«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» كومپيۇتېر ياردىمىدىكى ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تەرجىمىدە تەكرار ئۇچرايدىغان ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ ئەستە قالدۇرىدۇ. كېيىن ئوخشاش ئاتالغۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان جۈملە ئۇچراتسىڭىز، ئىلگىرىكى تەرجىمىنى ئەسكەرتىدۇ، قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا تەرجىمىدە ئاتالغۇ بىردەكلىكى، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز، تەرجىمە تاماملانغاندا تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە چىقىرالايسىز. بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدىكى بارلىق ئىش-ھالقىلىرىنى مۇشۇ بىر يۇمشاق دېتالدىلا تاماملاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى(كۆرۈپ بېقىش نەشرى): 0.0.0.7 (ئەسكەرتىش: بۇ نەشرى 360 ۋىرۇسخورىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدىكى باشقا ۋىرۇسخور بۇ پىروگراممىنى توسۇۋالسا، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ ئىشەنچ رايونىغا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ).
UighursoftCAT.zip
(2.88 MB, چۈشۈرۈش سانى: 49)
دىتال سىغىمى: 2.87 مېگابايت
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئىشلەش مۇھىتى: Windows XP/7/8/8.1/10