-
شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىچە،ئافغانىستان تالىبان تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئومەر 9-ئاينىڭ 30-كۇنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىگەن:ئەگەر چەتئەل ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە قوشۇلسا،تالىبان ئۇلارنىڭ بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەت بېرىدۇ.
ئومەر ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا:تاجاۋۇزچىلارغا شۇنى دەيمەنكى،ئەگەر دولىتىمىزدىن ئايرىلساڭلار بىز سىلەرگە بىخەتەرلىك شارائىتى يارىتىپ بېرىمىز...ئەگەر تاجاۋۇزچىلىقتا چىڭ تۇرساڭلار،سىلەر سابىق سوۋېت ئارمىيىسىدەك مەغلۇپ بولىسىلەر.دىدى.
1979-يىلى سوۋېت ئارمىيىسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن ئېغىر قارشىلىققا ئۇچراپ ئاخىرى 1989-يىلى چېكىنىپ چىققان ئىدى.
ئومەر ئافغانىستاندىكى چەتئەل ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
ھازىر ئافغانىستاندا 70مىڭدىن كوپ چەتئەل ئارمىيىسى بولۇپ ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت نىڭ قوماندانلىقىدا.بۇ يىل چەتئەل ئارمىيىسى 2001-يىلى ئافغانسىتانغا كىرگەندىن بۇيانقى تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان يىل بولۇپ ئالدىنقى 9ئايدا 221ئەسكەر ئولگەن،بۇلارنىڭ كوپىنچىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى .مەنبە:
http://epaper.jinghua.cn/html/2008-10/01/content_347187.htm
