بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 5654|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى كومپىيۇتېر ۋە يانفون ۋېروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دې...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى كومپىيۇتېر ۋە يانفون ۋېروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى

دېتال ئىسمى: جىنشەن (ئالتۇن تاغ) ۋېروسخورى، ۋېروس ئۆلتۈرۈش قورالى
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
يېڭى نەشىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
نۆۋەتتە ئىنتېرنېت دۇنياسىدا تەخمىنەن 80 مىڭدىن ئارتۇق مىكروبىلوگ ئابونتى توردا ساختا سېتىش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدۇ، بۇ ساختا ئۇچۇرلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەركۈنى 180 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر 1 سىكونت ئىچىدە تەخمىنەن 5 كىشى مۇشۇ خىل ساختا ئۇچۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ساختا ماللارنى سېتىۋالىدۇ.يەنى تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرايدۇ.
ئىگەللىنىشىچە، ھەر 3 مىكروبىلوگ ئابونتى ئىچىدە بىرى ئىلگىرى مۇشۇ خىل تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغان...ھالبۇكى ساختا داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات سودىسى قىلىدىغان بۇ كىشىلەر بولسا ھەركۈنى باشقىلارنىڭ نەچچە مىليون يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا، مۇشۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟
جىنشەن ۋېروسخورى  مىكروبىلوگلاردا تارقىلىدىغان ساختا ئېلان-ئۇچۇرلارغا زەربە بىرىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، تۇنجى بولۇپ، مىكروبىكوگقا قارىتىلغان ئوت كۆزى ناملىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.

يېڭى قوشۇلغان ئالاھىدە ئىقتىدارلار

بىرىنچى،تۇنجى توردا مال سېتىۋىلىش ئۇچۇرلىرىغا قارىتىلغان ئوت كۆزى مۇداپىئە سىستېمىسى ئېقتىدارى قوشۇلدى!
ئىككىنچى،كومپىيۇتېر دوختۇرى ئىقتىدارى قايتىدىن يېڭىلاندى، يېڭى قوشۇلغان ئىقتىدارلار:
1.بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ھەرخىل تورغا ئۇلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛
2.ئۈستەل يۈزىگە نەشىر نۇمۇرى ۋە يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
3.كاشىلا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بىكار قىلىش كۇنۇپكىسى قوشۇلدى؛
4.يېڭىدىنWindows8 سىستېما رايۇنى قوشۇلدى، بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق Windows8نىڭ ھەرخىل كاشىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى؛
5.يېڭىدىن QQ رايۇنى قوشۇلدى، بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق QQنىڭ ھەرخىل كاشىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى؛
ئۈچىنچى،يانفون ۋېروسخورى:
1. يانفون ئۇلانغاندا ئاپتوماتىك USB يىتەكلەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى؛
2.يانفون كومپىيۇتېرغا چېتىلغاندا ئۇلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈلدى؛
3.قىسمەن يانفون ئىكران رەسىمىنىڭ تەتۈر بولۇپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى؛
تۆتىنچى، بارماق دېسكا ۋېروسخورى:
بارماق دېسكا كومپىيۇتېرغا ئۇلانغاندا سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا بارماق دېسكىلاردا كۆرىلىدىغان ھەرخىل ۋېروسلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
بەشىنچى، كىچىك قوراللار توپلىمى:
ھەرخىل ياردەمچى كىچىك قوراللار ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلەت ھۆججەتلەرنى پارچىلاش ۋە ۋاقىت بەلگىلەپ ۋېروس ئۆلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم ئىقتىدارلار بار.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2012-12-5 19:30:10 | ئايرىم كۆرۈش
مەن پەقەت 360 نىڭ بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنىلا ئىشلىتىۋاتقانىدىم،  影子系统 نى قاچىلاپ،
بۈگۈن بۇ 360 نىمۇ ئۆچۈرىۋېتىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم. چۈنكى كومپىيوتېرىمنى ئۆچۈرسەملا ھەممىسى ئەسلىگە كېلىدىغان بولغاچقا.. ئەمدى مۇشۇنىلا ئىشلىتىپ ۋىروسخورلارنى ئىشلەتمەيچۇ.. كومپىيوتېر ئېغىرلاشتۇرۇپ.. ئەمما ماۋۇ ۋىروسخورنى تونۇشتۇرۇپتىڭىز ئىشلەتكىم كېلىپ قالدى..

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-6 10:40:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئافغان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 19:30
مەن پەقەت 360 نىڭ بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنىلا ئىشلىتىۋاتقا ...

كومپىيۇتېرغا يېڭىدىن سېستىما قاچىلاپ QQ管家 قاچىلاپ QQ نىڭ دەرىجىسى ھەسسىلەپ ئاشۇراي دىگەن مەقسەتتە سىنىسام ناھايىتى ئوبدان كېتىۋاتىدۇ، بۇرۇنقىدەك كومپىيۇتېرنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويدىغان ئىشلىرىمۇ كۆرۈلمىدى.
ئاخىرى بىر ۋېروسخورنىمۇ قوشۇپ قاچىلاپ قويۇش مەقسىتىگە كېلىپ تور ئارلىسام مۇشۇ 金山 نىڭ يېڭى نەشىرىنى بەك ماختاپ كېتىپتۇ، سىنىسام دىگەندەك خېلى كۆپ ۋېروسلارنى تاپالىدى.
بۇنىڭ يەنە بىر مايا يارىغان قورالى، تېلفوندا ۋېروس تازلاش، ھەقسىز دىتال، ئويۇنلاردىكى ھەرخىل ئېلانلارنى توتوش قورالى بەك يارىدى. 360 تېلفون ياردەمچىسىنىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بولسىمۇ ئۈنىمىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئەمما ماۋۇ ئالتۇنتاغدا ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈككەن. بەزى ئامراق ئويۇنلىرىمدىكى ئېلان ئىچىمنى بەك سىقىۋېتەتتى، بۇ كاساپەت بۇ ئىشنىمۇ ھەل قىلدى ئەمەسمۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2012-12-6 12:07:46 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-6 10:40
كومپىيۇتېرغا يېڭىدىن سېستىما قاچىلاپ QQ管家 قاچىلاپ QQ ن ...

ئويۇنلاردىكى ھېلىقى چىقىدىغان ئېلانلارنى چىقمايدىغان قىلالامدىكەن، ياكى ئېلانلار بېسىلىپ كەتسە ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويامدىكەن.. ماۋۇ 360 نىڭ شۇنداقكەنغۇ.. ئېلانلار جايىدا چىقىۋېرىدىكەن ئەمما باسسا ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويىدىكەن... ئەگەر ئالتۇن تاغنى ئىشلەتسە ئېلانلارنى چىقمايدىغان قىلسا شۇنىلا ئىشلەتسەم بولغۇدەكقۇ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2012-12-6 12:08:07 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-6 10:40
كومپىيۇتېرغا يېڭىدىن سېستىما قاچىلاپ QQ管家 قاچىلاپ QQ ن ...

ئويۇنلاردىكى ھېلىقى چىقىدىغان ئېلانلارنى چىقمايدىغان قىلالامدىكەن، ياكى ئېلانلار بېسىلىپ كەتسە ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويامدىكەن.. ماۋۇ 360 نىڭ شۇنداقكەنغۇ.. ئېلانلار جايىدا چىقىۋېرىدىكەن ئەمما باسسا ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويىدىكەن... ئەگەر ئالتۇن تاغنى ئىشلەتسە ئېلانلارنى چىقمايدىغان قىلسا شۇنىلا ئىشلەتسەم بولغۇدەكقۇ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-6 12:57:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئافغان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-6 12:08
ئويۇنلاردىكى ھېلىقى چىقىدىغان ئېلانلارنى چىقمايدىغا ...

مېنىڭدا ئويۇن ئارىسىدىكى ئېلان چىقمامدۇ دەيمە ؟ ئىشقىلىپ ھازىر ئويۇن ئوينىسام ئانداق ئېلانلار يوققۇ ... سىناپ بېقىڭ قېنى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2012-12-9 15:04:52 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2012-12-12 00:50:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mekman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 00:55  

تېلۋىزىيە ئېلانلىرىمۇ نىمە ئۈچۈن تەرتىپكە سېلىنمايدۇ..

(ئادەمنى ئالداپ قويۇپ، ئېلانغا ئىشەنگەندىكىن ئۆزىڭىزدىن كۆرۇڭ دەپلا قويسا بولامدا، خەلقنى قاراپ تۇرۇپ قاقتا-سوقتى قىلسا    سىلەرچە...)
نىمە ئۈچۈن ساختا ئېلانلارنى تازلىمايدۇ.. تارقىتىشنى توسمايدۇ ..بۇنى تەرتىپكە سالىدىغان ئورۇن مەۋجۇت ئەمەسما
بەزى ئېلاننى بىر كۆرۇپلا بايقىغىلى بولىدۇ. ئامما بۇنىڭغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالمامدۇ...(工商局)بۇ ئىدارە نىمە ئۈچۈن ئارىغا چۈشمەيدۇ.. (قايسى بىر قانالدا بېرىۋاتقان سەرەڭڭە ئۇيۇنى دەل ئالدامچىلىق)  (بۇ ئۇيۇندا شۇنداق ئاددى سۇئاللارنى چىقرىپ نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپات،تېلغۇن، ئالقان كومپىيۇتېر سوغات دەپ چىقىرىپ قويىدۇ.. كىشىلەر ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ.)

ئېلانلارنى كۇلكىلىك مۇبالىغىلىق قىلسا مەيلى لىكىن ...   مەھسئۇلاتنىڭ ئىقتىدار ، ئالاھىدىلىك جەھەتتە كۆرۇنمەنلەرگە يالغان تۇنۇشتۇرۇش بېرىلسا كۆرۇنمەنلەردە خاتا چۈشەنچە بولمامدۇ ،بەزى ئېلانلاردا مەن ئىشلىتىپ 2 كۈندىلا ئۇنىمىنى كۆردىم.. دىگەندەك....(داغ يوقۇتۇش ،بوي ئېگىزلىتىش دېگەندەكلەر بەكلا ئاشۇرۋەتكەن.. ئۇنى پەقەت كومپىيۇتېردىكى تەكشىلىكتە لاھىيلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىلانغان. )
بۇ ئېلاننى ئېنىق ئاتىماي،،  ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئېلانىدا  ۋېيشىندا پاراڭلاشسىڭىز ھەقسىز دىيىلىدى..
يەنە  40ياشىلىق دوختۇرنى    ئۇنداق دوختۇر 30 يىللىق تارىققا ئىگە مانچە يىل بۇيەردە تۇرغان چەتئەلدە مانچە يىل تۇرغان مانچە يىل مۇنداق قىلغان مۇنداق يەردىن تەكلىپ قىلغان دەپ ئاتىغىدەكلا ئۇنىۋان، يوقىرى ناملار بولسا ئاتاپ ئۇچۇرۇپلاۋەتكەن .. ھىسابلاپ چىقساق 7يىشىدىن بۇرۇنلا چەتكە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن.
مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ  (工商局) سۈپەت تەكشۈرشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئېلان ئىشلەش كىرەكمۇ قانداق ....چۇقۇم مەلۇم ئىدارىنىڭ شۇ ئېلان چىقرىشتىن بۇرۇن ئېلان بېرىشنى تەستىقلايدىغان ئورۇننىڭ ئېجازەتنامسى ئالغاندىن كىيىن ئېلان بېرىشنى يولغا قويسا بولغىدەك..  ئاندىن ساقتىلىققا مەسئۇل بولدىغان شارائىت ھازىرلىندۇ.

نىمە ئۈچۈن خەلق بۇنىڭغا بېلەت تاشلاپ ئۆز-ئۆزىنى قوغدىمايدۇ...«ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بەرسە ئىنكاسىمىزنى ئۇلارغا يەتكۈزسەك ئىكرانىمىزدا چۇقۇم ياخشى ئۆزگىرىش بۇلاتتى ».سىزنىڭ مۇ پىكىر قىلىش ھوقۇقىڭىز،، ئۆزىڭىزنى قوغداش ھوقۇقىڭىز بار....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-12 01:15:41 | ئايرىم كۆرۈش
mekman يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 00:50
تېلۋىزىيە ئېلانلىرىمۇ نىمە ئۈچۈن تەرتىپكە سېلىنمايدۇ. ...

شۇنى بىر دىمەمسىز ، ما شىنجاڭدا ئانچە ئەمەس تېخى، ئىچكىرنىڭ تېلۋىزىيە پىروگرامىلىرىدا ئالامەت ئېلان بار ئىكەن. « بىزگە دەرھال تېلفون قىلىڭ، بىز سىزنىڭ تېلفون كارتىڭىزغا 300 يۈەن نەق پۇل ۋە بىر دانە ئاندرويىد سېستىمىلىك iphone4s تېلفون قوشۇپ بىرىمىز، پۇرسەت غەنىمەت » دىگەندەك . ئامما ما ئېلاننى كۆرۈپ كارۋاتتا كۈلۈپ دۇمىلاپ كېتىپتىمەن ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2013-1-2 12:02:26 | ئايرىم كۆرۈش
مۇدىر تونۇشتۇرغاندىكىن ناچار مەھسۇلات ئەمەستە. بىر ئىشلىتىپ كۆرەي قىنى .رەھمەت جۇمۇ
  مىنىڭ مۇشۇ 华为u8818ماركىلىق تىلفۇن ئىدى.توردىن ئىزدىسەم مۇشۇ تىلفۇننىڭ root ئالىدىغان دىتاللىرى ئىنتايىن كۆپكەن ئەمما بىرسىمۇ كارغا كەلمەي قويدى .باشقا تىلفۇنلارنىڭكىنى ئالالىدى .نىمىشقا بۇ تىلفۇنغا root ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قالدىم .......

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-10 23:44:44 | ئايرىم كۆرۈش
burkut001 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 12:02
مۇدىر تونۇشتۇرغاندىكىن ناچار مەھسۇلات ئەمەستە. بىر ئى ...

/ud/forum ... &extra=page%3D1
ماۋۇ دەرسلىكتىكى دىتالنى سىناپ باقتىڭىزمۇ ؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2013-6-17 14:17:49 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ۋېروسخور ھەقىقەتەن قالتىسكەن جۇمۇ ، 3602 دا ۋېروس بايقالمىغان ئىدى بۇنىڭدا ھازىر 107 تال ۋېروس چىقىپ بولدى، داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
13#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-18 15:19:41 | ئايرىم كۆرۈش
خەۋەر يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 14:17
بۇ ۋېروسخور ھەقىقەتەن قالتىسكەن جۇمۇ ، 3602 دا ۋېروس باي ...

مەنمۇ بىر سىناپ باقسام بولغۇدەك

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
14#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-2 00:24:43 | ئايرىم كۆرۈش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
15#
ۋاقتى: 2013-7-4 19:03:22 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ياخشى تىما

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:26 , Processed in 0.328280 second(s), 41 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش