بىر مۈشۈك بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى ھەمىشە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ چاشقاننى تۇتالماي قاچۇرۇپ قويۇپتۇ ھەمدە «ئۇ بەك ئورۇق ئىكەن، سەمرىگەندە بىر گەپ بولار» دەپتۇ، ئاندىن كۆل بويىغا بېلىق تۇتقىلى بېرىپتۇ، كارپ بېلىقى قۇيرۇقى بىلەن ئۇنى بىرنى ئۇرۇپتىكەن، يەنە پېتىدىن چۈشمەي «ئۇنى تۇتقۇم يوق ئىدى، تۇتىمەن دېسەم ئاسانلا تۇتۇۋالالايتتىم. مەن پەقەت ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۈزۈمنى يۇيۇۋالدىم» دەپتۇ.
كېيىن ئۇ كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، ھەمراھلىرى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولغاندا، يەنە ھوشىنى تاپماي: «مېنى خەتەردە قالدى دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ ياق، مەن سۇغا چۆمۈلۈۋاتىمەن...» دەپتۇ — دە، گېپىنىڭ ئايىغى چىقمايلا سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. «كېتەيلى، — دەپتۇ ھەمراھلىرى بىر - بىرىگە، — ئۇ بىزگە سۇغا شۇڭغۇش ماھارىتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.»
بۇ ۋەقىقەتەنمۇ غەلىتە ھەم بىچارە مۈشۈك ئىكەن، ئەجەبا، سەن بۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدۇ، ساختىلىق ئىچىدە ياشايدۇ، ئۆز كەمچىلىكىنى جېنىنىڭ بارىچە يوشۇرىدۇ.
ھەر قانداق ئادەمدە ئارتۇقچىلىقمۇ، كەمچىلىكمۇ بولىدۇ، نۇقسانسىز ئادەم دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەس. بىراق، ئادەم ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى، شۇنداقلا بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ ئوخشىمىغان شارائىتتا ئۆزىگە نىسبەتەن قانداق مەنىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىسە، ئۇنى مۇكەممەللىككە ھەممىدىن بەك يېقىنلاشقان ئادەم دېيىشكە بولىدۇ!
ئادەمدىكى بەزى ئارتۇقچىلىقلار تۇغما بولىدۇ، ئۇنى ئۆزگەرتمەك تەس، بەزى ئارتۇقچىلىقلار بولسا كېيىنكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولىدۇ، يەنە بەزى ئارتۇقچىلىقلارنىڭ مىجەز - خاراكتېر بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق، مەسىلەن، گۈزەللىك ۋە سەتلىكنىڭ.
لېكىن، سەن خالا ياكى خالىما، بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر ساڭا خېلى بىر مەزگىللەرگىچە، ھەتتا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ، ساڭا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى بەلگىلەيدۇ، سېنىڭ جەمىيەتتىكى ياشاش تىرىشچانلىقىغا ياردەم قىلىدۇ ياكى توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
سېنىڭمۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق كەمچىلىكتىن خالىي بولمىقىڭ تەس. بىراق، بۇنىڭ قورقۇپ كەتكۈدەك يېرى يوق. ئۆزۈڭگىمۇ ئايان، مەن ئەزەلدىن سېنى بۇ توغرۇلۇق ئەيىبلەپ باقمىدىم، چۈنكى بۇ دۇنيادا يۈزمۇيۈز مۇكەممەل ئادەم راستىنلا مەۋجۇت ئەمەس.
لېكىن، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، كەمچىللىك بار تۇرۇقلۇق ئۇنى پەردازلاپ كۆرۈشنىڭ ئۆزى ھەممىدىن بەك قورقۇنۇچلۇق. بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە پارازىت قۇرتنىڭ ئۆز بەدىنىدىن تۆشۈك ئېچىشىغا يول قويۇش ھەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۆزۈڭدە كەمچىلىك بارلىقىدىن نومۇس قىلما، ئۇنىڭغا توغرىدىن - توغرا يۈزلىنىشكە، ئۆزۈڭدىكى خاتالىق ۋە كەمچىلىكلەرنى ئىتىراپ قىلىشقا جۈرەت قىل، بۇ بىر ئاقىلانىلىك، شۇنداقلا باتۇرلۇق.
ئۇنداقتا، ھازىردىن باشلاپ، ئۆزۈڭدىكى كەمچىلىكلەرنى دادىللىق بىلەن تېپىپ چىق، ھېلىقى مۈشۈككە ئوخشاش ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىنى ئالداپ، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالما.
ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت - توپلام