• ئۇلۇغچادتىكى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش،يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى - [خەۋەرلەر]2008-10-07

    شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئۇلۇغچاد ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىنىڭ ئەڭ يىڭى سىتاتىسىتكىسىغا ئاساسلانغاندا، 5-چىسلا كەچتىكى 6.8 بال يەرتەۋرەشتە ئۇلۇغچاد ناھىيىسى جىگېن يىزىسى سىمخانا كەنتىدىكى80 ئىغىزدىن ئارتۇق ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان. بەخىتكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاسىتلىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش قۇماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئوبلاسىت باشلىقى لىۇ جۈن خەي مۇنداق دىدى: يىڭىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆيلەر بۇ قىتىمقى 6.8 بال يەر تەۋرەشنىڭ سىنىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، خەلىق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلىكىنىڭ كاپالىتىگە ئايلاندى.نۆۋەتتە شۇ جايدىكى خەلىق ئىشلىرى، داۋالاش، جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى يىتەكلەپ، ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلماقتا.
    يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە جىگىن يىزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتىگە بىر كىلومېتىر كىلىدىغان ئەركەشتام چىگىرا ئىغىزىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغان.چىگىرا ئىغىزىدىكى خادىملارنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە، چىگىرا ئىغىزىنىڭ توكى قىرغىزىستاندىن كىلىدىغان بولغاچقا، توك تەمىنلەشنىڭ قاچان ئەسلىگە كىلىدىغانلىقىغا بىرنىمە دىگىلى بولمايدىكەن. قىرغىزىستان تەرەپمۇ ھازىر جىددى ھالدا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرىۋىتىپتۇ.
    مەنبە: http://www.cnetnews.com.cn/2008/1006/1158613.shtml

    收藏到:Del.icio.us




bilimliklar blogi