بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1090|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (كۆرۈپ بېقىش نەشرى) تارقىتىلدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005» دېتالىمىز تارقىتىلغان ئىدى، بۈگۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەھسۇلاتىمىز «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» (ھەقسىز نەشرى) بارلىققا كېلىپ، تارقىتىلدى. تۆۋەندىكى رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

چۈشۈرۈش تور بېكىتى:
http://imla.uighursoft.com/ug-CN/CAT
سىغىمى: 2.87 مېگابايت

تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.


ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى
(كومپيۇتېر ياردىمىدە تەرجىمە قىلىش دېتالى)


قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» كومپيۇتېر ياردىمىدىكى ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تەرجىمىدە تەكرار ئۇچرايدىغان ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ ئەستە قالدۇرىدۇ. كېيىن ئوخشاش ئاتالغۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان جۈملە ئۇچراتسىڭىز، ئىلگىرىكى تەرجىمىنى ئەسكەرتىدۇ، قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا تەرجىمىدە ئاتالغۇ بىردەكلىكى، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز، تەرجىمە تاماملانغاندا تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە چىقىرالايسىز. بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدىكى بارلىق ئىش-ھالقىلىرىنى مۇشۇ بىر يۇمشاق دېتالدىلا تاماملاشقا بولىدۇ.

يۇمشاق دېتال تەلىپى:
مەشغۇلات سىستېمىسى: Windows XP/Windows 7/8/8.1
ئىچكى ساقلىغۇچ: 512 MB ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ
ئېكران ئېنىقلىقى: 1024*768

يۇمشاق دېتالنىڭ ئارايۈزى:


ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە تېكىست رامكىسى، جۈملە رايونى، تەرجىمە رايونى (ئاتالغۇ، ئەسلىي جۈملە، تەرجىمە جۈملە ۋە تەۋسىيە جۈملە) بولۇپ، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى تەھرىرلەش رامكىسى (1-رايون)غا چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ (2-رايون)، نۆۋەتتە تاللانغان جۈملە ئىچىدە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئىزدەپ (3-رايون سول تەرەپتىكى) ئاتالغۇ رايونىدا كۆرسىتىدۇ.

نۆۋەتتىكى جۈملىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاستىدىكى (سېرىق رەڭلىك) تەھرىرلەش رايونىغا يازسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سول تەرەپتىكى مەلۇم بىر ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئاتالغۇنى قوش چەكسىڭىز ياكى شۇ ئاتالغۇنى تاللاپ، تەرجىمە رايونى قورالبالدىقىدىكى «بىر ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 2-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ھەممىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 3-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ.

باشقا سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىلەن تەھرىرلەش رايونىدىكى خەنزۇچە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى بوياپ قۇيۇپ بەرسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (http://www.udict.cn)گە ئۇلاپ تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر لۇغەتتىكى بەزى تەرجىمىلەرنى پايدىلانماقچى بولسىڭىز، يەنە مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىلەن شۇ دائىرىنى بوياپ قويۇپ بەرسىڭىز، تەرجىمە رامكىسىدىكى نۇربەلگىسى تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا كۆچۈرۈلىدۇ، قايتا كىرگۈزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تەرجىمىسى مۇقىملاشقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولسىڭىز، ئۈستىدىن خەنزۇچىسىنى تاللايسىز، ئاندىن ئاستىدىن تەرجىمىسىنى تاللاپ، قورالبالداقتىكى «قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

كېيىنكى جۈملىدە سىز قوشقان ئاتالغۇ ئۇچراپ قالسا، تەرجىمىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاتالغۇ جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلىيالايسىز، ئەمما تۇرغۇن سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ قوشماڭ، ھازىرچە سىناق نەشرىدە ئۆزىڭىز قوشقان ئاتالغۇلارنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى تەمىنلەنمىدى.

ئۇنىڭدا يەنە ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقىنى ئاپتوماتىك توغرىلاش، ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا ئىملا توغرىلاش، تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار تولۇق سەپلەنگەن.
ئەگەر سىزدە قوش تىللىق تەرجىمە ماتېرىياللىرى بولۇپ، جۈملە ئامبىرىمىزغا قوشۇپ، باشقىلارنىڭمۇ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز.
بۇ يۇمشاق دېتال ئالدىنقى ھەپتە تۇخۇمىدىن چىققان بولۇپ، ھازىر كاتەكتە چۈجە ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بەلكىم دەسلەپتە سىزگە كۆپ پايدىسى تەگمەسلىكى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ سۈپەتلىك دان ۋە پاكىزە سۇ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ساغلام چوڭ بولۇپ كاتەكتىن رەسمىي چىققاندا كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىدىغان بولسۇن، بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز.
شۇنداقلا يەنە بۇ يۇمشاق دېتالنى ياخشىلاش ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشنى ۋە بىزگە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. رەھمەت!
team@uighursot.com
ئاخىرىدا بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئېچىش گۇرۇپپىسى
2015.4.18

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2015-4-19 17:15:40 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى دىتالكەن شۇنىسى ئۇيغۇرچىنىمۇ خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولسا ئالامەت بىر دىتال بولۇپ چىقىدىكەن

باھا سۆز

ئۇ ئىقتىدارىمۇ ئۇزۇنغا قالماي چىقىشى مۇمكىن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-4-19 17:48
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-4-19 17:40:49 | ئايرىم كۆرۈش
jiddi qq satima

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2015-4-19 17:41:39 | ئايرىم كۆرۈش
kim qq alidu

باھا سۆز

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يوللىماڭ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-4-19 17:47
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-19 17:47:45 | ئايرىم كۆرۈش

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يوللىماڭ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-19 17:48:08 | ئايرىم كۆرۈش
买买提艾力 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 17:15
بەك ياخشى دىتالكەن شۇنىسى ئۇيغۇرچىنىمۇ خەنزۇچىگە تەرج ...

ئۇ ئىقتىدارىمۇ ئۇزۇنغا قالماي چىقىشى مۇمكىن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2015-4-19 18:38:58 | ئايرىم كۆرۈش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2015-4-19 21:08:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئىشلار ئاجايىپ ئاسانلىشىپ كېتىپ بارىدۇ ... ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ تىرىشىۋاتقان دوستلۇرۇم ھارمىغايسىلەر ..

باھا سۆز

بۇنىڭغا يەنە بىزلەر كۈچىمىسەك بولمايدىكەن، ھازىر سانداندا ئۇچۇر كۆپ ئەمەس ئىكەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-4-20 00:10
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-20 00:10:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 21:08
ئىشلار ئاجايىپ ئاسانلىشىپ كېتىپ بارىدۇ ... ئۈزلۈكسىز ئى ...

بۇنىڭغا يەنە بىزلەر كۈچىمىسەك بولمايدىكەن، ھازىر سانداندا ئۇچۇر كۆپ ئەمەس ئىكەن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2015-4-24 16:16:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئەپسۇس  كۇمپىيۇتىرىمدا ئشلىمىدى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:37 , Processed in 0.323690 second(s), 42 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش