-
سېنىڭ كۈلكەڭ ... - [شىېئىرلار]2008-10-07
سېنىڭ كۈلكەڭ ،
ئاھ ، سېنىڭ كۈلكەڭ ،
يۈرىكىمگە بېرىدۇ ئارام .
شاراب قىلىپ كۈلكەڭنى گويا ،
مۇھەببەتتىن سۇندۇڭ ئوتلۇق جام .
سېنىڭ كۈلكەڭ ،
ئاھ ، سېنىڭ كۈلكەڭ ،
ماڭا لەززەت بېرىدۇ مۇدام ،
نۇرلاندۇرار كۆڭلۈم بېغىنى ،
بولۇپ گويا نۇرلۇق چىراق شام .
سېنىڭ كۈلكەڭ ،
ئاھ ، سېنىڭ كۈلكەڭ ،
مېنىڭ ئۈچۈن ئۆمۈر ۋە ئېلھام ،
مېنى دېسىڭ كۈلگىن ، تۈرۈلمە ،
ئۆتەيلى بىز شۇنداق شاد-خۇرام .
سېنىڭ كۈلكەڭ ...
قاچاندۇ بىر چاغلار سېنىڭ شۇ كۈلكەڭ ،
كۆڭلۈمگە ئوت ياققانىدى جۇلالىق .
ھەر كۈلكەڭ ئەكسىدە مىڭ قۇياش ئەپتى ،
قەلبىمنى رام قىلغان كۆزۈڭ خۇمالىق .
ھازىرمۇ كۈلىسەن شۇنچە قىيغىنىپ ،
لېكىن ئۇ ئوخشىماس ئاشۇ كۈلكەڭگە .
ئاھ ، تازا يۈرەكتىن چىققان شۇ كۈلكە ،
نەلەرگە كەتكەندۇ ، كەتكەندۇ نەگە ؟!
شۇ تاتلىق كۈلكەڭدىن سۆيۈنگەن قەلبىم ،
بۇ غەيرى كۈلكەڭدىن تاپارمۇ لەززەت ؟!
كۆڭلۈمنى مەس قىلغان ئاشۇ كۈلكەڭدىن ،
سەن مەھرۇم قىلدىڭمۇ مېنى تائابەت ؟!
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-75949.html
收藏到:Del.icio.us
<< (مۇكاپاتى يوق )تىپىشماق !!!!!!
| باش بەت | ئۇلۇغچادتىكى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش،يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى >>