4 ئۇيغۇر ياش ئامېرىكىدا خەلقئارا مائارىپ مەسلىﻬەتچىلىك شىركىتى قۇردى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، قەلبىگە يۈكسەك غايىلەرنى پۈككەن ﻫەزرەتئەلى، ئىلياس، ئەيساجان ۋە ماﻫىر قاتارلىق تۆت ئۇيغۇر يىگىتى ئامېرىكا مىچگان ئىشتاتىدا «ئەلا خەلقئارا مائارىپ مەسلىﻬەتچىلىكى شىركىتى» نى قۇرغان.
ﻫەزرەتئەلى ئابدۇرېشىتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، شىركەت قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاۋبېرىن ئۇنىۋېرسىتېتى، كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇبىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتى، لۇيىسئاننا ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فىلورىدا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ﻫەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ۋە بۇ مەكتەپلەرنىڭ چەتئەل ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ﻫوقۇقى گۇۋاﻫنامىسىگە ئېرىشكەن. نۆۋەتتە شىركەت ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 400 دىن ئارتۇق مەكتەپ بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى جۈملىدىن شىنجاڭدىكى چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇش ئىستىكى بار كىشىلەرنى چەتئەل مائارىپى ۋە چەتئەلدە ئوقۇش، ۋىزا ئىلتىماس قىلىش، چەتئەل تىلى مائارىپى ۋە تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇش، خەلقئارالىق مائارىپ ئېكسكۇرسىيەسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن، ﻫەمدە قوشۇمچە چەتئەل ساياﻫىتى، ئۆي-مۈلۈك مەسلىﻬەتچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەنمۇ تەمىنلەيدىكەن.