نۆۋەتتە ئىنتېرنېت دۇنياسىدا تەخمىنەن 80 مىڭدىن ئارتۇق مىكروبىلوگ ئابونتى توردا ساختا سېتىش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدۇ، بۇ ساختا ئۇچۇرلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەركۈنى 180 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر 1 سىكونت ئىچىدە تەخمىنەن 5 كىشى مۇشۇ خىل ساختا ئۇچۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ساختا ماللارنى سېتىۋالىدۇ.يەنى تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرايدۇ.
ئىگەللىنىشىچە، ھەر 3 مىكروبىلوگ ئابونتى ئىچىدە بىرى ئىلگىرى مۇشۇ خىل تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغان...ھالبۇكى ساختا داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات سودىسى قىلىدىغان بۇ كىشىلەر بولسا ھەركۈنى باشقىلارنىڭ نەچچە مىليون يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا، مۇشۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟
جىنشەن ۋېروسخورى مىكروبىلوگلاردا تارقىلىدىغان ساختا ئېلان-ئۇچۇرلارغا زەربە بىرىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، تۇنجى بولۇپ، مىكروبىكوگقا قارىتىلغان ئوت كۆزى ناملىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.
يېڭى قوشۇلغان ئالاھىدە ئىقتىدارلار
بىرىنچى، تۇنجى توردا مال سېتىۋىلىش ئۇچۇرلىرىغا قارىتىلغان ئوت كۆزى مۇداپىئە سىستېمىسى ئېقتىدارى قوشۇلدى!
ئىككىنچى، كومپىيۇتېر دوختۇرى ئىقتىدارى قايتىدىن يېڭىلاندى، يېڭى قوشۇلغان ئىقتىدارلار:
1.بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ھەرخىل تورغا ئۇلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛
2.ئۈستەل يۈزىگە نەشىر نۇمۇرى ۋە يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
3.كاشىلا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بىكار قىلىش كۇنۇپكىسى قوشۇلدى؛
4.يېڭىدىنWindows8 سىستېما رايۇنى قوشۇلدى، بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق Windows8نىڭ ھەرخىل كاشىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى؛
5.يېڭىدىن QQ رايۇنى قوشۇلدى، بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق QQنىڭ ھەرخىل كاشىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى؛
ئۈچىنچى، يانفون ۋېروسخورى:
1. يانفون ئۇلانغاندا ئاپتوماتىك USB يىتەكلەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى؛
2.يانفون كومپىيۇتېرغا چېتىلغاندا ئۇلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈلدى؛
3.قىسمەن يانفون ئىكران رەسىمىنىڭ تەتۈر بولۇپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى؛
تۆتىنچى، بارماق دېسكا ۋېروسخورى:
بارماق دېسكا كومپىيۇتېرغا ئۇلانغاندا سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا بارماق دېسكىلاردا كۆرىلىدىغان ھەرخىل ۋېروسلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
بەشىنچى، كىچىك قوراللار توپلىمى:
ھەرخىل ياردەمچى كىچىك قوراللار ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلەت ھۆججەتلەرنى پارچىلاش ۋە ۋاقىت بەلگىلەپ ۋېروس ئۆلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم ئىقتىدارلار بار.
دىتال چۈشۈرۈش: بىلىملەردىن چۈشۈرۈش |
ئورگاندىن چۈشۈرۈش