بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1908|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[شىنجاڭ داڭلىق كىشلەر] ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ
قىسقىچە تەرجىمھالى




ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933- يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كىيىن، 1950- يىلغىچە نەزەر باغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4 يىل ئوقۇغان. 1950- يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئېكسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو – خېمىيە فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خېمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغا ماركىسىزم ئاساسلىرى، پەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتكەن.

1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركىسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ماركىسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.

ئىجادىيىتى:

ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956- يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20 يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن. 1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىن خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. 1961- يىلى ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى، 24 تارىخنى، ئەنگلىيە دىراماتورگى شېكىسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ رامانايا، ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان 15 توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى , بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى، ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودىسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومېدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى دىرامىلىرىنى، ماركس – ئېنگلىس ئەسەرلىرىنى، ناۋائىي، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇ جەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان. ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرۇغلار قوشىقى، قەدىمكى يىپەك يولى، خەن ئوردىسىدا باھار، مەلىكە خۇارۇڭ، تەڭرىتاغ ناخشىسى، دات باسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان. جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995- يىلىنىڭ بېشىدا 4 – قېتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان.

يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ناھەقچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە – پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان. 1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980 – يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ، ئومۇمىي ئىستېتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شېئىر – غەزەللىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپونىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك قامۇسى – (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1980- يىللاردا ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى، ئومۇمىي ئىستېتىكا، چوغلۇق، رۇبائىيات(1)، رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.

ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كىيىن ئېلان قىلىنغان روھنى ساغلاملاشتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى، ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار، ئارىفنامە، يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي – ساك – ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى، ئەلشىر ناۋايىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى، ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى، نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى، ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى، قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى، ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى، سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بىر – بىرلەپ نەشىر قىلىندى. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش، سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا، چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يېپيېڭى تۈس قوشقان ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدەبىي، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پىروففىسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزىنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995- يىلى 2 -ئاينىڭ 27 – كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبى بىلەن 62 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيرىلەشتى.













ئاپتۇرنىڭ نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلىرى

باشقا مۇنبەر ، تور بەتلەرگە يۆتكەپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبە بولغان يېشىل ئارال مۇنبىرىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
مۇنبەر ئادېرىسى: http://yexilaral.com/portal.php


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:34:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە

قامۇسى قىسمەت ھاياتنىڭ ھەر بېتى راھەت ماڭا،
مەيلى قايغۇ مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا.
بولسا گەر قەلبىمدە ھېكمەت قىلغۇسى جۇتنى باھار،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت ئامىتىم ئاپەت ماڭا.
.
ھەر قېتىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئالىمى، مۇتەپەككۇر ئەدىب، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھاياتلىق ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ يازغان مۇنۇ رۇبائىيىسىنى ئوقىغان ۋاقىتىمدا، ھاياتلىق ھەققىدە تولۇق ئىشەنچىگە تولۇپ يېڭىدىن ئۈمۈدكە كېلىمەن. شائىر ياشىغان شۇ دەۋىرلەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ يىگىرمە نەچچە يىللىق قارا كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك خاتا چۈشىنىش، تەنە-ھاقارەتلەرگە چىداپ، تىرىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىر، نەسىر، رۇبائىي تۈرلىرىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مۇقاملىرى، پەلسەپە، ئىستېتىكا ساھەسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ماڭا يېڭىدىن ئىشەنچ، ئۈمىد، ئىرادە ئاتا قىلىدۇ. ھەر قېتىم ئۇ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ بىباھا ئەسەرلەرنى ۋاراقلاپ چىققىنىمدا، خىياللىرىم ئاللىقاچان ئالىم بىلەن تۈگىمەس پاراڭلارغا كېتىدۇ. ئالىم قىسقىغىنە 62 يىللىق ھاياتىدا بىر مىنۇت، بىرسىكۇنت ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىباھا ئەسەرلەرنى يېزىپ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ۋە تەتقىق قىلىشىمىزغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

ئەپسۇس، تولىمۇ مىڭ ئەپسۇس. كونىلار ئۆز مىللىتىنى تەتقىق قىلىپ، «ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى، كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزارى» دېگەن مەشھۇر ھېكمەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق، بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق ئوخشايمىز. بەلكىم ئۆزىمىزدىكى بىتەپەككۇرلۇق، چوڭچىلىق تۈپەيلىدىن ئەتراپىمىزدىكى بىر مىللەتتىن چىققان كىشىلەرنى كۆرەلمەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپمىساق خاتىرجەم ئولتۇرالمايمىز. ھەتتا ئەجەل كېلىپ، ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان كىشىلەرنى خاتىرجەم ئولتۇرغۇزمايمىز. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىدى. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇچرىغان شۇ خورلۇقلارغا بىز ئۇچرىغان بولساق، بەلكىم چىداپ تۇرالمىغان بولغىيتتۇق.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى ئۇلۇغ ئالىمى «مەھمۇد كاشغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ» توغرىسىدا يازغان شۇ ئەسىرى تۈپەيلى يىرگىرمە نەچچە يىللىق قارا كۈنلەر ئۇنى زىندانغا ھەمراھ قىلدى. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن قاتتىق خورلاندى، ھاقارەتكە ئۇچرىدى. ئەمما ئالىم ھەممىگە چىدىدى. قارا كۈنلەر مىڭ تەسلىكتە ئۆتۈپ كېتىپ، ئالىم ئاران يورۇقلۇققا چىقىپلا يەنە مۇنبەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۆزى بىر قانچە كىتابلارنى تۈزۈپ، ئىستېتىكا، لېكسىكا پەنلىرىدىن دەرس ئۆتتى.

ئالىم 20 نەچچە يىل شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۈپخانىسىغا سولانغان ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئېسىل كىتابلار بىلەن ئۇچراشتى، ئوقىدى ۋە تەتقىق قىلدى. نەتىجىدە نۇرغۇن ئىسىل خاتىرىلەرنى يېزىپ چىقتى. دېمەك، مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ئالىم، يورۇقلۇققا چىقىپلا تەتقىقاتقا كىرىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر پەلسەپىسى، فارابى پەلسەپىسى، قاتلاملىق ئىستېتىكا، لېكسىكا، ئۇيغۇر مۇقاملىرى قاتارلىق ساھەلەردە توم–توم كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى.
ئەپسۇس، ئۇ يازغان ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلىشىپ يازالمايدىغان، نەچچە كۈن توم-توم لۇغەتلەرنى كۆرۈپ ئاندىن ئاران چۈشىندىغان تۇرۇپ، ئۇنى كۆزگە ئىلمىدۇق. ھەتتا بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي، بىرلا ئىشنى قىلسا بۇلاتتى دەپ پەس كۆردۇق. قىسقىسى، ئالىم ھايات ۋاقتىدا، ھەقىقىي مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمىدى. بىز ئۇنىڭ يېگەن ئېشىنى ھارام قىلىپ، كۆرگەن كۈنىنى كۈلپەتكە ئايلاندۇرۇپ، دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ، ئەزرايىل ئۇنى ئېلىپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئاخىرەت ھارۋىسىغا چىقىرىپ قويدۇق.

ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى ئالىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىسىل ئالىمى ئىدى. يەنە 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار چوقۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ چىقىدۇ.ئالىم كەتتى، مەڭگۈلۈك كەلمەسكە كەتتى. ئەمما ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس سېيماسىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ، تەتقىق قىلىپ چىققان بىباھا ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئەڭ مۇھىمى بىزگە ئۇ يېزىپ قالدۇرغان شۇ ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى.

مەنبە : ئەلپىدا ئۇچۇر تورى


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +30 يىغىش سەۋەبى
يامغۇر + 30 جاپا چەكتىڭىز

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:29:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتىدۇ


تارىخنىڭ لەنەت تاختىسى ئۇنى ھاقارەتلىگۈچىلەرنى ئىزدىمەكتە...--<<سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى>>دىن

ئىلىم - سەنئەت تارىخى شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى ، خۇنۇك ۋە ناپاك پىكىرنىڭ ئەخلەت توزانلېرى ئۇنىڭ ئىگىلېرىنى مەنىۋى مەدەنىيەت كۆكىدە ئۆرلەش ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان . ئۇ خۇددى ئېغىر تاشتەك ئۇنىڭ پارلاق چوققىسىغا چىقىشىغا ھامان توسقۇنلۇق قىلىدۇ . روشەنكى پاكلىق ۋە ئۇلۇغۋارلىق روھىيەت پەرۋازىدىكى ھەقىقىي قاناتتىن ئىبارەت . ئۇنداق بولمايدىكەن << موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە >> بولۇپ قالىدۇ !
<< ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار >>دىن
سۆيۈش ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ھېسسىي (ئىمموناتسىيىلىك ) سۆيۈش ، يەنە بىرى ئەقىلىي ( راتسىيىلىك ) سۆيۈش ، مىللەتنى سۆيۈشتىمۇ مۇشۇ ئىككى تۇركۈمدىكى ياكى ئىككى دەرىجىدىكى كىشىلەر مەۋجۇت . بەزى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل سۆيۈش بىرلەشكەن ، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل سۆيۈش ئۆز - ئارا زىددىيەتلىك كۆرۈنۈش ئالغان . مىللەتنى سۆيىدىغان ، ئەمما << تارىخنى قايتا ئويلاشقا >> ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۈرگەن كىشىلەر پەقەت ھېسسىي سۆيگۈ بىلەن تويۇنۇپ قالغان ۋە بىكىنمىلىكنى مىللىتنى قۇتۇلدۇرىدىغان<< نىجادىيەت >> دەپ تونۇغۇچى كىشىلەر ، مەيلى ساۋاتسىز ياكى بىلىملىك ، مەيلى ئادەتتىكى ياكى نوپوز ئىگىسى بولۇشىغا قارىماي مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئاقىلانە قاتلىمىغا كۆتۈرۈلمىگەن ، ئۇنىڭغا قارشى روھىيەت بىلەن شوغۇللانغان كىشىلەر بەرىبىر مىللەتنىڭ نىجادىيەتچىلىرى بولالمايدۇ ! بۇ تولىمۇ نازۇك ئىدىۋىدال خاراكتىرىستىكا ئۆتكىلى ! تارىخ ھەر قېتىملىق مەرىپەت دۇلقۇنلېرىدا ئۇنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي قەھرىمانلېرىنى ئۆز سەھىپىلېرىگە خاتېرلەپ كەلگەن . ھەر قايسى مىللەتلەر تارىخىدا مۇنداق نۇر ۋە سايىلەر ئاز ئەمەس !
<<يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋىلىش >>تىن
مەن تارىخچىلېرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسەتلەردىن كۆرەتىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، مائارىپچىلېرىمىزنىڭ كىتاپ ۋە خمىيىلىك ئانالىزدىن كۆرە رېئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرخالىق قىلىشىنى؛ يازغۇچى - شائىر ، - ئەنزارچىلېرىمىزنىڭكۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋەقەلېرى چاتمىسىغا يۇشۇرۇنغان ئەسىر - ئەسىرلىك چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشىنى ، ئۇلارنىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان پاراخوتلار بولۇشتىن كۆرە ، سۇ ئاستى كېمىلېرىدەك زىمىن باغرىدىكى ئوبيېكىتلار ئۈستىدە مۇتەپەككۈرانە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ؛ بېيىۋاتقان كىشىلېرىمىزنىڭ قۇلغا كىرگۈزگىنى پاخال ، قولدىن بېرىپ قويغىنى جاۋاھىرات بولۇپ قالماسلىقىنى پايدا - زىيان مىزانى قىلىشلېرىنى ؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق ، پۇلات ۋە نېفىت مەھسولاتى ھەققىدە باش قاتۇرۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ ئۇرۇقى ، سۆڭەك - قۇۋۇرغىسى ، قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىز تەپەككۈر قىلىشىنى ؛ ئىللەت پاتقىقىغا چۈشۈپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل - گىياھلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تونۇپ ، مىللەت كېلەچىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەھرەمەن دىۋىدەك ئەلپازغا ئادەتلەنگەن سەلبى ئەرۋاھلارغا ۋە ئېسىل مىجەزلىك كىشىلەرگە كەلگەندە شۇنى ئېىش كېرەككى ، ئۇنىڭ كارامەتلېرى قەلبى نۇرلانغان ، روھىيىتى نۇسرەت تاپقان خەلق ئارىسىدا ئاساسلىق كۈچتىن قالىدۇ .
<< يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت >> تىن
مېنىڭچە ، ھالقىلىق مەسىلە ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ھېسسىيات قۇرۇلمىسىنىڭ تەپەككۈر قۇرۇلمىسىدىن ئۈستۈن بولۇش ھادىسسىسىنى تەربىيە ئارقىلىق تەدىرجى تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تارىخى ، ئەنئەنىۋى ئىزچىللىقى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگىلى ، تەدرىجى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ .
<<مىللى مائارىپ ۋە نەزىريىۋى تەپەككۈر >>دىن
مېنىڭچە ، تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ۋە نۇرانە مەسئولىيىتى كۆمۈلگەن تارىخنى تېخىمۇ كۆمۈپ تاشلاش ، ئېچىلىپ قالغان قىسمىنى بۇرمىلاش ئەمەس ، بەلكى ئۇنى ئۆز ھەقىقىتى ، سالاھىيىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىشتۇر .
ئۆتمۈش ئادىللىق بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس !
ئېيتىش كېرەككى ،پۈتكۈل ئىسانىيەت ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىق قىممىتىدىكى بىر پۈتۈنلۈكى بىلەن ئۆزىنىڭ تەڭ قىممەتدار - تەڭ ھوقوقدار بىر قىسمىنىڭ ئۇنتۇلغان ياكى تۇمان ئىچىدە قالغان تارىخىنى قايتىدىن بىلىشكە ، يورۇتۇشقا مۇھتاج .يورۇتۇلغان تارىخ ئىسان ئۈچۈن پىرومىتى تېنىدىن ئۈزۈلگەن زەنجىردۇر ! بۇ ھەر خىل سىياسى گورۇھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىز ۋە يېزىقتىكى خىتابلېرىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىنى كۆرسەتكۈچى ئىستىرىلكا !
<< قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا >> دىن
يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تارىخىي قىممىتى ئۆتمۈشكە تەنتەنە قىلىش ئىستىكى بولماستىن ، بەلكى رېئاللىق قوينىدا يىتىلىۋاتقان كەلگۈسى تەغدىرنىڭ زۆرۆريەتلېرىدىن ئىبارەت . شۇ سەۋەبلىك ھەقىقىي تارىخچى بىرىنچىدىن مەدەنىيەتشۇناس ، ئىككىنچىدىن كەلگۈسىشۇناستۇر .
<< يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش >>تىن
تارىخ ياسالماسلىقى لازىم . تارىخ ياساش تارىخنى بۇرمىلاشتىن ھەسسە - ھەسسىلەپ ئېغىر جىنايى ھادىسە ! بولۇپمۇ مۇققەددەس كىتاپ سەھىپىلېرىگە ئويدۇرما پاكىتلار ياسىغۇچىلارنى تارىخ ۋە چەكسىز بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كەلگۈسى ئەۋلاد كەچۈرمەيدۇ !
<< ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ مەقسىدى >>دىن
تارىخ پەقەت ساغلام ، گارمونىك ، ئەتراپلىق ، نۇرانىلىقنىلا تەن ئالىدۇ . دەسلىپىدە ئەمەس ئاخىرىدا كۈلۈش ئۈچۈن دائىم يىراقنى كۆرۈش ، يىراقنى ئۆلچەم قىلىشنى بىلىش لازىم .
<< ئوقۇغۇچى توغرىسىدا >>دىن
<< تارىخنى قايتا ئويلاش >> مىللىي ئويغۇنىشنىڭ ، مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇقەددىمىسى . ئۇ مىللەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قايتا تېپىۋىلىشىدىكى ئىجابىي قانات ۋە ئۇڭا توسقۇن سەلبىي كۈشەندىلېرىنى پەرىقلەندۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۆرى تەپەككۈر .
<< يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋىلىش >>تىن
ئېيتىش كېرەككى ، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئوزۇقلىنىشقا ، ئۆز - ئۆزىنى جارى قىلدۇرۇپ يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھتاج ، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى وزۇقلانمايدىغان ھەيكەل ياكى قاماپ قويۇلغان مەھبۇس ئەمەس .
<< يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش>> تىن
مىللىي مەدەنىيەتتىكى خاسلىق ۋە زامانىۋىلىقنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە بولىشى مىللىي مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئۇلىدىن ئىبارەت . مەدەنىيەت جەھەتتىن قۇبۇل قىلىشتىن مەقسەتمۇ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋى رىقابەت دۇنياسىدىكى ھاياتى كۈچىنى يېتىشتۈرۈشتىن ، كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
<< يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋېلىش>>تىن
ئەگر غەيرىي ، زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۈپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقا مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە ، ئېيتىش مۇمكىنكى ، بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھۇشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر . بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرىق بولغان ۋە ئۇنى نورمال تۇرمۇش رىجىسى دەپ بىلىشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلېرى پاجىئەلىك دەپنە قىلىنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل - مەنسەپ ، يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغاقتەك دومىلاپ يىللارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھىچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر .
<< قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا >> دىن

<< مەدەنىيەت ھەققىدە ھىكمەتلەر >> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .


بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:30:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتى ئىش-پائالىيەتلىرى

يالقۇن رۇزى


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مول مېۋىلىك پىروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى چېلىقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933–يىلى 9–ئاينىڭ 28–كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەتئىمىن، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەمراخانىم ئىدى. ئاتا–ئانىسىنىڭ يېگانە پەرزەنتى بولغان ئابدۇشۈكۈرگە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە «شۈكرىللا» دەپ ئات قويۇلغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادا تەرەپ بوۋىسى ئىبراھىم ھاجىم 1910–يىللىرى ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقول شەھىرىگە چىقىپ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ھاجىمدىن قالغان خۇرۇم كارخانىسىنى باشقۇرغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»نىڭ ئالدى–كەينىدە قاراقول، تاشكەنتلەردە ئوقۇغان.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئانىسى ھەمراخانىم ئاتۇش تۆركۈللۈك خوجاقاسىم دېگەن باينىڭ يەتتىنچى پەرزەنتى، شۇنداقلا بىردىن بىرى قىزى ئىدى. خوجاقاسىمباي ئائىلىسى ئەينى يىللىرى ئەنجان شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ سودا–تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1920–يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى بىر ھېيىت ھارپىسىدا خوجاقاسىمباي ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قىزى ھەمراخانغا ناس خالتىسىنى كۆتۈرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى ناس ساتقۇچىنىڭ ئۆيىدىن ناس ئەكىلىشكە بۇيرۇغان. شۇ ئارىدا ئەنجان–قوقان قىشلاقلىرىدا پائالىيەت قىلىدىغان تۆرەجان باسمىچىلىرى خوجا قاسىمباينىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ خوجاقاسىمباينى ئايالى ۋە ئالتە ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئوققا تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن. بۇ قانلىق پاجىئەدە پەقەت ناس سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەن ھەمراخانلا ھايات قالغان.
قاراقولدا تۇرۇپ بۇ پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئىبراھىم ھاجىم تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، قارا يېتىم بولۇپ قالغان بۇ يالغۇز قىزنى ئەنجاندىن قاراقولدىكى ئائىلىسىگە ياندۇرۇپ كېلىپ، تەربىيەلەپ ئوقۇتقان. كېيىنچە ئوغلى مۇھەممەتئىمىن بىلەن بىر نەۋرە بولغان ھەمراخاننى بىر–بىرىگە چېتىپ قويغان. مۇھەممەتئىمىن بىلەن ھەمراخان 1920–يىللىرى قاراقول، تاشكەنتلەردە تۇرغان. مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بۇ جەرياندا بولشىۋىكىزمنىڭ تەسىرىگە خېلى چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1930–يىللىرىنىڭ بېشىدا ئىبراھىم ھاجىم ئائىلىسى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن. 1933–يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغان. 1933–يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1934–يىلىنىڭ باشلىرى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ھەربىي كۈچلەرنىڭ قانلىق كۈرەشلىرى خوجىنىياز ھاجى بىلەن سىتالىن ھۆكۈمىتىنى ۋاسىتە قىلىپ كېلىشىم تۈزۈشى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقان. نەتىجىدە 1934–يىلى يازدىن باشلاپ مەھمۇت سىجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي گارنىزونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ليۇبىن باش قوماندانى سالاھىيىتى بىلەن قەشقەرگە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى باشقۇرۇشقا باشلىغان. ئەنە شۇ چاغدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم خۇنجىراپ ئېغىزىدا تاموژنا باشلىقى بولغان. مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن 1935–يىلى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم ئايالى ھەمراخانىم بىلەن ئىككى ياشلىق ئوغلى ئابدۇشۈكۈرنى ئېلىپ ليۇبىننىڭ ياردىمىدە قاراماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ چىققان. بۇ ئەر–خوتۇنلار بىر مەزگىل ئۈرۈمچى «ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى»دا سانايى نەفىسە خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ ئىشلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىدە جۇبىڭ (ماۋزېمىن)نىڭ يېنىدا مۇپەتتىش بولۇپ ئىشلىگەن. 1937–يىللىرى چۆچەك مالىيە ئىدارىسىگە باشلىق بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ چاغدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئانىسى ھەمراخانىم بىلەن غۇلجا «بوينى كېسىك» مەھەللىسىدە تاغىسى شاھ ھاجىمنىڭكىدە بىر مەزگىل تۇرغان. كېيىن چۆچەككە دادىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ پالتاخۇن (پالتابايېف)نىڭ قورۇسىدا بىر يىلدەك تۇرغان. 1939–يىلى دادىسىنىڭ خىزمىتى ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە ئاتا–ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. 1939–يىلىنىڭ ئاخىرى «غەربىي زال»دىكى يىغىنغا قاتناشقان دېگەن باھانە بىلەن دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئانىسى بىلەن دەسلەپ «خوتەن مەسچىتى» ئۇدۇلىدىكى بىر قورۇدا ئولتۇرغان. ئۇ دەسلەپ «خوتەن مەسچىتى» يېنىدىكى باشلانغۇچ سىنىپتا، كېيىن ئاق مەسچىت قورۇسىدىكى باشلانغۇچ سىنىپتا، كېيىن بۇلاق بېشى مەھەللىسىدىكى ھازىرقى 5–باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە بولغان. ئانىسى ھەمراخانىم بۇ قىيىن كۈنلەردە تىككۈچىلىك بىلەن ئائىلىنى قامدىغان.
1944–يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم تۇيۇقسىز تۈرمىدىن چىققان. ئۆزىنىڭ خاتا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلىدىغان بۇ كىشى شۇ كۈنىلا ئۆي بىساتىنى سېتىپ، خوتۇن –بالىسىنى ئېلىپ پەيزاۋاتقا تەۋە قوشئاۋاتلىق روزى ئاخۇن دېگەن ھارۋىكەشنىڭ ئۈستى كىگىز بىلەن يېپىلغان ئات ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ كېچىلەپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان.

بۇ قېتىمقى 95 كۈنلۈك سەپەر، گۆدەك ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى، تارىم ۋادىسىنىڭ چۆل ۋە بوستانلىقلىرى بىلەن بىۋاسىتە تونۇشۇش پۇرسىتى بولغان. ئەينى چاغدىكى قەشقەر، ئۈرۈمچى يولى ھازىرقىدەك تاغ بويلاپ قۇپقۇرۇق چۆل–باياۋاندا ماڭىدىغان يول بولماستىن، يۇرت–بوستانلىق ئارىلاپ ماڭىدىغان ئاۋات يول ئىدى. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە يېقىن يۇرتلاردا نۆۋەت بويىچە ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى بازار بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بازار كۆرۈپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى كۆزىتىپ ماڭغان. بۇ سەپەر ۋە سەپەر تەسىراتلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كېيىنكى ھاياتىدا بىر قىممەتلىك بايلىق بولۇپ قالغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۇل قالغان چوڭ ئانىسى ئانارخان قەشقەر «جانقورغان»دىكى بىر قورۇدا تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۇدۇل قەشقەرگە بېرىپ شۇ يەرگە چۈشكەن. شېڭ شىسەي بىلەن ۋۇجۇڭشېننىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش پەيتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى راستىنلا خاتا قويۇپ بېرىلگەن مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى قولغا ئېلىنغان. ئانىسى ھەمراخانىم ھېيىتگاھ جامەسى يېنىدىكى ئىنايىتىللا ئەپەندى مەسئۇللىقىدىكى دورىخانىدا دورا ياساش خىزمىتىگە ئورۇنلاشقان. ھەمراخانىم 12–13 ياشلىق ئوغلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ مۇدەررىسى دوك قارىھاجىمنىڭ شاگىرتى ئابدۇرۇسۇل قارىغا دىنىي تەلىم ئېلىشقا بەرگەن.

1946–يىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تۈزگەن «11 ماددىلىق بىتىم»نىڭ روھىغا ئاساسەن نۇرغۇن كىشىلەر قاتارىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسىمۇ تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىنىي تەربىيەنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن، 1950–يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا تۆت يىل ئوقۇغان. 1950–يىلى غەربىي شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان، يىغىندىن كېيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئېكىسكۇرسىيەدە بولغان. 1952–يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو–خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1952–يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. شۇ يىلى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتىن بىر تەرەپتىن «ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيەسى»، «ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيەسى»، «ھاشاراتشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغا «ماركىسىزم ئاساسلىرى»، «پەلسەپە» دەرسلىرىنى ئۆتكەن. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ دەرس مىقدارى بەك كۆپ، ۋەزىپە ئېغىر بولغاچقا، چارچاپ ئاغرىپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن قەشقەرگە ئاتا–ئانىسىنىڭ قېشىغا داۋالانغىلى بېرىپ ئاتۇش بىلەن قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى گۈزەل تويۇن يايلىقىدا ئۈچ ئاي ئارام ئالغان. بۇ جەرياندا ئالتۇن ئىسىملىك شوخ بىر قىرغىز قىزى ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان. مۇشۇ تەسىر ئاساسىدا كېيىن «ئالتۇنقىز» ناملىق ھېكايىسىنى يازغان.

1953–يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركىسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، بىر يىل چامىسىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ، ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماركىسىزم كافىدراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرسىلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955–يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا باشلانغان. ئىككى تىلدا يازغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11–ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى » ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956–يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20 يىل «ئوڭچى» قالپىقىنى كىيگەن. 1957–يىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ تارىخىغا ئائىت «شىنجاڭدا 1944– 1949– يىللاردىكى خەلق ئىنقىلابى» دېگەن كىتابىنى يېزىپ تاماملىغان (مىجىت قاسىم، مۇزەپپەر ئەزىزىلەر بىلەن بىرلىشىپ يازغان). ئەمما، شۇ يىللىرى جۇڭگو مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى»نىڭ تەسىرى بىلەن بۇ ئەمگەك مېۋىلىرى نەشر قىلىنمىغان.
بۇ ھەرىكەت باشلىنىش بىلەن تەڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «يېزا تۇرمۇشىنى كۆرمىگەن ياش ماركىسىزمچى» دېگەن باھانە بىلەن باشلانغۇچ كوپراتىپلارنى ئالىي كوپراتىپقا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغان كادىرلار تۈركۈمىدە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدىكى شاكالئاۋات كەنتىگە ئەۋەتىلىپ مەسئۇل كادىر بولۇپ ئىشلىگەن. يېرىم يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلغان ھەم «ئوڭغا مايىل» دەپ قارىلىپ كۈرەش قىلىنغان. «سول»چىللىق كېسلىگە ناھايىتى ئاسان گىرىپتار بولىدىغان بىر قىسىم ئۇنىڭغا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان، ھەتتا ئۇنىڭ پورترېتىنى مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزى، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى رەنا مەخسۇتنىڭ پورترېتى بىلەن قوشۇپ ھەجۋى رەسىملىرىنى سىزىپ مەكتەپ تاملىرىغا چاپلاتقۇزغان.

ھەقىقەتەنمۇ ئەينى يىللاردا كېڭەيتىۋېتىلگەن سىياسىي ھەرىكەت غايەت ئېغىر ئىجتىمائىي بوھران پەيدا قىلغان. دەسلەپتىكى سىياسىي ئاكتىپلىق بارغانسېرى ئومومىي جەمئىيەت ئەسەبىيلىكىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا 1950–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى كۆچۈپ كەتكەن ئاتا–ئانىسى بالىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ، 1958–يىلى ئۇنى ئېلىپ كەتكىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. لېكىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «بۇ كۈنلەر تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئاتا–ئانىسىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغان. ئاتا–ئانىسى ئىلاجىسىز قايتىپ كەتكەن. 1959–يىلى ئۇنىڭغا «ئوڭچى» قالپىقى كىيگۈزۈلۈپ، پارتىيەدىن ۋە خىزمەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. پۈتكۈل جۇڭگو جەمئىيىتى ئاچارچىلىق قەھەتچىلىكى قىيامىتىدە قىينىلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئۇ ئىككى يېرىم يىلنى ئۈرۈمچىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا، سانجىنىڭ يۇقىرىسىدىكى غەربىي گوبى چۆللىكىدە ۋە كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارابۇغرا دالاسىنى ئېچىش لاگىرىدا ئېغىر ئەمگەك، جاپا–مۇشەققەت، دەرت–ئەلەم ۋە ئاچ–زارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. شۇنداق مۇشەققەتلىك كۈنلەردىمۇ ئۇ رۇس تىلى ئۆگىنىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. بۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدا تونۇشقان دوستى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم كۆپ يار–يۆلەك بولغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئاتا–ئانىسى 1930–يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى «سانايى نەفىسە»دە بىللە ئىشلىگەنىدى. 1961–يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن 1962–يىلى ئانىسى ھەمراخانىم ئۇنى ئالغىلى بېشكەك (ئەينى چاغدا فرونزى دېيىلەتتى)تىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شۇ چاغدا دادىسىنىڭ 1961–يىلى 11–ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخى ھاسىراپ–ھۆمۈدەپ ئېغىر تىنىۋاتقان، ئىجتىمائىي ئەنسىزلىك، سىياسىي سولچىللىق شەخسنىڭ قىممىتىنى ئەرزىمەس نەرسىگە، كىشىلەر تەقدىرىنى ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ خاتىرجەم ھايات يولىنى تاللىماستىن، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇسىنى قەدىرلەشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، «كۈسەن قىزى» رەنا مەخسۇت بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە قېلىشنى قارار قىلغان. ئانىسى ئىلاجىسىز 1962–يىلى 4–ئايدا بۇ «ئەنسىز يىللاردىكى ئاشىق–مەشۇق»لارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپ، دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئوغلىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇپ، بېشكەككە قايتىپ كەتكەن ھەم ئىزچىل خەت ئالاقىسى قىلغان.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1966–يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. ئۇ 1959–يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرگۇڭدىن ھازىرقى ئۈچتاشقا يۆتكىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چېچىلىپ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن مىليون پارچە كىتاب، ژۇرنال، گېزىتلەرنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بىر–بىرلەپ رەتلەپ تۈرگە ئايرىپ، كارتۇچكا تۇرغۇزۇپ، يۈرۈشلەشكەن كىتاب كاتولوگى ئىشلەپ چىققان. بۇ جەرياندا بۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان «ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرى»نى، «24 تارىخ»نى، ئەنگلىيە دراماتورگى شېكسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ «رامايانا»، «ماخاپىراتا» داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان 15 توملۇق (32 كىتاب) «دۇنيا تارىخى»نى، «ئومومىي تاڭ نەزمىلىرى»نى، بايروننىڭ «دون جۇئان» داستانىنى، ھومېرنىڭ «ئېللادا» ۋە «ئودېسسا» داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە–رىۋايەتلىرىنى، «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل» ۋە «تەۋرات»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنى، ئەپلاتون، ئارستوتېل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ «تەڭرى كومىدىيەسى» داستانىنى، گومورۇ ۋە تيەنخەننىڭ تارىخىي درامىلىرىنى، ماركس–ئېنگېلس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.
ئۇ مۇشۇ يىللاردا «قارلىق تاغ شەجەرىسى» ناملىق داستان ۋە «سۇمۇرغلار قوشىقى»، «قەدىمكى يىپەك يولى»، «خەن ئوردىسىدا باھار»، «مەلىكە خۇارۇڭ»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»، «دات باسماس قىلىچ»، «پىلە مەلىكىسى» قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان. «جاۋاھىرۇل ھاقايىق» دېگەن نىقابىي ماۋزۇدا «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» (بۇ كىتاب 1995–يىلىنىڭ بېشىدا 4–قېتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم «قەدىمكى تۇران تارىخى» دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان. ئەنۋەر، ئەكبەر ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن.

1966–يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ باشلىنىشى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى قايتىدىن تېخىمۇ ئېغىر جاپا–مۇشەققەتنىڭ، خورلۇق ۋە كەمسىتىشنىڭ، تۈگىمەس سىياسىي كۈرەشنىڭ قۇچىقىغا تاشلىغان. «چەت ئەلنىڭ قېقىپ قويغان مىخى» دەپ قارىلىپ، ئۆيى كۆپ قېتىم ئاختۇرۇلغان، ئۆزى كۆپ قېتىم كۈرەش ۋە سازايى قىلىنغان. ئۇلانبايدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئاي–ئايلاپ سۇ تارتقان، يىل–يىللاپ كاتولدا ئىشلەپ ماھىر رېمونتچى، كاتول تازىلىغۇچى ۋە ئوت قالىغۇچى بولۇپ قالغان. مەكتەپ قورۇسىدا تامچىلىق، سۇۋاقچىلىق، ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى قىلغان. 1969–يىلى ئۈچىنچى ئوغلى ئەسقەر، 1974–يىلى تۆتىنچى ئوغلى فەرۇخ دۇنياغا كەلگەن. 1975–يىلى ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا قاتتىق تەسىر قىلغان. مۇشۇ ئاپەتلىك يىللاردا ئايالى رەنا مەخسۇت «ئوڭچى» ئېرى تۈپەيلىدىغان كېلىۋاتقان ھەرخىل بېسىملارغا قانچە ئۇچرىسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىنى ھەرقانچە تارتسىمۇ، تۆت ئوغلىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن.
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېرورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە–پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. «سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى» (بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لېرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان. ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ئەۋەتكەن خەتلىرى ۋە خەتلەرگە قوشۇپ ئەۋەتكەن ھىجران دەردىدىكى غەزەللىرىنى رەتلەپ، بېيىتىپ، ئاۋۇتۇپ، تولۇقلاپ، «ھەمرايى» تەخەللۇسىدا «ھەمرانى غەزەللىرى»نى تاماملىغان. «ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتى» ناملىق خاس تەتقىقات كىتابلىرىنى پۈتتۈرگەن.
1978–يىلى پارتىيە 11–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومومىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا «ئوڭچى» قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان. 20 يىللاپ داۋاملاشقان خورلۇق، 20 يىللاپ تارتقان دەرت–ئەلەم، 20 يىللاپ تۆلەنگەن بىھۇدە بەدەل ئاخىرلىشىپ مائاشى، خىزمىتى، پارتىيەلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەن بۇ ئالىم سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن تەگكەن پۇلغا ئالدى بىلەن بىر داس، ئىككى چېلەك سېتىۋالغان.
ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىن توپ–توغرا 20 يىل ئايرىۋېتىلگەن بۇ ئالىم 45 ياشقا تولغاندا ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قايتا چىقىپ دەرس ئۆتۈش، ئىلمىي تەتقىقات، بەدىئىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغان.
1980–يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ، «ئومومىي ئېستېتىكا» دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن. ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي ۋە شېئىر–غەزەللىرى ئارقا–ئاقىدىن ئېلان قىلىنىپ زىيالىيلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قىزغىنلىقى»نى قوزغىغان. ئىلىم ساھەسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ ئارقىمۇ–ئارقا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇپ ئۆگەنگەن. 1983–يىلى ئۇ ئايالى بىلەن بىرگە ئاتا–ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئۈچ ئاي ساياھەتتە بولغان. 1986–يىلى ئۇ ياپونىيەدە ئىلىمىي زىيارەتتە بولۇپ «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى —‹قۇتادغۇبىلىك›» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1991–يىلى يازدا چوڭ ئوغلى ئەنۋەرنىڭ تويىنى قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تاشكەنتكە چىقىپ ئۈچ ئاي تۇرغان. ئالىم ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئاشۇ ئىككى قېتىملىق سەپىرىدە، ئوخشاشلا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى كۇتۇپخانىلار، كىتابخانىلار، موزىيلار ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈپ، كۆپ ئىزدىنىپ ئۆز بىلىمىنى يەنىمۇ تولۇقلىغان ھەمدە كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان. 1980–يىللاردا ئۇنىڭ 200پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، «ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئومومىي ئېستېتىكا»، «چوغلۇق»، «رۇبائىيات–1»، «رۇبائىيات –2»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.

1988–1991–يىللار ئارىلىقىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دۇنيا قارىشىغا، قىممەت قارىشىغا، خىزمىتىگە، تۇرمۇشىغا، كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بىر قاتار چوڭ–كىچىك ئىشلار يۈز بەردى. ئۇ گاڭگىرىدى، تېڭىرقىدى، ئويلاندى، ئىزدەندى. ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى بىر قۇرغاقچىلىقنى ھېس قىلدى، كىرىزىس تۇيغۇسى ئۇنى چىرمىۋالدى. بۇ جەريان 3–4 يىل داۋام قىلدى. مۇشۇ جەرياندا يازغان، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە بۇ ئەھۋال روشەن ئەكس ئەتتى. 1990–يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ «قاسراق» تاشلىغان، ئوتتۇز–قىرىق يىللىق ئېزىقىشلاردىن قۇتۇلۇشقا يۈزلەنگەن، دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشى جەھەتتە بۇرۇلۇش ياسىغان مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە يېڭى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كىتابخانلار ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات، ئىجادىيەت ئىشلىرى يېڭىباشتىن جانلىنىپ، ماقالە–ئەسەرلىرى ئارقىمۇئارقىدىن ئېلان قىلىندى. خۇددى، 60 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىنى سەمىمىي رەۋىشتە خۇلاسىلەپ يازغان «ئۆمۈر تەلقىنلىرى» ناملىق ئېسىل ماقالىسىدە كۆرسەتكىنىدەك، بۇ يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە «بىر چاغلاردا تۇتىيا بىلىپ قاتتىق چاڭگاللىۋالغان نەرسىلەرنى پىرقىرىتىپ تاشلاشقا، پىداكارلىق قىلغان ئەقىدىلىرىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكە» باشلىدى.
ئۇنىڭ بۇ يىللاردا ئېلان قىلغان «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «ئارىفنامە»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» قاتارلىق ئېسىل ماقالىلىرى ۋە «سىكتاي–ساك–ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق»، «ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى»، «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى»، «ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى»، «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى»، «نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا»، «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتىقاتچىنىڭ بۇرچى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ يىللاردا نەشرىيات ئورۇنلىرى ئالىمنىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىدى. شۇڭا، ئۇ بىر قىسىم ماقالىلىرىدە بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقىنى تىلغا ئالدى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «‹قۇتادغۇبىلىك› خەزىنىسى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر–بىرلەپ نەشر قىلىندى. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە»، «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، «سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسىلىرى توغرىسىدا»، «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم دائىرىسى» قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يېپيېڭى تۈس قوشتى. كىشىلەر ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا چوڭقۇر سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن بۇ ئەزىمەت ئالىمنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قانچىلىك زور ئىلمىي ئەمگەك قىلغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىشتى. سانىساق بارماق توشقۇدەك ئالىمى بولمىغان ئۇيغۇرلا ئەنە شۇ چاغدىلا ئەرەبلەرنىڭ «بىر ئالىمنىڭ قازا تېپىشى، بىر كۇتۇپخانىنىڭ كۆيدۈرۈلگىنى بىلەن باراۋەر!» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشتى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى بارلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى، جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تارىخىدا تۇتقان نەمۇنىلىك، يادرولۇق ئورنىنى ھەم يېتەكچىلىك ئورنىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىشنى ئۆز تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى قىلدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تولىمۇ كەڭ، مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، مۇقام، سەنئەت، ئېستېتىكا، فولكلور، دىن، مائارىپ، تېبابەتچىلىك، تىل، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنداق زور ئەمگەك ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمۈر سەرپىياتىنىڭ تىنىم تاپماي ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، پىكىر قىلىش، يېزىش ھالىتىدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ شۇنداق ياشىدى ۋە ھەم شۇنداق ئۆزگىچە خاراكتېرنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشتىكى كۈچلۈك خاراكتېرى، ھاردىم–تالدىم دېمەي ئىزدىنىش روھى، مىللىي مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشتەك پىداكارانە خىسلىتى ۋە ئۆتكۈر زېھنىي قۇۋۋىتى ئۇنى ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى زامانداشلىرىنىڭكىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۆپ ئارتۇق بولغان زور بىر تۈركۈم ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ۋە «ئىزچى» (يول ئاچقۇچى) ئالىم بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدەبى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پىروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995–يىلى 2–ئاينىڭ 27–كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبى بىلەن 62 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيىرلەشتى. بۇ جۇدالىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى خەلقىمىز يىللار ئۆتكەنسېرى تېخمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتا.

2001–يىل. ئىيۇل


بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:31:11 | ئايرىم كۆرۈش


قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى
ئاپتورى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
.
سۆز بېشى:

قولۇمدا چاقنىغان بىباھا گەۋھەر،
بەس، بولسا ئۈزۈككە كۆز قويۇپ زەرگەر.

ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ پەلسەپە ۋە پۈتكۈل ئىدېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر–شائىر، ئالىم، يالقۇنلۇق مەرىپەت مەشئەلچىسى، كۆرۈنگەن دۆلەت ئۇستازى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەڭداشسىز ئەقىل دۇردانىسى — «قۇتادغۇبىلىك» ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ۋە ئىپتىخارلىق ئورۇن تۇتقان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ 85 باب، 6645 بېيىت، 13290 مىسرادىن تەشكىل تاپقان بۇ چوڭ ھەجىملىك ئاجايىپ ھېكمەتلىك داستانى ئارقىلىق پۈتكۈل قاراخانىيلار [1] خانىدانلىقىنىڭ مۇقىم گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا فېئوداللىق تارىخىي مۇھىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە سېنكىرىتىك مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى، پەلسەپىۋى ئىدېئولوگىيەسىنى، جۈملىدىن ئىقتىساد، سىياسىي، ھاكىمىيەت، ئەخلاق، تەلىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى جانلىق مەنزىرىسى ۋە ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
بىلىم ۋە ئەقىل–پاراسەت، قانۇن ۋە ئادالەت، تىزگىنلەش ۋە قانائەت ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇزۇلغان ھايات ماھىيەتلىرىنى تۈزەپ، ئىجتىمائىي بەخت–سائادەتنى بەرقارار قىلىش باش مەزمۇن قىلىنغان بۇ كىلاسسىك «ئىنسان تۇرمۇشى پەلسەپە سىستېمىسى» دەستۇرى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار كۆز قاراشلىرىنىڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پان ئىلاھىيەتچىل (پانتېئىزملىق)[2] تەبىئەت قاراشلىرىنى، ئەقىلچىلىك (راتسىئونالىزملىق) [3] بىلىش نەزەرىيەسى قاراشلىرىنى، ئىنسانپەرۋەر (گۇمانىزملىق) ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئەخلاق كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن.
پۈتۈنلەي شېئىرىي شەكىلدە، قىسمەن دراماتىك تەرىزدە يېزىلغان بۇ تەۋەررۈك ئۇيغۇر «فائوست»ى [4]، بىر ئەسردىن ھالقىغان ۋاقىتتىن بۇيان غەرب تۈركولوگلىرى ۋە شەرقشۇناسلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھايات كارتىنىسى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسىنى تەتقىق قىلىشىدىكى بىباھا «جاھاننامە» ئەينىكىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى تاسادىپىي ئەمەس. ئۇلار «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۆتمۈش ھاياتى ۋە پىكىر زوقىنىڭ يوشۇرۇن خەزىنىسىنى ئېچىپ بېرىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ» دەپ تولىمۇ ئەتىۋارلىغان.
«قۇتادغۇبىلىك» ھەقىقىي مەدەنىيەت تىپى ۋە يىلتىزلىرى، ھەقىقىي ئىپتىخار ۋە ھەقدارلىق نۇقتىسىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىي مىراسلىرى خەزىنىسىدىكى ئېسىل گۆھەر. ئۇنىڭ ئاپتورى بولسا خەلقىمىز مەدەنىيەت تارىخى ياراتقان ئەزىمەت. ئۇنىڭ تىلى ۋە ئىپادىلەنگەن غوللۇق تارىخىي مۇھىتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلق ھايات شەجەرىسىگە تەئەللۇق. بۇ ھال بىزنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدا تەشەببۇسكار — پائالىيەتچان مەۋقەدە تۇرۇشىمىزنى، ئالدىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى پۇختا ۋە سۈپەتلىك ئىگىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» — بىباھا تەپەككۈر خەزىنىسىدىن ئىبارەت. ئۇنى بىر قېتىم، ھەتتا بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ خەزىنىنىڭ ھەر بىر بابىدا يەنە كۆپلىگەن خەزىنىلەر ۋە ھەر بىر تەپەككۈر تېماتىكىسىدا يەنە كۆپلىگەن مەنە، مەزمۇن، بېشارەت قاتلاملىرى ياتقانلىقى بايقىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدىن كىشى ئۇنىڭ كۆپ ماكان، كۆپ زامان قاتلاملىرىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت «ئەلھېھرامى» ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئايلىنىپ چىققان كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پەقەت مۇئەييەن بىر تارمىقى ياكى ھەممە تارماقلىرىنىڭ مۇئەييەن بىر قاتلىمىنى ئايلىنىپ چىققانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئېيتىش كېرەككى، 13290 مىسرادىكى 146190 بوغۇمغا جايلاشقان پىكىر ۋە شېئىر ئۈنچىلىرى يالغۇز رېتىمدارلىقى بىلەن ئەمەس، يەنە تېرەن مەنىدارلىقى بىلەنمۇ كۆپ قىرلىق جاۋاھىردەك رەڭدار ھەم جەزىبىكار.
«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى تولىمۇ قىممەتلىك ۋە ئىپتىخارلىق، جۈملىدىن تولىمۇ كاتتا ۋە مۈشكۈل تېما. ئۇنىڭ ئاپتورى، ئىدىيە مەنبەسى، تېرەن مەدەنىيەت قاتلىمى، مەيدانغا كەلگەن تارىخىي شارائىتى، بەدىئىي قۇرۇلمىسى، تىل ۋە شېئىرىي ۋاسىتىلىرى، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيەسى، تارىخىي ئۆزگىچىلىكى ۋە ئۈلگىلىك تەسىرى، تېپىلىش تارىخى ۋە نۇسخىلىرى، تەتقىق قىلىنىش تارىخى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىكى ئىختىلاپلار توغرىسىدا ھەرقايسى پەن تارماقلىرى بويىچە بىر قانچە خاس ئەسەر يېزىش مۈمكىن.
شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، گەرچە «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدە بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ ھەر خىل تىلدىكى نەشرىگە بېغىشلاپ ياكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە ئاتاپ كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇلار مۇھىمى تېكىستولوگىيەلىك سېلىشتۇرۇش، تەرجىمە ۋە تونۇشتۇرۇش، تىل ۋە ئەدەبىيات بويىچە تۈركولوگىيەلىك مۇلاھىزىلەردىن ئىبارەت ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئائىت خىزمەتلەردىن ھالقىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق مۇھىم ئىلمىي خىزمەت ئاساسەن «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تارىخىي سۇبيېكتىدىن تولىمۇ يىراق بولغان چەت ئەل تۈركولوگلىرى تەرىپىدىن ئىشلەندى. «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى كېيىنكى نەتىجىلىرىدىمۇ تەتقىق قىلغۇچى ئۆز كەسپىي مۇتەخەسسىسلىكى قىزغىنلىقى، ئۆز مىللىي سۆيگۈ ئىپتىخارى كەيپىياتى، ئۆز ئىدىئولوگىيە نۇقتىئىنەزەر مايىللىقى بىلەن ئېلان قىلغان بەزىبىر بىر تەرەپلىمىلىكلەردىن خالىي بولالمىدى. بۇ ھال «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئىدىيە مەنبەلىرى مەسىلىسىدە، مۇئەللىپنىڭ نەسەبى ۋە تىلى مەسىلىسىدە، ئەسەر تېماتىكىسى ۋە ئەسەرنىڭ كىتابەت كومپوزىتسىيىسى مەسىلىسىدە، ئەسەر پېرسوناژلىرىنىڭ قىممەت قاتلىمى مەسىلىسىدە مەركەزلىك ئىپادىلەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئىرانشۇناس روسىيە ئالىمى ۋ. ۋ. بارتولد (1930–1869) تەرىپىدىن چىگىشلەشتۈرۈلگەن مەسىلىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ ھال «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدە ئۆزىمىزگە خاس ماركسىزملىق ئىلمىي–تەنقىدىي مۇھاكىمىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى شەكىللەندۈردى.
1989–يىلى 16–ئۆكتەبىر قەشقەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەپەككۈرى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئەدەبىي تىلىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئىپتىخارى، سۆيۈملۈك بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» (1976–1966) دەپ ئاتالغان بۇ بالايىئاپەتلىك يىللاردا بۇزۇۋېتىلگەن مەقبەرىسىنىڭ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن قايتىۋېتىپ، پېشقەدەم ئالىم — شائىر ئەھمەد زىيائى ئاكا ماڭا تېرەن مەزمۇنلۇق قىلىپ: مەقبەرىنى ئۈچ يىل ئىشلەپ تاماملىدۇق، «خەزىنە»نى يېزىپ تاماملاش ئۆزلىرىگە قالدى، دېدى. بۇ بىر كەلىمە سۆز باياتىن مەقبەرە پۈتۈش مۇراسىمىدا ھاياجانغا چۆمگەن ئەھمەد زىيائىينىڭ قەلبىدىكى پىنھان تەلپۈنۈشتىن ئوچۇق تەۋسىيەگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتەتتى. بۇ بىر كەلىمە سۆز «مەملىكەتلىك 2–قېتىملىق ‹قۇتادغۇبىلىك› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ماڭا تولىمۇ سۆيۈملۈك تەكلىپ ۋە تولىمۇ ھاياجانلىق ئىلھام بولدى. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئەھمەد زىيائى قازا قىلدى. مانا بۇ «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»نىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى. دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى» ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنىدى.
«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىغا 50–يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كىرىشكەنىدىم. 1956–يىلى «شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە سانلىرىغا بېسىلغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11–ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمىنىڭ خاتىرىسى»ناملىق بۇ ماقالەم بۇ جەھەتتىكى تۇنجى سەمەرە سۈپىتىدە مەيدانغان كەلدى. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1979–يىلىدىن باشلاپ بۇ تېمىغا قايتا قايتتىم. بۇ كىتابنىڭ تۇنجى ئورىگىنالىنى «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» ناملىق كىتابىم ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىغا ئائىي بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلار ئاساسىدا 1982–يىلى يېزىپ تاماملىدىم.
1983–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قوليازمىلار فوندىدا ساقلانغان «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەمەنگان نۇسخىسىنى ۋە قىرغىزىستان توقماق شەھىرىدىكى بورانا ۋە ئاق پىشىم خارابىلىرىنى كۆزدۈم كەچۈردۈم. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى ئورىگىنالىنى ئىشلەپ چىقتىم.
1984–يىلى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشردىن چىقتى. 1986–يىلى ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نەزمە نۇسخىسى نەشر قىلىندى. بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغان ئۈچ نۇسخىسىنىڭ فوتو نەشرى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەندە «قۇتادغۇبىلىك»تىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك دەستۇرىمىزنى ھازىرقى ئەۋلادلىرىمىزغا تونۇشتۇرىدىغان بىر مۇناسىپ شەرھنامە كىتاب ئىشلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ يېڭى نەشر نۇسخىلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردە ئېچىلغان قاينام–تاشقىنلىق، ئىلھامبەخىش ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا 1986–يىلنىڭ بېشىدا بۇ كىتابنىڭ ئۈچىنچى ئورىگىنالىنى ئىشلىدىم.
1986–يىلى «قۇتادغۇبىلىك» شاراپىتى بىلەن ياپونىيە مەدەنىيەت فوندى، شەرقىي ئوكيان ئاكادېمىيەسى، كىيوتو ئۇنىۋېرسىېتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە تەكلىپى بىلەن بۇ «جابىرغان» ئېلىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولدۇم. «ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك قامۇسى ‹قۇتادغۇبىلىك›» ناملىق ئىلمىي ماقالەمنى نەشر قىلىپ، پارلامېنت كۇتۇپخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن كىتاب خەزىنىسىگە ئۈچ پارچە كىتابىمنى قويۇش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم. بۇ يەردىكى «قۇتادغۇبىلىك» خەلقئارا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئومومىي ئۇچۇرلىرى ۋە يېڭى شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى قاراشلىرى تۈرتكىسىدە، 1988–يىلى بۇ كىتابىمنىڭ تۆتىنچى ئورىگىنالىنى ئىشلىدىم. مانا ئەمدى ئەھمەد زىيائىنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدىكى بۇ پەلسەپىلىك تەتقىقات ئورىگىنالىمنى پۈتۈنلەي يېڭى ماۋزۇ، يېڭى مۇندەرىجە، يېڭى مەزمۇن، يېڭى تەلەپتە قايتا تەشكىللەپ يېزىپ چىقىشقا توغرا كەلدى.
«‹قۇتادغۇبىلىك› خەزىنىسى» — يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىسىگە يېپىلغان يەنە بىر يوپۇق. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، خەلقىمىزنىڭ بىلىم ساپاسىنىڭ داۋاملىق بېيىپ بېرىشى، ئىلىم ۋە روھىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلغان مۇنەۋۋەر ئالىملىرىمىزنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ ئېسىل جاۋاھىراتلار بىلەن بېزەلدۈرۈلگەن يوپۇقلارنىڭ چىقىشىدا شۈبھە بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەر ھالدا دەسلەپكى بىر يوپۇق، ئەلۋەتتە.
«‹قۇتادغۇبىلىك› خەزىنىسى»نىڭ يېپىق تەتقىقات ئۈستىلىدىن ئوچۇق جامائەت گۈلزارىغا چىقىشىغا ئىلھام بەرگەن ئانا يۇرتۇمنىڭ بارلىق مۆتىۋەر كىشىلىرىگە، جۈملىدىن ئالاقىدار پېشقەدەم ئۇستازلار، تەھرىرلەر، دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

بېغىشلىما

چىقتى قەشقەردىن ئۇلۇغ ئالىم، ئەدىب،
يازدى داستان، نەزمىگە ھېكمەت قېتىپ.

جىلۋە قىلدى شۇندا تارىخ پەخرىمىز،
قۇچتى ھەرياننى گۈزەل ئاڭ نەرىمىز.

ئۇندا ھەرباب قەسىردەك تۇرغان قاتار،
قەسىرلەردە بىباھا گۆھەر ياتار.

بىر تاۋاق زەر ئۇندا ھەر مىسرا گويا،
مەنىسى ئەماغىمۇ ھەم تۇتىيا.

خەزىنە ياتتى يەر تېگىدە كۆپ زامان،
ئۈستىدىن دەۋران قۇمى ئۇچتى راۋان.

ئاقىۋەت يەر ئاستىدىن چىقتى قەسىر،
خۇددى كۆز ئاچقان كەبى ئەما–بەسىر.

ئالەمدە ھېچ يوق مۆجىزە،
ئىلمۇ ئېرپانغا يېتەرلىك زەررىچە.

شۇ ئىلىم قىلدى يۈسۈپنى پەخرىمىز،
قانچە تەشنا شۇ ئىلىمگە دەۋرىمىز.

ئۆتتى تارىخ، كەلگۈسى كەلمەكتە تېز،
گۈللىگەي ئېرپان بىلەن ئەۋلادىمىز.

بوۋىمىز شۇنداق خىتاب قىلغاي يانا،
دەۋرىمىز شۇنداق تەلەپ قىلغاي مانا.

ئويلىدىم تۈنلەر بويى ئالماي قەلەم،
ئاقىۋەت يازدىم مۇشۇ نەزمەمنى ھەم.

بۇلبۇلى ئېرپان خۇشال ئاۋاز قىلار،
شۇندا قۇتنىڭ سۇمۇرغى پەرۋاز قىلار.

ھەر تەرەپ بۇ يولغا قاتسا ھىممىتىن،
شۇنداق ئەل تاپقاي زامانەم قىممىتىن.

ئىپتىخار قىلدى ئۇڭا خەلقىم دىلى،
تەرىپىن سۆزلەپ جىمى مىللەت تىلى.

خەلقى ئالەم قەدرىنى بىلدى ئۇنىڭ،
قانچە ئالىم تەرىپىن قىلدى ئۇنىڭ.

قەبرىگاھى قايتىدىن بولدى بىنا،
نەقىش–ھېكمەتلەر قىلىپ ئۇندا جۇلا.

ئۈستىگە كىمخاپ بىلەن ياپتۇق يوپۇق،
بۇ ئەمەسمۇ تەلمۇرۇپ كۈتكەن ئۇتۇق.

ئاتا قۇرداش مۆھتەرەم ئەھمەد زىيا،
«قۇت بىلىك»نىڭ يەشمىسىنى قىلغان ئادا.

قەبرىگاھى پۈتكەن چېغى ئاچتى ئېغىز:
«زەر يوپۇق قەدرى رىسالە يازسىڭىز.

ۋاقتى سائەت بىزگە يار ئەتمەس بۇنى،
سىزدە ئوغلۇم ئۇشبۇ ھىممەت يالقۇنى.»

مەن كەمىنە كەمتەرىن ئاجىز قەلەم،
قەلبى جەڭگاھ بولدى جۇغلاپ تۇغ–ئەلەم.

ئەل تۇتۇپ يازدى قەلەمنىڭ دەستىنى،
گەر مۇئەللىپ قىلسىمۇ مەن خەستىنى.

پۈتمەيىن ئۇشبۇ رىسالە كەتتى ئۇ،
بەلكى خاس ھاجىپ يېنىغا يەتتى ئۇ.

ئاقىۋەت پۈتتى كىتاب، ئۇستاز جاھان،
ئول زىيائى نامىڭىزغا ئار مۇغان.

ئەسلىدە لازىم ئىدى شۇنداق كىتاب،
«قۇت بىلىك»كە شەرھ بولماققا باب.

بۇمۇ بىر توزۇماس يوپۇق بولغاي ئىدى،
زەر، جاۋاھىرلار ئوچۇق تۇرغاي ئىدى.

دەۋرىمىز قىلدى خالاس بۇ غەمنى ھەم،
ئىلمۇ ئىرپان ئەھلى سۈرگەندە قەلەم.

مەرھابا، «بىلىك» كۆرۈڭ، قەبرىن كۆرۈڭ،
بۇ جاۋاھىر خەزىنىدە لەززەت سۈرۈڭ.


بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:31:32 | ئايرىم كۆرۈش


قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


تونۇتۇم: مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى تارىخىغا ئاتالغان بۇ كىتاب ئالتايدىن ئالتۇنتاغقىچە، نەنسەن(چىلىيەنشەن)دىن پامىر(كۆكئارت)غىچە بولغان مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەركىزىي دىيارىنى، باشقىچە ئېيتقاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا ماكانىنى ئۆز سەھىپىلىرىنىڭ ئاساسلىق يورۇتۇش نۇقتىسى قىلىدۇ.


مۇقەددىمە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك كىتابخان!
ھەر بىر زامان كەزگەن جەرياننىڭ ئۆز تارىخى بولغىنىدەك، ھەر بىر ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرىدىن جۇغلانغان مىللىيەتلىك تارىخى بولىدىغانلىقى ھېچقانداق سىر ئەمەس. مۇئەييەن كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى قانداق مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە بولسا، ھەربىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي روھىيەت ئەنئەنىسىنى بويلاپ كەزگەن ئۇزاق مۇساپىلىك تارىخى شۇنداق يېتىلدۈرگۈچى ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشى ھاياتىدا بەزى كەچۈرمىشلەر ئۇنتۇلىدۇ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆمۈر جەريانلىرى ۋە روھىيەت چەمبەرلىرىگە تامغا سالغان خاتىرىلەر ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەردىن ئىبارەت. ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەر بىلەن بۇ كەچۈرمىشلەر قوينىدا ياتقان تەپەككۈر مەنىدارلىقىنى يادىغا ئالالماسلىق بىر ئىللەت. ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ئۇنتۇغان. شۇ سەۋەبلىك ئەپسانە ياكى تارىخىي مۇئەمما تەتقىقاتچىلىرى بۇ بوشلۇقنى ئۆز تەخمىنلىرى بىلەن تولۇقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئەپسۇلىنارلىقى شۇكى، بىر پۈتۈن تارىخنى ئۇنتۇپ كېتىش ۋە ئۇنى قايتا بىلىپ ئېلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلماسلىق! ئەگەر غەيرىي، زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۈپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقا مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئېيتىش مۈمكىنكى، بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھۇشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر. بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرق بولغان ۋە ئۇنى نورمال تۇرمۇش رىجىسى دەپ بىلىشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلىرى پاجىئەلىك دەپنە قىلىنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل–مەنسەپ، يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغەقتەك دومىلاپ يىللارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر.

مەركىزىي ئاسىيا، باشقىچە ئېيتقاندا، «ئىچكى ئاسىيا» ياكى «قەلبى ئاسىيا» ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دېڭىز–ئوكيانلاردىن يىراقتا تۇرغان بەھەيۋەت تاغ–دەريالارنى كۆكسىگە ئالغان خاس بىر زۇنىسى. ئۇ كونا قۇرۇقلۇق دەپ ئاتالغان ئاسىيا–ياۋروپا–ئافرىقا چوڭ تۇتاشما قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك، ئانتروپولوگىيەلىك (ئىنسانشۇناسلىق)، ئېتنولوگىيەلىك (مىللەتشۇناسلىق) ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى جەھەتتە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قىسمى. مەركىزى ئاسىيا زېمىنىنى يەر شارى خەرىتىسىدىن بىر مىنۇت چىقىرىپ تاشلىغىلى بولمىغىنىدەك، بۇ رايوننىڭ ئىنسان تۈركۈملىرى بىلەن مەدەنىيەت تارىخىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىن چەتلەشتۈرۈش مۈمكىن ئەمەس. مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە خاس قىممىتى بىلەن ئۆز خەلقىگە تەۋە بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كەمكۈتىسىز بىر قىسىملىق سالاھىيىتى بىلەن ئالەمشۇمۇل ئومومىي كىشىلىك قىممىتىگە ئىگە. بىلىش ھاجەتكى، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي قاتلاملاردىكى پائالىيەت تارىخىنى مۇستەسنا قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ھچبولمىغاندا ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىكى قەدىمكى خەلقلەرنىڭ تارىخنى يورۇتۇش ئاسان ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخى ئۇنىڭ ھەرقايسى تۈركۈملىرى ۋە قاتلاملىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۆزگىچىلىكلەر ئىچىدە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى مەنتىقىلىرى جىلۋىلەنگەن تارىخ پەلسەپىسىدىن ئىبارەت.

مەركىزىي ئاسىيا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاپىرىدىگاھلىرىدىن بىرى. مەركىزىي ئاسىيا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى. مەركىزىي ئاسىيا شىمال بىلەن جەنۇب، شەرق بىلەن غەرب مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدا، ئاسىيا–ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە مىللەتلەر چوڭ كۆچۈشى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان. قېلىن چۆكمە قالدۇرغان قاينار بۇلاق ۋە ئۆتۈشمە بەلباغ بولغان. ئۇ ئۆز قوينىغا ئارىيان ئىرقىدىكى ئىنسان تۈركۈملىرى، تۇران ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ كۆپ ۋارىيانتلىق ئېتنوگېنىزىسى ۋە مەدەنىيەت ئېتنولوگىيەسى تىلسىمىنىڭ ئاچقۇچىنى كۆمگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ھازىرقى زامان ئاسىيا–ياۋروپادىكى بىر قاتار دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئالاقىدار بىر قاتار تېپىشماقلارنى يوشۇرغان. ئۇ ئەركىن–ئازادە، ئىلمىي–دېموكراتىك يېڭى تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۆزىنى بايقىشىنى كۈتۈپ ئەسىرلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.
مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئاسىياچە ئاق جىنسلىق ئىنسان گۇرۇھى بىلەن سېرىق جىنسلىق ئىسان گۇرۇھىنى بىرلەشتۈرگەن؛ يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن بوستان مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن؛ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاساسىدا شەرق–غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئۆزىگە خاس ۋە ئۆزىدىن ھالقىغان كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈر ۋە ژانىردىن مۇجەسسەم بولغان يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن خەلقئارا خاراكتېرگە ئىگە ئارىلاشما — سېنكىرتىك مەدەنىيەت ئىختىراچىلىرى سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتقان.

مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئۆزى ياراتقان ۋە ئېرىشكەن مەدەنىيەت تىپىنى ئۆزىگە مىللىيەتلىك، رىجە، مەكتەپ ۋە مۇنبەت ئانا تۇپراق قىلىشتى. ئامېرىكىلىق مورگان تەرىپىدىن «تۇرانىيە تىپى» دەپ ئاتالغان بۇ مەدەنىيەت تىپى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشىگىچە ئۆتكەن قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۇلىدا شەكىللەندى ۋە يىراق ئۆتمۈشتىن بېرى تارىخ دولقۇنلىرىدا تاۋلىنىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلدى. مېنىڭچە، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى تارىخنى يورۇتۇش ئارخېئولوگىيەلىك ۋە يازما مەنبەلەردىن تاشقىرى، يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت تىپى ۋە مەدەنىيەت ئىرسىيەتچىلىكى تەتقىقاتىغا تايىنىشى لازىم. ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ئەگەر ئۇ بىرىنچىدىن ھەقىقىي–ياسالما ئەمەس، ئىككىنچىدىن بىر پۈتۈنلۈك يەنى ئىزچىللىق ھاسىل قىلغان بولغىنىدا ئۇ تارىخنىڭ ھەقىقىي چۆكمە ئۇچۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخ باشتىنلا قىيا تاشلارغا، تۇرمۇش روزىغارلىرىغا ئۆز ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ كەلگەن، بۇ يېزىقسىز ئىپادىدىن ئىبارەت. يېزىق بىلەن ئىپادىلەش، ئەگەر ئۆز تارىخچىسى، ئۆز سالنامىچىسى چىنلىق بىلەن يازغان بولماستىن، باشقا خەلقلەر ۋە ئوردىلار تارىخچىلىرى يازغان تارىخ مەنبەلىرى بولىدىكەن، كۆپ ھاللاردا كەمسىتىش، ئاڭلىغانلىرى بويىچە يېزىش، قىسمەنلىكنى ئوموملۇق ئورنىغا دەسسىتىشتەك بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئابستراكتلىق ئىللەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇ پەقەت تەنقىدىي پايدىلىنىش ئوبيېكتى بولالايدۇ، خالاس. تارىخنى تارىخنىڭ چۆكمە ئۇچۇر تىزمىسى ۋە مىللەتنىڭ فولكلور–ئېتنىك مەدەنىيەت تىپى ئىۋاليۇتسىيىسى (تەدرىجىي تەرەققىياتى) بويىچە ئىزاھلاش، ئەڭ ساغلام، ئۆز گەۋدىسى ئارقىلىق ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش لاياقىتىگە ئىگە ھەقىقىي تارىخ تەتقىقاتىدۇر.

مەلۇمكى، ئىنسانىيەتنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي، شەرقىي ۋە غەربى زېمىنلاردا ياشىغان تۈركۈملىرى ناھايىتى زور ئۆزئارا قاتناش–ئالاقە تەسىرىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى ھادىسىسىنىڭ دائىمىي ھەرىكىتى ئىچىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىنىڭ نىسپىي مۇقىم مىللىي مەدەنىيەت تىپى كاتىگورىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن. بەزى مەدەنىيەت تىپلىرى بىر قانچە دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، بەزى مەدەنىيەت تىپلىرى باشقا مەدەنىيەت تىپلىرى بىلەن بىر سىياسىي ھاكىمىيەت تېررىتورىيەسى — بىر دۆلەتتە گەۋدىلەنگەن. دەل شۇ سەۋەبلىك مەدەنىيەتنىڭ ئېتنولوگىيەلىك تىپى مەسىلىسى سىياسىينىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىلىرىغا بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىلمىي ئېتىباردىن چەتتە قالدۇرۇلغان.
ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تىپلىرى ۋە مەدەنىيەت رايونلىرى ھەقىقەتەن كۆپ. شۇنىڭدەك ئۇ پولات قەلئە ئەمەس. شۇ نەرسە روشەنكى، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ دۇنيا (مۇھىت)دىكى ئورنى مەسىلىسى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئۆز–ئۆزىنى مەركەز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق بەلگىلىگەنلىكى مەسىلىسى ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئادەمدىن ھازىرقى زامان كىشىلىرىگىچە كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزى ھالقىسى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئۇيۇتقۇچىسى بولۇپ كەلگەن. ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كىشىلىك قارىشى (جۈملىدىن ئىنساننىڭ يېتىلىشى، كامالىتى)نىڭ ئۆزىكى (يادروسى) قىلغان ياۋروپا مەدەنىيەت تىپى بىلەن ئىنساننىڭ پادىشاھ (ھاكىمدار)غا بولغان ھوقۇق–دەرىجە مۇناسىۋىتىنى كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزى قىلغان شەرقىي ئاسىيا (بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك) مەدەنىيەت تىپىنىڭ پەرقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئوموملۇق جەھەتتە، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى تاكى ئىپتىدائىي قۇياش ئىلاھچىلىقى ۋە كۆك تەڭرى ئېتىقادى زامانلىرىدىن ھازىرغىچە ئىنسان بىلەن تەڭرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى (گۇمانىستىك سوپىزم ئېقىمىدا ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ مۇقەددەس مۇناسىۋەتلىرىنى) كىشىلىك قارىشىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە گىر تېشى قىلىپ كەلگەن. پانتئېزم ئۇنىڭ ئومومىي خاراكتېرىستىكىسىنى ھاسىل قىلدى. بۇ ئالاھىلىك مەركىزىي ئاسىيا يەرلىك ئاھالىسىنىڭ پۈتۈن مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ روھىي ئالامەتلىرى ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن. مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئوتتۇرا–يېقىن شەرق خەلقلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئىلاھىيەتكە بولغان مۇناسىۋەت قاراشلىرىدىكى مۇئەييەن ئورتاقلىقى ئۇلارنىڭ يىپەك يولى باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئەقىدە تېندىنسىيەسى بىلەن فولكلور مەدەنىيىتى يېقىنلىقىنى مەيدانغا چىقارغان. ئېيتىش ھاجەتكى، مەدەنىيەت تىپلىرى ۋە تۈركۈملىرىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئىنكار قىلىش بىلەن مەلۇم بىر مەدەنىيەت تىپىنى ئالىي ئىرقىي مەدەنىيەت ياكى پۈتكۈل كىشىلىك مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي چەشمىسى، دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈش سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىق ۋە مەدەنىيەت ھاكىممۇتلەقلىقى شەكلىدە ئىپادىلەنگەن ھاكىم مىللەتچىلىك — جاھانگىرلىك قارىشىدۇر.

مەركىزىي ئاسىيا خەلقى ياراتقان «ۋاقتى ئۇزۇن، سەنئىتى سەرخىل، قىممىتى يۇقىرى»(گېلىنا: «ئاسىيا ئېگىزلىكى ئىلمىي قىدىرىش ئۆمىكىنىڭ دوكلاتى»، 3–قىسىم) مەدەنىيەت بىر تەرەپتىن خۇددى دوكتۇر ئالبېرت رېگېل ئېيتقاندەك: «خۇددى رىم خارابىسى سىياقىدىكى خارابە»گە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەرلىك بولمىغان ئەللەر ۋە خەلقلەر تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئىزاھلىنىپ كەلدى. سىۋىن ھېدىن ئىزىنى بويلاپ سىتەين، گرۇنىۋىدىل، لېكوك ۋە پىللىئوتلار تارىم–تەڭرىتاغ مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ياۋروپاغا يۆتكەپ، ئۇنى «گرېك–رىم ئۇسلۇبىنىڭ ئاسىياچە تەقلىدى» دېيىشسە، شاڭدا ئەپەندى قاتارلىق تەتقىقات نوپۇزلۇقلىرى «تارىملىقلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى بولمىغان، ئاتالمىش تارىم مەدەنىيىتى ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئېشىندىلىرىدىن ئىبارەت» دېيىشتى. خارابىلار ئىچىدىكى خارابىدەك خارلىقتا قالغان يەرلىك خەلقتىن ھېچقانداق ئۆز–ئۆزىگە ھاميىلىق قىلغۇچى ئېتىرازلىق ئەكس سادا چىقمىغاندىن كېيىن، 1936–يىلى پۈتۈن كىشىلىك ياپون سامورايلىرى ۋە گېرمان ناتسىستلىرى قوزغىغان فاشىزم پاراكەندىچىلىكىگە قارشى پۈتۈن دۇنيا ھەمدەملىك تۈزگەن ۋاقىتتا زېڭ ۋېنۋۇ ئەپەندىنىڭ «غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى» ناملىق كىتابى بېسىلىپ تارقالدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا بولغان مىللىي غەزىپىنى زۇلمەت ۋە خاكسارلىقتا ياشاۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىگە قارىتىپ تارىخىي قىساسكارلىق چۇقانلىرىنى كۆتۈرگەن بۇ «قەھرىمان» 500 مىڭ خەتلىك كاتتا كىتابىغا مۇنداق بىر شېئىرنى مۇقەددىمە قىلغان.
.
ئاي قورۇلغا سەپتى نۇر خەن، چىن زامانىدىن بۇيان،
قايتمىدى كىشىلەردىن بىرى چېگرا تامان.
ھەددىمۇ خۇر (غۇز) ئېتىنىڭ چوغاي تېغىدىن ئۆتكىلى،
بولسىلا لى گۇاڭ كەبى سەركەردە بىزگە پاسىبان.
.
ياندى سانغۇن زەر ئىگەر تورۇق ئېتىنى ئوينىتىپ،
تۇرسىمۇ ئاسماندا ئاي، جەڭگاھتا ھۇۋلاپ جۇت–بوران.
شۇندىمۇ سېپىل بېشىدا تىنمىدى جەڭ دۇمبىقى،
قىنىغا كىرمەس قىلىچتىن يەرنى بويلاپ ئاقتى قان.


قارىماققا ئاپتورىمىز تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ۋاڭ چاڭلىننىڭ سەددىچىن سېپىلىگە چىققاندا يازغان شېئىرىنىڭ ئۆز ئىلھامىنىڭ چاچراتقۇسى قىلغان. ئۇ كىتابىدا «ئەجدادلىرىمىز ئۆتكۈر قىلىچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خۇرلارنى چېكىندۈرۈپ، زېمىنىمىزنى كېڭەيتىپ، جەمەتلىرىمىزنى كۆپەيتكەن. خۇرلارغا قارشى ئىش–ھەرىكەتتە ئۆتكۈر قىلىچلار ئىشقا سېلىنىپ قالماستىن، يەنە يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى بىلەن ياندىكىلەرنى تىنجىتىپ، ئارقىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ھېيلىسىمۇ قوللىنىلغان... بۇ قانداق تاكتىكا؟ بۇ، غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەت» دېگەن. ناھايىتى روشەنكى، «غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى» تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئاساس قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، ئىران — ئەرەبىستان ۋە كىچىك ئاسىيا، ياۋروپانىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسمى»نى ئۆز كۆلىمىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى «غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى»نىڭ ئاشكارا يېزىقتىكى ئىپادىسى ئىدى. ئاپتورنىڭ «تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنى ئۆزىنىڭ غەربكە ئاتلىنىش ئىشىكى قىلغان» بۇ تاكتىكىلىق سخېمىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگونىڭ تاشقى ھويلىسى ھېسابلىناتتى!

ئەلۋەتتە، زېڭ ۋېنۋۇ ئەپەندىنىڭ تارىخ قارىشى ئۇنىڭ مىللەت ۋە كىشىلىك قارىشىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى ۋە قاچانغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى نامەلۇم. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بېكىنمە تېررىتورىيەلىك ئەسەبىيلىكنى شۆھرەتلىك قەھرىمانلىق ھېسابلايدىغان ناتسىستلارچە ياكى سامۇرايلارچە بۇ خىل قاراش سىستېمىسى ئىنسانپەۋەرلىك ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى ئاساسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىدىيەلەر بىلەن تويۇنغان كەلگۈسى ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن مەسخىرىلىنىشى مۇقەررەر.
ئۇنتۇلغان ياكى يادىغا ئېلىشقا ئىدرىكى يەتمىگەن تارىخ، بىر يۇمىلاپلا ھاقارەتلەنگەن ۋە «ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى»نىڭ پۇت قويۇش تاختىسى بولغان تارىخقا ئايلىنىپ قالغان! مېنىڭچە تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ۋە نۇرانە مەسئۇلىيىتى كۆمۈلگەن تارىخنى تېخىمۇ كۆمۈپ تاشلاش، ئېچىلىپ قالغان قىسمىنى بۇرمىلاش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆز ھەقىقىتى، سالاھىيىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىشتۇر. ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس! ئېيتىش كېرەككى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىق قىممىتىدىكى بىر پۈتۈنلۈكى بىلەن ئۆزىنىڭ ياكى تەڭ قىممەتدار — تەڭ ھوقۇقدار بىر قىسمىنىڭ ئۇنتۇلغان ياكى تۇمان ئىچىدە قالغان تارىخىنى قايتىدىن بىلىشكە، يورۇتۇشقا مۇھتاج. يورۇتۇلغان تارىخ، ئىنسان ئۈچۈن پرۇمىتى تېنىدىن ئۈزۈلگەن زەنجىردۇر! بۇ ھەرخىل سىياسىي گۇرۇھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىز ۋە يېزىقتىكى خىتابەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىنى كۆرسەتكۈچى سترېلكا!

مەركىزىي ئاسىيادا نۇرغۇن تارىخىي قسىمەتلەر چۆكمىگە ئايلاندى. ئەمما مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى مىللىيەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تارىخى ياراتقاندىن كېىن ئۇ ئاق جىنسلىق ئارى (گېرىكچە كۆپلۈك مەنىسىدە «ئارىيان» دەپ ئاتىلىدۇ) — ساك خەلقلىرى بىلەن، ساكلارنى ئاساس قىلىپ، قىسمەن موڭغۇلوئىد (سېرىق جىنس) خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت سەھنىسى بولۇپ كەلدى. مېنىڭچە، مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي قوۋملىرىدىن ئىبارەت ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يىراق ئەجدادلىرى ئاساسىي ئېتنوگېنىز جەھەتتىن يەنىلا مەركىزىي ئاسىيا ئاندرونوپ — ئارى، سىكىتاي — ساكلاردىن ئىبارەت بىرلەمچى ئىنسان تۈركۈملىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركىزىي ئاسىيا ئاق جىنس ئىنسان تۈركۈمىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىدىكى 6—7 مىڭىنچى يىللاردىن مىڭىنچى يىللارغىچە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مىلادىيەدىن كېيىنكى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىنكى تۈركىي ئەۋلادلىرىغا بولغان مۇناسىۋىتى دېيىش مۈمكىن. بۇ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ قىسمەن قوۋملىرىدىكى پاراللېل زامانداشلىققا قاراپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي تارىخىي مەنبەداشلىق ئالاقىسى بولمىغان باشقا–باشقا ئىككى خەلق قىلىپ قويۇش تارىخىي چىنلىققا زىتتۇر. بۇ يېقىنقى بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مەركىزىي ئاسىيانىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەركىزىي ئاسىياسى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈركىي خەلقلەر ھەقىقىي ئېتنولوگىيەلىك مۇجەسسەم گەۋدىسىگە ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاق جىنسلىق ئەجدادلىرى بولغان ئارى — ساكلارنى (جۈملىدىن دىڭلىڭ، ئۇجىيە، توخار ۋە سوغدىلارنى) ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى — ۋارىيانتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت.

مەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىنى، نۇقتىلىق ئېيتقاندا، تۈركىي خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى ھەقىقىي تارىخشۇناسلىق، ھەقىقىي ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى ئىلمىي تەلەپلىرى بويىچە قايتا تەتقىق قىلىشنى پۈتۈن كىشىلىك سىۋىلىزاتسىيىسى، ئەركىن ۋە ئىلمىي تەپەككۈر يۈكسىلىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە مۇقەررەر يۈزلىنىشى دەپ قاراپ كەلدىم. ئىنسانىيەت تېخى گۆدەك، ئۇ ئەمدىلەتىن ئۆز–ئۆزىنى بىلىش ۋە ئاقىلانە باشقۇرۇشقا يۈزلەنمەكتە. ئۆتمۈشتىن نۇرانە ۋە ئىقتىدارلىق بولغان كەلگۈسىنى توسۇيالايدىغان قۇدرەت يوق. بۇ خۇددى كەلگۈسىدە جىنايى ھەۋەسلەر، ئىشكەل ۋە كىشەنلەر، نەيزە–قالقانلار تارىخنىڭ جاھىلىيەت دەۋرى ئىزنالىرى بولۇپ قالغاندەك، ئۇنىڭغا بېقىنغان ۋە ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن زېمىندىكى ۋە بىر تۇتاش ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىدىكى مەسخىرىلىك ئورنىنى ھەم بىر تەرەپلىمە ئىللەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان تەلۋە، ئەسەبىي ۋە ياللانما تارىخشۇناسلىق دەستۇرلىرىمۇ، شۇنداق جاھىلىيەت ئىراسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ قالىدۇ. بىلىش كېرەككى، ھەقىقىي قەلب ئۈچۈن قورقۇنچلۇقى كەلگۈسىدىكى روھىيەت مەسخىرىسىدۇر. ئېيتىش كېرەككى، مەركىزىي ئاسىيا خەلقى تارىخنىڭ ھەقىقىي تەجەللىسى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخنىڭ شادىيانىسىدۇر. ئۇ قىسمەنلىكتە ئۆزىنى نۇسىرەت سۈيىدە ئېرىغداپ قالماستىن، ئوموملۇقتا پۈتۈن كىشىلىك تارىخىغا يېڭى ھۆسىن قوشقۇسى.

تارىخ — ئىنسانىيەت پائالىيىتى ۋە بىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ ھېكايىتى. ئۇنىڭ ھادىسىلىرى چىرىگەن تەندەك ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ماھىيەتلىرى ئۆلمەس روھتەك مەڭگۈ كېيىنكى تارىخنىڭ ئۇلىنى تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلار روھىيىتىنى چېنىقتۇرىدۇ. 18–ئەسىرگىچە دۇنيا تارىخى ئاساسەن يەھۇدىيلار، گرېك ۋە رىملىقلار بىلەن غەربىي ياۋروپا تارىخى ئىدى. ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ، مىسۇپوتامىيىلىكلەرنىڭ تېخىمۇ يىراق تارىخى بىلەن كىرىت ئارىلى ۋە ئىگەي دېڭىز ساھىلىدىكى قەدىمكى خەلقلەر تارىخى تېخى دىققەت نەزىرىدىن خېلىلا يىراقتا ئىدى. ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى زامانىدا «شاھنامە» ئىراننىڭ «قۇتقۇزۇلغان» تارىخى دېيىلگەنلىكى، ئەلىشىر نەۋائىنىڭ چىڭگىزخاندىن ئۆتمۈش — ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆز دەۋرى ئارىسىدىكى تارىخىي نامايەندە قىلغانلىقى مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنىڭ نەقەدەر ئۇنتۇلغانلىقىدىن دېرەك ئەمەسمۇ؟! ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا دۆلەت — جۇڭگو تارىخىغا دۇنيا بويىچە قىزىقىش تېخى 19— 20–ئەسىردىن كېيىنكى ئىش. روشەنكى، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ جۈزئى قىسىملىرىدىكى «بايقىلىش» تېخى تۈگەللەنگىنى يوق.

مەن بۇ كىتابنى 1965— 1975–يىللىرى ئارىسىدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» زامانىدا، ئۆزۈم «ئوڭچى — يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى ئاستىدا رىجىمدا تۇرۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئالتە كىتاب رىجىسى بويىچە يېزىشقا كىرىشكەنىدىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئاسىيا–ياۋروپا مىللەتلەر كۆچۈش تارىخى» ناملىق خاس ئەسەرگە تۇتۇشقانىدىم. بىر قانچە قېتىملىق «كىچىك خانىگە قاماپ قويۇش» (ئۇ چاغدا بۇ «ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش كۇرسى» دەپ چىرايلىق ئاتىلاتتى) ۋە ئۆي ئاختۇرۇش، كىتاب كۆيدۈرۈشلەر تەھدىتىدە ئالتە قىسىم پىلانلانغان كىتابىمنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسمىنىلا يازالىدىم. كىتابقا ۋاقتىنچە «جاۋاھىرۇل ھەقايىق» (ھەقىقەتلەردىن جاۋاھىرلار) دەپ ئىسىم قويۇپ، ئۇنى نامەلۇم قەدىمكى زامان ئاپتورىنىڭ ئەسىرى تۈسىدە ھەر ئېھتىمالغا قارشى يوشۇردۇم.
1986–يىلى بۇ ئىككى قىسىمنى بىر كىتاب قىلىپ، ئۇنىڭغا «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» دەپ نام قويدۇم. يېقىندا بۇ ئورىگىنالنى قايتا قولۇمغا ئالدىم ۋە ئۇنى ئەسلى پىلانلىغان «تۇران تەزكىرىسى» نام نام ئاساسىدا «قەدىمكى تۇران تارىخى» دەپ ئاتىدىم. مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى تارىخىغا ئاتىغان بۇ كىتابىم ئالتايدىن ئالتۇنتاغغىچە، نەنسەن (چىلىيەنشەن — گەنسۇنىڭ جەنۇبىدىكى ھازىرقى چىلىيەن تېغى)دىن پامىر (كۆكئارت)غىچە بولغان مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەركىزىي دىيارىنى، باشقىچە ئېيتقاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا ماكانىنى ئۆز سەھىپىلىرىنىڭ ئاساسلىق يورۇتۇش نۇقتىسى قىلىدۇ.

مەن بۇ كىتابنى ئۇنىڭ كىتابخانلىرىغا تەقدىم قىلىۋاتقىنىمدە، تارىخنىڭ بىلىم ۋە روھىيەت قاتلىمى تېخى مەردانە ھەقىقەت، ھەقىقىي ئىنسانىيەتچىلىك دەۋرىگە تولۇق قەدەم قويمىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۇنساناپ مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى تارىخىغا ئائىت يېڭىدىن–يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ تېپىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ داۋاملىق كۆپىيىپ، بىزنىڭ قاراشلىرىمىزنى تولۇقلاشقا، ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. تارىخ، نوقۇل ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنى ئاشكارىلاپ قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ تارىخىي قاراشلىرىنىمۇ بىر ئىزىدا توختىتىپ قويمايدۇ. كەلگۈسى ئىزگۈلۈك ۋە گۈزەللىكنىڭ تەنتەنە دەرگاھى بولىدىغانلىقى ئېنىق. ھەقىقەتنىڭ غەلىبىسى ۋە بۇ تەنتەنىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇقەددىسىمىدىن ئىبارەت.

— 1994–يىل. كەچكۈز، ئۈرۈمچى.


بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:32:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى


(1) نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى:

1.«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980- يىلى نەشىر قىلغان.
2.«ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى "ئون ئىككى مۇقام"ھەققىدە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980- يىلى نەشر قىلغان.
3.«رۇبائىيات»(1) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلغان.
4.«ئۇيغۇرپەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشىر قىلىنغان (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)
5.«چوغلۇق»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان.
6.«ئومومىي ئىستېتكا»، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى 1985- يىلى نەشر قىلىنغان.
7.«فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلىنغان.
8.«قارلىق تاغ شەجەرىسى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشر قىلغان.
9.«رۇبائىيات» (2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان.
10.«قاتلاملىق ئېستېتكا»، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىستىتى نەشرىياتى 1994- يىلى نەشر قىلغان.
11.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
12.«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
13.«غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان.
14.«"قۇتادغۇبىلىك"خەزىنىسى» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلغان.
15.«سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
16.«ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرى» (1) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
17.«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىلى نەشر قىلغان.
18.«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.
19.«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»("تۇران تارىخى") ، شىنجاڭ نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلىنغان.
20.«ئائىلە»، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.


(2) ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن كىتابلار:


1.«جاھاننامە»(2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "گۈللۈك دوپپا توغرىسىدا " ناملىقماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988 - يىلى نەشر قىلىنغان .
2.« مەھمۇد قەشقەرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 -ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 - يىلى نەشر قىلىنغان .
3. « غەزەل ۋەمۇخەممەسلەر » (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە غەزەل ، بىر پارچەمۇخەممەسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1983 - يىلى نەشر قىلىنغان .
4.«ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ " يۈكسەكقەلىبنىڭ شېئىرى ھەيكىلى " ناملىق ئوبزورى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى 1989 - يىلى نەشر قىلىنغان .
5. « يېڭى رۇبائىيلار » ( بۇكىتابقا ئالىمنىڭ ئالتە پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەرنەشرىياتى 1988 - يىلى نەشر قىلغان .
6. «"قۇتادغۇ بىلىك" ھەققىدەبايان»(1) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ«"قۇتادغۇ بىلىك" ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلىنغان.
7. «"قۇتادغۇ بىلىك" ھەققىدە بايان»(2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندە> ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 - يىلى نەشر قىلىنغان .
8. «ئاھ، يۇلتۇزلار» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن)، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 - يىلى نەشر قىلغان .
9. «ياپراقتىكى نەقىشلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ تۆت پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
10.« توي چاچقۇسى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ 17پارچە رۇبائىي ۋە غەزىلى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
11.«100 شېئىر» ( بۇكىتابقا ئالىمنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن )،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
12. «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئرى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
13.«قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ"ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇيغۇر شېئرىيىتىدىكى ئىپتىخارى"ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلغان.
14. «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ"ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى - قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994 - يىلى نەشر قىلىنغان.
15. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە - ئېقىملىرى توغرىسىدا" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشر قىلىنغان .
16.« ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى » (2) (ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسىم 2- پاراگراف ۋە 2- ، 4- ، 5- ،10 - بابلىرىنى يازغان ) ، شىنجاڭ مائارىپنەشرىياتى 1993 - يىلى نەشر قىلغان.
17. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىتەتقىقاتى» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە -ئېقىملىرى توغرىسىدا" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)، مىللەتلەرنەشرىياتى 1995 - يىلى نەشر قىلغان.
18.«ئىبىن سىنا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ بەرگەن ) ،
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان .
19.«سىلىشتۇرما ئەدەبىيات ئاساسلىرى » ( ئالىم بۇ كىتابقا بېغشلىما ماقالىسىيېزىپ بەرگەن ) ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
20. « ئاھ ، نۇرلۇق ئابىدىلەر » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچەشېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997- يىلى نەشىر قىلغان.
21. «ئابدۇكېرىم خوجا ئىجادىيىتى توغرىسىدا» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى ۋە "ئۇ شېئىرلىرى بىلەن خەلق قەلبىدە ياشايدۇ" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈلەر نەشرىياتى 1999- يىلى نەشىر قىلىنغان .
22.« ئەدەبىيات » (بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابىبولۇپ، ئۇنىڭغا ئالىمنىڭ " كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلىنغان .
23.« جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى " ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، ئەنخۈيخەلق نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
24. « شىنجاڭدىكىمىللەتلەرنىڭ پەلسەپە - ئىدىيە تارىخى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ،ئۆزبىك ، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ پەلسەپە - ئىدىيە تارىخىغا ئائىت قىسمىنى يازغان ) .
25. « يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن " ناملىق ماقالىسى
كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى نەشر قىلىنغان . (خەنزۇچە) .
26.«شاھنامە» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مىسلىسىز ئەزىمەت - ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسى " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان .
27. « كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2540 يىللىقنى خاتىرلەش مۇھاكىمە ماقالىلار توپلىمى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "كۇڭفۇزى ۋە قوچۇ مەدەنىيىتى " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن )، شاڭخەي سەنلەن كىتاب نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
28.«بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋائي » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ "ئەلشىر ناۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش" ۋە "ئەلشىر ناۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا تۇتقان ئورنى " قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن )شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1996 - يىلى نەشىر قىلىنغان .
29.«"تارىم " ۋە مەن » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ "تەبرىك ۋە ئۈمىد" ناملىق بىر پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىلى نەشىر قىلغان .
30.« تاللانغان رۇبائىيلار » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ 10 پارچە رۇبائىيسىكىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999 - يىلى نەشىر قىلغان .
31.« بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ"شېئىرىيەت ئېستىتىكىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە" نامىلىق ماقالىسىكىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىلى نەشىر قىلىنغان.


(3) ئالىمنىڭ ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى:

1. «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككىبۈيۈك ئالىمى » ( "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى " 1956- يىل ئۇيغۇرچە 3- سان ، خەنزۇچە 4- سان ).
2. « ئەدەبىيات - سەنئەتتە تىپمەسىلىسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلىرىم » ( "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىئىلمىي ژۇرنىلى" 1956- يىلى ئۇيغۇرچە 4- سان ).
3. «ئۇيغۇرپەلسەپە - ئىدىيە تارىخىغا دائىر تەتقىقات تېزىسلىرى »( <1> "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1980- يىللىق ئۇيغۇرچە 2- سان ؛ <2> "پەلسەپە تەتقىقاتى " ژۇرنىلى 1980- يىللىق خەنزۇچە 4- سان ).
4. «فارابىنىڭ مۇزىكا ئېستېتىكىسىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1980-يىللىق
ئۇيغۇرچە 4- سان ).
5. «نان ۋە تونۇر» ("مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى " 1980- يىلى 3- سان ، خەنزۇچە نۇسخىسى ).
6. «ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن» ( <1> "شىنجاڭ گېزىتى" 1980- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى سانى ؛
<2> "شىنجاڭ سەنئىتى" 1980- يىللىق ئۇيغۇرچە 1- سان ؛ <3> "يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى" 1980- يىل شىنجاڭ
خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان خەنزۇچە ماقالىلار توپلىمى ، بۇ توپلامغا ئالىمنىڭ يۇقارقى ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ؛
<4> "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1980- يىللىق خەنزۇچە 4- سان ) .
7. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى - ئىبىن سىنا» (ئىبىن سىنا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ) ،
"شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" ئۇيغۇرچە 1980- يىللىق 3- سان .
8. «ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ياۋروپادا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىشى» (<1> "كىتابلارغا باھا" ژۇرنىلى
1980- يىللىق 4- سان ؛ <2> "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1982- يىللىق 2- سان ) .
9. «يۈسۈپ خاس ھاجىپ - فارابى ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى"
1982- يىللىق 2- سان ).
10. «مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» ("تارىم" ژۇرنىلى 1981-يىللىق 4-سان)
11. «"ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى" نىڭ تەتقىقات تېزىسلىرى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسىنىڭ 1981- يىللىق 1- سانى ).
12. «فارابى پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ تارىخى قىممىتى» ("پەلسەپە تەتقىقاتى" ژۇرنىلى 1981 يىللىق 1- سانى ).
13. «قەدىمى كۈسەننىڭ ئاتاقلىق بۇددا مۇتەپەككۇرى كۇمىراجىۋا» ("پەلسەپە تەتقىقاتى" ژۇرنىلى 1981 يىللىق 11- سان).
14. «"ئەل قانۇن فىت تىپ" ۋە ئۇنىڭدىكى تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1982- يىللىق 2- سان ).
15. «شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتىدا بوستانلىق بىلەن چۆللۈكنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1982- يىللىق 1- سان ).
16. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۆت زات توغرىسىدا» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1982- يىللىق 3- سان ).
17. «گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئۇنىڭ رولى» ("شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 1982- يىللىق 10- ، 11- ، 12- سانلىرى ).
18. «ئاماننىساخان ۋە ئون ئىككى مۇقام» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1982-يىللىق 2-سان)
19. «ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ لوگىكىلىق تەلىماتلىرى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" خەنزۇچە 1982- 4- سان ).
20. «رۇخسارى مۇقامى ۋە ئۇنىڭ ئىجادچىسى زىكرى ئەلفەتتار» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1982- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانى).
21. «ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار ناماياندە» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1984- يىللىق 1- سان).
22. «ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ يېڭى زېمىنىنى ئاچايلى» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلىنىڭ 1984- يىللىق
خەنزۇچە 3- سان ).
23. «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1984- يىللىق خەزۇچە 2- سان ).
24. «"قۇتادغۇبىلىك" ۋە مائارىپشۇناسلىق» ("شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 1984- يىللىق 9- ، 10- سانلىرى ).
25. «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تارىخى تەسۋىرى» ("قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1984- يىللىق 3- سان ).
26. «قەدىمكى كۈسەن كلاسسىك ئۇسۇلى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1984- يىلى 5- ئايدىكى سانى ).
27. «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى "ئون ئىككى مۇقام" ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مەسىلىلىرى» ("قۇمۇل ئەدەبىياتى" 1984- يىللىق 3- سان ).
28. «"پەرھاد - شىرىن" تراگېدىيسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رىۋايەت شەكلى» ("ئاقسۇ ئەدەبىياتى" 1984- يىللىق 3- سان ).
29. «قەدىمكى كلاسسىك ئۇسۇلنىڭ يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1984- يىللىق 25- ئۆكتەبىردىكى سانى ).
30. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» ("تارىم" ژۇرنىلى 1984- يىللىق 5- سان ).
31. «ئۈرۈمچىنىڭ ھەرخىل يەر ناملىرى» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1984-يىلى 23-مارتتىكى سانى)
32. «ئەڭ قەدىمكى ئۈرۈمچى ۋە ئۆرە قاڭقىللار» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1984- يىلى 16- ئىيۇندىكى سانى ).
33. «ئېستىتىكا قانداق پەن؟» ("ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى" 1984- يىلى ئومومىي 8- سان ).
34. «يۈكسەك قەلىبنىڭ شېئىرىي ھەيكىلى» ("كىتابلارغا باھا" - "شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى" ژۇرنىلى 1984- يىلى 3-سان ).
35. «تۇرپان ئۈزۈمى ۋە تۇرپان شارابى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1985- يىلى 20- ئىيۇندىكى سانى ).
36. «ئەلشىر نەۋائىي ۋە "سەددى ئىسكەندەر"» (<1> "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1985- يىللىق 4- سان. <2> "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1985- يىلى 2- نويابىردىكى سانى ).
37.«پۇتمەس-تۈگىمەس بايلىق ۋە ئەبەدىي يادىكارلىق» ( "تۈركي تىللار دىۋانى"نىڭ تولۇق نەشىرى مۇناسىۋىتى بىلەن) تارىم ژۇرنىلى1985-يىللىق12-سان.
38.«كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە ئۇسۇل سەنئىتى»(1)"شىنجاڭ سەنئىتى"ژۇرنىلى خەنزۇچە 4-سان).
39.«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ ئىپتىخارى»("شىنجاڭ سەنئىتى"ژۇرنىلى 1985 - يىللىق1 - سان).
40.«ۋىنتسىيلىك ماركوپولو ۋە شەرق مەدەنىيىتى» ( "تىيانشان ئىكرانى" ژۇرلىنى 1985- يىللىق 6- سان).
41.«پاكىستان رەڭلىك ھىكايە فىلىمى-"پاكلىق"»("شىنجاڭ گېزىتى 1985-يىلى 23-ئاۋغۇستتىكى سان)
42.«قوغۇن ۋە ئۇنىڭ ماكانى» ( "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1985- يىلى 12- مايدىكى سانى).
43.«ئوتتۇرائەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قامۇسى - "قۇتادغۇبىلىك" » (1) "قۇمۇلئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1986- يىللىق 4- سان؛ (2) «جەنۇبىي ئوكيان ئىلمىيژۇرنىلى» ياپونچە 11- سان.
44.«پەلسەپىنى ئىسلاھ قىلىش تەسەۋۋۇرتېزىسلىرى» (1) "شىنجاڭ ئۈنىۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1987- يىللىق 3-سان؛ (2)"شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" خەنزۇچە 1987-يىللىق 4- سان.
45.«"قۇتادغۇبىلىك" ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرى » (1) «يىپەكيولى ساياھەتچىلىكى»خەنزۇچە 1986- يىللىق 2- سان؛ (2) "يىپەك يولىساياھەتچىلىكى" ئىنگىلىزچە 1986- يىلىلىق 4- سان.
46.«مىللىيمەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى بىر مۇھىم قانۇنىيەت» (1) "شىنجاڭ گېزىتى"1986- يىلى 11- ماي خەنزۇچە سانى: (2) "شىنجاڭ گېزىتى" 1986- يىلى 17-ماي ئۇيغۇرچە سانى).
47.«"قۇتادغۇبىلىك"نىڭ ئىلمىي قىممىتى» ( "قەشقەر گېزىتى" 1986- يىلى 28- ئۆكتەبىردىكى سانى).
48.«ئېمپېدۇكىل بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۆت تادۇ قارىشىدىكى ئومۇملۇق ۋە ئالاھىدىلىك توغرىسىدا» ( "قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1986-يىللىق 1- سان).
49.«خاراكتىر ۋە خاراكتىر گۈزەللىكى» ( "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىلى 9- ، 10- ، 11- فېۋرالدىكى سانلىرى).
50.«بىر شېئىر توغرىسىدا پاراڭ» ( "شىنجاڭ گېزىتى" 1986- يىلى 14- ئىيۇندىكى سانى).
51.«ئالۋاستى ۋە ئۇنىڭ يىڭى قىياپىتى» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986-يىلى 7-ئىيۇندىكى سان)
52.«رۇبائىي ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى ، شەكلى ھەققىدە» ( "قەشقەر ئەدەبىياتى " 1986- يىللىق 4- سان).
53.«يۇقىرى ماھارەت ۋە ئېسىل سەنئەت - "مۇقام"ماي بوياق رەسىمى ھەققىدە» ( "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىللىق 12- ماي سانى).
54.«گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلۈكنىڭ كومېدىك سىلىشتۇرمىسى»(تىيانشان ئېكرانى 1986-يىلى 6- سان)
55.«مىرزا ھەيدەر ۋە"تارىخىي رەشىدى"» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى" 1986-يىللىق 3-سان)
56.«ھەشەمەتخورلۇقنىڭ ئون چوڭ كاساپىتى» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىلى 10- ئىيۇندىكى سانى).
57.«جاباغان ئېلىگە ساياھەت» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986-يىلى 11-، 12-ئايلاردىكى سانى)
58.«گۈللۈك دوپپا»( تارىم ۋە نەزىم )"شىنجاڭ سەنئىتى گېزىتى" 1986- يىلى.
59.«"ئون ئىككى مۇقام"نىڭ تارىخىي قاتلىمى ۋە ئىستىتىك ئالاھىدىلىكى»(1) "شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1987- يىللىق 4- سان؛ (2)"شىنجاڭسەنئىتى"ژۇرنىلى 1987- يىلى خەنزۇچە 1- سان .
60.«يىپەك يولىدىكى بىباھا گۆھەر-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ( "شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1987- يىللىق 1- سان).
61.«ئىجتىمائىي تەپەككۇر شەكلىگە ئائىت بىر قانچە مەسىلە» ("شىنجاڭ مائارىپى"ژۇرنىلى 1987- يىللىق 2- ، 3- سانلار ).
62.«ئەلشىر نەۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1987- يىللىق 2- سان).
63. «ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى تارىخىدىكى يىڭى نامايەندە» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1987- يىللىق 6- سان ).
64.«مۇھەممەد خارازمى ۋە "مۇھەببەتنامە"» (1) "بۇلاق" مەجمۇئەسى 1987- يىلى ئومومىي 18- سان ؛ (2) «مىللى يازغۇچىلار» ژۇرنىلى خەزۇچە 1990- يىلى 2- سان .
65. «ھاپىز شىرازى-شەرق شېئىرىيىتىدىكى ئىسيانكار ئۇستاز» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى ئومومىي 20- سان)
66. «مەشرەپ - ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر شائىر» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى ئومومىي 19- سان ).
67.«ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە ئوقۇلغان شىكايەتنامە» («" كوللىيات مەسنەۋىخاراباتى" توغرىسىدا» ): "بۇلاق" مەجمۇئەسى ئومومىي 18- سان .
68. «بىر شېئىر ھەققىدە سۆز» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1987-يىلى 24- يانۋاردىكى سانى ).
69. «ئىككى شېئىر ھەققىدە پاراڭ» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1987- يىلى 19- سېنتەبىردىكى سانى ).
70. «"ئاقسۇ ئەدەبىياتى" دىكى شېئىرىيەت ئۈنچىلىرىگە نەزەر» ("ئاقسۇ ئەدەبىياتى" 1987- يىللىق 3- سان ).
71. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەت قاراشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ("شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 1988- يىللىق 10- ، 11- سانلىرى ).
72. «"يىپەك يولى مۇزىكا مەدەنىيىتى" دېگەن كىتابقا باھا» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1988- يىللىق 5- سان ).
73. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىنزملىق مەدەنىيەت» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988- يىللىق 5- سان ).
74. «فارابى پەلسەپە ئىدىيىسى تەتقىقاتىدىكى مەنتىقىيلىك زىددىيەت» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988- يىللىق 2- سان ).
75. «خوجا باھاۋىدىن نەقىشبەندى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988-يىللىق 3-سان ).
76. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە يەسسەۋىيچىلىك» ("ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر" 1988- يىللىق 1-سان ).
77.«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى پىروگىراممىسى»(تۆت توملۇق"ئۇيغۇر ئەدەبىياتىتارىخى"ناملىق كىتاپ ئۈچۈن تەييارلانغان)؛(1)"قەشقەر پىداگوگىكائىنىستىتۇتى ئىلمى ژۇرنىلى"1987-يىللىق3- ،4- سان2)"قەشقەر پىداگوگىكائىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى"1987-يىللىق4- ،6-سانلار.
78. «ئەمىر خسراۋ دېھلەۋى» ("بۇلاق" مەمۇئەسى 1988- يىللىق 1- سان ).
79. «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر نىزامى گەنجىۋى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 2- سان ).
80. «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ناسىر خسراۋ» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 3- سان ).
81. «شائىر خوجا جاھان ئەرشى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 4- سان ).
82. «سەئىد شىرازى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 4- سان ).
83.«زەلىلى شېئىرىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988- يىللىق 1- سان ).
84. «كلاسسىك مەدەنىيەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988-يىلى 3-دېكابىر سانى)
85. «ما زۇچاڭ ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 16- ئىيۇندىكى سانى).
86. «ھەمرائى غەزەللىرىنىڭ ھەقىقى مۇئەللىپى توغرىسىدا» ("تارىم" ژۇرنىلى 1988- يىللىق 5- سان).
87. «ياش تامچىسىدىن ئۇرغۇغان شېئىرلار» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1988- يىللىق 3- سان).
88. «ئەنئەنىئۋى ئاڭ ۋە زامانىۋى ئاڭ» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 12- ئىيۇنىدىكى سانى).
89. «تارىخ ھەققىدە قايتا ئويلىنىش - مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 2- ئۆكتەبىردىكى سانى ).
90. «ياشلار ۋە ئىقتىدار قىممىتى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 28- ئىيۇلدىكى سانى ).
91. «ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مىللىي ئويغىنىش» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 13- نويابىردىكى سانى ).
92. «ئۇ شېئىرلىرى بىلەن بىللە خەلق قەلبىدە» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 12- مارت سانى)
93. «ئەسسالام قەشقەر ، سالام ئانا دىيار» ("قەشقەر گېزىتى" 1988- يىلى 9- سېنتەبىر سانى).
94.«"قۇتادغۇبىلىك" نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى ھەققىدە» (1) "قەشقەرپېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1989- يىللىق 1- سان (2) "شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق خەنزۇچە 4- سان .
95.«يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەنگۈشتىرىنى قايتا تىپىۋېلىش» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1989- يىللىق 4- سان ).
96. «مەدەنىيەت سىنكىرتېك قاتلام نەزىرىيىسى ھەققىدە بايان» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 4- سان ).
97. «شېئىرىيىتىمىزگە ئائىت بىر قانچە ئېستېتىكىلىق مەسىلە» ("تارىم" ژۇرنىلى 1989-يىللىق 1-سان)
98.«شەرقى تەڭرىتاغ ئېتىكىدە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تەكشۈرۈشتىندوكىلات» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1989- يىللىق 4- سان ).
99. «مەدەنىيەت تەرەقەياتى توغرىسىدىكى ئىلمىي قاراش - سىنكىرتېك قاتلام قارىشى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1989- يىللىق 1- سان ).
100. «مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخى ئويلىنىشقا مۇھتاج» ("يېڭى كۆزەتكۈچى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 7- سان ).
101.«ئېچىۋېتىلگەن ئاڭ ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ("جۇڭگو غەربىيقىسىم ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1989- يىللىق 1- سان ).
102. «مۇھىم بىر تارىخى تەجرىبە» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1989- يىلى 8- نويابىردىكى سانى ).
103. «ئاياللىق قەلىبنىڭ مىلودىيىسى» ("تارىم" ژۇرنىلى ).
104. «ھەشەمەتخورلۇق ۋە قۇرۇق شۆھرەت» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1989- يىلى 25- يانۋاردىكى سانى ).
105. «ئۇيغۇر سوئىگەرلىرىنىڭ يىپەك يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1989- يىلى 27- ئاپرېلدىكى سانى ).
106. «يۈەن سۇلالىدى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە شائىرلىرىدىن نەمۇنە» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1989- يىلى 1- ئايدىكى سانى ).
107.«ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى1989-يىللىق 6-سان)
108. «مىللەتنىڭ بىرلىك - ھەمدەملىكى ۋە ئۇنىڭ يۇرتۋازلىققا يەملىكى» ("شىنجاڭ مەدەنىيتى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 5- سان ).
109. «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى» (1) ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 4- سان) ؛ (2) ("مىللىي يازغۇچىلار" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 4- سان ).
110. «4- ماي ھەركىتى ۋە لۈشۈن روھى» ("تارىم" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 10- سان ).
111. «نۇرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخى قاتلىمى» (1) ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق 1- سان ) ؛
112.«ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت - ئىلاھىيەت قەراشلىرىھەققىدە» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق 1- سان ).
113. «ئاسىنا مەلىكە - غەربىي يۇرت سەنئىتى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق 4- سان ).
114.«يىتىلگەن سەنئەت ، سېھىرلىك ھېكمەت ۋە يالقۇنلۇق مۇھەببەت» ("غازى ئەمەتماي بوياق رەسسىملىرى" توپلىمىغا باھا ) : "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى1990- يىللىق
4- < 5- سانلىرى .
115. «ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىپتىخارى»("قەشقەر ئەدەبىياتى" 1990-يىللىق1-سان)
116. «ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىدىكى پاجىئەلىك زىددىيەت» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 3- سان ).
117. «مىللەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 5- سان ).
118. «خەلقنى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش - ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى» ("تارىم" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 8- سان ).
119. «كۇڭفۇزى ۋە قۇجۇ مەدەنىيىتى» ("ۋېنخۇيباۋ" خەنزۇچە 1990- يىلى 27- فېۋرالدىكى سانى ).
120. «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە بايان» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" 1990- يىللىق 27- فېۋرالدىكى سانى ).
121. «ئۈزۈم سەيلىسى ھارپىسىدا» (1) "شىنجاڭ گېزىتى" ئۇيغۇرچە 1990- يىل 18- ئاۋغۇست ؛ (2) خەنزۇچە 2- سېنتەبىردىكى سانى).
122. «مىللىي ئۇسۇلنىڭ سىرى ۋە سېھرىي كۈچى» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1990-يىللىق 5-سان)
123. «ناخشا - ئۇسۇل ماكانىنىڭ يېڭى جىلۋىسى»("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1990-يىللىق 4-سان)
124.«شەرق سەنئىتىدىكى بىباھا گۆھەر - "ئون ئىككى مۇقام" نىڭ تولۇق رەتلىنىشىمۇناسىۋىتى بىلەن» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1990- يىللىق 15-سېنتەبىردىكى سانى ).
125. «ئىلھامبەخش ئىلھام قەترىلەر» ("تۇرپان" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 3- سان ).
126. «تەبرىك ۋە ئۈمىد» ("تارىم" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 10- سان ).
127. «ئەلشىر نەۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1991- يىللىق 4- سان ).
128. «كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1991- يىللىق 4- سان ).
129. «مەدەنىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزىم» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1991- يىللىق 3- سان ).
130. «ئەزىز دىيار ، شانلىق ئىپتىخار» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1991- يىللىق 3- سان ).
131. «"قۇمۇل ئەدەبىياتى" ژۇرنىلىنىڭ 100 سانى» ("قۇمۇل ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى1991-يىللىق 3-سان)
132. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تۆت چوڭ ئالاھىدىلىكى» ("قەشقەر گېزىتى" 1992- يىللىق 14- ئاۋغۇستتىكى سانى).
133.«سىكتاي - ساك - ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنۋىئىزچىللىق» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1992- يىللىق 2- سان).
134. «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1992-يىللىق 4- سان ).
135.«كۈسەن رەسساملىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭى» (1) "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى1992- يىللىق 3- سان ؛ (2) "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇنىلى1993- يىللىق 5- سان ).
136. «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).
137. «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىيخانلىق» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1992-يىللىق 5- سان ).
138. «كلاسسىك ئەدەبىياتتا خوتەن تەسۋىرى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1992- يىللىق 4- سان ).
139. «"قارا جاڭگال" نى ئوقۇغاندىن كىيىنكى تەسىرات» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).
140.«كلاسسىك ئەدىبىياتتا مانى تەسۋىرى ۋە شىنجاڭدىن مانى دىنى رەسساملىرىنىڭبايقىلىشى» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" 1992- يىللىق 4- سان ).
141.«نەۋائىي مىسرالىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قىممىتى» (1) "شىنجاڭ گېزىتى"1991- يىللىق 5- ئۆكتەبىردىكى سانى ؛ (2) "قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىئىلمىي ژۇرنىلى" 1992- يىللىق 4- سان .
142. «تىل قۇدرىتى - تىل پەزىلىتى بىلەن» ("تىل ۋە تەرجىمە" ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).
143. «شەرق ئەدەبىياتىدىكى غايەت زور بايلىق "شاھنامە"» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1993- يىللىق 3- سان ).
144. «ئون ئىككى مۇقامدىكى 24 مەسىلە»("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى"1993-يىللىق1-سان)
145. «يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى»("شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" 1993-يىللىق 27-مارت سانى)
146. «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 1- سان ).
147.«ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە ۋە ئېقىملىرى» : ( بۇ ماقالە "ئۇيغۇر ئونئىككى مۇقامى" دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىلى نەشرى .
148. «يىپەك يولىدىكى يېڭى سەھىپە ۋە تۆگە قۇشى روھى» ("مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 1- سان ).
149. «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 2- سان ).
150. «مەنپەئەتدارلىق ئەخلاقى ۋە مەجبۇرىيەت ئەخلاقى» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق 16- فېۋرالدىكى سانى ).
151. «كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق 19- يانۋار سانى)
152. «لىرىك شېئىرىيەت ، مەپتۇنكار لەززەت» ("تەرىتاغ ژۇرنىلى" 1993- يىللىق 3- سان ).
153. «تۇپراقنىڭ مونولوگى» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1993 يىللىق 5- سان ).
154. «كۈسەن مەدەنىيىتنىڭ تارىخىي قىممىتى» ("ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى" 1993- يىللىق 23- ئۆكتەبىردىكى سانى ).
155. «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 5-، 6-سانلىرى)
156. «زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجى تەئرىپىدە» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1993- يىللىق 2- سان ).
157.«تارىخ تەتقىقاتىدىكى تېڭى مىتود - ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» (1) "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1993- يىللىق 2- سان ؛
(2) "شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1996- يىللىق 2- سان .
158. «ئىسلامىيەتىتن كېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇچۇرى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1994- يىللىق 2- سان ).
159. «ئۇيغۇر ئەجداتلىرىدا مەي مەدەنىيىتى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1994- يىللىق 1- سان ).
160.«ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىدىكى بىر قانچە مەسىلە» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1994- يىللىق 6- سان (خەنزۇچە).
161. «ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1992- يىللىق 17- نويابىرردىكى سانى ).
162. «غەربىي يۇرت مائارىپ تارىخىدىن بىر ئۇچۇر» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق ئاۋغۇستتىكى سانى ).
163. «مىللى مائارىپ ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق 29- ئىيۇلدىكى سانى ).
164. «ئوقۇغۇچى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانى)
165. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ غايىۋى جەمئىيەت مودېلى» ("شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1994- يىللىق 2- سان ).
166. «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مەشھۇر ئالىم - ئۇلۇغبىك» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"1994- يىللىق 27- دېكابىردىكى سانى ).
167. «مەنسۇر ھەللاجىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەكىس ساداسى» ("تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى 1995- يىللىق 3- سان ).
168.«يىپەك يولى تەتقىقاتىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى مەسىلىلىرى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىلىق 2- سان ).
169. «سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 3- سان ).
170.«غەربىي دىيار تىياتىر سەنئىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا بەزىقاراشلىرىم» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995-يىللىق 2- سان ).
171. «ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتى» ( بېيجىڭ: جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئاكادىمىيىسى"ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقاتى"ژۇرنىلى 1995- يىللىق خەنزۇچە 5- سان ).
172. «ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئەل - فەرغانە» ("شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 3- سان ).
173. «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمى دىن» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 3- سان ).
174. «يىپەك يولى ۋە سىلىشتۇرما ئەدەبىيات» ("تارىم" ژۇرنىلى 1995-يىللىق 6- سان ).
175. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 4- سان ).
176. «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى " ژۇرنىلى 1995- يىللىق 5- ، 6- قوشما سان ).
177. «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى»("شىنجاڭ تەزكىرىسى" ژۇرنىلى 1995-يىللىق 3-سان)
178. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" ژۇرنىلى 1995- يىلىق 4- سان ).
179. «مائارىپشۇناس ، مۇتەپەككۇر - سائىر خوجا نەزەر ھۈۋەيدە» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1997- يىللىق 2- سان ).
180.«"چىن" ۋە "ماچىن" ئىبارىسىنىڭ جۇغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرسى» ("شىنجاڭمائارىپ گېزىتى" 1996- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى سانى ).
181. «ۋاقىت ھەققىدە يېزىلغان ياخشى شېئىر» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1990- يىللىق 5- ماي سانى)
182. «ياتلاشقان ئىنسان ۋە ياتلاشقان ئەقىل - پاراسەت» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1995- يىللىق 5- سېنتەبىردىكى سانى ).
183. «سۈكۈنات» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1995- يىللىق 29- ئاۋغۇستتىكى سانى ).
184. «تەبەسسۇم» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1995- يىللىق 1- ئاۋغۇستتىكى سانى ).
185. «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ("تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى 1986- يىللىق تۇنجى سان ؛ 1987- يىللىق 1- ، 2- سانلىرى ).
186. «تەپەككۇر ئىقتقدارى ۋە تەپەككۇر قىممىتى» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1996- يىللىق 12- نويابىردىكى سانى ).
187. «ئەنقا يۇرتىدىكى ئەنقا - پىشۋا» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" 1996-يىللىق 1-سان)
188. «كومىراخىۋا» (كىنو سىنارىيىسى) ("شىنجاڭ مەدىنىيىتى" ژۇرنىلى 1995- يىللىق 1- سان).
189. «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1996- يىللىق 4- سان ).
190. «روھىيەت ۋە مەدەنىيەت» ("تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى 1996- يىللىق 6- سان ).
191. «ئۆمۈر تەلقىنلىرى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1997- يىللىق 1- سان ).
192.«دولان - قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ يىلتىزداشلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1998- يىللىق 1- سان ).
193. «بەدىئىي ئىجادىيەتتە ئاياللار تەسۋىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1999- يىللىق 1- سان ).
194. «ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھەردىكى ئويغىنىش» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 2000- يىلى 1- سان ).
195. «ئارىفنامە» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 2000- يىلى 4- ، 5- قوشما سان ).
196. «ئۇيغۇر مۇقام مەدەنىيىتنىڭ گىنېئالوگىيىلىك سىرى» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 2001- يىلى 3- سان ).


(4) ئالىمنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى


1. «چوغلۇق قىز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981- يىلى نەشر قىلغان.
2. «توققۇز نەزىم» مىلەتلەر نەشىرياتى 1987- يىلى نەشىرى .
3. «ئېستېتىكىدىن لېكسىيىلەر»1987- يىلى شىنجاڭ رادىئو-تېلۋىزىيە ئۇنۋېرسىتىتى باسمىسى .
4. «شىكىسپىر سونتلىرىدىن تاللانما».
5. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» "تارىم" 1984- يىلى 5 - سان .
6. «شاھنامە»(باشقىلار بىلەن) : شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 1998 - يىلى نەشىرى.


(5) نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرى:

1. «ھەمراھى غەزەللىرى»
2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان).
3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان، تاماملانمغان).
4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان).
5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان).
6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان).
7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان).
8. «ئاق توز» ( شېئىرلار توپلىمى، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان).
9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» (شېئىرلار توپلىمى، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان).
10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» (ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .
11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)


(6) ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى:

1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).
2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).
3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).
4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).
5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).
6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).
7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).


ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىلى 4- ئاي 1- نەشرى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:32:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ياد ئېتىمەن !

ئاپتۇرى نامەلۇم
  

مەن ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( تۆۋەندە قىسقىچە ئالىم دەپ ئىلىنىدۇ) بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست-بۇرادەر ئەمەس، خىزمەتدىشى ياكى شاگىرىتى ھەم ئەمەس، زاماندىشى ياكى يۇرتدىشى ھەم ئەمەس، ئالىم توغرىسىدا بىلىشىممۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەس، مەن پەقەت ئۇنىڭ نەۋرسى چاغلىق ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى، غايىبانە شاگىرىتى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ مەستانىسىمەن. مەن ئالىم بىلەن ئالىم ۋاپاتىدىن 6 يىل كېيىن ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى« يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» ئارقىلىق تونۇشقانتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىم بىلەن غايىبانە سىردىشىپ كەلدىم. مۇشۇ پەيىتتە ئالىم تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقى ھارپىسىدا ، ئۆزۈمنىڭ ئالىم بىلەن « تونۇشقان» دىن بۇيانقى روھىي كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە سېغىنىشىمنى ئىپادىلەشنى ئۆزۈمنىڭ تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزى دەپ ئويلىدىم. مەن تۆۋەندە ئالىمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ تەھلىل قىلىپ ئالىمنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى شەخسەن كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى نەزەر بىلەن نەزەر ئاغدۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.
1. ئالىمنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدىكى 17 يىل(1933-1950)
ئالىم بۇندىن 80 يىل مۇقەددەم يەنى 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەد دېگەن يۇرتتا مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئالىمنىڭ تەرجىمىھالىدىن ئايان بولىشىچە ئالىمنىڭ ئاتىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى، ئانسى ھەمرا خانىممۇ خىلى ئىلمىي چوڭقۇر تەقۋادار ئايال بولۇپ ئالىم مانا مۇشۇنداق مەرىپەت مۇھىتى قويۇق ئائىلە تەربىيسىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن. ئۇ ئىككى يېشىدىن باشلاپ ئاتا-ئانسىغا ئەگىشىپ، ئاتۇشتىن يولغا چىقىپ 10 يىلغىچە ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا يۈرگەن، ياشىغان. 1944-يىلى 11 يىشىدا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن، بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرى، مىجەزى، دۇنىيا قارىشى قاتارلىقلار ئاساسەن بالىلىق دەۋرىدە يىتىلىپ بولىدۇ، بىشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرى ئالىمنىڭ گۆدەك قەلبىگە چوڭقۇر ئىزنالارنى سالغان بولىشى، ئالىمنىڭ يۇقارقىدەك مول بولغان بالىلىق كەچمىش ۋە ئائىلە تەربىيسى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا مۇكەممەل ئۇل ھازىرلىغان بولىشى مۇمكىن، ئالىم مەيلى قايسى شەھەردە بولمىسۇن ئانىسى ھەمرا خانىم ئۇنى قىيىنچىلىقلار ئىچىدىمۇ تولۇق مەكتەپ تەربىيسىگە ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان. ئالتە يېشىدىن باشلاپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مۇكەممەل تەربىيەنى قوبۇل قىلغان، 1950-يىلى 17 يىشىدا ئىكىسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئىچكىردىكى بىرقانچە داڭلىق شەھەرلەرگە بارغان، بىزدە « شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قورق» دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە رايونىمىز ئىچى ۋە ئىچكىردىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈشى ئۇنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتسە، ياخشى ئائىلە تەربىيسى، پۇختا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيسى، بەلگىلىك دىنىي تەربىيە ئۇنىڭ بالىلىق ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرىدىلا ئەتراپلىق، ئۇنىۋېرسال ساپا، مول بىلىمگە ئىگە بولىشىغا سەۋەب بولغان. ھەم بۇ پۇختا ئاساس ئالىمنىڭ كىيىنكى ئۆمرىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە بىر ئۆمۈر خېمىرتۇرۇچ بولغان.
2 .ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى 7 يىل (1950-1957)
ئالىم 1950-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئالىمنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش، 19 يىشىدا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتتىنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قەدەم قويۇش قاتارلىقلارنى ئەلۋەتتە ئالىمنىڭ پۇختا ئاساسى، تېرىشىش روھىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز. ئالىم شۇ چاغقىچە ئۇيغۇر تىلىدىن سىرىت خەنزۇتىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن، ئەرەب تىلىدىن بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولغان، مۇھىمى ئۆتكۈر زېھنى ۋە تېرىشىش روھىغا ئىگە بولغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ساناقلىق ياش زىيالىيلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ مەكتەپنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن غەربىي شىمال ئىنىستىتۇتى ماركىسىزىم كافېدىراسىدا بىر يىل ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئوقۇيدۇ، بۇ قىتىمقى ئوقۇش ئالىمنىڭ بىلىمىنى موللاشتۇرۇش، تەتقىقاتقا كىرىشىش، دادىل ئىزدىنىشىگە يەنە بىر كۈچلۈك ھەيدەكچى بولىدۇ. لېكىن ھەممىگە ئايدىڭ بولۇشى كىرەككى شۇ چاغدىكى سىياسىي مۇھىت ۋە ئالىمنىڭ ماركىسىزىم كەسپىدە بىلىم ئىلىشى، كۈچلۈك تەتقىقاتقا ئىنتىلىش روھىي ۋە كەسكىن قارار قىلىش روھىي ئۇنىڭ يىرىم ئۆمىرىنى ماركىسىزىملىق تەتقىقات ئۇسۇلى بويچە تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت ئىلىپ بىرىشقا سەۋەپچى بولغان بولىشى مۇمكىن. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھاياتى ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغاندا چوقۇم مۇشۇ نۇقتىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك، بۇ ئالىمغا قارىتىلغان بىر قىسىم خاتا چۈشەنچىلەرنى يىشىپ بېرەلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىم بىر قاتار ئىزدىنىشلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، لېكىن بۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. ئۇزاق ھەم ئېغىر كۈنلەر ئالىمنى ئۆز قوينىغا ئالدى، ئۇنى تاۋلىدى، سىنىدى.
3. ئىستىل تۈزىتىش مەزگىلىدىكى 10 يىل (1957-1966)
نۇرغۇن سەركىلەر زەربىگە ئۇچىراپ كەتكەن ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش شامىلى ئالىمغىمۇ ناھايىتى ئاسانلا تەگدى. ئالىم 1957- يىلىدىن 1966-يىلغىچە ھىلى ئېغىر ئەمگەك ۋە رىجىم ئىچىدە ياشىسا، ھىلى نازارەت ئاستىدە خىزمەت قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئاران 3-4 يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئادەمنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، توسۇن ئاتتەك ئالدىغا ئۆزىنى ئىتىپ تۇرىدىغان 23 يېشىدىن 33 يېشىغىچە بولغان 10 يىل شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.بۇ مەزگىلدە كۆپ خورلاندى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدا ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىندى. ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ بىر ياخشى تەرىپى بولغاندەك، ئالىم بۇ مەزگىلدە سىياسىي سۈيقەستچىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدى، يەنى 1962-يىلدىن 1966-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا تۆت يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشنى تاماملىدى، مېنىڭچە بۇ تۆت يىل بىز ئالىمنىڭ ھاياتى، دۇنيا قارىشى ۋە ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشتا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان تۆت يىل. بۇ تۆت يىلدا ئالىم بىر تەرەپتىن ئېغىر ئەمگەك قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئاقىللىق بىلەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان نەچچە مىڭ پارچە كىتاب ئىچىدىن نۇرغۇن كىلاسسىكلارنىڭ ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان ئەسەرلىرىنى، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان دۇنياۋى نادىر كىتابلىرىنى ھەممىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىقتى، ئۆگەندى، نۇرغۇن ئۆگىنىش خاتىرىلىرىنى يازدى، بەلكىم شۇ چاغدا ئەنە شۇ قىممەتلىك كىتابلاردىن پايدىلىنىپ ۋە ئىلھام ئىلىپ ئىجادىي ئەمگەكلەرنىمۇ قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇ چاغلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەتبۇئات-نەشرىيات ئىشلىرى يەنىلا دەسلەپكى تەرەققىيات ھالىتىدە بولۇپ بۇنچە كۆپ كىتابنى ئوقۇش، ئۆگىنىش پۇرسىتى بەلكىم شۇ چاغدا ئالىمدىن باشقا ئىككىنچى بىر كىشىگە نېسىپ بولمىغان بولىشى مۇمكىن. يەنە كىلىپ ئۇيغۇرچە كىتابلار چەكلىك بولغان، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى تېخى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن شارائىتتا، ئالىم ئۆزىنىڭ تىل بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاشۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر كۆرۈرمىنى بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. يىغىنچاقلىغاندا بۇ ئون يىل، جۈملىدىن كىيىنكى تۆت يىل ئالىمنىڭ كىيىنكى تەتقىقات ، ئەمگەك مىۋىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە رولى زور بولغان يەنە بىر باسقۇچ بولۇپ قالدى دىيىشكە بولىدۇ.
4. مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى 10 يىل ( 1966-1976)
ئالىمغا كېلىدىغان كەلگۈلۈك ۋە ئوقۇيدىغان مەكتەپلىرى تېخى تۈگەپ قالمىغان ئىدى، 1966-يىلى پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە يامرىغان تەتۈر شامال ئالىمدىن ئىبارەت ئاغزىدە ئىلىمنىڭ چىشى بار كىشىنى ئەلۋەتتە ساق قويمىدى، ئالىم 33 يىشىدىن43 يېشىغىچە بولغان زېھنى ئەڭ ئۆتكۈر، پىشقان، بىلىمى تېشىپ تۇرغان پەيتىنى بىھۇدە قارا ئەمگەك ئىچىدە ئۆتكۈزدى، بۇ ھەقىقەتەن ئالىمنىڭ تىراگىدىيىسى شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ تىراگىدىيىسى بولۇپ قالدى. بۇ ئېغىر كۈنلەرنى ئالىمنىڭ نىمىگە ئۈمىد باغلاپ، نىمىنى روھىي ئوزۇق قىلىپ ياشىغانلىقىنى، ئايىغى چىقمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ مۇدىھىش كۈنلەرنى قانداق تۈگىتىپ بولغانلىقىنى شۇلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئاتىلىرىمىز بىلمىسە بىز تەسەۋۋۇرغا ئاجىزلىق قىلىمىز. شۇنداق كۈنلەردە ئالىم ئۈمىدسىز ياشىمىدى، بەلكى ئوغۇرلۇقچە تىقىپ يۈرۈپ يەنىلا بىر قاتار ئىلىمىي ئەمگەكلەرنى قىلدى، بۇ نۇقتا مۇدھىش ئون يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئارقىمۇ ئارقا نەشىر قىلىنغان بىر قاتار كىتابلىرى ۋە ماقالىلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىسپاتىنى تاپتى. ئۇنىڭ 1980-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بىر قاتار ئەمگەك مىۋىلىرى ھەرگىزمۇ شۇ بىر نەچچە يىلدا يېزىلىپ پۈتكەن بولماستىن ئاشۇ 20 يىللىق ئوڭچى ھېسابلىنىش تارىخىدا يىلىغا بىردىن دېگۈدەك يېزىلغان ئەسەرلىرى ئىدى.
5. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كىيىنكى11 يىل ( 1977-1988)
ئالىم ئۇزاقتىن بۇيان زارىقىپ كۈتكەن كۈنلەر ئاخىرى ئۆزىنى كۆرسەتتى، 1976-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئالىمغىمۇ قۇياش ئۆز نۇرىنى چاچتى، ئەركىن نەپەس ئىلىشقا ، ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا مۇيەسسەر بولدى، ئاشۇ مۇدھىش يىللاردا قويۇن دەپتىرىگە ، پارچە قەغەزلەرگە يېزىپ، يىغىپ توپلىغان ئەسەرلىرىنى تۈپلەپ، تۈزىتىپ ئارقىمۇ-ئارقا نەشىر قىلدۇردى، بۇنىڭغا دوستلىرىلا ئەمەس، دۈشمەنلىرىمۇ ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭ قالدى، شۇ چاغلاردا جەمىئەتتە كۆتۈرۈلگەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قىزغىنلىقىدىن ھەتتا بەزى سەزگۈر مىجەزلىك كىشىلەر چۆچۈپمۇ ئۈلگۈرگەن بولىشى مۇمكىن. 1978-يىلى ئۇنىڭ مائاشى، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئۇ مۇنبەرگە قايتىپ كەلدى، ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى، خاتىرجەم خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىدا ئوقۇتۇش، زىيارەت، تەتقىقات، ئىزدىنىشنى باشلىۋەتتى. لېكىن ئالىمنىڭ مۇشۇ ھايات باسقۇچىدا يەنە دىققەتنى تارتىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى ئالىمنىڭ ئۆزگىچە پىكىر قىلىش، ئىزدىنىش ئۇسۇلى ۋە تەتقىقات مېتودى، تەتقىقات ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئاسانلا تۈلۈك ئېزىملار قاينىمىغا باغلىنىپ قالىدىغان زىيالىيلار ، ئەرباپلار توپى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. قىسمەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى ھەتتا بەزى قەلەمكەشلەر ئالىم ئۈستىدىن مەسخىرە، ھەجىۋىلەرنىمۇ قىلىشقا ئۈلگۈردى. بەلكىم شۇ بىر قاتار ئىشلاردىن تۈپەيلى ياكى ئالىم بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشتىن كەلتۈرۈۋاتقانلىقى تۈپەيلى بولسا كېرەك شۇ بىر مەزگىلدە ئالىمنىڭ يىڭى ئىجادىيتى ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا يېڭىدىن مول-ھوسۇل پەللىسى يارىتالىدى.
6. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى 7 يىل ( 1988-1995)
1988-يىللاردىن كىيىنكى ئۆزىدىكى بىر قاتار روھىي كەچۈرمىشلەرنىڭ تەسىرىدە ئالىم قايتىدىن چاقنىدى، ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان ئۆلمەس ئەسىرى« ئۆمۈر تەلقىنلىرى» ئېيتىلغىنىدەك، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەنقىدى قاراپ چىقتى، ئۆز ئۆمرىنى قايتا بىر تارازىغا سىلىپ چىقتى، روھىغا چوڭقۇرلاپ چۆكتى، تۇغۇم ۋە ئۆلۈم ھەققىدە ئېغىر مۇلاھىزىلەرنى قىلدى، ھاياتنىڭ قىممىتىگە باھالىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ھەم كۆز ئالدىدىكى ئەمەلىي رىئاللىققا قايتىپ كىلىپ ئۆز خەلقى، مىللىتى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا مىللەتنىڭ ئىللەتلىرى، خىسلەتلىرى، تەرەققىيات پۇرسەتلىرى ۋە كرىزىس توغرىسىدا ھەقىيقى ئالىملارغا خاس ئىلمىي پەرەز، چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىلىرى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. لېكىن بۇ دەۋىرنىڭ ئۆمرىمۇ يەنىلا قىسقا بولدى، بالىلىقىدىن ھىساپلىغاندا ئۆمرىنىڭ قاق يېرىمىنى جاپادا، قېقىلىپ سوقۇلۇشتا ئۆتكۈزگەن ئالىم، ئۆزى ئىيىتقاندەك ئارىفلىققا قەدەم ئىلىۋاتقان كۈنلىرىدە ، ھەقىقەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقان كۈنلىرىدە، بەلكىم ئۆز كۆڭلىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمگەكلەر بىلەن ئۆز ئۆمرىنىڭ مەنىسىنى بېيىتىشنى پىلانلاۋاتقان كۈنلىرىدە، ئېرا بوسۇغىسىدىن ئاتلاش شەرىپىنى كۈتىۋاتقان كۈنلىرىدە، ئۆزىنىڭ بوۋىسى ياشلىق كىشىلەر خاتىرجەم ياشاۋاتقان كۈنلەردە ئەجەلنىڭ چاقىرىقى كىلىپ بىز بىلەن ۋىدالاشتى. يەنى ئىنسانىيەت ئىككىنچى مىڭ يىلدىن ئۈچىنچى مىڭ يىلغا ئاتلاشقا ئاران بەش يىل قالغاندا، 1995-يىلى -ئاينىڭ – كۈنى زىققا كىسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى.
دېمەك شۇ مىنۇتتا ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۆزلىرىدىن 50 يىل ئالدىغا كەتكەن « كاساندىرا» دىن ئايرىلىپ قالدى، ئۆزى باھا بىرىشكە قۇربى يەتمىگەن ئالىمدىن ئايرىلىپ قالدى، بىر تىرىك قامۇس، بىلىم خالتىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، بەلكىم ئالىم ھازىرغىچە ھايات بولۇپ 80 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسا ئىلىم ساھەسىدىكى ئەربابلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسدا ئولتۇرغان بولاتتى، نۇرغۇن مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن زىيالىلار قوشۇنىنى ئۆزىنىڭ كەسكىن، ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن بىر يەرگە يىغقان بولاتتى. يەنە 50 يىلدىن كېيىن دىيارىمىزدا قانداق ئىشلار بولىدىغانلىقىنى نەۋرىلىرىگە ئىيتىپ بەرگەن بولاتتى. بەلكىم...
ئەپسۇس، ئالىم ئۈن-تىنسىزلا كېتىپ قالدى، ئۆزىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ھېس قىلغۇچىلىكى يوق نادانلار ئارىسىدا تۇرغۇسى يوق كېتىپ قالدىمۇ ياكى ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەت ئىچىدە كېتىپ قالدىمۇ بۇ بىزگە نامەلۇم.
ئالىمنىڭ ھاياتى توغرىلىق بىز پەقەت ئىككىنچى قول ماتىرىياللارغا ئېرىشەلەيمىز، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بەزى تەپسىلاتلار ياكى شۇ چاغلاردىكى قەلىمى ئاكتىپ قەلەمكەشلەرنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق ئالىمنىڭ كەچمىشلىرى بىلەن تونۇشۇپ كېلىۋاتىمىز. بەزى مەدىھە ماختاشلارنى ئاڭلاش بىلەن بىللە يەنى ئالىمنىڭ نەتىجىسى ۋە شان-شەرىپىگە كۆز يۇمىدىغان، ياكى ئىنكاس بىلدۈرمەي سوغۇق سۈكۈت بىلەن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان تالاي كىشىلەرنى ئاڭلىدۇق، كۆردۇق. ھىچكىمنىڭ ئالىم، ئەدىبلەرنى دەرىجىسىنى بىكىتىشكە قۇربى يەتمەيدۇ، بۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس، لېكىن مەيلى قانداق غەرەز يوشۇرۇنغان بولمىسۇن ئالىمنىڭ شانلىق ھاياتى، جاپالىق ئىشلەپ ياراتقان مەنىۋى ئەمگەك مىۋىلىرى ۋە مىللەت ئۈچۈن سوققان يۈرىكىنى ھىچكىمنىڭ كۆرمەسكە سېلىۋېلىشىغا ھەتتا غاجىلىشىغا ھەددى ئەمەس.
بىزدە ئالىملار ئىشىپ-تىشىپ تۇرغىنى يوق، بىز كۈچلۈك ئالىم قەھەتچىلىكىدە تۇرۇۋاتىمىز، بولۇپمۇ مەرھۇم ئالىمغا ئوخشاش ھوسۇللۇق ، پىدائىي كىشىلەرگە زار بولىۋاتىمىز، شۇ تاپتا بىزدە ئالىمنىڭ يازمىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ قىلماي، چاسا شەكىللىك دوپپىنى كىيىۋىلىپ ئالىملىق داۋاسى قىلىۋاتقانلار، يۈرىكى خەلق ئۈچۈن ئەمەس، ئىجادىيەت، ئىختىرا ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقى ئۈچۈن كۆيىدىغان ساختا ئالىملىرىمىز ئەۋج ئىلىپ كەتكەن دەۋىردە بىز ئالىمنى سېغىنىشقا، ئەسلەشكە تېخىمۇ موھتاج بولىمىز.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتى گۈزەل بىر ھاياتلىق سىمفونىيەسى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنتايىن مول-ھوسۇللۇق ھايات، ئۈمىدۋار ھايات. مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۇ بىز بىلەن ۋىدالاشقىلى ئاللىقاچان 18 يىل بولدى. لېكىن ئالىمنىڭ ئىيىتقان ھەربىر جۈملىسى خۇددى پەرىشتىنىڭ پىچىرلاشلىرىدەك قۇلاق تۈۋىمىزگە كۈنسېرى يېقىنلاۋاتىدۇ، قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلىرى كۈنسېرى چاقناۋاتىدۇ. ئۇ ياشاشقا تېگىشلىك يېشىنى ياشىدى، ساز ياشىدى، بىزنى ئارماندا قالدۇرۇپ بۇرۇنلا كېتىپ قالدى. ئالىم خۇددى مۆمىن بەندە ئاللاھقا سېغىنغاندەك ئۆز خەلقىگە سېغىندى، قىممەت قارىشى چېرىپ كەتكەن، ئۆز يولىغا توختىماي ئورەك كولاۋاتقان مىللەتداشلىرى ھالىغا ئېچىنىپ تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ھىدايەت يولىنى تېپىلىشىنى تىلەپ تۇرۇپ، ئۇلارنى سۆيدى. يەكلىنىۋاتقان،تاشلىنىۋاتقان، مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەيۋاتقان شارائىتتىمۇ خۇددى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا مەغرۇر ئۆسىدىغان توغراق، يۇلغۇنلاردەك ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جار سىلىپ ياشىدى. ئالىم ئۆز ئۆمرىنىڭ مەنىسىنى بىز كۈندە غەم قىپ، ئويلاپ يۈرىدىغان سەۋەب-نەتىجە، ئاش-پۇل ئىچىدىن ئەمەس ھەقىيقى ئىلمى ئەمگەكلەر ئىچىدىن ئىزدىدى، ئۇ قىتىرقىنىپ ئۆگەندى، ھارماي ئۆگەندى، ئۆگىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى ھەممىنى ئۆگەندى، يىرىم چېلەك سۇ بولۇپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگەندى، كەسكىن ئىلمىي ھۆكۈملىرى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە ۋە دۇنيا نوپۇزىغا يۈرەكلىك تەنقىد ياغدۇرۇشقا پېتىندى....
ئۇ نۇرغۇن ساھەدە ئىزدەندى. دىن، پەلسەپە، كلاسسىك ئەدەبىيات، كلاسسىك مۇزىكا، 12 مۇقام ، تاشكېمىر سەنئىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا مىللىتىمىز ئىچىدە تۇنجى بولۇپ يول ئاچقۇچىلىق رولىنى ئۆتەپ ئىزدەندى، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرىدا دېگۈدەك ئەسەر يازدى. بۇ جەھەتتە ئالىم ھەقىقەتەن كۆپ قىرلىق ئىلىم ئىگىسى سانىلىشقا مۇناسىپ، مەن بۇ يەردە قاراملىق بىلەن شۇنى دېيەلەيمەنكى: تارىخىمىزدا فارابىدىن كېيىن ھازىرغىچە تېخى بۇنداق كۆپ قىرلىق ئالىم بىزگە نېسىپ بولمىدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئالىم ئىزدەنگەن نۇقتىلاردا ئىزدەنمەكچى بولغانلار تەبىئيىكى ئالىم قالدۇرغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى، تۇنجى رۇبائىيلار توپلىمى، تۇنجى شېئىرىي رومان ئالىمنىڭ قولىدىن چىقتى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ چېتىلىش دەرىجىسىنىڭ كەڭلىكى، پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ ، نەقىل مەنبەلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئىلمىيلىكى ۋە ئاساسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، تىلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاللىقاچان ئۇيغۇر ئالىم ، تەتقىقاتچىلارغا ئاسان يەتكىلى بولمايدىغان بىر پەللە ياراتتى، بۇ پەللىنىڭ دەرىجىسىنى يەتمەكنىڭ قىيىنلىقىنى بۈگۈنكى كۈندىكى پەن-تېخنىكا خىلىلا تەرەققىي قىلغان كۈنلەردە بىرەر پارچە ئىلمىي ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇش نۇرغۇن جاپالارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان زىيالىيلار قوشۇنى ھېس قىلالىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا مۇشۇنداق دەلىللەر ئالدىدا بىر قىسىم ماڭقۇرۇتلارنىڭ ئالىمنىڭ ئۆمرىدىن قۇسۇر ئىزدىشى ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا ياخشى گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىشى نېمە ۋەجدىنكى؟!ئۇلار ئالىمنى ئاشۇنداق ئېغىر ۋە جاپالىق ھايات باسقۇچلىرىدا قىلغان ئەمگەكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كۆككە كۆتۈرۈشكە نېمىشقا رايى يوقكىنا؟! ئۇلار ھىچبولمىسا دىنىي قائىدىمىز بويچە ئۆلگەن كىشىنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدىكىنە؟! كۆپ كىچىككەن بولسىمۇ بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرسەك بولارمىكىن؟!
ئالىم ئەمدى بولسىمۇ تېگىشلىك شەرەپكە،مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشىشى ھىچبولمىسا ئۇلۇغلىرىمىزنى سانىغاندا ئىسمى ئالدى رەتتىن ئورۇن ئىلىشقا مۇيەسسەر بولىشى كېرەك.ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ، نەشىر قىلىش كېرەك، يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى، ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە تېگىشلىك ئىزدىنىشلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك. ئالىمنىڭ بىر ئۆمۈر تەتقىقات ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك پىداكارانە روھىنى، تىرىشچانلىق روھىنى، جاپاغا چىداش روھىنى ئۆگىنىشىمىز، كېڭەيتىشىمىز زۆرۈر. بۇ توغرىدا يالقۇن روزى قاتارلىق ساناقلىق كىشىلەر بىر قاتار ئىشلارنى قىلدى، لېكىن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، ئالىمنىڭ نەشىرگە تاپشۇرۇلمىغان ھەربىر جۈملە سۆزىنىمۇ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش، ئالىم ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ماقالە-ئەسەرلەرگە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىز مەرھۇمنىڭ روھىنى خاتىرجەم قىلالايمىز. ناھايىتى ئېنىقكى بۇ ئىشلارنى ئىشلەش قانچە كەينىگە كېچىكتۈرۈلسە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ ھەم ئەستىن كۆتۈرىلىدۇ.
ئالىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:32:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە

- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.

ئاپتور: ئېلشاد رەخىم



تۈركلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگىدۇر.ئۇلار دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.《‹تۈرك› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە قارىتا ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار.بىر خىل قاراشتىكىلەر تۈركلەر قەدىمدىن ئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) نىڭ كۈنگەي تەرىپىدە ياشىغان،ئالتۇنتاغنىڭ شەكلى ‹تۈركە› (دوبۇلغا،قەدىمكى دەۋىردىكى ئەسكەرلەرنىڭ باش كىيىمى) گە ئوخشايدىغان بولۇپ،تۈركلەر مۇشۇ نام بىلەن ‹تۈرك› دەپ ئاتالغان دەپ قارايدۇ،خەنزۇچە قەدىمكى كىتابلاردا كۆپرەك مۇشۇ خىل قاراش ياقلىنىدۇ؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر ‹تۈرك› دىگەن سۆز ‹قۇدىرەتلىك›،‹قەيسەر›،‹ئىجادجان›،‹پىشقان›،‹گۈللەنگەن› دىگەن مەنىلەردە دەپ قارايدۇ،بۇ خىل قاراشنى ياقلىغۇچىلار كۆپىرەك تىلشۇناسلاردۇر.يېقىنقى يىللاردىن بىرى يەنە ‹تۈرك› پەقەتلا بىر سىياسىي نام،ھېچقانداق مىللەت مەنىسىگە ئىگە ئەمەس،دەيدىغان يەنە بىر خىل قاراش مەيدانغا كەلدى.》【1】

بۇ ماقالىدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈرك قارىشى بىلەن ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى سىلىشتۇرما قىلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزدە تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقات باشقا ئەللەردىن كىيىن باشلانغان.ئازادلىقتىن كىيىن سىن جوڭمىيەن،ماچاڭشۇ قاتارلىقلار قىسقىچە تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بارغان.80-يىللاردىن كىيىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما كۆز-قاراشلار قېلىپلىشىپ قالغان.كىچىك جەھەتتىكى پەرقلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تەتقىقاتتا زور ئۆزگىرىش بولمىغان.تەتقىقاتچىلار ئاساسەن خەنزۇچە قەدىمكى مەنبەلەرگە تايانغان بولۇپ،ئارخىئولوگىيلىك پاكىتلار ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى بويىچە تەتقىقات ناھايىتى ئاز بولغان.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》(تۇران تارىخى) دا نۇقتىلىق ئەكىس ئېتىدۇ.تۆۋەندە بىر قانچە خىل قاراشلار نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇلىدۇ.

1.تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى

دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق تەتقىقاتچىلار خەنزۇچە مەنبەلەردە ساقلىنىپ قالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسەن،تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى دىڭلىڭلار،قاڭقىللار (تېلېلار) دەپ قارايدۇ.ھەم بۇ قارىشىنى مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق تېخىمۇ دەلىللەيدۇ.【2】مۇسۇلمان تارىخچىلار قالدۇرغان يازمىلاردا بولسا《تۈرك-يافەس ئوغلى تۇر》دۇر دەپ قارىلىدۇ.《شەجەرەئىي تۈرك》،《تارىخى ھەمىدىي》قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدۇر.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا:《مەركىزى ئاسىيادا نۇرغۇن تارىخى قىسمەتلەر چۆكمىگە ئايلاندى.ئەمما مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى مىللىيەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تارىخى ياراتقاندىن كېيىن،ئۇ ئاق جىنسلىق ئارى①-ساك خەلقلىرى بىلەن،ساكلارنى ئاساس قىلىپ،قىسمەن موڭغۇلوئىد (سېرىق جىنىس) خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت سەھنىسى بولۇپ كەلدى.مېنىڭچە،مەركىزى ئاسىيا تۈركىي قوۋملىرىدىن ئىبارەت ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يىراق ئەجدادلىرى ئاساسىي ئېتنوگېنىز جەھەتتىن يەنىلا مەركىزى ئاسىيا ئاندرونوپ-ئارى،سىكىتاي-ساكلاردىن ئىبارەت بىرلەمچى ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت.بۇ ئىككى خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركىزى ئاسىيا ئاق جىنىس ئىنسان تۈركۈمىنىڭ مىلادىىدىن ئىلگىرىكى 6-7مىڭىنچى يىللاردىن مىڭىنچى يىللارغىچە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مىلادىىدىن كىيىنكى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىنىكى تۈركىي ئەۋلادلىرىغا بولغان مۇناسىۋىيتى دىيىش مۇمكىن.بۇ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ قىسمەن قوۋىملىرىدىكى پارالىلل زامانداشلىققا قاراپ،ئۇلارنى پۈتۈنلەي تارىخى مەنبەداشلىق ئالاقىسى بولمىغان باشقا-باشقا ئىككى خەلق قىلىپ قويۇش تارىخى چىنلىققا زىتتۇر.بۇ يېقىنقىي بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مەركىزى ئاسىيانىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەركىزى ئاسىياسىي،تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تۈركىي خەلقلەر ھەقىقىي ئېتنولوگىيلىك مۇجەسسەم گەۋدىسىگە ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاق جىنىسلىق ئەجدادلىرى بولغان ئارى-ساكلارنى (جۈملىدىن دىڭلىڭ،ئۇجىيە،توخار ۋە سوغدىلارنى) ئۆزلەشتۈرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەۋلادى-ۋارىيانتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت》【3】دەپ خۇلاسىلەيدۇ.ئالىمچە،ئارىئان-ساكلار《ئاۋېستا》دا كۆرسىتىلگەن،تۇران ئېلىدە ياشايدىغان جەڭگىۋار تۇرلار بولۇپ،بۇ كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن《يافەسنىڭ ئوغلى تۇر》بىلەن زىت ئەمەس.

2.تۈرك ئىبارىسنى چۈشىنىش

ئىلىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئىبارىسىنى چۈشىنىشتە،مىلادىيە 552-يىلى ئىلىك ئارسىلان تۇمانخان تەرىپىدىن ھازىرقى موڭغۇل-تاتار دالاسىدا قۇرۇلغان كۆكتۈرك خانلىقى بىلەن ئۆلچەيدۇ.2009-يىلى نەشىر قىلىنغان،شۈ لىلىي(徐黎丽) باش بولۇپ تۈزگەن《تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى تەتقىقاتى》(突厥人变迁史研究) ناملىق كىتابتىمۇ شۇنداق كۆرسىتىلگەن.【4】ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا،تۈرك ئىبارىسنى ئۈچ قاتلام-ئۈچ كاتېگورىيە بويىچە پەرقلەندۇرۇش لازىم،دەپ قارايدۇ.《بىرىنچى،‹تۈرك› ئىبارىسىنى ھازىرقى زامان تۈركلوگلىرى ئۇرقۇن ئابىدىللىرى قاتارلىق يازما مەنبەلەر بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىكى ‹تۈرك›،‹تۈركىي› ئىبارىسى مەسىلىسى.ماھىيەتتە بۇ تىل،مەدەنىيەت،تارىخى قانداشلىق ۋە نومۇس-ئىپتىخار ئورتاق چەمبىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.ئىككىنچى،‹كۆكتۈرك› خانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە كىرىپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلەشكەن ھاكىمىيەت شەكلى.بۇ ھاكىمىيەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇنجى خانلىقى ئەمەس،ئەلۋەتتە.ھونلارمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى.ھونلاردىن ئىلگىرىمۇ بىر قەدەر كىچىكىرەك ‹دىڭلىڭ ئېلى›،‹خۇجىيە ئېلى›،‹ئاراغول ئېلى› (中山国)،‹كۇيفاڭ›،‹تۇفاڭ› قاتارلىق ھاكىمىيەت ۋە قورغان-قەلئە ھاكىمىيەتلىرى بولغان.بۇنىڭدىن باشقا،ھونلار بىلەن كۆكتۈرك خانلىقى پۈتۈن تۇران زونىلىرىدا ياشايدىغان ئۈچ چەمبەر (شىمالىي،غەربىي،شەرىقى تۇران) تۈركىي قەبىلىلەرنى تامامەن بىرلەشتۈرۇپ بولالىغانمۇ-يوق،بۇ تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە.ھونلار راسا كۈچەيگەندە،بىر قىسىم توخارلار كۇشان ئىمپىريىسى قۇرغان بولسا،كۆكتۈرك خانلىقى غەربىي،شەرىقى خانلىقلارغا بۆلۈنگەندىمۇ كاۋكاز-دېنىپىر ئارىلىغا،شەرىقى ياۋرۇپاغا كەتكەن ھون-ئاۋار تۈركلىرىنى باشقۇرمىغانىدى.ئۈچىنچى،ئەڭ قەدىمكى تۇرانىيلارنى-ئاندرونوپ ساكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.ئۇلار ھون خانلىقىدىن ئىلگىرى ‹دى›،‹زەي›،‹تۇفاڭ› (土方)،‹جىن› (禁,真 )،‹جۇلى› (株离)،‹لىن لى› (林离) ناملىرىدا،جۈملىدىن ‹تۇران› نامىدا ئەپراسىياپ ھاكىمىىتى شەكلىدە ساقلانغان.ئەپراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا،فرانزاسىيان) نامى ‹تۇر› نامى بىلەن ‹ئاۋېستا› دا ئۇچىرايدۇ.يەنە ئۇ ئىران شاھى كەيخۇسراۋ بىلەن ئەپراسىياپ جەڭلىرى سۈپىتىدە خەلق ئارسىدا كەڭ ساقلانغان ۋە ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسىنىڭ ‹شاھنامە› سىگە ئاساس سالغان.بىز خوتەندە ساقلانغان ۋە شۇەنزاڭنىڭ ‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋىرىدە غەربكە ساياھەت› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن پىلە قۇرتىنىڭ ‹شەرىقى تۇ ئېلى›(东土国 )دىن كەلتۈرۈلگەنلىكى رىۋايىتى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭدىكى ‹تۇر› (مەسلەن:‹پالۋانتۇر› قاتارلىق ئىگىز تۆپىلىك ياكى ئىستېھكام،قاراۋۇل تۇرلىرى) ناملىرىنىڭ كەڭ قوللىنىلشى،بىزگە ‹تۇر›،‹تۈرك›،‹تۇران› مەنىلىرىنى ئەسلىتىدۇ.بەلكى قەدىمكى ‹تۇرانىيلار› شەھەر-قەلئەلىرى ‹تۇر› ئىبارىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتالسا كىرەك.》【5】

ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى بويىچە تەتقىق قىلىش قارىشى،ئىنسانىيەت مەنبەسىنىڭ بىردەكلىكى قارىشى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەر تارىخ قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ تۈرك چۈشەنچىسىنى تارىخى نۇقتىدىن مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:《1)تۈركىي خەلقلەر مەركىزى ئاسىيادىكى ئارىيانلارنىڭ ئۆزگەرگەن-موڭغولوئىد ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن ئانتروپولوگىيلىك شەكلىدىن ئىبارەت؛2)تۈركلەر ئىرق تىپى جەھەتتە موڭغولوئىد خەلقلەرگە ئەمەس ئارىيان-ساكلارغا،شەرىقى جەنۇنىي ئاسىيا ئىرقىغا ئەمەس،كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە يىقىن تۇرىدۇ؛3)تۈركلەر ھونلاردىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن،مەركىزى ئاسىيادىن كەڭ بولغان پۈتكۈل تۇران-مەركىزى ئاسىيا،سېرىق دەريانىڭ يۇقىرى رايونلىرىدا،يەنى شىمالىي،غەربىي ساھىلنىڭ كۆپچىلىك رايونلىرىدا ياشىغان؛4)ھونلار تۈركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزى ئاسىيادىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى شەكلىدىن ئىبارەت؛5)موڭغولوئىد تەسىرى بارلىق ئارىيان-قەدىمكى تۈركىي قەبىللەردە بىردەك ئىپادىلەنگەن ئەمەس.تۈركلەشكەن موڭغولوئىدلار بولۇشىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا،بىز توقبات ۋە قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ شەرىقى تەرەپتە) كۆپرەك ۋە بىۋاستە ئۇچىرىغانلىقىنى،ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ غەربىي تەرەپتە) ئازراق ۋە ۋاستىلىق ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرىمىز؛6)قەدىمكى دىڭلىڭلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئارىيان-ياۋرۇپا جىنىسىنى نىسپىي ساقلىغان ھالدا تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛7)ئەڭ قەدىمكى ئاندرونوپ-قاراسۇق-تاكار-تەڭرىتاغ-تارىم-تاشتىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋارىسى دىڭلىڭ-گۇشى (خۇجىيە) ئۇيغۇرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە سىياسىي ھاياتىدا،تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.》【6】

3.تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى قارشى

دۆلىتىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئۆزگىرىش تارىخىنى ئوبىكتىپ باھالايدۇ.ئۇلارنىڭ پىكىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا،شەرىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن،ھەر قايسى قەبىلىلەر ئوخشىمىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى،تارىختىكى تۈركلەرگە سىلىشتۇرغاندا،زىمىن،تىل،ئىگلىك شەكلى،ئۆرپ-ئادەت،جىسمانىي ئالاھىدىلىك ھەتتا دىننى ئېتىقادتا ئاسمان-زىمىن ئۆزگىرىش بولدى،تارىخ ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن،بۇنىڭدىن ساقلانغىنى بولمايدۇ،مىللەتنىڭ ئۆزگرىشى مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلشى ۋە مەۋجۇدلىقىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى،دەپ قارايدۇ.【7】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ مەسىلىگە كەڭ دائىرىدىن باھا بېرىدىغان بولۇپ،تارىخى مۇقەررەلىك نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلمايدۇ.بىر قاتار سىياسىي،ئىجتىمائىي ۋە جوغراپىيىلىك سەۋەپلەرنى نەزەرگە ئالىدۇ.ئۇنىڭچە،《تۈركىي خەلقلەر ھازىرقى زامان بىر پۇتۇن (بىر گەۋدە) مىللىتى بولۇپ چىقمىدى.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىچكى پارچىلىنىشى،تولا يۆتكىلىشى،شۇنداقلا قاراخانىيلار زامانىدا ‹تۈرك› ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ،‹تۈرك تىلى› (تۈركىي تىل ئەمەس) شەكىللەندۇرۇش ھەركىتىنىڭ قىدان (قارا خىتاي)،چىڭگىزخان،جۇڭغارلار تەرىپىدىن بىر قانچە قىتىملىق پارچىلىنىپ كېتىشى،ئوغۇز سالجۇقلىرىنىڭ كۆچۈشى قاتارلىقلار سەۋەب بولدى.》【8】ئۇ يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچكى ئىتىتىپاقسىزلىقى،ئۆز بىشىمچىلىقى،روھى جەھەتتىكى مەنىۋىي ئاجىزلىقلىرىنى تەكىتلەپ:《تارىخ پات-پات مەركىزى ئاسىيادا بىرەر مىللەتنى ئاساس قىلغان پارچە ھاكىمىيەتچىلىكنىڭ يۈز بېرىپ كەلگەنلىكىنى،بۇ پارچە ھاكىمىيەت ئاقساقاللىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ گۈركىرەشكەنلىكلىرى بىلەن،ئۇلارنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنى ئارقا تېرەك قىلىش،ئۇلاردىن مەلىكە ئىلىپ قۇدىلىق مۇناسىۋىتى ساقلاش،ئۇلارنىڭ بەرگەن ئۇنۋانلىرىنى ياكى نەسەپ ناملىرىنى ئۆزىگە تىل تۇمار قىلېۋىلىش خاھىشىنىڭ بىللە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇردى.خوتەن خانلىرىنىڭ ‹لى› فامىلىسىنى،قاراخانىيلار ئىلىك خانلىرىنىڭ ‹تاۋغاچ› نامىنى،بابۇرىيلار ئىمپېرىيىسى پادىشاھلىرى ۋە سەئىدىيە خانلىرىنىڭ ‹موغۇل› نامىنى قوللىنىشى ئەنە شۇ ھەم پارچە مۇستەقىل ھاكىمىيەتچىلىك ھەم بېقىندى روھىيەت زىددىيتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.ئوتتۇرا ئاسىيا،قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سوۋىت روسىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنكى روھىي ھودۇقۇشلىرىدىمۇ بۇ ھادىسە تەكرارلاندى.》【9】دەيدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى ئۇنىڭ مىللەت ۋە قىممەت قارشىغا ئاساسلانغان بولۇپ،بىر پۈتۈن تارىخ قارىشىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت.ئەلۋەتتە،بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

2013-يىلى 17-ئىيۇل،قورغاس.

نەقىل مەنبەلىرى

【1】ليۇ شىگەن:《تۈرك قاغانلىقى تارىخى》(ئەخمەتجان مۆمىن تەرجىمە قىلغان)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى 1-بەت.

【2】لىن گەن:《تۈرك تارىخى》(يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى.

徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。

【3】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى مۇقەدىمە 10-11-بەتلەر.

ئارى①-گرىكچە كۆپلۇك مەنىسىدە 《ئارىيان》دەپ ئاتىلىدۇ.

【4】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,5،4页,民族出版社,2009。

【5】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 114-115-بەتلەر.

【6】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 124-125-بەتلەر.

【7】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。

【8】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 125-بەت.

【9】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى552-بەت.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:33:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق چاچلىق بىر ئالىم چۈشۈمدە ھامان!

(مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىغىغا)

قاراخان

بەختلىك ئۆتتۈڭمۇ ئۆيۈڭدە ،ئەلدە،
بۇ بىزگە قاراڭغۇ زەبەردەست ئالىم.
كىم سېنى ئىتتىردى دىسەم ئەجەلگە،
سەن دىدىڭ ‹‹نادانلىق››ئۆسەكچى زالىم.
تەگدىمۇ دىسەممەن ئىمانىڭ چەلگە،
دىدىڭسەن ئۇ داغقا چىدىماس بېتىم.

ھاياتلىق كانىنى قازغاندا تىنماي،
تۆپەڭدە پىتنىخور ئاچتى يەرمەنكە
بەزىلەر ئورىمۇ قازدى ئۇخلىماي،
سەن ئاچقان راۋان يول،يېشىل چىمەنگە.
چاپلاشتى ساڭا كۆپ مەلئۇن رۇدىپاي،
سەن ئۇنى ئورىدىڭ يالقۇن كېپەنگە.

باستى كۆپ سەۋدالىق ئەلىمى سېنى،
تەئەججۈپ ئەيلىدىڭ ئۇنىڭغا يارقىن.
ھەركىمنىڭ كۆرسىتىپ قويدۇڭ رىسقىنى،
زاۋالدا قالغانغا بولدۇڭ نۇر - چېقىن.
سەن بولدۇڭ تارىمنىڭ زۇمرەت تاشقىنى،
سەن بىلەن ئۆركەشلەپ ئاقتى روھ ئېقىن.

قەدىمجاي سېنىلا تۇغقاندەك پەقەت،
ئېغىر يۈك يەلكەڭنى باستىغۇ بەتتەر.
سەن بىلەن ئېچىلدى ئەلدە پاراسەت،
سەن ئەينى سامادا چاقنىغان ئەختەر.
ئەل كۈلسە بىلدىڭسەن ئۇنى پاراغەت،
قويمىدىڭ ئىقلىمنى قىلچە بىنەزەر.

فارابى تىكىلەر ساڭا پەخىرلىك،
يۈسۈپمۇ سېنى دەر داستان خۇمارى.
مەھمۇدنىڭ تىللىرى چىقتى تەسىرلىك،
ئېسىلدى بوينۇڭغا مەشرەپ تۇمارى.
ئۇيغۇرنى تاپقۇزدۇڭ شۆھرەت ئەسىرلىك،
چىقاردىڭ ھەييامدەك مەجنۇن شۇئارى.

رەسۇلنىڭ يېشىدا توپتىن ئايرىلدىڭ ،
قالدى توم،بەھىرلىك ئامانەتلىرىڭ.
مەرىپەت يولىدا دەرۋىش، سائىلدىڭ ،
قالدى كۆپ يېشىمسىز بىشارەتلىرىڭ.
سەن غورۇر ،ۋىجدانغا تۇغما نائىلدىڭ،
بەدەل كۆپ ،ئاز بولدى دارامەتلىرىڭ.

تامادىن يىراقسەن مېھنەتكە مۇشتاق،
مىننەتكە سەندە يوق قىلچىمۇ ئورۇن.
قوغلاشماي ئۆتتۈڭغۇ سەپتە نام-ئاتاق،
يۇلغۇندەك قىزىرىپ، تۇرمىدىڭ سولغۇن.
بىلگەنگە بۇ ئالەم دىدىڭغۇ سىناق،
نەپسىڭگە بىر كۈنمۇ بولمىدىڭ تۇتقۇن.

كەلمەسكە كەتتىغۇ سېنىڭدەك زەكى،
تاپالماس مىڭ يىلدا چەكسىمۇ پەرياد.
مەيلى سەن ئۇيغۇر بول ياكى ئەجنەبى،
ئالىمسىز بازىرىڭ بولار پات كاسات.
ئاڭا كۆر ساھىبخان گۈمنام، تەجەللى،
ئەي ئالىم چۈشۈمنى قىلىۋەر ئاۋات!


2013-يىلى 18-سىنتەبىر


بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-2 10:33:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى
توغىرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە

- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.

ئاپتور:ئېلشاد رەخىم


- ھەقىقىي مېتودولوگىيسىز ھەقىقەتنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس.【1】

ھەر قانداق بىر پەننىڭ تەتقىقاتتا قوللىنىدىغان مېتودى بولىدۇ.مېتود بولسا كىشىلەرنىڭ مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش،مەلۇم مەقسەتكە يېتىشتىكى قورالى.مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن،ئۈگنىش ياكى تەتقىقاتتا بولسۇن،مېتود ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەر قانداق بىر تەتقىقات توغرا،ئىلمىي بولغان مېتودقا مۇھتاج.بۇ يەردە《مېتود》بىلەن《مېتودولوگىيە》نى ئايرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مېتود(方法,Method)-تەتقىقاتچى تەتقىقات جەريانىدا ئەمەلىي قوللانغان قائىدە،باسقۇچ ۋە يېتەكچى پىرىنسىپ.مېتودولوگىيە(方法论,Methodology) بولسا،شۇ قائىدە،باسقۇچ ۋە يېتەكچى پىرىنسىپلارنىڭ خۇسۇسىيىتى،ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش دائىرسى ئۈچۈن قوللانغان نەزەرىيۋىي باياندىن ئىبارەت.【2】
  تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىدە نەزەرىيە تەتقىقاتى ئاجىز ھالقا بولۇپ كەلدى.مۇشۇ ساھەلەردىكى مېتودولوگىيە مەسىلىسى تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى.شۇ سەۋەپلەردىن تەتقىقات نەتىجىللىرىمىز ئىلمىيلىكتىن خىلىلا يىراق.بۇ توغرسىدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئوبزورچى يالقۇن روزىغا:《ھەر قانداق تەتقىقات توغرا ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەگە مۇھتاج.ھەر قانداق بىر پەننىڭ تەجىرىبلەردىن ئۆتۈپ نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۇرۇلگەن مېتودى بولىدۇ.شۇ پەننىڭ نەزەرىيسىنى قېتىرقېنىپ ئۆگەنمىگەندە شۇ پەننىڭ خاراكتىرىنى،تەتقىقات ئوبىكتىنى،تەتقىقات مېتودىنى،ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ئىنچىكە بىلگىلى بولمايدۇ.بىزنىڭ ئالىم-مۇتەخەسىس دەپ ئاتىلۋاتقان تەتقىقاتچىللىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئۆزى شۇغۇنلىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيە سېستىمىسىنى تۈزۈك بىلمەيدۇ.شۇڭا،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلدىغان ماقالە-ئەسەرلىرى يوق دىيەرلىك.يازغانلىرى كونسىپىك سەۋيىسىدىكى ئاددى ماقالە-ئەسەرلەر،مۇستەقىل ئىلمىي خۇلاسىدىن خالىي تەكرار يازمىلار،ئىلىم بىلەن شۇغۇنلىنىشقا ئاساس بولدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىلمىي مېتود》【3】دىگەن.
   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىدىكى بەرپاچىلارنىڭ كاتتىسى،《ئىزچى》ئالىمدۇر.ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتود مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مەرھۇم ئالىم ھەر قايسى تەتقىقات ئەسەرلىرىدە ھەر خىل مېتودلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.ھازىرغا قەدەر بۇ توغرسىدا تەتقىقات بولغىنى يوق.پەقەت ئوسمان ئىسمائىل تارىم《تارىم》ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلغان《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》ناملىق ماقالىسىدە ئاز-تولا ئىزدەنگەن.ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق يەتتە نۇقتىدا خۇلاسىلىگەن:
1.دىئالىكتىلىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخى ماتىرىيالىزىملىق بىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرغان.
2. قاتلام نەزەرىيسىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مەسىللەرنى مۇشۇ نەزەرىيە بويىچە شەرھلەشكە تىرىشقان.
3.ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلىنى قوللانغان.
4.ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيەتىنى يەككە تەتقىق قىلماستىن،ئۇنى ۋەتىنىمىز جوڭگونىڭ تارىخى،ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى،پۈتكۈل شەرقىنىڭ تارىخى ھەتتا دۇنيا تارىخنىڭ ئىچىگە قويۇپ،ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى سۈپىتىدە تەتقىق قىلغان.
5.ھەر خىل پەنلەر نۇقتىسىدىن ئومۇميۇزلۇك ۋە سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
6.ھەر بىر مەسىلىنى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق شەرھىلىگەن.
7 .ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلغان.【4】
ئېنىقكى،ئاپتور كۆرسەتكەن بۇ يەتتە تۈرنىڭ بىرسىمۇ كونكىرىت تەتقىقات مېتودى دائىرسىگە كىرمەيدۇ.ئاپتور بىلىش نەزەرىيىسى،ئونتولوگىيە ۋە مېتودولوگىيە ئۇقۇملىرىنى ئارلاشتۇرۇپ چۈشنىۋالغان ھەم شۇ بويىچە بايان قىلغان.ئاپتور تەتقىقات مېتودى توغرسىدا سۆزلەۋاتقانىكەن بۇ ئەلۋەتتە مېتودولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.گەرچە بۇ ئۈچى زىچ مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ،كونكىرىت قوللىندىغان ئورنى بار.
بۇ ماقالەمدە ئالىمنىڭ بىر قىسىم خاس تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن كاتالوگدىكى【5】197 پارچە ماقالە ئارسىدىكى 90-يىللاردىن كېيىن يېزىلغان تەتقىقات ماقالىلىرىدە قوللانغان مېتود،ئالىم ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر كۆپ قوللنىلغان تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مېتود دائىرسىدە تەھلىل قىلىنىدۇ.
1.سىنىپىي تەھلىل(ئانالىز) ئۇسۇلى (阶级分析法)
  سىنىپىي تەھلىل(ئانالىز) ئۇسۇلى دىگنىمىز،ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندە سىنىپقا بۆلۈنۈش ھەم سىنىپىي كۆرەش پەيدا بولۇشنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا،ماركىزىمىنىڭ سىنىپ ۋە سىنپىي كۆرەش قارىشى بويىچە ئىجتىمائىي،تارىخى ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.【6】بۇ مېتود ئالىمنىڭ بارلىق تەتقىقات ئەسەرلىرىدە قوللىنلغان بولۇپ،80-90-يىللار ئارسىدىكى ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر كەڭ قوللىنلغان.مەسلەن:《مەدەنىيەت زور ئىنقلابى》ئاخىرلاشقان مەزگلدىكى ئەسەرلىرىدىن《شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋىرىدىكى ناخشا-ئۈسسۈل سەنىئىتى》،《ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى <ئون ئىككى مۇقام>ھەققىدە》،《فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى》قاتارلىقلاردا روشەن كۆزگە چېلقىدۇ.بولۇپمۇ مۇقام تېكىستلىرى تەھلىلىدە ئالىم بۇ خىل ئۇسۇلنى ناھايىتى خاتا قوللانغان.ئەمما مۇقام تەتقىقاتنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلانغان ئاخىرقى ئەسىرى《ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى》دە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مىقدارى ئازايغان ھەم ئىلگىركى سەھۋەنلىكلىرىنى ئۆزى ئېتىراپ قىلغان،تۈزەتكەن بولسىمۇ،مەزكۈر ئەسەردىمۇ يەنىلا بۇ خىل مېتودنىڭ ئىزناسى بار.
《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》(تۇران تارىخى) ئالىمنىڭ ئەڭ كاتتا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ئەسىرىنى《مەدەنىيەت زور ئىنقلابى》دا يازغان ۋە تولۇق تاماملانمىغان بولسىمۇ،1986-ۋە 1994-يىللىرى ئىككى قېتىم تۈزەتكەن.تارىخ تەتقىقاتدىكى پېشىپ يېتلگەن دەۋرىگە ۋە ئىنسانپەرۋەر تارىخ قارشىغا ۋەكىللىك قىلدىغان ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ئەسەردىمۇ سىنپىي تەھلىل ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ،تۈرك(تۈركى) قەبىللەرنىڭ پادىشاھقا قارشى قوزغىلاڭلىرى ياكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت تالىشش كۆرەشلىرى دىھقانلار ئىنقىلابى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.
2.تارىخى سېلىشتۇرما ئۇسۇلى (历史比较法)
  بۇ خىل مېتود مەلۇم بىر تارىخى شارائىتتىكى ياكى ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەسىللەرنى تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.【7】بۇ ئۇسۇلدا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە شارائىتتىكى تارىخ سېلىشتۇرۇلۇپ،ئوخشاشلىق ۋە پەرق ئانالىز قىلىنىپ،تارىخ تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدە ۋە ئادەتتىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتى تېپىپ چىقىلدۇ.بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارسىدىكى چۈشىنىش،ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىللىي كەمسىتىش،دىنني كەمسىتىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئالىم《ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى》،《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》قاتارلىق كىتابلىرى ۋە 《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》،《ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە بۇ ئۇسۇلدىن كەڭ پايدىلانغان.بولۇپمۇ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دا ئالىم ھەر قايسى تۈركىي قەبىللەرنىڭ ئوخشىمىغان شارائىت،ئوخشىمىغان ئورۇندىكى ئەھۋاللىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى تەرەققىيات قانۇنىيتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇ ۋە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ،خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى تۈركىي قەۋىملەرنى كەمسىتىدىغان خاھىشلارنى تەنقىد قىلغان ھەم قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى لىللا باھالىغان.
3.گۇمانلىنىش ئۇسۇلى(怀疑方法)【8】
  گۇمانلىنىش ئۇسۇلى ئىلىم ساھەسىدىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى دوگماتىزىمغا ۋە《ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقەت》كە قارشى تۇردىغان بىر خىل قاراش.بۇ خىل مېتودنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كەمسىتىش ۋە چۆكتۈرۈش خاھىشلىرىنى تەنقىد قىلدۇ ۋە قايتا قاراپ چىقىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》،《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》،《<قۇتادغۇبىلىگ>خەزىنىسى》قاتارلىق كىتابلىرى ۋە《بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە》،《<چىن>ۋە<ماچىن>ئىبارىسىنىڭ جوغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرىسى》،《سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرسىدا》قاتارلىق ماقالىلىرىدە مۇشۇ خىل مېتوددىن پايدىلانغان.ئالىم يۇقارقى ئەسەرلىرىدە ھەر قانداق شەكىلدىكى《غەرب مەركەز تەلىماتى》ۋە《شەرق مەركەز تەلىماتى》غا قارشى چىقىپ،ئۇيغۇر ۋە باشقا مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىنى بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسدىن لىللا ۋە ئوبىكتىپ تەتقىق قىلغان. 《بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە》،《<چىن>ۋە<ماچىن>ئىبارىسىنىڭ جوغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرىسى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە بولسا،ئۆزدىن بۇرۇنقى نوپۇزلۇقلارنىڭ قارشىنى كەسكىن رەت قىلىپ،ئۆزىنىڭ پاكىتلىق،دەلىللىك،ئىلىمى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.
4.ئۇچۇر ئۇسۇلى(信息方法)
  ئۇچۇر ئۇسۇلى،سېستىما ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئەسلى تەبىئەت پەنلىرىدىكى تەتقىقات مېتودلىرى بولۇپ،20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن.ئۇچۇر ئۇسۇلى دىگنىمىز،سېستىمىنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش ۋە ئايلىنىش جەريانى دەپ قاراپ،ئۇچۇرغا ئېرىشىش،تارقىتىش،پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى تەتقىقات ئارقىلىق ئوبىكىتنىڭ خۇسۇسىيىتى،ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى چۈشەندۇردىغان ئۇسۇل.【9】ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《تارىخ تەتقىقاتدىكى يېڭى مېتود-ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى》【10】ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىگە بۇ ئۇسۇلىنى تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرغان ۋە قولۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》دىن ئىبارەت كىتابلىرىدا ۋە《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》،《ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》، 《كۈسەن رەسساملىردىكى ئېستىتىك ئاڭ توغرسىدا》،《ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە مۇشۇ خىل مېتودىدىن پايدىلانغان.بىز ئالىمنىڭ 90-يىللاردىن كىيىن،ئەسەرلىرىدە بۇ خىل مېتوددىن ئىزچىل پايدىلانغانلىقىغا دىھققەت قىلشىمىز لازىم.
ئالىم ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتودلارنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.تا ھازىرغا قەدەر ئالىمنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنمىدى.بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالىم ئەسەرلىرىنى بىر پۈتۈن ھالەتتە چۈشىنىشىگە قولايسىزلىق تۇغدۇردى.ئۇنىڭدىن باشقا ئالىم ئەسەرلىرىدىكى تىلنىڭ زىيادە ئېغىرلىقى،ئەسەرلىرىدىكى كۆپىنچە ئاتالغۇلارنىڭ بىۋاستە خەلقئارالىق شەكىلدە(ئېنگلىزچە ياكى روسچە) ئاتېلىشى،ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتودلارنىڭ تەتقىق قىلىنماسلىقى قاتارلىقلار بىزنى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە قايمۇقتۇرۇپ قويماقتا.ئەڭ مۇھىمى،مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىدە ناھايىتى خاتا قوللنىلغان مېتودلارمۇ مەۋجۇد.يۇقارقىلاردىن باشقا ئالىم ئەسەرلىرىدىكى بەزىبىر ئىسپاتلاش يېتەرلىك بولمىغان قاراشلار،كەسكىن چىقىرىلغان ھۆكۈملەر،سوۋىت ئالىملىرىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى زىيادە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار ئالىم ئەسەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە كەڭ تارقىلىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى،ئالىمنى چۈشىنىشتە ۋە ئالىمغا باھا بېرىشتە ئۇنىڭ《خېلىغىچە كېچىكىپ ئويغاندىم ۋە تولۇق ئويغىنالمىدىم،دەۋىر ۋە مۇھىت ھاۋاسىدا ئۇزاق مەسىت بولۇپ،تەنتەك چۈشەكەپ،مۇستەقىل ۋە بىۋاستە كۆزىتىپ تەپەككۇر قىلىشقا مۆچەل-مۆچەللەپ كېچىكتىم؛تېماتىك تەسەۋۋرۇم نۇرغۇن جەھەتلەردە تار،قاتمال،زەئىپ بولۇپ قالدى》【11】دىگەن سەمىمىي سۆزلىرىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم!!!

2013-يىلى13-ئىيۇل،قورغاس

نەقىل مەنبەلىرى

【1】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1997-يىل نەشىرى 9-بەت.
【2】پاڭ جوخېڭ(庞卓恒)،لى شۆجى(李学智)،ۋۇيىڭ(吴英):《تارىخشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان》(史学概论)،ئالىي مائارىپ نەشىرىياتى2006-يىل نەشىرى 230-بەت.
【3】يالقۇن روزى:《نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز》،《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلى 2011-يىللىق 3-سان،39-بەت.
【4】ئوسمان ئىسمائىل تارىم:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》،《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.
【5】ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى 461-بەت.
【6】王晓菊编著:《何谓历史学》,186页,中央编译出版社,2010。
【7】مۇتەللىپ ئىقبال:《ئىجتىمائىي پەنلەردىكى تەتقىقات مېتودى》،《شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2012-يىللىق 1-سان 110-بەت.
【8】欧阳康,张明仓:《社会科学研究方法》,157页,高等教育出版社,2006。
【9】欧阳康,张明仓:《社会科学研究方法》,248页,高等教育出版社,2006。
【10】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《تارىخ تەتقىقاتدىكى يېڭى مېتود-ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان.
【11】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《يىپەك يولدىكى توققۇز ھېكمەت》(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل نەشرى 419-،420-بەتلەر.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2015-6-6 08:49:27 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،كۈندە مۇشۇنداق نادىر مەزمۇنلار يوللىنىپ تۇرسا...
مەرھۇم توغرىسىدا خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
13#
ۋاقتى: 2015-6-7 12:51:55 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپ  رەھمەت سزگە .   مەرھۇم بىزگە ئەڭ  قالتىس بىر ئۈلگە ....   كۆپ  چۈشەنچىگە بولدۇم ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.393735 second(s), 43 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش