4.ئۇدۇن يېزىقى : 4-11-ئەسىرلەردە قەدىمكى ئۇدۇن ئاھالىلىرى قوللانغان بوغۇملۇق يېزىق ئەسلى مەنبەسى بىراخما يېزىقىنىڭ كۆپ ھەرىپلىك نۇسخىسى ، ئۈلگە نۇسخا،يازما نۇسخا ،تېز يېزىش نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ خىل يېزىش نۇسخىسى بار، ئۇدۇن يېزىقى بىلەن خاتىرلەنگەن تىل ھېندى-ياۋرۇپا تىللىرى سېستىمىسىنىڭ ئېران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرىقى ئېران تىلى تارمىقىنىڭ شەرقى جەنۇپ تارمىقىغا مەنسۇپ.
5. تۈرۈك-رونىك يېزىقى : قەدىمكى تۈركلەر قوللانغان يېزىق سېستىمىسى ،رونىك ئەسلى شىمالىي ياۋرۇپادىكى بىر خىل سىرلىق يېزىققا قارىتىلغان، ئۇ 32 ھەرىپتىن تەركىپ تاپقان ، سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ۋە سەككىز جۈپ ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىدىن تەركىپ تاپقان بوغۇم تاۋۇشلاردىن ياسالغان ئارىلاشما يېزىقتۇر. ئەرەپ يېزىق سېستىمىسىغا تەۋە .
6.قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى : ئۇيغۇرلار 8-15-ئەسىرلەردە ئىشلەتكەن تاۋۇشلۇق يېزىقتۇر ،11-ئەسىردىكى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا تۈرۈك يېزىقى دەپ ئاتالغان .ئەسلى مەنبەسى سوغدى يېزىقى بولۇپ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 23 ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان ،بەش ھەرىپ سوزۇق تاۋۇش قالغانلىرى ئۈزۈك تاۋۇش .يوقىرىدىن تۆۋەنگە،سولدىن ئوڭغا يېزىلغان ،ئۇنىڭ ئويما نۇسخا خەت شەكلى ،ئۈلگە نۇسخىسى ،يازما نۇسخىسى ئۇلاپ يېزىلىدىغان تېز يازما نۇسخىلىرى بار.
7.چاغاتاي يىزىقى ئوتتورا ئاسىيا تىمۇرئىمپىرىيىسى دەۋىرىدە(1370-1500-يىللىرى)شەكىللەنگەن شەرقىې تۈرۈك تىلىىنڭ كىتابى تىلى بولۇپ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۆزبىك تىلىنىڭ ئاساسى.
历史上的今天:
تىببى ئىلىم ھەققىدە(قابۇسنامەدىن) 2008-10-26ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ 2008-10-26قەدىمقى ئۇيغۇرلار 2008-10-26بورتالادا قەدىمقى تاش قۇرال بايقالدى . 2008-10-26
收藏到:Del.icio.us