فورت شىركەت تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن گويا «ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققان» دەكلا ئىش بولۇپتۇ.
ئۇ باشقا يەردىن تۈزۈكرەك خىزمەت تاپالمىغاندىن كېيىن ئۆزى ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزى بەگ، ئۆزى خان ھالدا ئىش قىلىشى ئىكەن. گەرچە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپتۇ، رىقابەت ئىقتىدارى ئېشىپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ «ئوچۇق ئاسماندىن چېقىلغان چاقماق»تىن كەلگەن يېڭىلىقلار ئىكەن.
نۇرغۇن كىشىلەر «ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققان»دىن كېيىن، ئاندىن ھوشىنى تاپىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ھېچقانداق ئۆزگىرىشكە ئىنتىلمىسە، ئادەمنىڭ مېڭىسىمۇ چارچىمايدۇ. شۇڭا بىز كۈندە ئوخشاش ئىش بىلەن مەشغۇل بولىمىز، تاكى بېرىپ مېققا ئۈسكەنگە قەدەر بىر ئىشنى تەكرار تەكرار قىلىۋېرىمىز. سالامەتلىكنى مىسالغا ئالساق، بىز قايسى چاغدا يېمەك - ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، چېنىقىشقا كىرىشىمىز؟ تېنىمىزنى كېسەل چىرمىغان چاغدا، دوختۇر: «ئەگەر تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز يەنە ئۆزگەرتمىسىڭىز، چوقۇم ئۆلۈپ كېتىسىز!» دېگەندە، ئاندىن كاللىمىزدا «ئۆزگەرتىش» دېگەن بۇ ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ.
ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بىز قانداق چاغدا قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلىمىز؟ نىكاھ كرىزىسقا ئۇچرىغاندا، ئائىلىمىز ۋەيران بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن چاغدا ئاندىن شۇنداق قىلىمىز!
كەسىپ جەھەتتە بىز قانداق چاغدا يېڭى ئۇقۇملارنى قوبۇل قىلىمىز، ئىجادىي قارارلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويىمىز؟ يانچۇقىمىزدا دەسمايە قالمىغان چاغدا!
بىز قانداق چاغدا مېھمانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىمىز؟ مېھمانلارنىڭ ھەممىسى كېتىپ قالغان چاغدا!
بېشىمىز تامغا جاققىدە تەگكەن چاغدىلا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنى ئۆزى ئۆگىنىش باشلايمىز.
ئويلاپ باق، سەن ھاياتىڭدىكى ئەڭ چوڭ قارارلارنى قانداق چاغدا چىقاردىڭ؟ باشقىلارنىڭ زەربىسىدىن يۈز - كۆزلىرىنىڭ كۆكىرىپ، بېشىڭ يېرىلغاندا چىقاردىڭ. شۇ چاغدا سەن چوقۇم ئۆز - ئۆزۈڭگە: «مەن بۇنداق رەزگە تۇرمۇشتىن، باشقىلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى توپ بولۇپ ياشاشتىن، تايىنى يوق ئادەم بولۇپ يۈرۈشتىن جاق تويدۇم، مەن جەزمەن ھەممىسىدىن ئېشىپ كېتىمەن!» دەپ خىتاب قىلدىڭ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چاغدا بىز تەنتەنە قىلىمىز، ئەمما ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يېڭى ئىلھاملارنى ئىزدەپ باقمايمىز. مەغلۇبىيەت بىزنى زەخىمگە ئۇچرىتىش مۇمكىن، ئەمما ئۇ بىزنى ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ. ئوبدان ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، «ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققان» چاغ دەل بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
ھەرقانداق ئادەم راھەتكە ئىنتىلىدۇ. جاپادىن قاچىدۇ، ناۋادا ناچار مۇھىتنىڭ مەجبۇرلىشى بولمىسا، نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ نورمال تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.
ئۇنداقتا كىشىلىك تۇرمۇش ئاشۇنداق بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىق بولغاندىلا ئاندىن مۇكەممەلشەمدۇ؟ بۇمۇ ناتايىن، تەڭرى كۆپىنچە ھاللاردا بىزنى مۇلايىم شەكىللەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي يۈرىۋەرسەك، ئۇ بىزنى ئانچە - مۇنچە ساۋاپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ ساڭا بۇ 110 ھېكمەتنى سۆزلەپ بېرىشىمدىكى مەقسىتىمۇ سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشىڭنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سېنى خاتىرجەم ياشاش، خىزمەتتە ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرىلەش شارائىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.
ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت - توپلام